يۇمىلاق قۇم قەدىمكى شەھىرى –خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوزۇن تات بەگلىكىنىڭ ئورنى ئۇ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ 230 كىلومېتىر شىمالىغا ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە يېقىن جايلاشقان بولۇپ، شەھەر ئۆلچەمسىز تۆت تەرەپلىك شەكىلدە سېپىلى ئاساسەن تۈز ئەمەس،شەھەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 995 مېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 330 مېتىر ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 270 مېتىر كېلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە قالدۇق شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى473 مېتىر ، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ~تۆت مېتىر ،ئېگىزلىكى ئومۇمەن ئۈچ~تۆت مېتىر بولۇپ، ئەڭ ئېگىز يېرى 11 مېتىر كېلىدۇ. شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلمىسى :تىك ئورنىتىلغان ئىككى رەت توغراق ياغىچى ئوتتۇرسىغا يۇلغۇن شاخلىرىنى بويىغا قاتمۇ–قات بېسىپ، تامنىڭ گەۋدىسىنى شەكىللەندۇرۇپ ئاندىن ئۇنىڭ سىرتىغا كېسەك قوپۇرۇلغان ياكى توغراق شاخلىرى، قۇمۇشلارغا لاي ۋە چارۋىلارنىڭ تېزەكلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ چاپلاپ يانتۇ يۆلەك چىقىرىلغان.جەنۇبىي سېپىلنىڭ ئوتتۇرسى بىلەن شەرقىي سېپىلنىڭ شىمالىي قىسمىدا بىردىن قوۋۇق بار.جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ساقلىنىشىمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شەھەر ئىچىدە ساقلانغان ئالتە ئورۇندىكى قۇرۇلۇش ئىزىنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئۇلىلا ساقلىنىپ قالغان . يەر يۈزىدە چېچىلىپ ياتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاساسەن ساپال بۇيۇم پارچىلىرى، تاش قوراللار، كىچىك تىپتىكى مىس ، تۆمۈر بۇيۇملار ۋە ئەينەك مارجان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا ، ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ خېلى كۆپ ، باھالاش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، ئۇلار ئاساسەن ئۆي چارۋىلىرىنىڭ بولۇپ، قوي، كالا ،تۆگە سۆڭەكلىرى بىر قەدەر كۆپ ،قالغانلىرى ئات ، ئېشەك ، ئىت ، چوشقا ، بۇغا ، توشقان ، چاشقان ، بېلىق ، قۇش سۆڭەكلىرىدىن ئىبارەت . ئۇلار چارۋىچىلىق بىلەن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شەھەر سىرتىدا سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى بايقالدى. شەھەر ئىچىدىن بۇغداي، تېرىق تېپىلدى. قەدىمكى شەھەر ئەتراپىدا ئالتە قەبرىستانلىق بولۇپ، جەسەتلەرنى پۇت–قوللىرى پۈكلەنگەن ھالەتتە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇش ۋە پۈت–قوللىرى تۈز ھالەتتە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇشتەك دەپنە قىلىش ئادىتى تەڭ مەۋجۈت بولغان . جەسەتلەر كۆزلىرى چوڭقۇر، قاڭشارلىق ،چېچى قۇڭغۇر ۋە كۆپ ئۆرۈمىلىك بولۇپ، ئۈستىگە يۇڭ توقۇلمىلاردا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيگەن . يۇڭ توقۇلمىلار توقۇلۇش ئۇسۇلىدىن تۈز يوللۇق ۋە قىيپاش يوللۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.ھەمدە دەپنە بويۇملار ئىچىدە ساپال بۇيۇملار بىرقەدەر كۆپ ، يەنە ئاز مىقداردا تاش ۋە ياغاچ ئۇرچۇق ، ياغاچ تارغاق، ياغاچ ئاياق ، مىس ھەم تۆمۈردىن ياسالغان بېزەك بۇيۇملار، ئەينەك مارجان قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ دەۋرى غەربىي خەن سۇلالىسى زامانىدىن كېيىن ئەمەس .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
‹‹ شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيىسى ›› دىن ئېلىندى