ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹زەھەر مەنئىي قىلىش قانۇنى» ۋە «زەھەر مەنئىي قىلىش نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، زەھەر چېكىشنى مەنئىي قىلىش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، زەھەرنى مەنئىي قىلىش بويىچە خەلق ئۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 2012 -يىلىدىن بۇيان، مەزكۇر ناھىيە زەھەرگە چېتىشلىق دېلودىن 25 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ،33 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئېلىپ يۈرگەن 69.29 گىرام خىروئىن ۋە 147.39 كىلوگىرام نەشىنى قولغا چۈشۈرۈپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ياخشىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، زەھەر مەنبەسى بولغان 1257 تۈپ ئۆسۈملۈكنى چېپىپ تاشلاپ، 72 نەپەر كىشىنى تەنقىدىي-تەربىيە بىلەن، 11 كىشىنى ئايرىپ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇپ، زەھەرنى مەنئىي قىلىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
