app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايى جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، مەكتەپكە قوبۇل قىلماسلىققا بولمايدۇ

ۋاقتى:2013-04-10 11:51مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار باراۋەر تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا مەكتەپ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك: (1) جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا؛ (2) خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىسا، جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلسا، جازا كېچىكتۈرۈش، رېجىم جازاسى قاتارلىق تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايى جازالارغا ھۆكۈم قىلىنسا؛ (3) تۇتۇپ تۇرۇش ئورگانلىرىدا تەربىيە ئالغان، جازا ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسا.

   يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا ئوقۇش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇرامىغا يەتمىگەن باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئۇلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ دەرستىن توختىتىشى، مەكتەپتىن چېكىندۈرۈشى، ئوقۇش تەۋەلىكىدىن چىقىرىپ تاشلىشى ياكى ئىلگىرى جىنايى جازاغا تارتىلغانلىغىنى باھانە قىلىپ مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، مەكتەپ ئۇلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئەكرەمجان مەتروسۇل تەييارلىغان

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس