app دېتالى
تەۋىسسيەلىك

iphone5 نىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرى

ۋاقتى:2013-02-02 11:27مەنبە: يوللىغۇچى:jasur516 چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
ئالما سەپلىمە جەھەتتىن بەك كەينىدە قاپتۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنى بىر يىل تەقەززا قىلىپ ئېلان قىلغان مەھسۇلاتى samsung galaxy s3, samsung galaxy note 2 ھەتتا nokia lumia920 دىنمۇ تۆۋەن. شۇنداقلا بۇ تىلغا ئېلىنغان يانفونلاردا سەپلىمە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقتىن باشقا يۇمشاق دېتال جەھەتتىمۇ نۇرغۇن ئالايىھدىلىكلەر بار. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
iPhone5 تە يىڭىلىق دەپ تىلغا ئېلىنغان ئىكراننىڭ چوڭلۇقى ھازىر قارشى ئېلىشقا ئىرىشىۋاتقان گالاكسىي س3 لەردىن يەنىلا كىچىك. ئىنىقلىق دەرىجىسىمۇ پەقەت ئىكراننىڭ چوڭلۇقى سەۋەبىدىن ئازراق كۆتۈرلۈپتۇ. ھېلىمۇ 720pغىمۇ يەتمەيدىكەن. 4G تورىمۇ ئايفونغا يىڭىلىق بولغان بىلەن باشقا يانفون كارخانىلىرى ۋە 4-ئەۋلات تور قوللايدىغان دۆلەتلەردىكىلەرگە نىسبەتەن يىڭىلىق ئەمەس. شۇ كېلەڭسىز ئۇلاش ئېغىزىنى كىچىكلىتىشكە ھېلىمۇ شۇنچە كىچىككەن. شۇنى بولسىمۇ كىچىكلىتىپتۇ. ئەمما يەنە ئايرىمىچىلىق قىلىپ خەلقئارا ئورتاقراق ئىشلىتىدىغان ئېغىزغا ئۆزگەرتمەپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالمىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان سىنلىق چۈشەندۈرۈشتىمۇ ماختىغۇدەك گەپ يوق ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ياساش ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدا كۆپراق گەپ قىپتۇ. سېلىشتۇرۇشتىمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەھسۇلاتىغا سېلىشتۇرۇپتۇ. بۇرۇنقى مەھسۇلاتلىرىدا دەيدىغان "بۇنداق مەھسۇلات ئەزەلدىن بوپ باقمىغان"،"ئالامەت، كارامەت" ... دىگەندەك ئاشۇرما سۈپەتلەشلەرمۇ ئاساسەن يوق.ئالما دائىم مۇشۇنداق مانچە پىرسەنىت، مانچە ھەسسە دىگەندەك ئابىستىراكىتراق گەپلەر بىلەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھىسسىي جەھەتتىن ئۇتىۋالىدۇ. ھەم بۇنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ كۆرمەيدۇ. ھەم ئۇنى ھىساپلاش كۆرۈشمۇ تەسكە توختايدۇ. 
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئالمىنىڭ A6سىپىيۇغا ARM Cortex-A15 لايىھەسى قوللىنىلغان. A5X  نىڭكىگە ARM Cortex-A9 لايىھەسى قوللىنىلغان ئىدى. ئەمما چاستۇتا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا 1GHzكەن. ئادەتتە CPUنىڭ تىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم شۇ چاستۇتىسى بۇ ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ئۇنى تىز لەشتى دىگىلى بولمايدۇ. ARM Cortex-A15 لايىھە بەلكىم سىپىيۇنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلەتكەن بولىشى، توك سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئالما بۇ سىپىيۇغا قانچە نانومىتىرلىق ھۈنەر-سەنئەت ئىشلەتكەنلىكىنى دىمەپتۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ پەرزىچە ئالدىنقى سىپىيۇ A5X  ئوخشاش 45 نانومىتىرلىق تېخنىكا ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن دەپتۇ. ئەمما ARM Cortex-A15 لايىھەسىنى ئىشلەتكەن باشقا شىركەتلەر مەسىلەن:samsung, nvidia, Texas Instruments  قاتارلىقلار 32 نانومىتىر ۋە 28 نانومىتىرلىق ياشاش ھۈنەر سەنئىتى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشى 2 ھەسسە تىزلەشتى دەپتۇ. ئەمما سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلەتكەن ئۈزەك A5X سىغا ئوخشاشلا PowerVR SGX543MP4 ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
copyright by www.iz.la
ئىكران 4 دىيۇمغا كۆتۈرلۈپتۇ. سىزىق سانى 1136*640 بوپتۇ. يەنى ئىكراننىڭ سۇزۇلىشى نەتىجىسىدە ئازراق كۆتۈرلۈپتۇ. ئەمما ئىكران ئىنىقلاشماپتۇ. يەنىلا iPhone4sكە ئوخشاش 326ppiكەن. HD Video نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 720p(يەنى 1280*720) گىمۇ يەتمەپتۇ. شۇڭا بۇ ئىكراندا تېىخنىكا يىڭىلىنىشى يوق بولىشى مۇمكىن. ئىكراننىڭ ئۆزگىرىشى ئايفوننىڭ ئەپلىرىنى ئىشلىگەنلەرگە ئاۋارچىلىق بوپتۇ. ئايفوننىڭ ئىكرانى ئىزچىل بىر خىل بولغاچقا ئايئوستە ئەپلەرنىڭ كۆرۈنىشىنى ئىكرانغا ماسلاشتۇرىدىغان لايىھە قوللىنىلمىغان. شۇڭا بۇرۇنقى ئەپلەر تازا نورمال كۆرۈنمەسلىكى، ھەتتا بەزى ئەپلەردە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئۆتكەندە چوڭ ئەپلەرنى ياسايدىغان بىر قىسىم شىركەت، ئىجادىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئايفون 5نىڭ ئىكرانىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەپلىرىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ماسلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى، بۇنىڭغا 1-3 ئاي ۋاقىت سەرپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋايسىغىنى ئىسىمدە. ئەمما windows phone,android لار ئەسلىدىلا كۆپ خىل ئۈسكۈنىدە ئىجرا بولۇشنى نىشان قىلغاچقا بۇ خىل مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. كۆپۈنچە ئىكرانغا ئۆزى لايىقلىشىدىغان ياكى پىروگراممىرلار ياساش جەريانىدىلا ئويلىشىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ماسسىسىنى كىچىكلىتىپتۇ. يانفوننىڭ كىچىكلىكىگە نىسبەتەن نورمال. ئەمما مىتال قاپ ئىشلىتىپ مۇشۇ ئېغىرلىققا ئەكەلگىنى ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقكەن. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كەينى كامىرا ئىلگىركى بىلەن ئوخشاشكەن. ئالدى كامىرا ئۆزگىرەپتۇ، ئەمما يەنىلا مەن مىسالغا ئالغان باشقا يانفونلارنىڭكىدىن تۆۋەن. كامىرا ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى دىگەندە نىمىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلمىدىم. بەلكىم يۇمشاق دېتالغا نىسبەتەن ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاندۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاۋاز سىستېمىسىدىكى ئارتۇقچىلىق. google nexus one يانفۇنىدا بۇندىن 3 يىل ئىلگىرى قوشۇمچە مىكرافون ئارقىلىق شاۋقۇن سۈزۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. بۇنى ھازىر سامسۇڭمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئالما بۇنىڭغا ھېلىمۇ كىچىككەن. ئەمدى بولسىمۇ قوللىنىپتۇ. (مىكرافۇن ئارقىلىق شاۋقۇن سۈزۈشتە يانفوننىڭ كەينى تەرىپى ياكى ئاساسى مىكروفىنغا يىراق قىسمىغا يەنە بىر قوشۇمچە مىكرافۇن ئورنىتىپ تېلېفۇندا سۆزلىگۈچى بىلەن شاۋقۇن ئاۋازنىڭ مەنبەسىنى ئايرىپ شۇنىڭغا ئاساسەن ئاساسى مىكرافۇندىكى شاۋقۇننىمۇ سۈزىۋىتىدۇ.) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
iOS6 گە سەپلەنگەن خەرىتە ئالمىغا نىسبەتەن ياخشى ئىش. ئۇ ئالمىنىڭ گۇگۇلغا بېقىنىشىنى ئازايتىدۇ. بۇنداق بولغاندا پاتېنىت دەۋا دەستۇرىغا چۈشكەندىمۇ ئەنسىرەش يوق تالاشقىلى بولىدۇ. ئەمما خەرىتە ئىقتىدارى جەھەتتە گۇگۇل بىلەن ھازىر ھېچقانداق شىركەت بەسلىشىپ بولالمايدۇ. گۇگۇل بۇ جەھەتتە زور تېخنىكا، تەجىربىگە ئىگە. ئۆزىنىڭ سۈرەتكە تارتىدىغان سۈنئى ھەمراسى بار.NASAنىڭ ئاشكارىلاشقا بولىدىغانلىقى ئۇچۇرلىرى گۇگلنىڭ يانچۇقىدا. كوچا خەرىتىسى شەھەرلەردىن ئاتلاپ يېزا قىشلاقلارغىچە، ئامازون دەرياسىدىن ئالپىس تاغلىرىغىچە بارمىغان يىرى قالمىدى. ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن گۇگۇل خەرىتىسى يەنىلا ياخشى تاللاش. يول باشلاش ئىقتىدارىمۇ ياخشى. www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
LTE مۇ ئايفونغا يىڭىلىق. باشقا يانفونلارغا ئەمەس. LTE نىڭ 12 پىرسەنت پېيى سامسۇڭنىڭ دەيدۇ. قارىغاندا ئالما ئەمدى تېلېفۇن ساتسا سامسۇڭغىمۇ شىرىنكانە ئايرىيدىغان ئوخشايدۇ.
ياخشىكەن
(1)
25%
ئالقىشلايمەن
(3)
75%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس