ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يېڭى ئاقئېرىق كەنتىدىكى مەلۇم تۈر قۇرۇلۇشىدا تۇرۇبا كۆمۈلۈۋاتقاندا، توساتتىن توپا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى توپا ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالدى، نەق مەيداندىكى ئىشداشلار تېزلىكتە ئۇنى توپا ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 – دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. مەزكۇر قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرغۇچى ئورۇن ئاقسۇ شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن سۇ ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەر بۇ ئىشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۆلگۈچى خېنەن ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قايغۇردى ۋە قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئالغۇچى تەرەپكە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. قۇرۇلۇش ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ دەسلەپتە مەزكۇر ۋەقەدىكى ئۆلۈم تۆلەم مەسىلىسىگە جىددىي قارىمىدى. ئاقسۇ شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، قايتا – قايتا كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە مەزكۇر دېلودا ئاخىر كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئۆلگۈچى ئۈچۈن 450 مىڭ يۈەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، دەپنە پۇلى، ئۆزلىرىنىڭ قاتناش، ياتاق ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى قاتارلىقلارغىمۇ تۆلەم تەلەپ قىلغانىدى. بۇ دېلو قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشى، ئاقسۇ شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، قانۇن گۇۋاھلىق ئورۇنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قۇرۇلۇش ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ئۆلگۈچى تەرەپكە 450 مىڭ يۈەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تاپشۇردى.
زورىگۈل قۇزى، زوھرە سابىر. مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور