ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئالىمجان مەمتىمىن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يولداش خۇجىنتاۋ پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا << 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك>> دەپ ئېنىق كۆرسەتتى . دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ھاللىق جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن قارىغاندا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى دەل مۇشۇ ئاساستا، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ھاللىق جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنبويىچە ئىدارە قىلىشنى ھاللىق جەمئىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۆلچىمى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەگەر بىر جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەھۋالى ھاللىق جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ جەمئىيەتنى ‹‹ھاللىق›› دەرىجىسىگە يەتتى، دېگىلى بولمايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت›› بولسا نۆۋەتتىكى قانۇن بويىچە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باسقۇچلۇق مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. بىر جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىش ئەھۋالى ‹‹ھاللىق›› ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئاساسىي نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1. ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت››نى ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى قانۇن ‹‹تەمىناتى›› بىلەن قانۇن ‹‹ئېھتىياجى›› ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋاپىقلىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىدىن ئىبارەت. ‹‹ھاللىق جەمئىيەت››نىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ چوڭ دەرىجىدە قاندۇرۇلۇشىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىر قەدەر تولۇق قاندۇرۇلسا ھەقىقىي مەنىدىكى ‹‹بەخت تۇيغۇسى›› شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئېھتىياجلىق قۇرۇلما تەڭپۇڭسىزلىقى ياكى ئۈنۈملۈك تەمىناتىنىڭ يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقسا، ھاللىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت›› چوقۇم نۇقتىلىق ھالدا پۇقرالارنىڭ ھوقۇق ياردىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن يولى بىلەن قانۇنىي زىددىيەتلەر ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.
2. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ قىممەت ئالاھىدىلىكى، كىتاب يۈزى ياكى قەغەز يۈزىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلا قالماي، ئوخشىمىغان قانۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىق، بولۇپمۇ، قانۇن – تۈزۈم بىرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە گەۋدىلىنىدۇ. ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت›› ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، ئەگەر قانۇن – تۈزۈم بەلگىلىمىلىرى بىر – بىرىگە زىت، قانۇن – تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل يوشۇرۇن ياكى ئەمەلىيەتتىكى توقۇنۇشلار مەۋجۇت بولسا، قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ – دە، ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھاللىق جەمئىيەت››كە قەدەم قويدى دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز قانۇن – تۈزۈم بىرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. قانۇن – تۈزۈمنىڭ بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئاساسىي قانۇننىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا : ‹‹پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزگەن ئىكەن، پارتىيە چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسى ئىچىدە ئىش قىلىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۆزنى قانۇن ئورنىغا قويۇشقا، ھوقۇقنى قانۇن ئۈستىگە قويۇشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ›› دەپ كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت››تە قانۇن – تۈزۈم بىرلىككە كېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسىئاساسىي قانۇندۇر، بىر دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇشى ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق ھۆرمەت قىلغاندا ۋە ئاساسىي قانۇننى قەتئىي قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندىلا، ئاندىن قانۇن تارماقلار ۋە قانۇن ھۆججەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەرتىپلىك ھەل قىلىنغان، ئۆزئارا ماسلاشقان ئورگانىك باغلىنىشلىق قانۇن سىستېمىسى شەكىللىنىدۇ.
www.iz.la
3 . ھازىرقى زامان ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت››تە قانۇن – تۈزۈملەرنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رولىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشتۇر. كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت›› قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، چوقۇم قانۇننىڭ يۈكسەك نوپۇزىنى ھەقىقىي تىكلەش، قانۇننى كىتاب يۈزىدىكى قانۇندىن ھەرىكەت جەريانىدىكى قانۇنغا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئابستراكت ھەرىكەت شەكلىنى كىشىلەرنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئۆزگەرتىش، بولۇشقا تېگىشلىك ھالەتتىن ئەمەلگە ئاشقان ھالەتكە يەتكۈزۈش، قانۇن تۇرغۇزۇشتا جەمئىيەت ئېھتىياجى ۋە دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش، جامائەت پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش كېرەك. قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، قانۇن بولغان ئىكەن چوقۇم ئاساسلىنىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4 . قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم قىممەت قارىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. 1997 – يىلى 9 – ئايدا پارتىيەنىڭ 15 – قۇرۇلتىيى ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش›› نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش››، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش››نى تەكىتلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. ھاللىق جەمئىيەتتە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ قىممىتى دۆلەت تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەربىر قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىردى. شۇڭا، دۆلەت ئورگانلىرىنى تەشكىللەش، دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، دۆلەت ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپلا قالماي يەنە ھەربىر شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، جەمئىيەتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە، ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغىچە قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئومۇمەن، پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتاي دوكلاتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك ۋەزىپە ۋە كۈرەش نىشانىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ ھاللىق جەمئىيەت تۈزۈم ئاساسى ۋە قانۇنىي كاپالىتى بولغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتۇر. ‹‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھاللىق جەمئىيەت››كە يۈرۈش قىلىش – بىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل قىلىشىمىزغا، تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشىمىزغا ياردىمى بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىمىزنىڭ قەدىمى بىلەن ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشنىڭ قەدەم – باسقۇچىنى بىردەك بېسىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
