تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئويلىنىشىم ۋە تەكلىپلىرىم --]

ئىز كۇلۇبى -> ئىز تورىغا تەكلىپ -> ئويلىنىشىم ۋە تەكلىپلىرىم [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

abdukorax 2010-10-02 21:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىنىڭ مۇنبەرلەرگە تەكلىپ بەرگۈدەك بىلىمىم ھەم ئۇنچىلىك ساپا مەندە يوق،ھەم مىنىڭ بۇنداق مەجبۇرىيتىممۇ يوق،بۇ مۇنبەرلەرنى قۇرغۇچىلارنىمۇ بىرەرسى مۇنبەر قۇرمىساڭ بولمايدۇ دەپ مەجبۇرلىغانمۇ ئەمەستۇ بەلكىم.بۇلار پەقەت ئۆزىدە ۋىجدانى مەسئۇلىيەتنى ھازىرلىغانلارنىڭ بىر تاللاش يولىدۇر.شۇڭلاشقا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتورىغا قويوپ باقماقچىمەن. 1- بىز مۇنبەرگە كىرىپ نىمىلەرگە ئىرىشەلەيمىز ؟مۇنبەرلەر بىزلەرگە نىمىلەرنى بىرىدۇ ھەم بىرەلەيدۇ ؟ مۇنبەردە 1000 ئادەم بار دىيىلسە ئۇلارنىڭ  بىر مىنىوت ۋاقىتت قانچە سائات بولار ؟ مۇنبەرلەر شۇ تورداشلانىڭ ئىقتىسادى ھەم قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ مۇنبەرلەرگە كىرگىنىگە چۇشلۇق نىمىلەرنى بىرىۋاتىدۇ؟ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ ئۇلارغا نەپ بىرىۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ۋاختىغا،ئىقتىسادىغا خيانەت قىلىۋاتامدۇ؟ سەرخىل تىمىلار بىلەن كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسى،ساپاسىنى ئۆستۈرۈش،ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەن ئىجابىي رولىنى ئۆتەپ مىڭىۋاتامدۇ ياكى مەخسەتسىز،نىشانسىز،پىلانسىز ھالدا كۆپچىلىكنى نادىر ،سەرخل ئەسەرلەر بىلەن ئالدىغا ماڭدۇرسا،يەنە بەزى سەلبىي ،ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئەسەرلىرى بىلەن كەينىگە دەسسىتىپ تورداشلانى بىر ئىزىغا دەسسىتىۋاتامدۇ؟ مۇنبەرگە يوللانغا ھەر بىر تىمىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخسەت نىشانى،ئىددىۋى قىممىتى بولىدۇ،ئۇنداق بولمىسا ئۇ تەستىقلانمىغان بولاتتى.ئەمما ھەر بىر مۇنبەر تىمىسىدىن باشقا،بىر پۈتۈن مۇنبەرنىڭمۇ مەخسەت نىشانى،پىلانى بولىشى كىرەك.ئەمەلىيەتتە بۇ بار.مۇنبەرلەرنىڭ مەخسەتسىز،پىلانسىز بولىشىغا ھىچ قايسىمىز ئىشەنمەيمىز،ئەمما مۇنبەرلەر بىز كۆپچىلىكنىڭ مۇنبەرگە ئىقتىسادىنى، قىممەتلىك ۋاختىنى،زىھنىنى سەرپ قىلغانغا چۇشلۇق بىز ئۇلارغا نىمە بىرەلەيمىز؟ دىگەندەك مەسىللەر ئۈستىدىمۇ ئويلىشىپ كۆرىشى، ئىزدىنىشى زۆرۈردۇر. 2- مۇنبەرلەرگە يوللانغان تىمىلارنىڭ يۆلىنىشىگە،ئۇنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش.توغرا مۇنبەردە ھەر خىل ئەسەرلەر مەۋجۇت ھەم چوقوم شۇنداق بولىشى كىرەك،ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئىڭىدا بۇزغۇنچىلىق،زىيانلىق ئۇرۇقىنى تىرىماسلىغى لازىمدۇر.ئەھمىيەتسىز،قىممەتسىز تىمىلار بىلەن كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاختىغا خيانەت قىلماسلىقى لازىمدۇر.مەسىلەن ئۆتكەن ئايدا يوللانغان شوپاڭ ئاچقان شوجاڭ نامىلىق ۋە شۇ خىلدىكى تىمىلار،مىللەتتىن قاقشايدىغان،ئۆزىمىزنى خام سۇندۇرىدىغان،بىزنى چۈشكۈلەشتۈرىدىغان تىمىلار دەل شۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتىنى ئالغان زىيانلىق تىمىلاردۇر،بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر ھىلى ھەممۇ مۇنبەرلەردە كۆرىلىۋاتىدۇ.نەچچە سائاتلەپ قممەتلىك تىمىلارنى ئوقوپ بولغاندىن كىيىن شۇنداق تىمىلاردىن پەقەت بىرىنىلا ئوقوپ قالسىڭىز قانداق بولىدىغىنى ئويلاپ كۆرۈڭ،بۇ تىپىتىكى تىمىلار سىزنىڭ نەچچە سائەتلەپ مىڭ جاپادا ئىگە بولغان ئىلھاملىرىڭىزنى يوققا چىقىرىپ،سىزنى ئالدىغا ماڭدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەنە كەينىڭىزگە ياندۇرۇپ سىزنى بىر ئورونغا دەسسىتىپ قىممەتلىك ۋاختىڭىز،ئىقتىسادىڭىزغا خيانەت قىلىدۇ.ئەھمىيەتسىز،قىممەتسىز تىمىلارمۇ كۆپچىلىكنىڭ ۋاختىنى ئىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئەمما ئەزا سانىنىلا قوغلىشىۋاتقان بەزى مۇنبەرلەر بۇ تەرەپلەرگە سەل قاراۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ۋاختىغا ،زىھنىگە ،ئىقتىسادىغا زىيان سىلىپ خيانەت قىلىۋاتىدۇ. 3- مومكىن بولسا ئەسەرلەر ماسلىشىپ،باغلىشىپ كەلسە.مەسىلەن http://bbs.sirlik.com/read.php?tid=3449
http://bbs.sirlik.com/read.php?tid=3283 مانا بۇ ئىككى ئەسەر بىر بىرى بىلەن ماسلىشىپ ئەسەرنىڭ ئەھمىيتى ھەم قىممىتى نەچچە ھەسسە ئاشۇرغاندىن باشقا ئەسەرنى تىخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.مىنىڭ نوقول مۇشۇنداق بولىشى كىرەك دىگىنىم يوق،ھەم بۇنداق بولىشىمۇ ناتايىن ئەمما بۇ چوقوم ئويلىشىپ كۆرۈشكە،ئىزدىنىشكە تىگىشلىك.
تىمىلارغا يازغان ئىنكاسلاردىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوي پىكىرىنى ئوتتورغا قويوپلا بولدى قىلماستىن ،مومكىن بولسا شۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھىمىيەتلىك،قىممەتلىك تىمىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇش.بۇنداق بولغاندا بەزى قىممەتلىك ئەسەرلەر ئىككى تۆت تال ئىنكاس بىلەن،تىما ئىگىسىنىڭ قولى بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئۇ تىخىمۇ قىممەتلىك تىمىغا ئايلىنالايدۇ،مۇنبەرلەردىكى تىمىلارنى تىما ئىگىسىدىن باشقا كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشىپ تىما مەزمۇنىنى تولوقلاش،بىيىتىش ،تىمىنى تىخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش لازىم.مەسىلەن : مو قۇرۇقلىقىغا ئايىت تىما يوللانغاندىن كىيىن،ھازىر پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سىلىۋاتقان 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگە ئايىت،مايا مەدەنىيتىگە ئايىت تىما ۋە ئىنكاسلار يىزىلىشى ياكى شۇ تىمىغا ئىنكاس بولوپ چۈشىسە بۇنىڭ رولى يەنە باشقىچە بولىدۇ،مانا بۇ تىما ئىنكاسلارنىڭ ماسلىشىپ،ئۆز ئارا باغلىنىپ، بىر بىرىنى تىرەپ ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيتىنىڭ ھەسسىلەپ ئىشىشىدۇر. 4-تىمىنى تەپسىلى تولوق ئوقوپ،تىما مەزمۇنىنى ئىنىق چۈشىنىپ بولغاندىن كىيىن ئىنكاس يىزىلسا.تىما مەزمۇنىدىن چەتنىگەن،تۇترۇقسىز، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار ئامال بار يىزىلمىسا،بىر ياخشى ئىنكاس تىمىنىڭ قىممىتىگە،ئاپتۇرغا قىلىنغان ھۆرمەت بولسا، تىما مەزمۇنىدىن چەتنىگەن،بىھۇدە ئىنكاسلار تىمىغا ۋە ئاپتۇرغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. 5-مۇنازىرە ئىلمىي بولسا.ئىنكاس يازغۇچىلار باشقىلارغا دارتىمىلاپ،شەخىسكە ھۇجۇم خاراكتىرىنى ئالغان ئىنكاسلاردىن ئامال بار ساقلانسا.مۇنبەرلىرىمىزدە بىزنىڭ دوكتۇرلىرىمىز،يازغۇچىلىرىمىز،سەر خىل كىشىلىرىمىز،ھەر خىل سەۋىيەدىكى ھەر خىل كىشىلىرىمىز چوقوم بولىشى كىرەك ،ھەم ھەممەيلەن شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،ئەمما بىز ئۇلارنى ئارىمىزغا سىغدۇرالامدۇق؟ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى،ھۆرمىتىنى قىلالامدۇق؟ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى قوغدىيالامدۇق ؟ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر شۇ شەخىسكە قارشى قوپوشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىلمىي ئوتتورغا قويسا بۇمۇ بىر ئاقىل تاللاش يولى ئەمەسمۇ.6-بىرلىشىۋىلىپ ئىنكاس يىزىش،ئىنكاسقا ئەگىشىپ ئىنكاس يىزىش قىلمىشلىرى كۆرۈلمىسە.ھەر بىر شەخىس شۇ تىمىغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتورغا قويسا.قولىدىن كىلىشچە تىمىغا ھۆسۈن قوشسا.
يىزىلغان تىما ۋە ئىنكاس شۇ شەخسنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى ۋە ساپاسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان تەسۋىرى ئەينەك بولوپ دانا ،ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى تىمىغا باشقىچە ھۆسىن قوشىدىكەن.ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆزى ئادەمگە ئالەمچە زوق بىرىدىكەن. مۇنبەرلىرىمىزنىڭ تىخمۇ جاللىنىشىنى،گۈللىنىشىنى،ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەن بىر كىشىلك ئجابىي رولىنى ھەم مەسئۇلىيتىنى ئۈسىتىگە ئالالىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

nurul 2010-10-02 23:36
توغرا سۆزلىگۈچىلەر بەزىدە  يالغۇز قالىدۇ

shahrukh 2010-10-03 10:03
ھەممىمىزنىڭ غىمىمىزنى يىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

salkin11 2010-10-03 14:43
ناھايىتى ياخشى ئوي بوپتۇ قېرىندىشىم ... مەن قۇۋۋەتلەيمەن ...

AHSABURKUT 2010-10-05 11:51
ناھايىتى ياخشى ئوي بوپتۇ قېرىندىشىم ... مەن قۇۋۋەتلەيمەن ...


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئويلىنىشىم ۋە تەكلىپلىرىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us