ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا پىرىنسىپى ،مەيدانى بولىدۇ .ھەرگىزمۇ باشقىلارغا يول قويىۋىرىشكە ،ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرماسلىققا بولمايدۇ .بىز ئىيتىپ ئۆتكەن پىرىنسىپ ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىشىلەر بىلەن بىلەن بولغان ئىش بىجىرىشتىكى مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا سىزگە قىيىنچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .خىزمەتتە ئىش بىجىرگەن چاغدا ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قىلماسلىق ،باشقىلارنىڭ گىپى بويىچە بىجىرىش ،باشقىلار قانداق قىل دىسە م،شۇنداق قىلىش سىزگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ .ئەگەردە باشقىلارنىڭ دىگىنى توغرا بولسا ئەلۋەتتە ياخشى ،ناۋادا باشقىلارنىڭ دىگىنى خاتا بولسا ،ئەكسىچە ئۆزىڭىز ياخشى ئويلانماي ئەگرى يولغا كىرىپ قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغىنىڭىزنى دىمەيلى ،بەزى ۋاقىتلاردا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جەمئيەت بەكلا مۇرەككەپ ،باشقىلارغا يول قويىۋىرىدىغانلار ئاسانلا زىيان تارتىدۇ .يول قويىۋىرىدىغان بۇنداق كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىلتاققا چۈشۈرۈش كويىدا بولىدۇ .ئىش قىلىشتا پىرىنسىپى بولماسلىق باشقىلارغا يول قويغانلىقتىن دىرەك بىرىدۇ . ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەيدانى بولمىغانلىقى سەېەبلىك ،ناھايتى ئاسانلا باشقىلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىتىدۇ . باشقىلارغا يول قويۇش ئاق كۆڭۈللۈكتىن دىرەك بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ ،بىراق ئەمەلىيەتتە ئاجىزلىقنىڭ ئىپا دىسى .ئاجىزلىق مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە تەدىرجى ھالدا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى يوقاپ كىتىدۇ ،ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتقان كىشى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى باشقا ئىلىپ چىقالمايدۇ . بەزى ۋاقىتلاردا خارەكتىرىمىزدىكى ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە ئاجىزلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەيدانى ۋە كۆز قارىشى يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدىغانلار ،قانداقمۇ ئۆزيولىغا قەدەم باسالىسۇن ؟ شۇڭا يول قويۇشنىڭمۇ چىكى بولىشى كىرەك .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبە __________<بالدۇر بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار>ناملىق كىتابدىن ئىلىندى
ئىز تورى بەك ياخشى