ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى www.iz.la
خەلقىئارا ساقچى تەشكىلاتى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كاتىتىبېشى خەنمۇنى تۇتماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر پاراخوتتا مۇشۇ شەھەردىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھى بىلەن مەخپىي ئۇچراشىماقچى بولغانلىقىنى بايىقىدى ، تولۇق ئىسپاتقا ئېرىشىپ ، جىنايەتچىلەرنى بىراقلا قولغا چۈشۈرۈش ، ئۇنىڭ باشقا شېرىكىلىرى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيتىنى بىلىش ئۈچۈن ، ساقچىلار قاتتىق نازارەت قىلىدى . بۇ پاراخوتتا پاراخوت خوجاينى ، 5 ماتروس ۋە بىر ئاشپەز بار ئىدى . پاراخوت خوجاينى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە پالوبىغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاندىن كېىيىن ، پالوبا ئاستىغا چۈشۈپ كېتەتتى . ئاشىپەز ، ئەتىگەن سائەت 9 دا ، كېمە بۆلمىسدىن چىقىپ ۋېلسپىتىنى مىنىۋېلىپ ، شەھەرگە كىرىپ نەرسە _كېرەك سېتىىۋالاتتى . ماتروسلار چۈشتىن بۇرۇن پاراخوتتا ئىشلەپ ، چۈشتىن كېىيىن شەھەرگە كىرىپ ئويناپ ، كەچتە غەرق مەست ھالدا ، قالايمىقان ناخشا توۋلىغىنچە قايتىپ كېلەتتى ، بۇ ئىش ھەر كۈنى مۇشۇنداق داۋاملىىشاتتى . ئاشپەز ھەركۈنى ئوخشاش يول بىلەن ئاۋال بولكا دۇكىنىغا ، ئاندىن تەم تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش ماگىزىنغا ، ئاندىن يەنە گۆش دۇكىنى ، سۈت دۇكىنى ، ئاشخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ، شۇ كۈنلۈك گېزىتىنى سېتىۋېلىپ قايىتىپ كېلەتتى . ئۇ ھەربىر جايدا بەك قىسقا توختايتتى . خەلقىئارا ساقچى تەشكىلاتى تەكشۈرۈپ تەھىلىل قىلىغاندىن كېىيىن ، پاراخوتتىكى ئاشپەزنى قولغا ئالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ھەركۈنى ماگىزىندا مۇشۇ شەھەردىكى زەھەر ئەتكەسىچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ زەھەر يۆتكەش ۋەزپسىنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى ئىقىرار قىلىدى . ئىز تورى www.iz.la
مەنبە..............بىر مىنۇتلۇق رازۋېدىكا ھېكايلىرى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
