تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئۇيغۇرلارغا پۇلدار زۆرۈرمۇ ياكى بىلىملىكلەرمۇ ؟(مۇنازىرە) --]

ئىز كۇلۇبى -> تور ۋە بىلىم يىڭىلىقلىرى -> ئۇيغۇرلارغا پۇلدار زۆرۈرمۇ ياكى بىلىملىكلەرمۇ ؟(مۇنازىرە) [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

abdukorax 2010-10-18 19:56
ئەمەلىيەتتە بۇ ھەر ئىككى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىزلەرگە تولىمۇ زۆرۈرھەم تەخىرسىزلىكى ھەممەيلەنگە ئايان.ئەمدى بىز بۇ جەھەتتىكى تونوشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنى مۇنازىرە قىلىپ باقايلى.
مۇنازىرىگە قويولىدىغان تەلەپ:
1.چوقوم پۇلدار زۆرۈر ياكى بىلىملىك كىشىلەر زۆرۈر دەپ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاپ مۇنازىرىگە قاتنىشىڭ،  ئىلمى تەكلىپلىرىڭىزنى،بۇ جەھەتتىكى داۋلىلىرىڭىزنى ئىنىق ئوتتورغا قويوڭ،چوقوم ئىككىسىنىڭ بىرىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىڭ ،ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئۆزىمىز ئايدۇڭلاشتۇرۋالىمىز.
2.ئوتتورغا قويولوپ بولغان داۋلىينىڭ يەنە تەكرار ئوتتورغا قويولىشىدىن ئامال بار ساقلىنىڭ.
3.ئوتتورغا قويغان پىكىرلىرىڭىزنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن،داۋلىلىق بولىشىغا ،ئىلمىي قايىل قىلارلىق بولىشىغا دىققەت قىلىڭ .

قىنى مۇنازىرە باشلانسۇن.
مەنبە:ئۆزيازمام

ozyarim 2010-10-18 20:41
ئەمسە مەن ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قوياي..
ھازىر پۇل ئەڭ مۇھىم..
جەمىيىتىمىزدە بىلىملىك كىشىلىرىمىز خېلىلا كۆپ،ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمى ئارقىلىق نان تېپىپ يەۋەتقان بولسىمۇ لېكىن كۆزگە كۆرىنىپ مەلۇم دەرىجىدە ئىقـتىساد توپلىغانلىرى بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىكلا.ھازىر كەلگۈسىنى كۆرىپ يېتەلەيدىغانلار سىتودىنتلار  مەكتەپ ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرۇپلا  ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلە ۋاتىدۇ دۆلەتنىڭ تەشەببۇسىمۇ ئۆزكۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئەمەسمۇ..
ئىگلىك تىكلەپ نېمىش قىلىدۇ؟
بەلكىم بەزىلەر باياشات تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغاندۇ،يەنە بەزىلەر ئۇقۇشسىز قالغان يىتىم بالىلار،ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار،داۋالىنىشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئاجىز مىيىپ كىسەلچانلارغا خەيىرخاھلىق قىلىشتۇ..
ئويلاپ بېقىڭ بۇرۇنقىلار بىلىمى ئارقىلىق دۇنياغا نام ئاتاق قازانغان بولسا ھازىر پۇلى ئارقىلىق خەيىر ساخاۋەت قىلىپ دۇنياغا تۇنىلىۋاتىدۇ..
مەسىلەن مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگايتىس دۇنيا مەشھۇر ناخشا چولپىنى مايكول جېكسون ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ئارمان شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلا ،مېھرىبان ئانىلار قوشۇنى ھەمدە مېھرىبان ئاتىلار قوشۇنى دېگەندەك..
ھازىر ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا يېزا-قىشلاقلاردا ئۇقۇشسىز قالغان بالىلار كۇرمىڭ بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن،شۇلارغا بىلىم بېرىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن پۇل كېتە..ياكى بىلىمى بارلار بېرىپ 3~4 كۈن  ئېتىزلىقتا ھەقسىز  دەرىس ئۆتەمدۇ؟
دەرىس ئۆتتى دىگەندىمۇ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟
بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ھەقىقەتەن بىلىم مۇھىمتى بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز ،لېكىن ھازىر چۇ؟
رىئاللىق دىگەن يەنىلا رىئاللىق...

hakaniyat 2010-10-18 20:44
بۇ نى ناھەيتى ياخشى ئوتۇرغا قۇيۇپسسىز   !     مەن بىر ساۋاتسىز ئادەم مىنىڭ ئويىشىمچە بىزدە بىلىم بولسا ئاندىن ئالغا باسالايمىز بىلىم بولسا پۇل تاپقىلى بۇلدۇ دەپ قارايمەن ،
قىنى ىاغانلامۇ دەپ باقسۇن ؟    

polatbora 2010-10-18 20:46
بىلىملىكلەر

ozyarim 2010-10-18 20:47
ئىنكاسىمغا قاراپ پۇلغا دۈم چۈشۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلا..
پۇل تاپىمىز لېكىن پۇلنىڭ قۇلى بولمايمىز غۇ....

ozyarim 2010-10-18 21:12
ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بىلىم كېتىدۇ.
بىلىم ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئىرادە بىلەن پۇل كېتىدۇ..
بۇلار بىر-بىرسىگە چەمبەرچاس باغلانغان ..
زامان ساڭا باخمىسا سەن زامانغا باخ دەپتىكەن ...
بىر گەپنى قىستۇرۇپ قوياي..
ھەممىمىز يېقىندا ئۇيغۇر دېھقان كەشپىياتچى ئالىمجاننىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلدۇققۇ دەيمەن..
ئالىمجاننىڭ كەشپىياتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.كىشىلەر ئالىمجاننى ئېينىشتىيىندىن قالسا ئىككىنچى ئېينىشتىيىن دەپ تەرىپلىشىۋاتىدۇ.
ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمەيمىزغۇ دەيمەن..
پۇل بولغان بولسا ئىدى ئىشىنىمەن ئالىمجان ھېچنىمىدىن غەم قىلماستىن يەنە يېڭى-يېڭى كەشپىياتلارنى روياتقا چىقىرىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشاتتى. ھازىرمۇ بەلكىم تىرىشىۋاتقاندۇ..
بەلكىم نەچچە ئىچكىرلىك لوبەنلەر(بايۋەتچىلەر)كەشپىياتنىڭ پاتنىت ھوقوقىنى سېتىپ بېرىشنى ئېيتىپ ئىزدەپ كەلگەندۇ بۇنىسى خۇدايىمغا ئامانەت،،
نېمىشقا ساتىدۇ؟ بېشى ئىشىپ قاپمۇ؟ ياكى پۇلغا قىزىقىپمۇ؟
ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش،جاھانغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن شۇ يەنە پۇل پۇل پۇل پۇل كېتىدۇ..
خېلى كۆپ كەشپىياتچىلىرىمىز بولغان ئۇلار مۇ شۇ ئاخىرىدا يانچۇقنىڭ ھالى بوش پاتنىتنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان..

dosyar 2010-10-18 21:27
ئۇيغۇرلارغا بىلىملىكلەر مۇھىم ،
ئىسپات:
بىز بۈگۈنكى پۇلنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان جەمىئىيەتتە ياشاۋاتىمىز . بۇلۇپمۇ بىز تۇرىۋاتقان جەمىئىيەت شۇنداق بۇلۇپ قالدى، ئەمما ناھايتى كەڭ مەنىدىن ئېتقاندا ئۇنداق ئەمەس. بىلگايتىس، جىكسۇن ، يەنە رادىل ئابلا قاتارلىقلار نىمىگە تايىنىپ پۇلدار بۇلالىدى، بىلگايتىسنى ئېلىپ ئېتساق ئۇ بىلىمىگە تاينىپ ئۇقۇۋاتقان مەكتەپلىرىنى تاشلاپ يۇمتال(يۇمشاق دىتال)شىركىتىدە ئىشلىدى. ئۇ يەرىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئاغىنىسى بىلەن بىرلىشىپ يۇمتال ياساپ بىر كىچە باي بولدى، يەنى پۇلدار بۇلدى. ئۇنىڭ بالدۇر پۇلىسى بارمىدى؟    
رادىل ئابلانى ئېيتساق بىلىدىغانلىرىمىزغا مەلۇم . ئۇمۇ بۇرۇن شۇنداق شىركىتى با بىرە باينىڭ بالىسى ئەمەس ئەكسىچە بىلىمىگە تاينىپ شىركەت قۇرۇپ چىققان بىر كارخانچى.
يەنە ئېلىپ ئېيتساق جىق .
بۇلۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ھەقىقەتەن بىلىمگە مۇھتاج،  ..........................................

ozyarim 2010-10-18 21:29
پۇل بولغان بولسا ئىدى ،ياخشى ئوقۇغان باللا چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار،  غەم ئەندىشىسىز ئوقۇغان بولاتتى..
پۇل بولغان بولسا ئىدى . ئىقـتىساددىن قىيلىنىپ توي قىلالماي ۋاتقانلار، ئۆي ماكانسىز قېلىۋاتقانلار ئاچ توق يۈرىۋاتقانلارنىڭ تۇرمىشىدا ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى..
پۇل بولغان بولسا ئىدى كۆڭلىمىزدىكى ئەمەلگە ئاشىدىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز  چۈش بولۇپ قالماس ئىدى..
پۇل بولغان بولسا ئىدى نۇرغۇن ئورگانلىرىمىز كەڭىيىپ دۇنياۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولاتتى..
پۇل بولغان بولسا ئىدى نۇرغۇن ئىشلىرىمىزدا زور بۇرمىلىنىش بولغان بولاتتى..
پۇل بولغان بولسا ئىدى بىزمۇ نۇرغۇن دۇنياۋى سودا سارايلارنى،ھەقسىز بىلىم باغچىسى بولغان مەكتەپنى سالغان بولاتتۇق...
خۇددى تەرەقىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇش ھەقسىز بولغانغا ئوخشاش..
پۇل بولغان بولسا ئىدى......

ozyarim 2010-10-18 21:37
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-18 21:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇرلارغا بىلىملىكلەر مۇھىم ،
ئىسپات:
بىز بۈگۈنكى پۇلنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان جەمىئىيەتتە ياشاۋاتىمىز . بۇلۇپمۇ بىز تۇرىۋاتقان جەمىئىيەت شۇنداق بۇلۇپ قالدى، ئەمما ناھايتى كەڭ مەنىدىن ئېتقاندا ئۇنداق ئەمەس. بىلگايتىس، جىكسۇن ، يەنە رادىل ئابلا قاتارلىقلار نىمىگە تايىنىپ پۇلدار بۇلالىدى، بىلگايتىسنى ئېلىپ ئېتساق ئۇ بىلىمىگە تاينىپ ئۇقۇۋاتقان مەكتەپلىرىنى تاشلاپ يۇمتال(يۇمشاق دىتال)شىركىتىدە ئىشلىدى. ئۇ يەرىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئاغىنىسى بىلەن بىرلىشىپ يۇمتال ياساپ بىر كىچە باي بولدى، يەنى پۇلدار بۇلدى. ئۇنىڭ بالدۇر پۇلىسى بارمىدى؟    
رادىل ئابلانى ئېيتساق بىلىدىغانلىرىمىزغا مەلۇم . ئۇمۇ بۇرۇن شۇنداق شىركىتى با بىرە باينىڭ بالىسى ئەمەس ئەكسىچە بىلىمىگە تاينىپ شىركەت قۇرۇپ چىققان بىر كارخانچى.
يەنە ئېلىپ ئېيتساق جىق .
.......

بېلگايتىس قاچان مەكتەپتىن چېكىنگەن ئۇ قايسى دەۋىر؟
نېمىشقا مەكتەپتىن چېكىنگەن؟
مەكتەپتە داۋاملىق  بېلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئاغزىدىكى قۇرۇق ھورغا تايانمىغاندۇ؟
رادىل ئابلا (پۇل سانى ئېنىق ئېسىمدا قالماپتۇ)15000يۈرەن بىلەن تۇنجى كىچىك تىپتىكى ئارمان تاللا بازىرىنى قۇرۇپ چىققانغۇ دەيمەن..
رادىل ئابلا ئىگلىك تىكلىگەن دەۋىر قانداق دەۋىر؟

dosyar 2010-10-18 22:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ozyarimدە2010-10-18 21:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

بېلگايتىس قاچان مەكتەپتىن چېكىنگەن ئۇ قايسى دەۋىر؟
نېمىشقا مەكتەپتىن چېكىنگەن؟
مەكتەپتە داۋاملىق  بېلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئاغزىدىكى قۇرۇق ھورغا تايانمىغاندۇ؟
رادىل ئابلا (پۇل سانى ئېنىق ئېسىمدا قالماپتۇ)15000يۈرەن بىلەن تۇنجى كىچىك تىپتىكى ئارمان تاللا بازىرىنى قۇرۇپ چىققانغۇ دەيمەن..
.......

بىزنىڭ ھازىرقى ياشىۋاتقان دەۋىردىن ياخشىراق دەۋىر بۇلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بىز تەرەققى قىلىپ بىر يەرگە جىق بارمىدۇق تېخى .
نىمىشقا مەكتەپتەپىن چىكىنگەن دىشىڭىزدە ، پۇل ئۈچۈن چىكىندى دەيسىزغۇ ھەقاچان . بىلىمى بولغاچ پۇل تاپالىغاندۇ. بىلىمى بولغاچ مىكرۇسوفىتنى قۇرۇپ چىققاندۇ.
رادىل ئابلا دەسلەپ خىزمىتىدىن سىرىت 2000يۈەن بىلەن دەسلەپ ئۈن-سىن بۇيۇملىرى دۇككىنى ئېچىپتىكەنغۇ دەيمەن. كېيىن ئۇقۇپ كەلگەن بىلىمىگە تايىنىپ شاڭخەيدىن تۆت نەپەر تېخنىك تەكىلىپ قىلىپ ئىشنى باشلاپتىكەنغۇ دەيمەن .
سىز پۇلىسى بولمىسا شۇنى قىلالمايتى دىشىڭىز مۇمكىن . بىلىمى بولمىغان بولسا ھەممىسى پۇق ، قىسىقىسى بىر تىلىم شاپاق تاۋۇزنى يىيىشنى بىلمەي كۆينىكىگە سۈيىنى تامدۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مات بۇلىدىغان تورغانلا گەپ .  

ozyarim 2010-10-18 22:06
قېنى جىمىپ كەتتۇڭلارغۇ؟
پىكرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇڭلا..

menggutax 2010-10-18 22:06
مېنىڭچە بۇ تېما تەكرار تېما بولۇپتۇ.
چۈنكى /club/read-htm-tid-6500.html بۇ تېمىدا پۇل ياكى بىلىمنىڭ موھىملىقىنى سۆزلىگەن، جىق مۇنازىرە قىلغان ئىدۇق.
شۇڭا، تېما ئىگىسىنىڭ ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ozyarim 2010-10-18 22:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-18 22:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

بىزنىڭ ھازىرقى ياشىۋاتقان دەۋىردىن ياخشىراق دەۋىر بۇلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بىز تەرەققى قىلىپ بىر يەرگە جىق بارمىدۇق تېخى .
نىمىشقا مەكتەپتەپىن چىكىنگەن دىشىڭىزدە ، پۇل ئۈچۈن چىكىندى دەيسىزغۇ ھەقاچان . بىلىمى بولغاچ پۇل تاپالىغاندۇ. بىلىمى بولغاچ مىكرۇسوفىتنى قۇرۇپ چىققاندۇ.
رادىل ئابلا دەسلەپ خىزمىتىدىن سىرىت 2000يۈەن بىلەن دەسلەپ ئۈن-سىن بۇيۇملىرى دۇككىنى ئېچىپتىكەنغۇ دەيمەن. كېيىن ئۇقۇپ كەلگەن بىلىمىگە تايىنىپ شاڭخەيدىن تۆت نەپەر تېخنىك تەكىلىپ قىلىپ ئىشنى باشلاپتىكەنغۇ دەيمەن .
سىز پۇلىسى بولمىسا شۇنى قىلالمايتى دىشىڭىز مۇمكىن . بىلىمى بولمىغان بولسا ھەممىسى پۇق ، قىسىقىسى بىر تىلىم شاپاق تاۋۇزنى يىيىشنى بىلمەي كۆينىكىگە سۈيىنى تامدۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مات بۇلىدىغان تورغانلا گەپ .  

تاۋۇز يىيەلمەي سۈيىنى كۆينىكىگە تامدۇرغاننى سىز نىمىگە ئوخشاتماقچى؟
بىلىمى يوققىمۇ؟ ياكى پالاكەتكىمۇ؟ياكى تاۋۇز بىلەن بولۇپ كېتىپ كىيمىگە دىققەت قىلمىغانغۇمۇ؟ ياكى پالاكەتكىمۇ؟ياكى...
شىركەتنى بىكاغا قۇرمىغاندۇ؟
ئەسمە ئۈنسىن بۇيۇم دۇكىنىنى ئاغزىدىكى ھورغا تۇتۇقۇزۇپ قويمىغاندۇ؟
شاڭخەيدىن تۆت نەپەر تېخنىك تەكىلىپ قىلغان بولسا بىكاغا تەكلىپ قىلمىغاندۇ؟
ھەممىسىنى پۇلى بولغاچ ،پىشانىسى ئوڭ بولغاچ ئۇتۇقلۇق باشلىيالىغاندۇ...
ھاۋا يەپ شامال كىكىرىپ يۈرمىگەندۇ؟

ozyarim 2010-10-18 22:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى menggutaxدە2010-10-18 22:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە بۇ تېما تەكرار تېما بولۇپتۇ.
چۈنكى /club/read-htm-tid-6500.html بۇ تېمىدا پۇل ياكى بىلىمنىڭ موھىملىقىنى سۆزلىگەن، جىق مۇنازىرە قىلغان ئىدۇق.
شۇڭا، تېما ئىگىسىنىڭ ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېشى ئوخشاش بولغان بىلەن ئىچى ئوخشاش ئەمەس..
يەنى چۈشكەن ئىنكاسلار ئوخشاش ئەمەس..
ئۇ تېما مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشقان بولسا بۇ تېمىنى تەستىقلاشنىڭ ئورنى يوقتى...
قېنى سىزمۇ تەپەككۈر قىلىپ پىكرىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭ..

ozyarim 2010-10-18 22:21
بۇرۇن ئاچلىقتىن توقلىق يامان دەيدىكەندۇق..
ھازىر چۇ توقلۇقتىن ئاچلىق يامان ھالغا چۈشۈپ قالغاندۇ؟
نېمىشقا مۇشۇنداق دەيدۇ؟
قېنى كىم دەپ بېرىدۇ..

tpa 2010-10-18 22:22
بىلىمى بولغاچقا ئاشۇ ئىشلارنى قىلالىغاندۇ،پۇلغا ھەممە ئىشلار بولۇۋەرمەيدۇ...دەرۋەقە ئاشۇ ئىشلارنى باشلاش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ،لىكىن ئۇپۇلنى ئەقلى ئارقىلىق تاپقاندۇ؟بىكارغا پۇل چۈشۈپ قالمايدۇ.

ozyarim 2010-10-18 22:26
بىر بالىنى ئاچ قوساق ئەكىلىپ بىلىم ئۆگەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟(تەپەككۈر قىلىڭ)
ئاچ قورساق بىر ئىش قىلغىڭىز كىلەمدۇ؟ خوش ياقامدۇ؟ يول ماڭغىڭىز كېلەمدۇ؟ ئاچقالغاندا ئەڭ ئاۋال نېمىنى ئويلايسىز؟
مەكتەپنى كۆرگەندە نېمىنى ئويلايسىز؟ بىلىم ئېلىش شۇنداقمۇ؟ بىرىنچى باسقۇچ نىمە بىلەن بولىدۇ؟داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چۇ؟
دەپ كەلسەن نېمە ئۈچۈنلە بەك كۆپ..

ozyarim 2010-10-18 22:28
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى tpaدە2010-10-18 22:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 12-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
بىلىمى بولغاچقا ئاشۇ ئىشلارنى قىلالىغاندۇ،پۇلغا ھەممە ئىشلار بولۇۋەرمەيدۇ...دەرۋەقە ئاشۇ ئىشلارنى باشلاش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ،لىكىن ئۇپۇلنى ئەقلى ئارقىلىق تاپقاندۇ؟بىكارغا پۇل چۈشۈپ قالمايدۇ.

بىلىم بولسىلا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
ماۋۇ تەرەپكە ئۆتىلى..
تارىختا ھەم يېقىنقى زاماندا مەكتەپ قارىسىنى كۆرمىگەن نۇرغۇن كارخانچىلار بولغان ئۇلار ئەجىبا نېمىسىنى ئىشلەتكەندۇ؟
ئەقىلنى دەپ قاپسىز...

ozyarim 2010-10-18 22:31
خەتنىڭ پۇچىقىنىمۇ بىلمەيدىغان كارخانچىلار بولغان بۇلارغا نىمە دەيسىز؟
تۇغما بىلىمى بار دېمەكچىمۇ؟
ياكى ئەقلىنى ئىشلەتكەن دېمەكچىمۇ؟
ياكى تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن دېمەكچىمۇ؟

چوقۇم ئەقلى باركەن دەپ جاۋاب بېرىسىزغۇ دەيمەن..

tpa 2010-10-18 22:37
خەتنىڭ پۇچىقىنى بىلمەيدىغان كارخانىلارغا بىرسى پۇل بىرىپ قۇرغۇزمىغاندۇ؟ساۋاتسىز بولسا كاللىسى ئىشلىمەمدىكەن؟

ozyarim 2010-10-18 22:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى tpaدە2010-10-18 22:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 18-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
خەتنىڭ پۇچىقىنى بىلمەيدىغان كارخانىلارغا بىرسى پۇل بىرىپ قۇرغۇزمىغاندۇ؟ساۋاتسىز بولسا كاللىسى ئىشلىمەمدىكەن؟

ئەكىلىڭە قۇلىڭىزنى ماۋۇ تېمىغا تاتىپ ئەكىر ۋالاي..
جىددىلىشىپ ماڭىدىغان يولنى تاپالماي ئېزىپ قېلىۋاتىسىز...
بىر ماڭغان يولىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ،بولمىسا مۇشۇنداق ئېزىپ قالىسىز..

menggutax 2010-10-18 22:43
مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى باشقا مىللەت بولسۇن، پۇل بىلەن بىلىم ھەر ئىككىلىسى تەڭ موھىم... ئەڭ موھىمى بىلىم.... بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ..........
بىلىم بىلەن پۇل بىر-بىرىگە ماسلاشقاندىلا ، ئاندىن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيدۇ، قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىيالايدۇ...

ozyarim 2010-10-18 22:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى menggutaxدە2010-10-18 22:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى باشقا مىللەت بولسۇن، پۇل بىلەن بىلىم ھەر ئىككىلىسى تەڭ موھىم... ئەڭ موھىمى بىلىم.... بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ..........
بىلىم بىلەن پۇل بىر-بىرىگە ماسلاشقاندىلا ، ئاندىن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيدۇ، قىلماقچى بولغان بارلىق ئىشلىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىيالايدۇ...

بىرلەشسە كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتەلىشىنى ھەممىمىز گە ئايان..
ھازىرقى مەسىلە قايسىسى بەكرەك مۇھىم ؟ مۇشۇ سۇئال ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز..
سىزمۇ ئېزىپ پەرۋاز قىلغىلى تۇردىڭىز،تېمىنىڭ ئىچىگە تىزدىن قايتىپ كىرىۋېلىڭ،،

ozyarim 2010-10-18 23:03
بىلىم مۇھىم دەيدىغانلار چۈشكەن ئىنكاسلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىۋېتىپ ئاندىن يازساڭلارمۇ ئۈلگىرىسىلە..
ئاسماندىن چۈشۈپ،يەدىن ئۈنگەندەك ئىنكاس يازماي....

ozyarim 2010-10-18 23:21
ئەمسە مەن توردىن چۈشكەش تۇراي...
سورۇن سىلەرگە قالدى..

dosyar 2010-10-18 23:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى ozyarimدە2010-10-18 22:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

تاۋۇز يىيەلمەي سۈيىنى كۆينىكىگە تامدۇرغاننى سىز نىمىگە ئوخشاتماقچى؟
بىلىمى يوققىمۇ؟ ياكى پالاكەتكىمۇ؟ياكى تاۋۇز بىلەن بولۇپ كېتىپ كىيمىگە دىققەت قىلمىغانغۇمۇ؟ ياكى پالاكەتكىمۇ؟ياكى...
شىركەتنى بىكاغا قۇرمىغاندۇ؟
ئەسمە ئۈنسىن بۇيۇم دۇكىنىنى ئاغزىدىكى ھورغا تۇتۇقۇزۇپ قويمىغاندۇ؟
.......


سىز ئۇيغۇر جەمىئىتىمىزگە قاراڭ ، بىز بايلىققا دەسسەپ تۇرۇپ يەنە قانچىلىك باي ياكى پۇلدار بۇلالىدىڭىز ، بىلىم بولمىغاچ يەنە شۇ يەنە شۇ ھالىمىز شۇ،  بىلىملىكلەر بار يەرلەرگە قاراپ بېقىڭ، ئۇلار پۇلنىڭ كويدا ئەمەس، دۇنيا مەسىلىىسى، مۇھىت مەسىلىسى، سىجىل تەرەققىيات، يەنە تېخى ئىقتىساد مەسىلىىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىملىكلەرنىڭ ئەڭ ئالى كۆڭۈل بۈلىدىغانلىرى، پۇل تېپىش مەسىلىسى دىگەن ھازىر ئادەتتكى مەسىلە،  سىز دە بىلىم يۇق ، شۇڭا سىز  پۇلۇم بولسا خالىسام پۇتۇمنى تۇتقىلى خالىسام خۇتۇن قىلىپ ئۈتىمەن دەپ ئۇيلايسىز.
ئۇيغۇرغا بىلىم كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇرۇم بىلىم ئارقىلىق ئالغا سلجىيدۇ، بىلىم ئارقىلىق ئۈزىنى تاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق ئىقتىساد يارتىدۇ، بىلىم ئارقىلىق ۋىجدان غۇرۇرىنى پاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق كىملىكىنى تاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق زاۋۇۇ كان كارخانلارنى ئۇيغۇرنىڭ قىلىپ چىقىدۇ. بىلىم ئارقلىق پۇل بايلىق تېپىىپ مىللەت ئۇچۇن ئىشقا سالالايدۇ.
بىلىمى يۇق پۇلىسى بالار:يۈرىكى يۇق ،ئۆپكىسى بارلا.

duldul123 2010-10-19 00:01
ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى ماۋۇ خەقلەر. تېمىنىمۇ تۈزۈك چۈشەنمەي تۇرۇپ،ئىنكاس يېزىپ،كاللا دېسە پاقالچەك دەپ.
كىم ئۇيغۇرلارغا«پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ؟» دەپتۇ؟ تېمىغا ئوبدان كارىمامسەن.بۇ يەردىكى گەپ «پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ ؟»
ئەمەس بەلكى «ئۇيغۇرلارغا پۇلدارلار مۇھىممۇ بىلىملىكلەرمۇ؟» ئۇيغۇرغا كايسى ئادەم مۇھىم دەۋاتىدۇ.

dosyar 2010-10-19 00:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى duldul123دە2010-10-19 00:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى ماۋۇ خەقلەر. تېمىنىمۇ تۈزۈك چۈشەنمەي تۇرۇپ،ئىنكاس يېزىپ،كاللا دېسە پاقالچەك دەپ.
كىم ئۇيغۇرلارغا«پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ؟» دەپتۇ؟ تېمىغا ئوبدان كارىمامسەن.بۇ يەردىكى گەپ «پۇل مۇھىممۇ بىلىممۇ ؟»
ئەمەس بەلكى «ئۇيغۇرلارغا پۇلدارلار مۇھىممۇ بىلىملىكلەرمۇ؟» ئۇيغۇرغا كايسى ئادەم مۇھىم دەۋاتىدۇ.


سىز ئالدى بىلەن ك نى ق غا ئۆزگەرتىپ سۆزلەشنى ئۈگۈنۈپ بۇلۇپ ئاندىن بىزگە ئاچچىقلاڭ ، كىچىكمەيسىز. ھەم بىزمۇ خاپا بولمايمىز. (كەچۈرۈڭ)

uyguhur 2010-10-19 11:52
مەن ئەمدى جىق گەپ قىلماي abdukorax-abdumidgetباشلىقنىڭ تىمامنى ئۇچۇرۋەتكەنلىكىدىن

ئاچچىقىم كەپ قالدى    

يەنە دىسەم -يەنەشۇ ئۇيغۇرلاغا بىلىم مۇھىم بىلىم .....................................بىلىم !!!!

باشلىق تىمامنى نىمە دەپ ئۇچۇردىڭىز ماڭا چۇشەنچە بىرىڭ بولمىسا تىما قىلىپ يۇللايمەن ؟

KawSarAy 2010-10-19 15:42
بۇرادەر~قارىغاندا سىز...ئۈچتە ياخشى ئوقوغۇچى ئوخشايسىز...بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ...سىزنىڭ ئىيتقانلىرىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىلا قايىل قىلىدىغاندۇ خالاس.لىكىن سىز نۇقتىنى قەتئى چۈشەنمەپسىز...يەنى سىزگە بىلىم بەرگەن ۋە سىزنى باي قىلغان ئاشۇ تۇنجى «كىتاب» نى سىزگە بىرسى بىكاغا بەرگەنمۇ؟؟؟ ھازىرنى ئىلىپ ئىيىتساق ~ جەمىيتىمىزدە نۇرغۇن بىلىملىك ۋە دانا كىشىلىرىمىز بار.لىكىن ئۇلار خىلى زامان بولۇپ قالدى~پەقەتلا راسىت سۆزلىمەيدۇ.نىمىشقا؟ ئۇلارنى يالغانچى قىلىپ قويغان نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ - جەمىيەت.!!!چۈنكى ئۇلار راسىت ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەي ياكى يازاي دىسە،سىياسەتكە تاقاشقان.ياكى بولمىسا بەزى بىر چوڭقۇر تەپەككۇرچى،يوق يەرلەردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان «ئۇيغۇر» تەرجىمانلىرىمىز ئۇلارنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرقىلىۋاتىدۇ.شۇڭا دەيمەن ~ھازىر ياخشىسى،گەپنى ئاز قىلىپ،پۇلنى جىق تىپىپ،بىر بىرىمىزنى يۆلەپ،ئىناق،ئىشەنچىلىك ۋە «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆيىدىغان» بولىشمىز كىرەك!!! دىمەك بىزگە ھازىرقى جەمىيەتتە پۇلدارلار مۇھىم...چۈنكى،قايسى بىرىمىز ئۇلۇغ ئالىم « مەھمۇد كاشغەرى»نىڭ يولىدا ياكى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»نىڭ دىگەنلىرىنى قىلىپ باقتۇق~شۇ قۇرۇق شۇئارلا توۋلاشنى بىلىمىز،قولىمىزدىن پوق كەلمەيدۇ.

KawSarAy 2010-10-19 15:57
تورداشلارغا يەنە بىر تەكلىپ~مۇنازىرە جەريانىدا سوغۇققان بولۇپ،بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلمايلى. قارىسام بەزىبىر ئەزالارنىڭ قان بىسىمى سەل ئۆرلەپ كىتىۋاتىدۇ...

dosyar 2010-10-19 16:00
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى KawSarAyدە2010-10-19 15:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 9-قەۋەت(dosyar) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
بۇرادەر~قارىغاندا سىز...ئۈچتە ياخشى ئوقوغۇچى ئوخشايسىز...بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ...سىزنىڭ ئىيتقانلىرىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىلا قايىل قىلىدىغاندۇ خالاس.لىكىن سىز نۇقتىنى قەتئى چۈشەنمەپسىز...يەنى سىزگە بىلىم بەرگەن ۋە سىزنى باي قىلغان ئاشۇ تۇنجى «كىتاب» نى سىزگە بىرسى بىكاغا بەرگەنمۇ؟؟؟ ھازىرنى ئىلىپ ئىيىتساق ~ جەمىيتىمىزدە نۇرغۇن بىلىملىك ۋە دانا كىشىلىرىمىز بار.لىكىن ئۇلار خىلى زامان بولۇپ قالدى~پەقەتلا راسىت سۆزلىمەيدۇ.نىمىشقا؟ ئۇلارنى يالغانچى قىلىپ قويغان نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ - جەمىيەت.!!!چۈنكى ئۇلار راسىت ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەي ياكى يازاي دىسە،سىياسەتكە تاقاشقان.ياكى بولمىسا بەزى بىر چوڭقۇر تەپەككۇرچى،يوق يەرلەردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان «ئۇيغۇر» تەرجىمانلىرىمىز ئۇلارنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرقىلىۋاتىدۇ.شۇڭا دەيمەن ~ھازىر ياخشىسى،گەپنى ئاز قىلىپ،پۇلنى جىق تىپىپ،بىر بىرىمىزنى يۆلەپ،ئىناق،ئىشەنچىلىك ۋە «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆيىدىغان» بولىشمىز كىرەك!!! دىمەك بىزگە ھازىرقى جەمىيەتتە پۇلدارلار مۇھىم...چۈنكى،قايسى بىرىمىز ئۇلۇغ ئالىم « مەھمۇد كاشغەرى»نىڭ يولىدا ياكى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»نىڭ دىگەنلىرىنى قىلىپ باقتۇق~شۇ قۇرۇق شۇئارلا توۋلاشنى بىلىمىز،قولىمىزدىن پوق كەلمەيدۇ.

يائاللاھ  قالتىس بەك ئەقىللىقكەن جۇمۇ سىز ؟ قانداق بىلۋالغانسىز مىنىڭ ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى ئىكەنلىكمىنى .
مەيلى ئەمىسە ، ئەمدى جىق گەپ قىلماي، سىياسەت مۇقەددەس ، سىياسەتكە بېقىپ جان باقمىسا بولماس. ئالتۇن تاۋاققا كۇنۇپ قالغانلار.
مەن ئۈچۈن بەرىبىر بىلىم مۇھىم، ئۇيغۇر ئۈچۈن بىلىملىكەر.(بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم نېمە دىسەڭلا مەيلى)

uyguhur 2010-10-19 16:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 30قەۋەتتىكى KawSarAyدە2010-10-19 15:57يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
تورداشلارغا يەنە بىر تەكلىپ~مۇنازىرە جەريانىدا سوغۇققان بولۇپ،بىر-بىرىمىزنىڭ زىتىغا تىگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلمايلى. قارىسام بەزىبىر ئەزالارنىڭ قان بىسىمى سەل ئۆرلەپ كىتىۋاتىدۇ...

مىنى دەۋاتامسىز ؟

ozyarim 2010-10-19 18:24
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-18 23:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


سىز ئۇيغۇر جەمىئىتىمىزگە قاراڭ ، بىز بايلىققا دەسسەپ تۇرۇپ يەنە قانچىلىك باي ياكى پۇلدار بۇلالىدىڭىز ، بىلىم بولمىغاچ يەنە شۇ يەنە شۇ ھالىمىز شۇ،  بىلىملىكلەر بار يەرلەرگە قاراپ بېقىڭ، ئۇلار پۇلنىڭ كويدا ئەمەس، دۇنيا مەسىلىىسى، مۇھىت مەسىلىسى، سىجىل تەرەققىيات، يەنە تېخى ئىقتىساد مەسىلىىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىملىكلەرنىڭ ئەڭ ئالى كۆڭۈل بۈلىدىغانلىرى، پۇل تېپىش مەسىلىسى دىگەن ھازىر ئادەتتكى مەسىلە،  سىز دە بىلىم يۇق ، شۇڭا سىز  پۇلۇم بولسا خالىسام پۇتۇمنى تۇتقىلى خالىسام خۇتۇن قىلىپ ئۈتىمەن دەپ ئۇيلايسىز.
ئۇيغۇرغا بىلىم كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇرۇم بىلىم ئارقىلىق ئالغا سلجىيدۇ، بىلىم ئارقىلىق ئۈزىنى تاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق ئىقتىساد يارتىدۇ، بىلىم ئارقىلىق ۋىجدان غۇرۇرىنى پاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق كىملىكىنى تاپىدۇ، بىلىم ئارقىلىق زاۋۇۇ كان كارخانلارنى ئۇيغۇرنىڭ قىلىپ چىقىدۇ. بىلىم ئارقلىق پۇل بايلىق تېپىىپ مىللەت ئۇچۇن ئىشقا سالالايدۇ.
بىلىمى يۇق پۇلىسى بالار:يۈرىكى يۇق ،ئۆپكىسى بارلا.


بايلىققا دەسسەپ تۇرۇش بىلەن پۇل تېپىشنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟
سىز دىگەن يەرلەرگە قاراپ باقتىم،قارىغاندا سىز ئوبدان قاراپ باقمىغان ئوخشايسىز..
ئۇلار دۇنيا مەسىلىىسى، مۇھىت مەسىلىسى، سىجىل تەرەققىيات، يەنە تېخى ئىقتىساد مەسىلىىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىملىكلەرنىڭ ئەڭ ئالى كۆڭۈل بۈلىدىغانلىرى دەپسىز..
شۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپسىز،قارىغاندا ئۇلار ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نانچىلاپ يەۋەتقان ئوخشىمامدۇ؟
يانچۇقتا پۇل يوق خىيال سۈرگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلار ئاۋال يانچۇقىنى توملاپ بولغان ئاندىن ئىككىلەمچى مەسىلىنى ئويلاۋاتىدۇ..
شۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە پۇل كەتمەمدۇ يا..
سىزدىن بىر سۇئال سوراي..
ئەقىل بىلەن بىلىم بىرگەپمۇ؟

بىلىمى يۇق پۇلىسى بالار:يۈرىكى يۇق ،ئۆپكىسى بارلا ................بۇگەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟
بىلىمى بولمىسا يۈرىكى يوق بولامدا؟
بىلىمى بارلار يۈرەكلىك ھالدا بىر ئىش قىلالايدۇ بىلىمى يوقلا  بىر ئىش قىلىشتىن قوقايدۇ دېمەكچىمۇ؟ ئۇنداق دېمىسىڭىزمۇ شۇنداق مەنا چىقىدىكەن..
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەيلى...
يازغانلىرىڭىزنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرىڭ...
بۇ بىرىنچى قېتىم گەپتە ئېزىشىڭىز ئەمەس..
دوستانە ئەسكەرتىۋاتىمەن..
بىرگەپنى دېيىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ قىلايلى...
گەپ ئېغىزدىكى ۋاقىتتا بىز باشقۇرىمىز ئەكسىچە ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندا بولسا بىزنى باشقۇرىدۇ..

dosyar 2010-10-19 19:02
رەھمەت بۇرادەر ئەسكەرتكىنىڭىزغا . مەن يەنە بىر قېتىم گەپتە ئازغۇم كىلىۋاتىدۇ.   بىر ئېغىز گەپ، مىنى قايىل قىلغۇدەك ئىسپات قېنى؟ ئىسپات بولمىسا مىنىڭ قارشىمدا بەرىبىر ئۇيغۇرغا بىلىم مۇھىم. تارىخىتىكى پۇلىسى بار بايلىرىمىز نېمە ئىش قىلالىدى. (ئۇ تاغدا مانچە قوي ، بۇ تاغدا مانچە پاتا ئادەم سېلىپ پۇل توپلاپ كەلدى، نېمە ئىش قىلالدى، قىلغانلىرى قانچىلىك ئىش قىلالدى ؟)بىلىمىسى بولغاندىكىن كېيىنكى بايلىرىمىز نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ.  بۇ ئاددى ئىسپات.

ozyarim 2010-10-19 19:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-19 19:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 33-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
رەھمەت بۇرادەر ئەسكەرتكىنىڭىزغا . مەن يەنە بىر قېتىم گەپتە ئازغۇم كىلىۋاتىدۇ.   بىر ئېغىز گەپ، مىنى قايىل قىلغۇدەك ئىسپات قېنى؟ ئىسپات بولمىسا مىنىڭ قارشىمدا بەرىبىر ئۇيغۇرغا بىلىم مۇھىم. تارىخىتىكى پۇلىسى بار بايلىرىمىز نېمە ئىش قىلالىدى. (ئۇ تاغدا مانچە قوي ، بۇ تاغدا مانچە پاتا ئادەم سېلىپ پۇل توپلاپ كەلدى، نېمە ئىش قىلالدى، قىلغانلىرى قانچىلىك ئىش قىلالدى ؟)بىلىمىسى بولغاندىكىن كېيىنكى بايلىرىمىز نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ.  بۇ ئاددى ئىسپات.


19-ئەسىردىكى چوڭ كارخانىچى مۇسا ھاجى،قازاقىستاندىكى دۇنياۋى ئۇيغۇر كارخانىچى ئەلىجان ئىبىرايىوف،كارخانچى دىلمۇرادىل،كارخانىچى رادىل ئابلا،جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇر كارخانىچى_ جيەن يىڭخەي ،ھۈسەيىنبەگ،ئەبراباي..


ھېچقانداق نەرسە پۇلغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن بولالمايدۇ. نامراتلىق بىر كىشىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى، ساغلاملىقى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ. مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان سىز پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتكە چىققان چېغىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى پۇلغا بولغان ھېسسىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.
مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە پۇل تېپىش ئانچە تەس ئەمەستەك بىلىنىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەسىلەن: قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ ئاز– تولا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاتا– ئانىسىنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ تاپقان پۇل ھېساباتتىن ئارتۇق پۇل بولغاچقا خەجلەپ كېتىلسىمۇ ئانچە ئىسراپچىلىق بىلىنىپ كېتىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى پۇل خىراجەت قىلىدىغان يېرى يوق. بىراق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىشىڭىز بىلەنلا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە ئارقا – ئارقىدىن دۇچ كېلىسىز، كىچىكلىكتە سەرەڭگە، گۈرۈچ، ماي ، تۇز دىن، چوڭلۇقتا ئۆي، ئائىلە، بالا، ماشىنا دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پۇلغا چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل ئىشلىتىمىز.
ھەقىقەتەنمۇ ئاقىللار ئېيىتقاندەك، پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ھەم ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس، بىراق پۇل بولمىسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. مانا بۇ پۇلنىڭ قىممىتى.

پۇل توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇيەردە؛http://www.uyghurstock.com/List.asp?ID=4865

ھۈسەيىنبەگ ( 1899~ 1934) ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919- يىلى كۈزدە « ھۆر سۆز » گېزىتىنى چىقارغان . « ئىلى سەنىمى » نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن .
1927- يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن « ھۈسەينىيە مەكتىپى ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتورا مەكتەپ ) نى سالدۇرغان ... بۇ مەرىپەتۋر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا

ئەبراباي ( 1860~ 1938)  
1930- يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى ، پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي « يوقسۇلارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى

بەزى ئۇچۇرلار مۇناسىەتلىك توربەتلەردىن كۆچۈرۈلدى..


دۇنيا تارىخىدىكى تەڭدىشى يوق باي-روكفىللىر

يۇھان روكفىللېر(John Davison Rockefeller)،ئامېرىكىلىق يەھۇدى ئەۋلادىدىن بولغان مونوپول كاپىتالىست. 1839-يىلى  نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان

   1853-يىلى كىلىۋلاند ئەتراپىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ بارغان. 12يېشىدا ئۆزى تۇتۇۋالغان ياۋا كۈركە توخۇلارنى سېتىپ 50دوللار پۇل يىغقان ۋە بۇ پۇلنى دېھقان خوشنىلىرىغا بېرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۈسۈم ئېلىپ سودا ھاياتىنى باشلىغان. 1855-يىلى 16 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانغا ئىككى ئاي قالغاندا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئايلىقى بەش دوللار مۇئاش ئالىدىغان ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. 1858-يىلى ئۆزى يىغقان 800دوللار ۋە ئاتىسىدىن ئۆسۈمگە ئالغان 1000دوللارنى قوشۇپ دوستى كىراك بىلەن بىرلىشىپ كىراك روكفېللىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتنى قۇرغان. جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپكە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىپ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىپ 1862-يىلىغا كەلگەندە بايلىقى 17مىڭ دوللارغا يەتكەن. 1863-يىلى ھەممە بايلىقىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ نېفىت سودىسىغا كىرىشىپ 1870-يىلى  موبىل نېفىت مونوپول شىركىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ 1910-يىلىغا كەلگەندە بىر مىليارد دوللارلىق مۈلكى بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر بولۇپ قالغان. ئامېرىكا فىدىراتسىيە سوتى روكفىللېرنىڭ بايلىقىنىڭ دۆلەت مالىيەسىدە ئىگەللىگەن سالمىقىدىن ئەنسىرەپ روكفىللېرنى شىركىتىنى پارچىلاسقا ۋە تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇغان. ئەمما نېفىت ۋە باشقا ساھەلەردە ئېھتىياج ئاشقانلىقتىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن روكفىللېرنىڭ بايلىقى يەنىمۇ ئېشىپ باشقا نۇرغۇن شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغان ۋە روكفىللېر جەمەتى ئىگىدارچىلىقىدىكى گۇرۇھلار ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مالىيە مونوپول گۇرۇھىغا ئايلانغان. روكفىللېر جەمەتى پۇل تاپقاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سىياسى تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئامېرىكىنى ئىقتىسادقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن  روكفىللېر گۇرۇھىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۈچ مۇئاۋىن پىرىزدېنت ۋە تۆت دۆلەت كاتىۋى چىققان.

         روكفىللېر دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە دۇنيا تارىخىدىكى بايلىقى ئەڭ تېز كۆپەيگەن، ھازىرغا قەدەر ھىچكىم يېتەلمىگەن پەللىگە چىققان، مۆجىزە خاراكتىرلىك  ئىقتىسادقا ئىگە بولغان باي. روكفىللېر ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى 10مىليارد ئۇنسىيە ئالتۇندىن ھالقىغان بولۇپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 7%نى ئىگەللەپ تارىختىن بۇيان ۋە ھازىرغا قەدەر ھىچكىم ئېرشىشىپ باقمىغان بايلىق ئىلاھىغا ئايلانغان. (شۇ چاغدا بىر ئامېرىكا دوللىرى بىر گىرام ئالتۇن بىلەن باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان خەلقارا پۇل بىرلىكى بولغاچقا، روكفىللېرنىڭ مال-مۈلكى بىر گىرام ئالتۇن بىر دوللارغا سۇندۇرۇلۇپ 305مىليارد دوللار ھىساپلانغان) ، بۇ شۇ چاغدىكى پۈتۈن جۇڭگۇنىڭ بىىر يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلەتتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 2008-يىلى 1-ئايدىكى بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 900دوللارلىق باھاسى بىلەن ھىساپلىغاندا روكفىللېر مالىيە گۇرۇھىنىڭ شۇ چاغدىكى بايلىقى ھازىرقى 9تىرلىيۇن دوللارغا تەڭ كېلىدۇ.  
  
          روك فېللىر دۇنياغا داڭلىق ئالابايراق بانكىسى، مانخاتتان بانكىسى، ئامېرىكا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئېكسون موبىل نېفىت شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بانكا، ئىستراخۋانىيە ، تۆمۈر يول، كان، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى،ياساش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن شىركەتلەرنى قۇرغان ۋە گۈللەندۈرگەن. بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەينىكى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پايچېكى بازىرى ھىساپلانغان نىيۇيورك پايچېكى بازىرى(ھازىرقى ناسداكنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى NASDAQ)مۇ روكفىللېرنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت – مائارىپ ۋە پەن - تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ، ئىنتايىن سىخيلىق بىلەن بايلىقىنىڭ 90%تىدىن ئارتۇقىنى ئىئانە قىلىپ، «روكفېللېر فوندى» ۋە روكفىللېر ئۇنىۋېرستىنى تەسىس قىلغان.  ئۇنىڭ جەمەتى ھېلىھەم ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي ۋە تەسىر كۈچى زور جەمەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. روكفىللېرنىڭ ئاتىسى يەھۇدى بولسىمۇ ئاپىسى ئىخلاسمەن خىرىستان مۇرتى ئىدى، گەرچە روك فىللېرنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ناچار بولغان، ئاتىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن بەش بالىنى ئاساسەن دىگۈدەك ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ روكفىللېر يەنىلا يەھۇدى مالىيە گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىنىشىگە  تۆھپە قوشقان ۋە ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ئامېرىكىدىكى ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان يەھۇدى دىپلوماتىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان
مەنبە؛http://www.uyghurstock.com/List.asp?ID=4679
يەھۇدىلارنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىغا كىرىشىنى ئىقتىساد ئىگىلرىنىڭ تۆھپىسى دىيىشكە بولۇدۇ ...
يەنە تەھرىرلىنىدۇ....


مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان دىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز مانا بۇيەرگە كىرىڭ..
http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=3926

ozyarim 2010-10-19 20:19
يۇقۇردىكى قۇرلارنى ئوقۇپ يەنە ئىسپات تەلەپ قىلسىڭىز ئەمدى ماڭىمۇ ئامال يۇق...
ئۇچاغدا سىز(قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا) بولىسىز...

مەن ئۇلىنىش قىپ قويغانلارغىمۇ كىرىپ ئوقۇڭ..
چوقۇم قايىل بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشىسىز..

ozyarim 2010-10-19 20:54
قېنى يەنە بىلىم مۇھىم دەيدىغانلار  بارمۇ؟

uyguhur 2010-10-19 21:04
با.................با..........يەنىلا بىلىم مۇھىم مەڭگۇ بىلىم مۇھىم !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1

tpa 2010-10-19 21:09
ھۇسەيىنبەگ مەكتەپ قۇرۇپ نىمە قىلماقچى؟پۇل تاپماقچىمۇ؟ئەبراباي دارىلئىتام قۇرۇپ نىمە قىلماقچى؟يەنىلا خەلقىمىزگە بىلىم ئۈگەتمەكچىدۇ؟  مىنىڭ قارىشىم يەنىلا بىلىم مۇھىم.

ozyarim 2010-10-19 21:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى uyguhurدە2010-10-19 21:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
با.................با..........يەنىلا بىلىم مۇھىم مەڭگۇ بىلىم مۇھىم !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1


بىلىم مۇھىم دەيدىغانغا  قېنى ئىسپات ؟

dosyar 2010-10-19 21:14
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى ozyarimدە2010-10-19 20:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
قېنى يەنە بىلىم مۇھىم دەيدىغانلار  بارمۇ؟


مەن سىزچە بولغاندا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا بۇلۇشقا رازى. ئۇلاردا بىلىم بولمىسا بىرە ئشنى بىرە يەرگە سۆرەپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ozyarim 2010-10-19 21:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى tpaدە2010-10-19 21:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 35-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
ھۇسەيىنبەگ مەكتەپ قۇرۇپ نىمە قىلماقچى؟پۇل تاپماقچىمۇ؟ئەبراباي دارىلئىتام قۇرۇپ نىمە قىلماقچى؟يەنىلا خەلقىمىزگە بىلىم ئۈگەتمەكچىدۇ؟  مىنىڭ قارىشىم يەنىلا بىلىم مۇھىم.

بوينىڭلارنىڭ ئۈستىدىكى قۇرۇق قاپاق ئەمەستۇ..
ئۇنداق قىلماي تەپەككۈر قىلىڭلا، كاللىنى ئىشلەتمەي بەك داتلىشىپ كېتىپتۇ..
پۇل تېپىپ شۇنداق بىلىم بېرىدىغان ئورۇن،دارىلتام سېلىڭلا دېمەكچى..
دۇنيادىكى قۇدرەتلىك مىللەتلار قاتارىغا كىرىڭلا دىمەكچى..
يېتەرلىكمۇ؟

ozyarim 2010-10-19 21:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-19 21:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


مەن سىزچە بولغاندا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا بۇلۇشقا رازى. ئۇلاردا بىلىم بولمىسا بىرە ئشنى بىرە يەرگە سۆرەپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئىسپات تەلەپ قىپ تىكەنسىز..
قېنى مەن يوللىغانلارنى ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى بىر قاراپ قويۇپلا ئىنكاس قايتۇردىڭىزمۇ؟
ياكى ئوقۇشقا ئەرزىمەمدىكەن؟

tpa 2010-10-19 21:31
سىزنىڭ: ‹‹پۇل تېپىپ شۇنداق بىلىم بېرىدىغان ئورۇن، دارىلتىئام سېلىڭلا دىمەكچى..›› دېگەن گىپىڭىزلا تېگىدىن بىلىمنڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟...

ozyarim 2010-10-19 21:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 44قەۋەتتىكى tpaدە2010-10-19 21:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 42-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
سىزنىڭ: ‹‹پۇل تېپىپ شۇنداق بىلىم بېرىدىغان ئورۇن، دارىلتىئام سېلىڭلا دىمەكچى..›› دېگەن گىپىڭىزلا تېگىدىن بىلىمنڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟...


سىز شۇ گەپتىن ئاۋال نېمىنى بايقىدىڭىز؟
كېيىن نېمىنى بايقىدىڭىز؟

dosyar 2010-10-19 21:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 43قەۋەتتىكى ozyarimدە2010-10-19 21:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ئىسپات تەلەپ قىپ تىكەنسىز..
قېنى مەن يوللىغانلارنى ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى بىر قاراپ قويۇپلا ئىنكاس قايتۇردىڭىزمۇ؟
ياكى ئوقۇشقا ئەرزىمەمدىكەن؟


ئۇقۇدۇم بۇرادەر، بىر سومنى ئىككى ئىككى سومنى تۆتكە ئايلاندۇرۇشقا يەنە شۇ بىلىم كىتىدۇ بۇرادەر،
بۈگۈنكى كۈندە سىز پۇل تېپىپ بىلىم ئالمىسا بولمايدۇ دىگەن قالپاقنى قويماڭ بۇرادەر، بۈگۈنكى كۈندە كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ئۇبدان ئۇقۇسىڭىز، سىزنىڭ ئۇقۇش يۈلىڭىز ئۇچۇق. بۈگۈنكى كۈندە بىر يەرلەرگىچە كىتاپ ھەقسىز، تېخى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغانلارنىڭمۇ ئۇقۇش پۇلىسىنى ياندۇرۇپ بەرگىلى تۇردى.

tpa 2010-10-19 21:51
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز:‹‹ مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ.››مۇ؟ مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇ مەكتەپنى قۇرۇش بىلىم ئۈچۈن.شۇڭا مىنىڭ قارىشىم بىلىم مۇھىم.....................................

ozyarim 2010-10-19 21:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى dosyarدە2010-10-19 21:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


ئۇقۇدۇم بۇرادەر، بىر سومنى ئىككى ئىككى سومنى تۆتكە ئايلاندۇرۇشقا يەنە شۇ بىلىم كىتىدۇ بۇرادەر،
بۈگۈنكى كۈندە سىز پۇل تېپىپ بىلىم ئالمىسا بولمايدۇ دىگەن قالپاقنى قويماڭ بۇرادەر، بۈگۈنكى كۈندە كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ئۇبدان ئۇقۇسىڭىز، سىزنىڭ ئۇقۇش يۈلىڭىز ئۇچۇق. بۈگۈنكى كۈندە بىر يەرلەرگىچە كىتاپ ھەقسىز، تېخى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغانلارنىڭمۇ ئۇقۇش پۇلىسىنى ياندۇرۇپ بەرگىلى تۇردى.

شۇنداق ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىلىملا كۇپايا قىلامدۇ؟
تەپسىلىي چۈشىنىپ ئوقۇغان بولسىڭىز ئۇلار شۇنداق ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىلىم ئىشلىتىپتىمۇ ياكى باشقا نەرسە ئىشلىتىپتىمۇ بىلگەن بولاتتىڭىز..
دېمەك سىز تەپەككۈر قىلمىدىڭىز ..
ئوقۇش پۇلىنى نېمىشقا ياندۇرۇپ بەردى؟
ياندۇرۇپ بەرگەنلىرىنىڭ بەرمىگەنلىرىگە قارىغاندا قەنچىلىك نىسبەتتە؟
كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ پۇل تاپقىلى بولسا مەكتەپتە ئوقۇپ نېمىش قىلىسىز؟
پۇل تېپىش ئۈچۈن چوقۇم بىلىم كېتەمدۇ؟
دەيدىسەم بەك ئۇزۇراپ كەتكۈدەك مۇشۇلارغا بىر جاۋاب بېرىپ بېقىڭ..

ozyarim 2010-10-19 21:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 47قەۋەتتىكى tpaدە2010-10-19 21:51يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 45-قەۋەت(ozyarim) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش :
سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز:‹‹ مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ.››مۇ؟ مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇ مەكتەپنى قۇرۇش بىلىم ئۈچۈن.شۇڭا مىنىڭ قارىشىم بىلىم مۇھىم.....................................


گەپ چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە ئۆزەمنى ئۇفراتمەيمەن..
ئىنكاسىڭىزنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئاندىن ئويلىنىپ كۆرىڭ...


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئۇيغۇرلارغا پۇلدار زۆرۈرمۇ ياكى بىلىملىكلەرمۇ ؟(مۇنازىرە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us