
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان بىر قىسىم ئېنگلىز تېلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەلىۋى ۋە ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى داڭلىق ئېنگلىز تېلى تەربىيلەش مەركىزىدە توپلىغان ئېنگلىز تېلى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش تەجرىبىلىرىنى باشقا ئېنگلىز تېلى ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە خەلقئارالىق ئېنگلىز تېلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار ئۈچۈن بىر سىنىپ تەسىس قىلدى.
دەرىس باشلىنىش ۋاقتى: 2011- 9- 26
دەرىجىسى: 0 دىن باشلىندۇ
ئوقۇغۇچىلار سانى 10 نەپەر
دەرىس ئوقۇش ۋاقتى: ئەتىگەن سائەت 8 دىن 11 گىچە، دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىن كۇتۇبخانا ئىچىدە ئېلىكتورونلۇق ئۇسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئېنگلىز تېلىنى ئۆگىنىش مەشىقى قىلسىمۇ ياكى باشقا ماتېرىياللار كۆرۈش ئارقىلىق ئۈنېۋېرسال بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرسىمۇ بولىدۇ
مۇددىتى: بىر يىلدىن ئىككي يىلغىچە (1 يىل نىشاللىندۇ ئۆتەلمىسە 2-يىلى 1-قېتىملىق ياسى ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىس ئورۇللاشتۇرىلىدۇ)
ئوقۇش پۇلى: 5 مىڭ يۇەن( كۇتۇبخانا ئەزالىق ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ئورنى: خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ قارشى تەرپىدىكى ئىخلاس بىناسى 4-قەۋەت شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئىچىدە