ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
1. ئوبيېكتى - ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە زورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 251 - ماددا قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى( 1989 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) 41 - نومۇرلۇق سەككىزىنچى، قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە ئائىت دېلولار (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 147 - ماددىسى).
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دۆلەت خادىملىرىدا قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ئارىلاشقان، دەخلى يەتكۈزگەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە دېلو ئېچىش كېرەك:
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1. مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش ياكى مۇرىتلارنى دىندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش، پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىشكە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپكە ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولسا؛"
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. قانۇنلۇق دىنىي سورۇنلارنى ھەمدە باشقا دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى قانۇنسىز ھالسا پېچەتلىۋەتكەن ياكى چېقىۋەتكەن بولسا؛
3. ئاز سانلىق مىللەرنى ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە قانۇنسىز ھالدا ئارىلىشىپ ۋە دەخلى يەتكۈزۈپ، مىللىي ماجىرالارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4. قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
