ئۇ ئەتراپىغا تازا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ناھايىتى تىز مېڭىپ نىشانلىغان ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئاندىن بىر تىنىۋەتكەندىن كىيىن ياتاق ئىشىگىنى چەكتى ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ كىم ؟ _ ئاۋازغا ئۇلىشىپلا ئىشىكمۇ ئېچىلدى، ئىشىك ئاچقان 40 ياشلاردىن ھالقىغان، قاملاشقان ئەر چۈشىنىكسىز نەزەردە ئۇنىڭغا قارىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ ئاكا تىز بولۇڭ، دەرھال ياتىغىڭىزدىكى ئاۋۇ خانىمنى چىقىرىۋىتىڭ _ ئۇ يالغاندىن ھاسىراپ ناھايىتى تىز سۆزلەيتتى _ ھازىر باش مۇلازىمەت سۇپىسىدا بىر ئايال سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ سۈرۈشتۈرىۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ مېنى؟ مېنى نىمە دەپ سۈرۈشتۈرگىدەك؟ كىم ئايال _ ئەر چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى، شۇ ئارىدا ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ چېچىنى تۈرمەكلىۋالغان ئايال ئەرنىڭ دولىسىدىن ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزىدىكى ھەيرانلىق ئېنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى. copyright by www.iz.la
_ ۋاي نىمانداق چۈشەنمەيسىز؟ ئۇ سىزنىڭ خوتۇنىڭىزكەن، تىز بولۇڭ دەيمە، ھىلى بىكار مۇشۇ يەرگە چىقىپ قالسا رەسۋا بولىسىز....
ئىز تورى بەك ياخشى
_ ساراڭمۇ نىمە بۇ، ئۆتەۋا، ئايلىنىپ قالغان قانجۇق _ ئەر شۇنداقلا ئىتتىرىۋىدى تەييارلىقسىز تۇرغان قىز ئۇدۇلدىكى تامغا يېرىم يۆلىنىپ يەرگە يىقىلدى،_ نەدىكى بىرنىمىلەر......
_ مەن سىزگە ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن، ھىلى خوتۇنىڭىز كىرىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ مەن راست دىدىم_ ئۇ يەنە تەن بەرمەي سۆزلەيتتى، كەينىگە يېنىپ ئىشىكنى ياپقىلىۋاتقان ئەرنىڭ تېخىمۇ جۇدۇنى تۇتتى-دە كەينىگە قاراپ : مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
_ پىلانىڭ ئوي چىقمىسا ئاغزىڭغا كەلگەننى دەۋىرەمسەن ھەي ساراڭ، ئەرسىرەپ قالغان نىمىمۇ بۇ، مانا مېنىڭ خوتۇنۇم يېنىمدا، سەن ماڭا ئارتۇقچە، ياخشىسى چىرايلىق يوقال، بولمىسا.......ئۇ ئالدىغا دىۋەيلەپ كېلىۋىدى ئايالى ئۇنى توستى:
_ بولدى قىلىڭ، كىچىكلا قىزبالىغا شۇنداقمۇ گەپ قىلامسىز؟ ئۇ يا خاتا تونۇپ قالغاندۇ، يا باشقا بىرىگە خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغان بولسا ئېزىپ قالغاندۇ؟_ ئايال شۇنداق دىگەچ بىر تەرەپتىن يولدىشىنى تارتقاچ قىزغا قارىدى _ سىز مۇشۇ مىھمانخانىنىڭ كۈتكۈچىسى ئوخشىمامسىز؟
_ كۈتكۈچىمىش، ھە دەپ قويۇڭا، بۇنداق رەسۋالارنى جىق كۆرگەنمەن، ئادەم ياتاققا كىرىپ ئۇھ دەپ بولغۇچە كەينىدىن ئۈنۈپ بولىدۇ، ئوۋ ئىزدەپ كىرگەن ئوۋچى بولماي، سىزنى كۆرۈپ چىقىپ كىتىشنىڭ بانىسىنى تاپالمىغاندىن كىيىن توقۇدى-دە ، پەلىپەتىش .._ ئەر گەپ قىلغاچ يەنە كەينىگە بۇرۇلدى _ ھەنىمە بېزىرىپ تۇرىسەن، ماڭە ۋاي ، بېرىپ پوقۇڭنى تاپ.....
ياتاقخانا بىناسى ئەسلىدىنلا تىنچ بولغاچقىمۇ بىردەمدىلا قەۋەتنىڭ مۇلازىمەتچىسى كەينىدىنلا قوغدىغۇچى يېتىپ كەلدى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ نىمە ئىش؟ يەنە سىز ئىز چىقارغان ئوخشىمامسىز؟ ئەجەپ بۇرنىڭىزغا سۇ كىرمەيدىكەن سىزنىڭ _ قوغدىغۇچى يەردە ئولتۇرغان قىزغا پىچىرلاپ دىگۈدەك گەپ قىلغاندىن كىيىن بىر قارىۋىتىپ ھېلىقى ئەرگە قارىدى _ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، مىھمانخانىمىزنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولمىسىڭىز بىزگە بىۋاستە ئەھۋال ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇياقنىڭ خىزمىتىدىن نارازى بولغان بولسىڭىز بىز دەرھال ئۇنىڭغا چارە كۆرىمىز، بۇنىڭغا كىچىككىنە ئىمزا قويۇپ بەرسىڭىز ._ قوغدىغۇچى كىچىككىنە دەپتەرنى ئەرگە سۇندى.
www.iz.la
_ ئۇنداق ئىش يوق _ ئايال ئاللىقاچان ئۈستى كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى ،_ بۇ سىڭلىمىزدىن مەن بىر ئىش سورىغان ئىدىم ، ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كىتىپ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتۇق ، باشقا ئىش يوق، مالال كەلمىسە بۇ قىزدىن سورايدىغان بىر ئىشىمىز بار ئىدى، ياتاقتا پاراڭلاشساق تۈزۈمىڭلارغا خىلاپ كەلمەس؟ _ ئايال ئېرىنى يانداپ ئۆتۈپ قىزنىڭ يېنىغا باردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ ھازىر _ قوغدىغۇچى سائىتىگە قاراپ قويۇپ _ ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولدى، پاراڭلاشساڭلار بولىدۇ، لىكىن ئۇ ياتاقتا قونۇپ قالسا بولمايدۇ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ بىلدىم، بەك ئۇزاققا قالمايمىز _ ئايال شۇنداق دىگىنىچە نىمىلەرنىدۇر غودۇراۋاتقان ئېرىنى بوش ئىتتىرىپ ياتاققا كىرگۈزىۋەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ سىز كىرىۋىرىڭ، سىز بىلەن ئالمىشىدىغان قىز كىلىپ بولغان، كىيىم ئالماشتۇرۇپلا چىقىدۇ، ھايال قالماڭ_ مۇلازىمەتچى ھېلىقى قىزغا شۇنداق دىدى-دە تىزلا ئورنىغا ماڭدى، ئايالمۇ قىزنىڭ قولىدىن تارتىپلا ياتاققا ئەكىرىپ كەتتى-دە ئىشىكنى ياپتى، مىھمانخانا كارىدورى دەقىقە ئىچىدە ئەسلىدىكى جىمجىت ھالىتىگە قايتتى.
www.iz.la
ئۈرۈمچى مانا مۇشۇنداق شەھەر، كۈندۈزى ھەممە ئادەم سىرتتا يۈرگەندەك تۇرغان بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇخلايدۇ، كېچىسى كوچىدا ھىچكىم يوق، ھەممە ئادەم ئۆيىدە ئۇخلايدىكەن دەپ قالماڭ، بۇنداق ۋاقىت ئەمىلىيەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ قىزىيدىغان ۋاقتى، رېستۇران ، دىسكوخانا، مەيخانا، تانسىخانا، مىھمانخانا، غەزەلخانا دىگەندەك جايلاردا ئادەم قاينايدۇ، سىز ئەگەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەچ سائەت 9 دىن كىيىن بىرەر يەرگە بارماقچى بولسىڭىز تاكسى توسۇپ بېقىڭ، باغلىشىمەنكى كەم دىگەندە يېرىم سائەتسىز توسالمايسىز، دىمەك ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆڭۈل ئاچقىلى ، ئوينىغىلى ماڭغانلار، ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا تولىمۇ چىرايلىق بىر قىز ئالدىراش ماڭىدۇ، بەزىدە يۈگرەيدۇ، ئۇنىڭ نەگىدۇر ئالدىراۋاتقېنى ئېنىق، لىكىن نەگە بارىدىغانلىغىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، بۇ قىز داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ 4- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىسى ھۆسناي، ئىسمى جىسمىغا لايىق بۇ قىزنىڭ شۇنداق ھىكايىسى بار.......... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇ يۇرتىدىن زور ئۈمىتلەر بىلەن بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا كەلدى، ئۇ تۇرۇۋاتقان شەھەر بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھىس قىلغاندا ئۇ ھەيران قالدى، ئۇ ئۆزىنى خېلى چوڭ شەھەردە ئۆسكەن قىز، جاھان كۆرگەن، خەققا بوزەك بولمايمەن.. دەپ ئويلايتتى، دىمىسىمۇ ، مەكتەپكە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇ سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان قىزىق نۇقتا ئىدى، ئوغۇللار بىلەن ئازادە پاراڭلىشىش، خەنزۇتىلىدىكى ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ، ياراشتۇرۇپ كىيگەن مەدەنىي كىيىملىرى ، باشقىلار بىلمەيدىغان كومپىيۇتېر بىلىملىرى ساۋاقداشلىرىغا ، بولۇپمۇ جەنۇپتىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىغا باشقىچە تۇيۇلاتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەكتەپكە كېلىپ بىرئاي بولمايلا مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تىز تاماقخانىدا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىشى ، سىنىپتىكى يېڭى ساۋاقداشلىرىنىلا ئەمەس ، كونا ساۋاقداشلىرىنىمۇ ھەيرانلىقتا قويغان ئىدى، شۇنداق، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بۇ قىز ، كۆرۈنۈشتە ئوچۇق يورۇق، ئەمما ئىچى دەرت بىلەن توشۇپ كەتكەن قىز ئىدى، بىر يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىنىسى مۇشۇ شەھەرگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن ، ساۋاقداشلىرى ئاندىن بۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كىچىگىدىنلا ئاپىسى تۈگەپ كېتىپ ، پۇلدار تىجارەتچى دادىسىنىڭ قولىغا قالغان بۇ بىر جۈپ يىتىمنىڭ بەختسىز كۈنلىرى يېڭى بىر ئارتىس ئانا تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىندى، ئۇ ئايال كەسپىي ئارتىس ئەمەس، لېكىن رول ئېلىش ماھارىتى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى، بىچارە دادا ، سىرتتىكى تىجارىتىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن كۈنى بالىلارنىڭ پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، نازۇ- نىمەتلەرنى ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتى، بالىلارنىڭ گاھ ئىششىپ، گاھ كۆكىرىپ قالىدىغان يەرلىرىنى دادا ھەرگىزمۇ كۆرۈپ قالمايتتى، ئۇلارنىڭ قىلغان ھەرقانداق گەپلىرى دادىنى ئىشەندۈرەلمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى ھەقىقەتەن بىر مىھرىبان ئانا ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يالغانچىلىق بىلەن تولغان ھايات مۇساپىسى بالىلارنى ئىرادىلىك قىلىپ يېتىشتۈردى، تەقدىرنىڭ ئاجايىپ قىسمىتى شۇنداقمۇ، ئۆگەي ئانا بالىلىق بولالمىدى، ئىككى بالا بىر-بىرىگە ھەم- دەم بولۇپ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋاتقان شۇنداق بىر كۈنلەردە ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى، ئۇ كۈنى مەكتەپتىن بالدۇر قايتقان ھۆسناي ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاندىن ئاچقۇچنى ئالمىغانلىغىنى ھىس قىلدى، ئۇ ئىشىك ئالدىدا بىردەم ساقلىماقچى بولدى، بۇنداق چاغدا ئۆگەي ئانىسىنىڭ كېلىشى مۈمكىن ئەمەس، ئىنىسى كەلسە.....
خىياللار بىلەن تۇرغان ھۆسناي تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ ئاستىدىن چىقىپ قالغان كىچىك بىر باغاقچىنى كۆردى-دە ئاستا قولىغا ئالدى : << بۈگۈن سائەت 4 دە ، سىزنى گۆھەر مىھمانسارىيىنىڭ 1520 نومۇرلۇق ئۆيىدە ساقلايمەن >> ھۆسناينىڭ چىشلىرى غۇچۇرلىدى، بىرقانچە قېتىم ياتلاردىن كەلگەن تېلىفۇن ئۇنى مۇشۇنداق غەزەپلەندۈرگەن، بىچارە دادا، ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، ھۆسناي نىمىنىدۇر ئويلىدى-دە ، تاكسى توسۇپلا ئادرىس تامان يۈرۈپ كەتتى... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىراق ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ، قانداقتۇ نومۇيسلۇق كۆرۈنۈش بولماستىن، يۈرىكىنى تۇتقىنىچە ئىشىك ئالدىدا يىقىلىپ قالغان دادىسى ئىدى...........
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتتى، ئارىدا نىمە ئىش، نىمە سۆز بولدى، بۇ ھەممىگە سىر ئىدى، مۇسىبەت كۈنلىرىدە قاملاشقان بويىغا ياراشتۇرۇپ كىيگەن قارلىق لىيىنملىرى بىلەن، قوشاق توقۇپ ھازا ئېچىپ تۇرغان بۇ ياش تۇل ئايال ھەممىنىڭ ھىسداشلىغىنى قوزغىدى، ھىچكىممۇ ئۇنىڭدىن گۇمان قىلمايتتى، تېخىمۇ كىشىنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرىدىغىنى ، دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنى بەرگەن كۈنى كەچتە << ئانا >> بىر تېلىفۇننى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنچە ، ئەتىسى سەھەردە پەيدا بولدى، ھۆسناي شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم پارتلىدى، جىدەل چىڭىغا چىقتى، خوشنىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە چىدىمىغان قىز بولغان ئىشلارنى دەۋەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆگەي ئانىسىنىڭ << قىز بالا باققاننىڭ سازايى، قوسىغىنى خەق دومبايتىپ قويسىمۇ، پەم بىلەن يۇغۇشتۇرۇپ باقسام ماۋۇ يۈزسىزنىڭ گېپىنى ...>> دەپ ھۇقۇيتۇپ يىغلىشى ، نەپرەتلىك كۆزلەرنى ئانىغا ئەمەس، ھۆسنايغا ئېلىپ كەتتى، بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
شۇ كۈندىن باشلاپ ھۆسناي مەھەللىدە باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمىدى، ئاچچىققا چىدىمىغان ئىنىسى ئانىسىنى ئۇرۇپ قويۇپ ساقچىغا كىرىپ قالدى، ھۆسناي ئايالغا تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ ئېرىشكىنى : بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
<< ھىچقانداق مىراس تەلەپ قىلماي، ئۆيىدىن چىقىپ كېتىش >> شەرتى بولدى، لېۋىنى چىشلىگەن ھۆسناي ئۇ تەڭلىگەن تىلخەتكە قولىنى بېسىپ بېرىپ، ئۇكىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقتى، بىراق ئىككىسى ئۆيىگە نەرسە- كىرەكلىرىنى ئالغىلى كىلىپ ، مەھەللىدىكىلەرنى يىغىپ چاي بېرىۋاتقان ئايالنىڭ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ ئامال يوق، بالىلارنىڭ كۆڭلى تارتمىدى، چىقىپ كېتىمەن دىسە توسىۋالغىلى بولمىدى، ھۆسناينى ئالغان ئادەم نەچچە قېتىم كەپ بولدى _ دەپ يالغان يىغلاۋاتقاننىڭ ئۈستىگە توغرا كەلدى، ھۆسناي شۇ كۈنىلا ، ھېلىقى كۈنىدىكى تېپىۋالغان باغاقچىنى ساقچىغا ئاپىرىپ بەردى، ساقچىخانىدىكى ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى، مىھمانساراي كۈزەتكۈچىگە چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشلەر دادىنىڭ يېرىم يالىڭاچ ئايالىنى ئىشىك تۈۋىدە كۆرۈپ يىقىلغانلىغىنى ئىسپاتلىدى، كىشىنىڭ ئەڭ غەزىۋىنى كەلتۈرىدىغىنى، دادىنىڭ يانچۇغىدىكى دورىنى قولىغا ئېلىپ ، ئاغزىغا سېلىشقا مادارى يەتمىگەندىمۇ، ئايالنىڭ قاراپ تۇرغانلىقى ئىدى، ئەڭ ھەيران قالارلىقى ، كۆرۈنۈشتىكى ئادەم دەل ساقچىلار ئىزدەۋاتقان خىروئىن ئەتكەسچىسى بولۇپ چىقتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
چىقىراپ كەلگەن ساقچى ماشىنىسى ھۆسنايلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ 500 گىرام مۇزسىمان زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن ئاشۇ رەزىل يۈرەكنىڭ ئىگىسى _ ئانا نامىدىكى ئىبلىسنى ئېلىپ كەتتى.......................
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھۆسناينىڭ ھىكايىسى تۈگىگەندە ئايالنىڭ كۆزىدىن قۇيۇلغان ياش قلىدىكى يۇمشاق قەغەزنى ھۆللەپ بولغان ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ شۇنداق قىلىپ يالغۇز ياشىدىڭىزمۇ؟ نىمە بولۇپ بۇنداق جايغا خىزمەتكە كەپ قالدىڭىز؟
_شۇندىن تارتىپ مۇستەقىل ياشاشنى ئۈەىنىشكە بەل باغلىدىم، گەرچە دادامنىڭ مال- مۈلكى يەتكۈچە بولسىمۇ، ئۇنىڭ سودىسىنى قوشۇۋالغان تاغىمىزمۇ بىزگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئالاھىدە ياردەم قىلىۋاتقان نولسىمۇ، ئۆزۈمگە تايىنىش قارارىغا كەلدىم، مەن ئالى مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئىنىممۇ بۇ يەرگە كەلدى، ھىساپتا خاتىرجەم بولدۇم، شۇڭا ئىككىنچى قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدۇم...._ قىز ئاستا ئەرگە قاراپ قويدى، ئەرنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن، چوڭقۇر خىياغا پېتىپ كەتكەندەك تۇراتتى ، قىز خاتىرجەم بولغاندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى._ دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، دادامنىڭ ئۆلۈمىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن گۇناھلارغا، رەسۋاچى؛لىقلارغا گۇۋاچى بولىدىغان مۇشۇنداق مىھمانسارايلارغا ئاجايىپ ئۆچ بولۇپ كەتتىم، بولۇپمۇ مىھمانخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ئە- ئاياللارنى كۆرسەم، كۆزۈمگە ھەممىسى بۇزۇقتەكلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى، شۇندىن بۇيان ، مەخسۇس مۇشۇنداق ئالى مىھمانسارايلاردا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم، بىرگە كەلگەن ياكى ئاۋال بىرى كىرىپ كەينىدىن يەنە بىرى كىرىپ كەتكەن ئەر- ئاياللارنى كۆرسەملا بايىقىدەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى قورقۇتىدىغان بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئالاق- جۇلۇق بولغان، قورققىنىدىن، رەنە پۇلىنىمۇ ئالماي شاپاشلاپ ماڭغىنىنى كۆرسەم خېلى ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ... _ ئۇ توختاپ چاي ئوتلىۋالدى _ ئەلۋەتتە، پاش بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى، 7 مىھمانسارايدىن ھەيدەلدىم، بۇ سەككىزىنچىسى...........مۇشۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك ئوسال بولۇشۇم 3- قېتىم..._ ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ يېقىملىق كۈلۈپ قويدى _ لېكىن ، بۇ ئەڭ چىرايلىق ھەل بولغان قېتىمى، بىراق ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئوسال بولغاندا بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى چىرمايدۇ......
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىگىز بىناغا جايلاشقان مىھمانساراينىڭ دېرىزىسىدن قاراپ تۇرغان ئايال چاچلىرىنى يەلپۈتۈپ كېتىۋتقان قىزنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇپ پىچىرلىدى: www.iz.la
_ بىچارە قىز...........
تامام .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن