app دېتالى

رەسىملىك تەۋىسسيە

زورلۇق بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالغانلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

ۋاقتى:2013-04-10 11:45مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 زورلۇق بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش جىنايىتى زورلۇق كۈچ ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل جىنايەتنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاندىن بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەلۇم قىلىنمىسا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. بىراق بۇ خىل جىنايەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ‹‹مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش›› پىرىنسىپى قوللىنىلمايدۇ.

    دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 257 – ماددىسىدا: ‹‹باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلىشىۋالغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق بىلەن باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش جىنايىتى ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە مۇشۇ قانۇننىڭ 98 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر نىكاھ ئەركىنلىكى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى مەجبۇرلاش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. copyright by www.iz.la

    ئەمەتجان ھاجى تەييارلىغان ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس