ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
www.iz.la
مۇھەببەت شۇنداق پاك ، بىغۇبار تۇيغۇكى ، ئۇ ھەرقانداق نەرسىنىڭ بۇلغۇشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ . مۇھەببەت قېرىمايدۇ . ئۇنىڭ ھۆسۈن گۈلزارىنى زامان جۇدۇنلىرىمۇ خازان قىلالمايدۇ ، بىراق ئادەم قېرىيدۇ ، ئۇنىڭ قەددى يادەك ئىگىلىدۇ ، چىرايىنى قورايدەك قورۇقلار باسىدۇ . چىراي گۈزەللىكىگە ئاشىق بولغانلار ئۈچۈن مۇھەببەت ئۆتكۈنچى ، قەلىب گۈزەللىكىگە ئاشىق بولغانلار ئۈچۈن مۇھەببەت مەڭگۈلۈك . تاشقى جىلۋىگە مەست بولغانلار مەنىۋى گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولالمايدۇ . تاشقى گۈزەللىكىنىڭ خۇسۇسىيتى شۇكى ، ئۇنىڭ يۈزىدىكى رەڭدارلىق پەقەت قان بىلەن بەلغەمدىنلا ئىبارەت ( نەۋايى ) . www.iz.la
مۇھەببەت دېگەن ھاۋايى - ھەۋەس ئەمەس ، ئۇ مۇقەددەس سۆيگۈ . ئەلشىر نەۋايى نەپسىگە ئەسىر بولغانلارغا شۇنداق دەيدۇ ؛ << نەپسىنىڭ پەرمانىنى تۇتۇپ ئۆزۈڭنى زورىغا ئاشىق ياساپ ، ئىشىق غوۋغاسى قىلىسەن . جاھاندا سەندەك نادان يوقتۇر . بۇ ئىشىق ئەمەس ، بەلكى پۈتۈنلەي ھاۋايى - ھەۋەستۇر . ئىششىق - ھەۋەس بىر چىچەكتىنلا ئىبارەت ، ئۇنىڭ ئۆمۈر بېغىدا ۋاپاسى يوقتۇر . ئۆزۈڭگە شۇنداق زاتىنى مەشۇق دەپ بىلگنكى ، ئەگەر يۈزلەرچە قەسسىتتە ئاشىقلار ئۇنىڭ ئىشقى بىلەن ھالاك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا زاۋاللىق يەتمەيدىغان بولسۇن . >> .
www.iz.la
يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق << ئىشىق - مۇھەببەت پەلسەپىسى >> دىن ئېلىندى . ئىز تورى بەك ياخشى
