[attachment=3062]
مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ئېيتقان ئۇنى ئاشىقلار كۈنۈپ. ۋىسال پەيتى لەززەتلىك قىسقا، چىققان شېرىن سۆزلەردىن ئۈنۈپ. [attachment=3063] مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، تەمى يەرلىك شىۋىدەك تاتلىق. يېڭى ھايات باشلىنار سەرخۇش، كېلىپ تەلەي يىراقتىن ئاتلىق. [attachment=3063] مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، شورلۇق قىسمەت باغرىدا ياتقان. يارنى دەپلا ئۆرتىنىپ كۆڭۈل، ئۇزۇن تۈندە قوشاققا قاتقان. [attachment=3063] مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ھەركىم بىلگەن پەدىگە چالغان. ئوتلۇق كۈيلەر ياڭرىتىپ ئۇزاق، كوچا-كۇينى لەرزىگە سالغان. [attachment=3063] مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، ئۆرلەپ تۇرغان مۇڭىدىن پىراق. بولۇپ نازۇك بارمىقى يارا، تاشلاپ كەتكەن بىراۋلار يىراق. [attachment=3063] مۇھەببەت دېگەن بۇزۇلغان ئاھاڭ، بارى ئەبجەش تۇيغۇدىن پۈتكەن. ھىجران دەردى بولسىمۇ ئاچچاق، ئەمما، شېرىن لەززىتى كۈتكەن. [attachment=3063] دەپ يازغانمەن سۆيگۈ خاتىرەمگە! |