كىرىم مەنبەسى

تەۋسىيەلىك مەزمۇن ؛ئائىلە زوراۋانلىقى

ۋاقتى:2013-01-13 13:14مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم

                                            مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

                                             تەۋسىيەلىك مەزمۇن ؛ئائىلە زوراۋانلىقى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

          <<ئائىلە زوراۋانلىقى >>دىگىنىمىزدە،ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدىكى مەلۈم بىر تەرەپنىڭ  باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ئوخشاشمىغان شەكىلدىكى زوزلۇق ئىشلىتىش ،بوزەك قىلىش .كۆزگە ئىلماسلىق ،خورلاش ،كارى بولماسلىق قاتارلىق قىلمىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇمىز .<<ئائىلە زوراۋانلىقى >> ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا كۆپرەك كۈرۈلىدۇ .ئۇنى تۈۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۈلۈپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

         1.<< تىل زوراۋانلىقى >>. <<تىل زوراۋانلىقى >> دا كۆپىنچە ئاياللار ئەرلەرگە قارىتا زوراۋانلىق شەكىللەندۈرىدۇ .چۇنكى ئۇمۇمى جەھەتتىن قارىغاندا ئاياللار كۆپ گەپ قىلىش ۋە مۇنازىرە جەريانىدىكى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئەرلەردىن يۇقىرىلىقى تۈپەيلى ئەرلەرگە قاررىغاندا ئۈستۈن ئۇرۇنغا ئۆتۇۋالىدۇ-دە ،ئەرلەرگە قارىتا بىر خىل بىسىم ،تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ .

www.iz.la

          2. <<جىسمانى زوراۋانلىق >> . << جىسمانى زوراۋانلىق >>نىڭ تەھدىتىگە كۆپ ئۇچرايدىغانلار ئاياللاردۇر .چۇنكى ئەرلەر ئۆزىدىكى جىسمانى جەھەتتىن ئاياللارغا قارىغاندا كۈچلۈك بۇلۇشتەك ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا قارىتا زورلۇق ئىشلىتىدۇ . 

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

                                                                                        ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

         3. << سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى >> . << سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى >> دا ئەر -ئايال ئوتتۇرسىدىكى بىر -بىرى بىلەن كارى بولماسلىق ،مۇڭداشماسلىق ،ھەمكارلاشماسلىق كۆزگە ئىلماسلىق .كۆڭۆل بۆلمەسلىك قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قارشى تەرەپكە زەربە بىرىدۇ . << سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى  >> نىڭ ئادەمگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئەڭ كۈچلۈك بۇلۇپ ،كۆپ ھاللاردا قارشى تەرەپتە تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

        ئەر -خۇتۇنلار ئوتتۇرسىدا نىمە سەۋەپتىن ئائىلە زوراۋانلىقى يۈز بىرىدۇ ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

         ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى زوراۋانلىقنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىكى سەۋەپنى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىلغا باغلاپ چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ؛ (1)ياش ئالاھىدىلىكى .پىسخولوگلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن مەلۈم بۇلۇشىچە 30 ياشتىن تۈۋەن بولغان ئەر -خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا تىل زوراۋانلىقى بىلەن جىسمانى زوراۋانلىق كۆپ ئۇچرايدىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مىجەزى ئىتتىك .ئاسان ھاياجانلىنىدۇ ، ئاچچىقنى ئاسان كۇنتىرۇل قىلالماي ،ئاسان قول تەككۈزىدۇ . 30 ياشتىن يۇقىرلاردا بولسا سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ، بۇلاردا خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ ئۆيگە قايتماسلىق ،ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھىسياتىغا سەل قاراش ،كۆڭۆل سۆزلىرىنى ئىپادىلىمەسلىك ھەم قارشى تەرەپنىڭ كۆڭۆل سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىق ،مۇڭدۇشۇشقا سەل قاراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ ؛ (2) ئىقتىسادى ئامىل .تۈۋەن كىرىملىك ،ئىقتىسادى ئورنى تۈۋەن بولغان ئائىلىلەردە ئادەتتە تىل زوراۋانلىقى بىلەن جىسمانى زوراۋانلىق كۆپرەك ئۇچرايدۇ .سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى ئىقتىسادى ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى ئائىلىلەردە كۆپرەك كۈرۈلىدۇ ؛ (3) تەربىيەلىنىش ۋە كەسىپ ئامىلى .مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۈۋەن ئائىلىلەردە تىل زوراۋانلىقى بىلەن جىسمانى زوراۋانلىق كۆپرەك كۈرۈلسە ،مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئائىلىلەردە بولسا سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى كۆپرەك كۈرۈلىدۇ ؛ (4) ئۆسۆپ يىتىلىش مۇھىتى . شۇ نەرسە ئىنىقكى ،بىر كىشىنىڭ ئۆسۆپ يىتىلىش مۇھىتى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى ۋە پىسخىكىسىغىلا ئەمەس ، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ .ئائىلە زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىشىلەر كۆپىنچە بالىلىق دەۋرىدە شۇ خىل زوراۋانلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

           

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

           قانداق قىلغاندا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ ؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

          (1) ھەر قانداق ئادەمدە ئېتىراپ قىلىنىش ، ھۆرمەتلىنىش ،ئېشەنچكە ئېرىشىش ... دىگەنگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ئھتىياجى دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىغاندا ،كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بۇلىدۇ . بۇ دەل كىشىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرىشىگە سەۋەپ بۇلىدۇ . مەسىلەن ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەر -خوتۇنلاردا ئۆز خاھىشىنى قارشى تەرەپكە مەجبۇرى تاڭىدىغان ئەھۋال دائىم كۆرۈلىدۇ .بۇ ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا قارشى تەرەپتە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا بۇلۇپ ،ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا زوراۋانلىق شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا قارشى تەرەپتىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئھتىياجنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ؛ (2) ئادەتتە ئائىلە زوراۋانلىقىمۇ ئادەت خاراكتىرلىك بۇلىدۇ .كىچىكىدىن ئائىلىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى زوراۋانلىق ، تەھدىت ئىچىدە ئۆسكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن زوراۋانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلىدۇ ؛ (3) ئەر -خوتۇنلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇش -بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلى شەكىللىنىدىغان ئائىلە زوراۋانلىقى كۆپىنچە << تىل زوراۋانلىقى >> ياكى << سۇغۇق مۇئامىلە زوراۋانلىقى >> شەكلىدە بۇلىدۇ ؛ (4) << مەن ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلسام ، سەنمۇ ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭ كىرەك >> دىگەن قاراش .ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بولغان مىجەز ئالاھىدىلىكى بۇلىدۇ .بۇ خىل پەرقنى ئىتىراپ قىلماي ،ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە سالغاندا كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ئاسانلا زىددىيەت كىلىپ چىقىدۇ ؛ (5) ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان سۆزلەرنى قەستەن ئىشلىتىشمۇ زوراۋانلىقنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى يەنە مۇھىم بىر سەۋەپ .شۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىقمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى

          بۇنىڭدىن باشقا تۇنجى قىتىم زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندا زوراۋانلىقتىن كىيىنلا قارشى تەرەپكە پۈتۈنلەي بويسۇنۇپ ،قارشى تەرەپنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنداشمۇ قارشى تەرەپنىڭ تەكرار  زوراۋانلىق قىلىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچى زوراۋانلىق قىلغۇچىغا سۇغۇققانلىق بىلەن ئۆز قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى ،بۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ، قارشى تەرەپتە ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن ئۈكۈنۈش ھىسياتى پەيدا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم . ئۇنداق قىلمىغاندا قارشى تەرەپتە ، << زوراۋانلىق ئىشلەتسەم مەقسىدىمگە يىتەلەيمەن >> دىگەندەك قاراشنى پەيدا قىلىپ ،كىيىنكى زوراۋانلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قىتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ، زوراۋانلىق دەرىجىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ

ئىز تورى www.iz.la

                    مەنبە ؛گۇلنار تىيىپنىڭ << قەلىپ تىۋىشى >> ناملىق كىتاپتىن تاللاپ ئېلىندى .

www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس