ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇھەببەت دېمەك سۆيگۈ دىمەكتۇر . مۇھەببەت دېمەك ئىنساننىڭ ئىنساننى سۆيۈشى ، يەنى ئىككى جىنىسنىڭ بىر - بىرىنى سۆيۈشى ۋە ساداقىتىنى نامايان قىلىشى . مۇھەببەت مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈكتۇر . مۇھەببەتسىز ھاياتلىق بولمايدۇ . مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭمۇ مەنىسى يوقتۇر . مۇھەببەت كىشىلەرگە سەمىمىيلىك ، پاكلىق ، ساداقەتنى بەخشەندە قىلىدۇ . مۇھەببەتنىڭ زامان ۋە ماكان چىگراسى يوق ، مۇھەببەتنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنلىك پەرقى بولمايدۇ . قەلىب - قەلبىنى تونۇيدۇ ، گۈزەللىك پەقەت گۈزەللىككە جور بولالايدۇ . دېمەككى ، ھەقىقىي چىن مۇھەببەت قارىلانمايدۇ ، ھەقىقىي چىن ھىسسىيات ئېسەنگىرىمەيدۇ . مۇھەببەت ھەرگىزمۇ رەزىل نەپسى ھەۋەسنى خالىمايدۇ . شۇڭا شەرىقتە ؛ << نەپىسى ئۈچۈن ئاشىق بولغانلار ئۈچۈن ئاشىقلىق ھارامدۇر >> دېگەن ئەقىدە بار .
مۇھەببەت دۇنياۋى تېما . مۇھەببەتلىشىش ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئورتاق . بىراق ھەممە مىللەتلەردە يۈسۈپمۇ بار ، زۇلەيخا مۇ بار ، پەرھاتمۇ بار ، خىسراۋمۇ بار ، سەئىدىنمۇ بار ، ياقۇپمۇ بار ، رابىيە مۇ بار ، يالماۋۇزمۇ بار . مۇھەببەت ھېسلىرىدا ئېقىش ، مۇھەببەت ئوتلىرىدا كۆيۈش ، جۇدالىق دەشتلىرىدە پۇچىلىنىشنى مۇھەببەت دۆلىتىدە ھەقىقىي شادلىققا ئېرىشىش دەپ قارىغان ئۇيغۇرلار مۇھەببەت بابىدا ئاجايىپ ئېسىل ئەنئەنىلەر ۋە گۈزەل يوسۇنلارنى قالدۇرۇپ كېتىشتى . بۇ باغنى گۈزەل ھېسسىيات ، چىن سۆيگۈ ، ساداقەت ، ۋاپا سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ جەلپىكار غۇنچىلارنى ئىچىلدۈردى .
www.iz.la
ئۇيغۇر خەلىقى مۇھەببەتنى مۇقەددەس بىلىدۇ ، ئۇنى ئەقىدە جۈملىسىدىن دەپ قەدىرلەيدۇ . خەلقىمىزنىڭ مۇھەببەتلىشىش يوسۇنلىرىنىڭ مەدەنىيلەشكەن تارىخى ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرگە مەنسۇپ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئاشىق - مەشۇقلار بارىلىققا كىلىپ ، ھەقىقىي ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ ئۈلگۈسىنى تىكلەپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت بابىدا قىممەتلىك يوسۇنلارنى بارىلىققا كەلتۈردى .
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە .............. قائىدە - يوسۇنلىرىمىز دىن .
