ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ۋاكالەتلىك دېگەن ۋاكالەتچىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بارغان ، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا بىۋاستە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت پەيدا قىلدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەركەتنى كۆرسىتىدۇ ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ . مەسلەن ، << ئا >> كىشى << ب >> كىشىگە ئىككى ئاپتوموبىل سېتىۋىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا << ب >> كىشى << ئا >> كىشىنىڭ تەلىپى بويىچە << س >> كىشى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەمدە << ئا >> كىشىنىڭ نامىدا << س >> كىشى بىلەن سېتىۋىلىش - سېتىش توختامى تۈزگەن بولسا ، << ئا >> ۋە << س >> كىشى ئوتتۇرسىدا سودا مۇناسىۋىتى بارىلىققا كېلىدۇ . بۇ يەردە << ب >> كىشى ۋاكالەتچى ، << ئا >> كىشى ۋەكالەت قىلىنغۇچى بولىدۇ ، << ئا >> بىلەن << ب >> نىڭ مۇناسىۋىتى ۋاكالەتلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ . << ب >> نىڭ << س >> دىن ئاپتىموبىل سېتىۋېلىش ھەركىتى ۋاكالەتلىك ھەركىتى بولىدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە ............. << قانۇندىن ساۋات >> دىن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
