app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

يىقىندا ئوتتۇرىغا چىققان ئەيدىز كېسىلىنىڭ دورىسى توغرسىدا ئىزاھات

ۋاقتى:2014-01-18 16:55مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim131 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

مەمەت ئەمىن دوختۇر

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

(كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتى مىدىتسنا ئېنىستىتۇتىدىن)

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئىز تورى بەك ياخشى

www.iz.la

مەمەت ئەمىن
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يىقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى يىغىنىدا كۈسەنى ئۇستاز ئۆزى سۆزلەۋاتقان تېمىدىن چەتنەت، ئۆز كەسىپى بولمىغان دائىرىدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا بەزى ئالا-تاغىل سۆزلەرنى قىلغان ۋە بەزى تالاش-تارتىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. مەن كۈسەنى ئۇستازنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىز يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان بەزى سۆزلىرىنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق كۈسەنى ئۇستاز تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە ناھايىتى ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى ھەم ئۇيغۇرلار ئىچىدە بەزى قايمۇقۇشلارنى پەيدا قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئوبرازىغا  ناھايىتى ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۈسەنى ئۇستاز ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى ، مىدىتسىنا ئىلىمى ھىچبىر بىلمەي تۇرۇپ، ئۆز كەسپىدىن بەكلا يىراق بولغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش توغرسىدا سۆز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئازراق كۆرگەن ۋە ئاڭلىۋالغان ئىشلىرىغا ئاساسەن «ئۆز ئۇستازى گەرچە ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل داۋالايدىغان دورا تاپقان بولسىمۇ، بىراق غەرب ئەللىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇ دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى چەكلىگەن» دەپ شەخسى غەرەزدە تەتۈر تەشۋىقات قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەرەپ ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا بەزى زىددىيەلەر ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى مەۋجۇت، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق بۇنى كۆزدە تۇتۇپ بىر ئاكادىمىك يىغىندا ئىلمى بولمىغان ئاساسى يوق گەپلەرنى، شەخسى ھىسسىياتىنى  تەشۋىق قىلسا، زورلىسا بۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئاكادىمىكلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە تامامەن خىلاپ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

كۈسەنى ئۇستاز ئۆز ھېسىسياتىغا تايىنىپ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب ئارىسىدىكى بەزى زىددىيەتلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۆزى تەكىتلىمەكچى بولغان ئىددىيەنىڭ توغۇرلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن غەربتىكى بارلىق دورا شېركەتلىرىدىكى ئالىملارنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى بىراقلا قارىلاپ، پۇل تىپىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى يوق، ھەتتا ئىنسانلارنى كۆپرەك كېسەل بولسا دەيدۇ دەپ، پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنى قىپقىزىل ھاقارەت قىلدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەيدىز كېسىلىگە ئۈزۈل-كىسىل داۋا تىپىلسا، مەيلى ئۇنى كىم ۋە قايسى دۆلەتتە تاپسۇن، ئەلۋەتتە ھەمىمىز سۆيۈنىمىز، بۇ بىر ياخشى ئىش، بۇ يەردىكى مەسىلە ئەيدىز كېسىلىگە دورا يوق ئەمەس، ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىۋاتقان دورىلار 30 خىلدىن ئارتۇق بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا تىخى يوق. ئادەتتە بىر ئادەم HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن 5 -10 يىللىق يوشۇرۇن باسقۇچتىن كىيىن ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققى قىلىدۇ، ئاندىن تەخمىنەن 3 -5 يىلدا ئۆلۈپ كىتىدۇ. ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارمىغانلارمۇ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 10 يىلدىن ئارتۇق ياشىيالايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئەيدىز كېسىلىنى ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان دورىلارنىڭ بىر نەچچە خىلى بىلەن ئۇزلۇكسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. داۋالاش ئارقىلىق قاندىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى توۋەنلەتكىلى ھەتتە بەزى بىمارلاردا تامامەن يوقاتقىلى بولىدۇ، بىراق داۋالاش توختاپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنە قايتىپ كىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى لىمفا ھۇجەيرىسى ۋە باشقا ئىممۇنىت ھۆجەيلىرى ئىچىدە ياشاپ ۋە ئۇ يەردە كۆپەيگەنلىگى ئۈچۈن، قاندىكى ۋىرۇسلار دورا ئارقىلىق ئۆلتۇرۇلگەن تەقدىردىمۇ، داۋالاش توختاپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ھۆجەيرىلەر ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ۋە پۇرسەت تىپىپ كۆپەيگەن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى قايتا قانغا كىرىدۇ. يەنى قاندىكى ۋىرۇسنى تازلاپ يوقاتقان بىلەن ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى يوقاتقانلىق بولمىغانلىقى ئۇچۇن، بىز  ئەيدىز كېسىلىگە تېخى ئۈزۈل-كىسىل داۋا يوق دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋالىنىش ئارقىلىق 20 يىلدىن ئارتۇق ئومۇر كۆرگەنلەر ئاز ئەمەس.
ئىز تورى www.iz.la


مەن كۈسەنى ئۇستاز تىلغا ئالغان ئۆزىنىڭ ئۇ ئۇستازى ۋە ئۇنىڭ ياساپ چىققان دورىسى توغۇرسىدا توغرا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۇچۇن، ئاز تولا ئىزدەندىم، ۋە خىلى كۆپ ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۈسەنى ئۇستاز تىلغا ئالغان ئابدۇل مەجىت زىندانى ئىشلەپ چىقارغان دورا بىر ئوت چۆپتىن ياسالغان ئەنەنىۋى  جوڭيى دورا بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن بەزى ئۈنىمى بار ئىكەن، ھەم 2006-يىلى پاتېنت ئالغان ئىكەن. يىتەرلىك ئىلمى سانلىق مەلۇمات ، كىلىنكىلىق ئىسپات بولمىغاچقا ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل ساقايتىمەن دىگەنگە ئىشەنمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى خەلقارادىكى ھىچقانداق بىر ئىشەنىچلىك ، نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ جەزمەنلەشتۇرىلىشىگە ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. بۇنداق بولىشىنى نوقۇل ھالدا باشقىلاردىن كۆرسەك، غەرب بىلەن ئىسلام ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا، ۋە ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى كونتىرول قىلىشىغا ئارتىپ قويساق ئىلمىلىك بولمايدۇ. ئاكادىمىك دىگەن ھېسسياتقا ئەمەس، بەلكى پاكىتقا ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن سۆزلەش كىرەك. باشقىلار داۋالىغان ۋە ياكى بىرسى كۆرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملۇققا ئىگە ھەقىقەت بولىۋەرمەيدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ دورىسى بىلەن بىر قىسىم بىمارغا داۋالاش ئىلىپ بارغانلىقى راس بولۇشى مۇمكىن، مەن ئۇنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل ساقايتىمەن دىگەن يەكۈن چىقمايدۇ. كەم دىگەندە بىرەر-ئىككى مىڭ بىمارنى ئىككىگە بولۈپ، يىرىمىنى ئۇ دورا بىلەن، يىرىمىنى باشقا سىلىشتۇرما قاتارىدىكى دورا بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى يەنى قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈمىنى سىېلىشتۇرۇپ، تەپسىلىي چىقارغان بىر سانلىق مەلۇمات بولمىسا، تاسادىپى ساقىيىپ قالغان بىر نەچچە بىمار بىلەن پۈتۈنلەي ساقايتىمەن دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە مەن ئامال بولمىغان كىسەللەرگە نىسبەتەن ۋە ياكى باشقا دورىلار بىلەن داۋالىنىش ئىلىپ بىرىۋاتقان بىمارلارغا نىسبەتەن قوشۇمچە قىلىپ ئىشتىشنىڭ زېيىنى يوق دەپ قارايمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاخىردا تەكىتلەپ ئۆتىدىغىنىم، كۈسەنى ئۇستازنىڭ ئۇستازى ئابدۇل مىجىت زىندانى ئىجاد قىلغان دورا، مەن دەسلەپتە تەكىتلىگىنىمگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان بىر خىل ئەنەنىۋى دورا بولغاچقا، ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان غەرىپ دورىلىرى بىلەن پۇتۇنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىقىمدىكى نەرسە، ئۇلار تەڭ مەۋجۇت بولاپ تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا رىقابەت بولالمايدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا نۇرغۇن جوڭيى دورىلار ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئەنەنىۋى دورىلىرى بار. ئۇلارنىڭ تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىشى ۋە سىېتىلىش رەسمىيەتلىرى ئادەتتىكى غەرب دورىلىرىدىن خىلىلا ئاسان. باشقا غەرب دورىلىرىنىڭ تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىش رەسمىيەتلىرى ناھايتى قېيىن، بازارغا كىرگەندىن كىيىنمۇ ئۇلارنى سېتىۋىلىش ئۇچۇن دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپ كىتىدۇ، يەنى دوختۇرنىڭ رىېتسىپىسىز ئۇ دورىلارنى ھەرگىز ئالغىلى بولمايدۇ، بىراق بۇ ئۆسۇملۈكتىن ياسالغان دورىلار ئادەتتىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى قاتارىدا رېتسىپسىز سىېتىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ كۈسەنى ئۇستاز ئېيتقاندەك ئۇ دورىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ باستۇرۋەتكەن دىيىشىنىڭ ھېچقاندا ئاساسى يوق. تۈركىيەدە شۇ دورىنى ياسايدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ئۇ دورا ياسىلىپ بازارغا چۇشكەندىمۇ پەقەت ۋە پەقەتلا ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرى قاتارىدىكى دورا چايلىقتەك ئاددى ئۆسۈملۇك دورا بولۇپ بازارغا كىرىشى مۇمكىن.
ياخشىكەن
(12)
70.6%
ئالقىشلايمەن
(5)
29.4%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس