
چىش دوختۇرلۇق كەسپى – ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك ، پاكىزلىق ۋە يۇقۇرى تېخنىكىنى ھەمدە مۇئەييەن ۋاقىتلىق تەجرىبە يەكۈننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان مېدىتسىنا ئىلمىدىكى ئاساسلىق بىر كەسپى تۈر. ئىغىز بوشلۇقى ئىلمى بولسا – ئېغىز بوشلۇقىنى تۈزەش ئىلمى ، ئېغىز بوشلۇقى خرۇرگىيىسى (يەنى ئېغىز بوشلۇقى تاشقى كىسەللىكلەر ئىلمى) ،ئېغىز بوشلۇقى غەيرىيلىكىنى تۈزەش ئىلمى، ئېغىز بوشلۇقى - ئېڭەك يۈز خرۇرگىيىسى،ئېغىز بوشلۇقى فىزىئولوگىيىسى،ئېغىز بوشلۇقى ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلمى،ئېغىز بوشلۇقى ماتېرىيالشۇناسلىقى،ئۆسمۈرلەر ئېغىز بوشلۇقى ئىلمى،ئېغىز بوشلۇقى مۇداپىئە مېدىتسىنىسى ئىلمى قاتارلىق نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر سېستىما.
ئەپسۇسكى ، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان چىش سېلىش ، گۈزەللەشتۈرۈش ھەمدە چىش دوختۇرلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بۇ بىر چوڭ سېستىما ئىچىدە ھەقىقىي تۈردە مۇكەممەل بىرەر ئىلىمگە ئىگە بولغىنى يوق، بولغان تەغدىردىمۇ كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ . ھەتتا چىش سېلىش ، چىش تازلاش ،قۇرت يىگەن چىشنى ئېلىۋېتىش قاتارلىق تارماق كەسىپلەر نۇرغۇنلىغان كەسىپداشلىرىمىزنى <چىش دوختۇرى> دىگەن ئۇنۋانغا ئىرىشتۈرۈپ قوياغلىق.
بىز بۇ جەھەتتە بىلىمىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا شۇ نەرسىنى بايقىدۇقكى ، باشقا مىللەتلەر دە ئىغىز بوشلۇقى ئىلمى جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىلىرى ۋە شارائىتلىرى ناھايىتى كۆپكەن . خەنزۇتىلى ،ئېنگىلىزتىلى، روس تىلى، ياپۇن تىلى ، گىرمان تىلى قاتارلىق نۇرغۇن تىللاردىكى مۇنبەرلەر ، شەخسى بلوگلار ، شىركەت تور بەتلىرى ناھايىتى نۇرغۇن ئىكەن ، ئەمما دىيارىمىزدا بۇ ساھەدە تېخى بۇنچىلىك دەرىجىدە مىللىي تىل-يېزىقىمىزدا سۆھبەتلىشىش ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ كىسەللىككە دىئاگنوز قويۇش ، بىرلىشىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تېخنىكا-ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان ئالاھىدە بىر مەخسۇس سەھنە يوق ئىكەن . ئەھەردە شۇنداق سەھنىلەر ، شارائىتلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولسا ئىدى ، دىيارىمىزدىكى ئاتالمىش چىش دوختۇرلىرىمىز ھەقىقىي تۈردە بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى ئىسمى جىسمىغا لايىق نەمۇنىلىك چىش دوختۇرلىرى بولۇپ يىتىشىپ چىقالايتى ، چۈنكى بۇ كەسىپ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزئارا تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا مۇھتاج ، بىكىنمىچىلىك ھالەتتە داۋالاش ئۇسۇلى ھامان بىزنىڭ بىلىم دائىرىمىزنى چەكلەپ، بىزلەرنى ماڭسا قىردىن ئاشالمايدىغان ، نەتىجە قازىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ، پەقەت پۇل تېپىشلا نىيەت قىلىنغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ .
شۇ سەۋەبلىك ، بىز مۇشۇ كەسىپتىكى قېىرنداشلىرىمىزنى بىر سورۇنغا يىغىش ۋە ئۆزئارا ئورتاقلىشىش، پىكىرلىشىش ئارقىلىق دىيارىمىزدا مۇشۇ كەسىپتە يېڭى –يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە 200 كىشىلىك ئالاھىدە QQ توپىنى ھازىرلىدۇق .
كەڭ كەسىپ سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
توپ نومۇرى : 86390147