ئاپىسى ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ قىزىغا سەپتۇ:
_ مەن ساڭا لايىق تاپتىم، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق شارائىتلىرى بەكلا ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى شەھەرلىك تەپتىشنىڭ باشلىقى ئىكەن، ئاكىسى بولسا ئىقتىساد رايونىنىڭ باش لېدىرى ئىكەن، تاغىسى بولسا شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىكەن._ دەپتۇ.
_ شارائىتىغۇ بەكلا ياخشىكەن، بىراق ئاپا، مەن بۇ ئۈچىنىڭ قايسىسىغا تېگىمەن؟ _ دەپتۇ قىزى.
چۈشىنەلمەسلىك
ئىككى دوست قاۋاقتا ئولتۇرۇپ تازا ھاراق ئىچىپتۇ. ئا يىگىت ب يىگىتكە دەردىنى تۆكۈپتۇ:_ ئايالىم مىنى پەقەتلا توغرا چۈشەنمەيدۇ، سېنىڭ ئايالىڭچۇ؟
ب يىگىت جاۋاب بېرىپتۇ:
_ مەنمۇ تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، ئايالىم ئەزەلدىن سەن توغۇرلۇق ماڭا گەپ قىلىپ باقمىغان.
ئوغرىغا يولۇقۇش
ئاممىۋى ئاپتۇبوستا ئەر ئۆزىنىڭ پۇل قاپچۇقىغا سوغۇق قول تەگكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ ۋە دەرھال ئۆرۈلۈپ سىلىق گەپ قىلىپ:
_ بۇرادەر، كەچۈرۈڭ..بولدى ئاۋارە بولماڭ..مەن تېخى ئەتىگەن مۇئاشىمنى ئالغان ئىدىم، بىراق ئايالىمنىڭ قول سېلىشى سىزدىن تېز بولدى.
ئەسلىمە ئۈچۈن
ئەمدىلا يولدىشىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ تېخى قارىلىقى توشمىغان بىر ئايالنى بىر ئەر ئىزدەپ كەپتۇ:
_ مەن يولدىشىڭىزنىڭ ھەربىيلىكتە بىرلىكتە تۇرغان سەپدىشى ھەم ھازىرغىچە ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان دوستى. ماڭا يولدىشىڭىز ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ھاقلىغۇدەك تەۋەرۈكتىن بىرەرنى بەرسىڭىز، ئەسلىمە ئۈچۈن ئوبدان ئاسراپ ساقلىسام... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ سىزگە بەرگۈدەك باشقا تەۋەرۈك يوق. ئۇنىڭ قالدۇرغان بىردىنبىر تەۋەرۈكى مانا مەن. ئېغىر كۆرمىسىڭىز ئالغاچ كېتىپ._ دەپتۇ ئايال..