«كىروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى www.iz.la
(سۆھبەت خاتىرىسى)
پولات ئاماننۇرى، شېرىنگۈل توختى
ئىلاۋە: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2011-يىلى 12-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى پولات ئاماننۇرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا مۇخبىرلىققا باردى ھەمدە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر»، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «جۇڭگوغا نەزەر» قاتارلىق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى يىغىننىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرچە چاستوتىنىڭ رىياسەتچىسى شېرىنگۈل توختى يىغىننىڭ ئەھۋالى ۋە مۇخبىر تەسىراتى توغرىسىدا پولات ئاماننۇرىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئەھۋالى 18-ئاۋغۇست ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. www.iz.la
شېرىنگۈل توختى: سىز 12-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا زىيارەتكە باردىڭىز. سىز نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋەرلەر «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «كۈندىلىك خەۋەرلەر» ۋە «جۇڭگوغا نەزەر» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بۇ يىغىندىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپتى ھەم يىغىنغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە، سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى لايىق كۆردۈم. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پولات ئاماننۇرى: بولىدۇ. ئىگىلىشىمچە، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى 1995-يىلى 3-ئايدا بېيجىڭدا قۇرۇلغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى، فېي شياۋتۇڭ، خۇ شېن قاتارلىق پېشقەدەم رەھبەرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مەزكۇر تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش مۇددىئاسى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقى ئاستىدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەسپ جەھەتتىن يېتەكلىشى ئاساسىدا، «ئىلىمدە چىڭ تۇرۇش، نەتىجە يارىتىش، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئاكتىپ بېيىتىش.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور