كىرىم مەنبەسى

كۆز ئاغرىقى باشقا ئاغرىقلاردىن بىشارەت بىرىدۇ

ۋاقتى:2011-10-14 11:13مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  كۆز ئاغرىش ئەمەلىيەتتە كۆپ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، سەۋەبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كۆز تۇيۇقسىز ئاغرىسا، كۆز ياكى باش زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى ۋە ياكى كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن بىللە باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، قەي قىلىش، قىزىش، ئاڭ تۇتۇقلۇقى، بويۇن قېتىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەككەن.
   ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولسا ياكى يېقىندىلا زۇكام، زىيادە سېزىمچانلىق قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان بولسا، باشنى تۆۋەن سالغاندا كۆز ئاغرىقى ئېغىرلىشىدۇ، بۇ بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   كۆز ئاغرىقى بىلەن تەڭ نەرسىلەرنى كۆرۈش تۇتۇقلاشسا، كۆز قىزارسا، ياشاڭغۇرىسا، يۇرۇقلۇققا ئالاھىدە سەزگۈر بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆڭۈل ئاينىش، قەي قىلىش، ياش ئاققان كۆز تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكچىسىدىن سۇ ئېقىش ياكى پۈتۈپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلسە، شەقىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن
ياخشىكەن
(9)
64.3%
ئالقىشلايمەن
(5)
35.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس