يەسلىخانىمىز ھەپتىلىك ۋە ئايلىق بالا قوبۇل قىلىدۇ!!!

  «بۇرچ ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيىلەش ئائىلە يەسلىسى» ئەيدىڭباۋدا ئېچىلدى!!!

يەسلىخانىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئەمەلىيىتى ۋە ئىزدىنىشى ئارقىلىق، يېڭىچە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا پەرزەنت تەربىيىلەش مىتۇدىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش، ساغلام بولغان پسىخىكا ۋە مىجەز-خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ھەم ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن «بۇرچ ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيىلەش ئائىلە يەسلىسى»نى قۇرۇپ چىقتى.
يەسلىخانىمىز بالىلارنى ئىللىق ئائىلە مۇھىتىدا، بالىلارنىڭ ئۇيۇنخۇمارلىق مىجەزىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ھەر خىل قىزىقارلىق ئۇيۇنلار ئارقىلىق، ئاددىي پەننىي بىلىملەر، تەبىئەت بىلىملىرى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى ۋە قوش تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش بىلەن تەڭ، يەنە ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يۇسۇن، ئۆرپ-ئادەت، كۆيۈمچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سىستېمىلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۆزىگە يارىشا ساغلام بولغان خاراكتېر ۋە پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇستەھكەم ئاساس سالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ تەن ساپاسى ۋە يېشىغا قارىتا، بالىلارنى خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيىسى بويىچە ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ كېسەلدىن خالىي ھالدا، ساغلام چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يەسلىخانىمىزنىڭ يېتەكچىلىرى ئەقىلنى ئاچىدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى بالىلار بىلەن تەڭ ئويناش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقىپ، شۇ بويىچە يېتەكلەش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىلارغا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، قايسى تەرەپتىن چىڭ تۇتۇپ داۋاملىق تەربىيىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ.
يەسلىخانىمىزنىڭ مۇلازىمىتى تۆۋەندىكىچە:
10 ئايلىقتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەپتىلىك ۋە ئايلىق قوبۇل قىلىنىدۇ (تەربىيىلىنىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر بەش بالىغا بىردىن يېتەكچى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پەقەت 15 لا بالا قوبۇل قىلىنىدۇ)
ئاتا-ئانىلار پەقەت بالىنىڭ بىر قانچە قۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى ئەكىلىپ بەرسىلا بولىدۇ. قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەسلىخانىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.
بالا تەربىيىسى توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلىلەرگە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىمىز.
ئادرېسى: ئەيدىڭباۋ ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 4-كورپۇس 501-ئۆي (چاڭلېيۈەننىڭ يېنىدا)
مەسلىھەت سوراش قىززىق لىنىيىسى: 18999804909 0991-2551464
  • تەۋە رايون:
  • ئالاقىلاشقۇچى: بۇرچ
  • يوللانغان ۋاقتى: 11-11-22 15:31
  • ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2011-12-22 15:12
  • ئالاقە تىلفۇن: 13899957451
  • ئىلخەت:
  • تۇرۇشلۇق ئادىرسى: -
  • يوللىغۇچى ip:0
يوللىغۇچى ماتىرىيالى
admin تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-08-13 20:08 ئاخىردا كىرگەن:2011-11-17 14:11
تەۋىسسيەلىك ئۇچۇرلار