توپ ئويناپ چۇش كۆرۇش
كالتەك توپ مەستانىسى كالتەك توپقا ھەددىدىن زىيادە مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ -دە ،دوختۇرغا كۆرۇنۇش ئۇچۇن كەپتۇ ؛--دوختۇر مەن كالتەك توپقا بەكلا مەپتۇن بولۇپ كەتتىم ،ھەتتا خىيالىمدىمۇ ،چۇشۇمدە يا توپ ئېلىپ يۇگۇرمەن .ياكى توپ ئۇرمەن ،شۇڭا ،ئورنۇمدىن تۇرغاندا بەك چارچاپ كېتىمەن ،- دەپتۇ بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر -سىز نېمە ئۇچۇن گۇزەل ساھىبجامالنى قۇچاقلاپ ياتقان ھالەتنى خىيال قىلمايسىز ؟-دەپتىكەن بىمار؛قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز دوختۇر ،ئۇنداق قىلسام توپنى قانداق ئۇرمەن دەپتۇ ،
www.iz.la
پوپ ۋە گولىف توپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر كۇنى ئۈچ پوپ ئادەتتىكى كىيملىرىنى كىيىپ گولف توپ مەيدانىغا بېرىپتۇ ۋە ھەۋەس بىلەن نەچچە قول ئويناپتۇ .ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلارغا توپ يەتكۇزۇپ بىرىۋاتقان خادىم ئۇلاردىن ؛ سىلەر ھەممىڭلار پوپمۇ،-دەپ سوراپتۇ .
ئارىدىن بىر پوپ --شۇنداق ،سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز ،-دەپتۇ -مەن ئەزەلدىن توپنى ناچار ئوينىغىنى بىلەن گەپنى چىرايلىق قىلىدىغان ئادەملەرنى كۆرمەپتىكەنمەن ،-دەپتۇ ئۇ ئەجەبلىنىپ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
دەخلى يەتمەسلىك
ھەر يەكشەنبە كۇنى داۋۇتنىڭ بىشى قاتىدىكەن ،چۇنكى داۋۇت تېلېۋىزوردىن توپ مۇسابىقىسى كۆرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن ،ئايالى بولسا ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تاماق يېيشىنى ئومىد قىلىدىكەن .بۇ قىتىم داۋۇت جېدەلدىن ساقلىنىش ئۇچۇن بالىلىرى بىلەن تاماققا ئولتۇرۇپتۇ ،ھەتتا تاماقتىن كېيىن بالىلىرى بىلەن ئويناپتۇ ،ئېشلار تۇگىگەندىن كىيىن ئۇ تېلېۋىزورنى ئېچىپ مۇسابىقە كۆرۇپتۇ ،قارىسا ئىككىلا تەرەپ تېخىچىلا نولدە نول ئىكەن ،ئايالى ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بەرگەچ ؛-ھەي دادىسى .نەچچىدە نەچچە بوپتۇ؟-دەپ سوراپتۇ .داۋۇت ؛-نولدە نۆل -دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ...ئايالى كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ ؛
-مانا ئەمەسمۇ ،مۇسابىقە كۆرۇشىڭىزگە ھېچقانداق دەخلىسى بولماپتۇغۇ ،--دەپتۇ . www.iz.la