ئىز تورى بەك ياخشى
گۈزەللىك مۇتەخەسىسلىرنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،ئەڭ ياخشىسى مۇنچىغا چۈشۈپ بىرەر سائەتتىن كىيىن گىرىم قىلىش كىرەككەن .چۈنكى ،ئادەم تىرسىنىڭ سىرىتقى قەۋتىنى بىر قەۋەت تەبئىي ماي سۇيۇقلۇقى قاپلاپ تۇرىدىكەن .ئۇ سۇيۇقلۇق كىسلاتا خاراكتىرلىك بولۇپ ،باكتىرىيەلەرنى تىزگىنلەپلا قالماستىن ،بەلكى ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ تىرىگە سىڭىپ كىرىپ ،تىرىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ،تىرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدىكەن .مۇنچىغا چۈشكەندە ،سوپۇن بىلەن يۇيۇش سۇيۇقلىقى تىرىنىڭ سىرىتقى يۈزدىكى ماي قاتلىمىنى چىقىرۋىتىدىكەن .بۇ ماي قاتلىمى مۇنچىدىن چىقىپ 30 مىنۇتتىن كىيىن ئەسلىەە كىلىدىكەن .ئەگەر يۇيۇنۇپ بولۇپلا مايلىق ،ئىشقارلىق گىرىم بولۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ،تىرىنىڭ سىرىتقى يۈزىدە ئاسانلا ئىشقارلىق ھاسىل بولۇپ ،باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارتىپ بىرىدىكەن .بۇنىڭ بىلەن دانخورەك ،تەمرەتكە ، قىچىشقاق قاتارلىق تىرە كىسەللىكلىرى پەيدا بولىدىكەن . ئىز تورى www.iz.la
مۇنچىغا چۈشكەندىن كىيىن ماي ھەم تەر بەزلىرىنىڭ ئىغىزى ئىچىلدىغان بولغاچقا ،تىرە كىرەكسىز ماددىلارنى ئاسانلا قوبۇل قىلۋالىدىكەن ،بۇنداق چاغدا گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ،گىرىم بويۇملىرى بىلەن تىرە قوبۇل قىلۋالغان كىرەكسىزس ماددىلار بىرلىشىپ تىرە ئاسانلا ياللۇغلىنىپ ،تىرىگە داغ چۈشۈش ۋە جىددىي خاراكتىرلىك تىرە كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلدىكەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن