ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكىدا بىر يىگىت توي قىلىپتۇ. تويدىن كېيىن ئايالى تۇغۇت ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن بىر بالىسى قاپتۇ. ئۇ ئۆي، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۈپتۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بالىسىغا قاراپ بەرمەپتۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ بىر ئىتنى تەربىيىلەپتۇ. ئۇ ئىت ئەقىللىق بولغاچقا، سوسكىنى چىشلەپ تۇرۇپ بالىغا سۈت بېرىپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولۇپتۇ.
بىر كۈنى ھېلىقى يىگىت بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئىتنى بالىغا قارىتىپ قويۇپتۇ-دە، يەنە بىر يېزىغا قاراپ مېڭىپتۇ. بىراق قار قاتتىق يېغىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ كۈنى قايتىپ كېلەلمەي، ئىككىنچى كۈنى ئاران قايتىپ كېلەلەپتۇ. ئىت ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىگىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ. يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، ئۆي ئىچى، كارىۋات ئۈستى، ھەممە يەر قان يۇقى ئىكەن. بالا كۆرۈنمەپتۇ، ئىت ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ، ئىتنىڭ ئاغزى قانغا بويالغان ئىكەن. يىگىت بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئىتنىڭ ياۋايىلىقى تۇتۇپ، بالىنى يەۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئاچچىقىدا پىچىقىنى چىقىرىپ، ئىتنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ.
بىر دەمدىن كېيىن، بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ھەمدە بالا كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن ئاستا ئۆمىلەپ چىقىپتۇ. يىگىت يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىسىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈۋاپتۇ. گەرچە بالىنىڭ بەدىنى قان يۇقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يارىلانمىغان ئىكەن. يىگىت ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. ئۇ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ، ئۇ ئىتىغا قايتا سەپسېلىپتۇ، ئىتنىڭ پۇتىنىڭ گۆشى قالمىغان ئىكەن، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر بۆرىنىڭ ئۆلۈكى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدا تېخى ئىتنىڭ بىر چىشلەم گۆشىمۇ بار ئىكەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەسلىدە، ئىت كىچىك خوجىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ خوجىسى تەرىپىدىن خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئېچىنىشلىق ئۇقۇشماسلىق ئىكەن.
مەنبە؛ نىدا بلوگى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
