ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياخشى كۆرۈش دىگىنىمىز ( مۇھەببەت )،كىشىنىڭ ئىرادىسگە باغلىق بولمىغان بىر خىل ئىنسانىي پاك ھىس تۇيغۇنى كۆرسىتىدۇ .بۇ ئالەمشۇمۇل ئالىيجاناپ تۇيغۇنى ياخشى ئىش ياخشى يولغا قارىتىش ياخشى ئاقىۋەتكە سەۋەپكار بولىدۇ . www.iz.la
ئىنسانىيەت جەمئىيىتى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئايرىلالمايدۇ .نۇرغۇن ئىشلار ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ .ياتلىقتىن تونۇشۇشقا ،يىقىنلىقتىن دوسلۇققا ،دوسلۇقتىن مۇھەببەتكە قاراپ يۇزلىنىدۇ .مۇھەببەت دەرىجىسىگە يەتكەن ھىسسىيات كىشىلەرنى بىر -بىرى بىلەن تىخىمۇ ئوبدان بىلشىدىغان قىلىدۇ .<<چىرايلىقنى سۆيسەڭ ئازاپقا قالىسە ن،سۆيۈملۈكنى سۆيسەڭ بەخىت تاپىسەن >>دىگەن گەپ بار .پاك مۇھەببەت ھىسسىياتىدا دەسلەپ يوشۇرۇن بولىدۇ ،بارا -بارا ئاشكارلىنىدۇ .قىز ئوغۇللارنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى تىخىمۇ شۇنداق .ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كىشىلىك شەرم -ھايا ،ئىپپەت نومۇس قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى مىزان قىلشى كىرەك .قىز يىگىتلەر مۇھەببەت باغلىغاندا ،شەرىم ھايانى يىپىنچا قىلسا ،بۇ خىل مۇھەببەت گۈزەللىكىگە ئايلىنىدۇ ،ئاتا -ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرشىدۇ ،نىكاھ ۋە ئائىلە قۇرۇشقا ئىلىپ بارىدۇ .
ئىز تورى www.iz.la
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەۋسىگە يارىشا ئۆزى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان نەرسە بولىدۇ .ياخشى كۆرۈش ،ئەمما ئۇنىڭغا ئىرشەلمەسلىك -ئەنسانىي ئازاپنىڭ يۇقىرى پەللىسدۇر .بىز تەشەببۇس قىلۋاتقان ياخشى كۆرۈش (مۇھەببەت )ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىىنىدۇ .ئاۋۋال ئۆز بالا چاقىسىغا ،ئائىلسىگە ،ئوقۇشقا ھۈنەر كەسىپكە ،ئانا يۇرتىغا ،ۋەتەن خەلىققە ۋە دوسىت بۇرادەرلەرگە مۇھەببەت بىغىشلىغاندا ،ئۇ چىچەكلەپ مىۋە بىرىدۇ .دوسلۇق مۇھەببەتنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى .دوسلۇقنى قەدىرلەش ،ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىق .دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى يوللۇق ۋە چەكلىك دەرىجىدە قىلىش قىممەتلىك ئەخلاقىي پەزىلەت .مۇھەببەتنىڭ ئاچقۇچى ۋاپادۇر .كىشى جۇپتى روزىگارىغا (ئەر ،ئايالغا ، ئايال ئەرگە )مۇھەببەت باغلاپ ئۆتۈشى ،بىر -بىرىگە ۋاپا قىلشى ،نىكاھلانغان ھالال جۇپتىگە مەنىۋى خۇشاللىق بىغىشلىشى لازىم .مۇھەببەتسىز تۇرمۇش ۋە ئائىلە كۆڭۈلسىزلىككە تولغان بولىدۇ .ئۇ گويا مۇزخانىدۇر .بىر -بىرىگە چىن مۇھەببەت بولمىغان ،ئۆز ئارا گۇمان قىلدىغان ئار ئايالنىڭ ئۆمرى قايغۇ -ھەسرەت بىلەن ئۆتىدۇ .ئۇلارنى زورمۇ زور نىكاھ بىلەن باغلاپ جەم قىلىپ قويۇش خۇددى بىر -بىرگە دۈشمەن ئىككى ئادەمنى بىر ئۆيگە قاماپ قويغاندەكلا ئىش . مۇنداق ئائىلدە تەربىيلەنگەن پەرزەنەتلەردىن ياخشى كىشى كىلىپ چىقىشى ناتايىن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن