تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى --]

ئىز كۇلۇبى -> كۆڭلۈمدىكى سۆز -> چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

yavrupa 2010-09-27 17:16
     ;HO=  
)jP 1or  
|@d\S[~^G  
*z8\Lnv~k  
eeB{c.#  
cVF "!.  
3a'<*v 
wnC81$1l~  
$>LQ6|XRu  
&tj!*k'  
بىر ھەپتىلىك دەم  ئىلىش كۇنۇمنى  گىرمانىيەدە  ئۆتكۇزمەكچى  بولۇپ،  گىرمانىيەنىڭ بېرلىن  دىگەن شەھرىدە  ئوقۇۋاتقان دىلمرات  ،تاھىر ئىسملىك ئىككى ئوقۇغۇچى بار يەرگە  قاراپ  ئۇچتۇم. /%^#8<=|U  
    گىرمانىيىدىكى بىر ھەپتىلىك  قىسقىغىنە دەم ئېلىشىم باشلاندى.22-فېۋرال سەھەر مەن ئۇلارنىڭ  ھەمرالىقىدا بېرلىندىكى كۆرۈشكە تىگىشلىك مۇھىم جايلارنى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن سەھەردە ئۆيدىن چىقتۇق ;:NJCuG  
   ئۇلار مىنى ئالدى بىلەن پادىشاھ ئوردىسىغا باشلاپ باردى .بىز  پادىشاھ   ئوردىسنى كۆرۈپ  بولۇپ،ئۇ يەردىن بېرلىن مەركىزدىكى كۆيۈك چىركاۋ بار يەرگە  باردۇق .بۇ چېركاۋ  ئەسلى بېرلىندىكى  ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردىن بولۇپ ،ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ،بومباردىمانچى ئايروپىلانلار تاشلىغان بومبىدا ۋەيران بولۇپ كۆيۈپ كەتكەنىكەن. ujpJ@OWj  
بىز  نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ ھاردۇق بولغاي ،بىر ئورۇندۇققا  كىلىپ  ئولتۇردۇق .مەن قېشىمدىكى ئوقۇغۇچى بالىلاردىن ،ئۆز ئەھۋاللىرىنى ماڭا سۆزلەپ بېرشنى سورىدۇم. دىلمىرات ئوتتۇرا بوي، سۆزمەن بالا ئىدى.ئۇ قولدىكى كولادىن بىر يۈتۈم ئوتلاپ بولوپ سۆزىنى باشلىدى . xJ.M;SF4  
-ئەسەت ئاكا،يۇرتىمىزدىن كەلگەن بىرەرى بىلەن ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئۆز تىلمىزدا پاراڭشمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپتىكەن،بۈگۈن مەن ناھايتى خۇشال!_دېدى ئۇ يىراقلارغا نەزەر سىلىپ_مانا مەن ۋەتەندىن ئوقۇش ئارزۇسىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ گېرمانىيىگە كەلگىلى ئۈچ يىل بولدى .بۇ جەرياندا ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى كۆردۈم،دۇنيانىڭ چوڭلىقىنى ھىس قىلدىم .جاپانىمۇ يەتكىچە تارتتىم.ھازىر ھەر قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئۆز كۈچۈم بىلەن ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالايدىغان ھالەتكە،يات ئەلنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشالايدىغان ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم،قىسقىسى ،پىشىلدىم،تاۋلاندىم،مەن مەن شۇنىڭدىن خۇشال.ۋەتەندىكى چاغدا مەنمۇ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا، ئاتا -ئانام ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا، تاينىپ ئالى مەكتەپنى خاتىرجەم پۈتتۈرگەن غەمسىز باللاردىن ئىدىم.پۇلنىڭ قانداق جاپادا تىپىلدىغانلىقى،ئاتا -ئانىمىزنىڭ تۇرمۇش بىسىملىرىنى قانداق كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئانچە ئويلاپ كەتمەيتىم.بىر چاغلاردا چوڭلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى <ياغنىڭ ئىچىدىكى مايدەك چوڭ بولغان باللام>دىگەن گەپلىرنىڭ تىگىگە ئەمدى يىتىۋاتىمەن. ئىچىكىردىكى بىر ئۇنۋىرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن تەلىيىم ئوڭدىن كىلىپ گېرمانيىگە بېرپ ئوقۇيدىغان پۇرسەتكە ئېرشتىم.ئاتا-ئانام ئۆزلىرىنىڭ يىققان پۇللىرى ھەمدە ئۇرۇق -تۇققانلاردىن يىغىش قىلغان ئىقتىسات بىلەن مىنى يولغا سىلىپ قويدى .ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋىتىپ،بىر جۈپ جاپاكەش ئاتا-ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆز ئوغلىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ زور نەتىجىلەر قازىشىنىن ئۈمىد كۈتىۋاتقان ئىلتىجالىرىنى ،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆرۈپ يەتتىم. Y.p;1"  
  بېرلىنغا يېتىپ كىلىپ ،گېرمانىيىدىكى مۇستەقىل ھاياتىمنى باشلىغان ئاشۇ كۇندىن ئېتبارەن پۈتۈنلەي ئۆزۈمگە تايىنىدىغانلىقىمنى،ئۆز ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلدىغانكىقىمنى چوڭقۇر چۇشۇنۇپ يەتتىم.ئاتا -ئانامنىڭ مىڭ تەستە يىغىپ بەرگن پۇللىرى ياۋرۇپادىكى يۈقرى ئىستىمال ۋەقىممەتچىلىك شارائىتىدا ،شۇنچە تىجىسەممۇ بىر قانچە ئايغا دال بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگەيېڭى بارغان چاغدىكى ماسلىشالماسلىق،تىل بىلمەسلىك ، يۇرتنى سىغىنىش  تۇيغۇلىرى قوشۇلۇپ مېنى خېلىلا ھالسىراتتى.ئۇنۋېرىسىتېتتىكى ئوقۇش ھەقسىز بولسىمۇ ،لىكىن ئۆي ئىجارسىنىڭ قىممەتچىلىكى،تۇرمۇش كەچۇرۈشنىڭ قىيىنلىقى، مىنڭ بىسىمىمىنى كۇندىن -كۇنگە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.مىنڭ ئالدىغان ئوقۇش مۇكاپاتىم بولمىغاچقا ئىىش تىپىپ ئىشلىشىمگە توغرا كەلدى .ئۆزۈڭىز كۆرۋاتسىز ،بېرلىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كىلىپ ياشاۋاتقان بىر نەچچە يۈزمىڭ كۆچمەن ئىش پۇرسىتىگەمۇھتاج.شۇنداق بولغاچقا ،مىنىڭدەك بۇ يەرنىڭ ئەلمى -تەلمىنى تازا بىلىپ كېتەلمىگەن بىر ئوقۇغۇچىىغا نىسبەتەن ئىش تىپشنىڭ ئۆزى ئۇنداق ئاسان ئەمەس.بىر كۇنلەرگە كىلىپ ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىيەمەي قالدىم.ئامالسىز تۈرۈكلەر توپلاشقان رايوندىكى ،تۈرۈك مەسچىتىدە يىتىپ قوپۇشقا مەجبۇر بولدۇم.مەسچىتنىڭ ئىمامى ئاق كۆڭۈل بىر تۈرۈك ئىكەن،مىنڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كىيىن ،ماڭا تەسەللى بىرىپ ؛<ھېچقىسى يوق، يىگىت ،ئوغۇل بالنىڭ بىشىغا كەلمەيدىغان كۇن يوق .بۇ سەن ئۈچۈن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق .ئاللا ئۆز بەندىللىرگە ئاشۇنداق قېيىنچىلىقلارنى سىلىپ سىنايدۇ،روھىڭنى تاۋلايدۇ.مەنمە ياش ۋاقىمدا گېرمانىيىگە كىلىپ سىنىڭدىن ئېغىر كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرگەنمەن.شۇڭلاشقا سەن ئۆزۇڭگە ئىشەن .سەندىن بۇرۇنمۇ بۇ يەدە ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇساپىرلار تۇرغان .شۇڭا سەن خاتىرجەم بولۇپ يىتىپ قوپساڭ بولىدۇ .مەسچىتتە تۇرساڭ قەلبىڭ خۇداغا تىخىمۇ يىقىن تۇرىدۇ..........>دېدى.شۇ گەپلەردىن كىيىن كۆڭلۈم خىلى ئارام تىپىپ ،مەسچىتتە يىتىپ قوپۇشقا باشلىدىم.تاڭ سەھەردە ئەتىراپتىكى تۈرك مۇسۇلمانلار نامازغا كەلگىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھويلىلارنى تازلايمەن ،ئەتىگەنلىك ناشتامنى قىلىپ چىقىپ كىتىمەن. SE*g;Cvg1  
   شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن بىر ئىش تاپتىم ،قانداق ئىش دېمەمسىز ؟كۇندە ئەتىگەن ماشىنغا ئولتۇرۇپ، پولشا چىگىرسى قىشىدىكى چېقىلىدىغان قۇرۇلۇشلار رايونىغا بارىمەن- دە يوغان بازغانلار بىلەن سېمونت ئىچىگە ئىلىنغان پولات سىملارنى ئاجىرتىمىز. كۈچۈم بار،سالامەتلىكىم ياخشى ،شۇنداق بولغاچقا كۈچۈمنى سىتپ ،ئۆزۈمگە تاينىپ ياشىسام ياخشى ئەمەسمۇ؟  كۈندە قاق سەھەردىن چۈشكىچە قاتتىق ئىشلەيمەن ،چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇدۇم.شۇنداق قىلىپ ئالتە ئاي ئىچىدە زور نەتىجىدە تاۋلاندىم.پۇلمۇ تاپتىم،ئەھۋالىمدا ئۆزگىرش بولدى. Xsa].  
   دىلمۇرات مۇشۇ ئىشلارنى سۆزلەۋىتىپ كۈلۈپ قويدى .ئۇنىڭ بۇ يەردىكى كەچۇرمۇشلىرى ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايتتى. CU!Dhm/U  
    -قىنى ئۇكام سۆزۇڭنى داۋاملاشتۇر،مەن بىر تەسىرلىك ھىكايە ئاڭلايدىغان بولدۇم!_دىدىم  ئۇنۇڭغا قاراپ. } 0y"F  
   -سىزنىڭ كىتابلىرڭىزنى ۋەتەندىكى چىغىمدا ئوقۇغانمەن ،ئەمدى قايتىپ بېرپ مىنڭ ھېكايلىرىمدىن بىر كىتاب يىزىپ  مىنڭ سىرلىرىمنى ئاشكارلىۋەتمەڭ -يەنە؟ ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇققان ،دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى <جەننەت >تە ياشاۋاتىدۇ  دەپ ئويلايدۇ،تېخى نۇرغۇن قىزلار ماڭا ھەۋەس قىلشىپمۇ يۈرىدۇ_دېدى ئۇ كۇلۇپ_چاقچاق قىلدىم ،ئەسەت ئاكا ،ئەگەر مەن توغرۇلۇق يازىمەن دېسىڭىز بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن.مەن ۋەتەندىكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ياشلارنى مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىنى بىلسىكەن ،ۋاقتىنى،ياشلىقىنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتمىسكەن،بالدۇراق ئۆزىنى تېپىۋالسىكەن دەپ ئويلايمەن.

520Studios 2010-09-27 17:48
ھەقىقەتەن ئىسىل يازما ئىكەن! k+*u/neh  
دىمىسىمۇ باشقا يۇرتتا ئوقىغان كىشىلەرنى، ئۆز يۇرتىدىكى كىشىلەر ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ! 6_B]MN!(  
بىراق ئۇلارچۇ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. 5[0?g@aO  
جەمىيئەتنىڭ ئۆزى ھەقىقى ئالى مەكتەپ! /PKNLK  
سىز بۇ ئالى مەكتەپتە ياكى شاللىنىسىز ياكى تالىنىسىز! (/$^uWj  
بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق!

yikimat 2010-09-27 17:52
ناھايىتى  تەسىرلىككەن مېنىڭمۇ باكراۋۇرلۇقنى ئامرىكىدا ئوقۇغۇم بار ئىدى مەن تېخى ئۇ يەردە ياخشى ئوقۇساملا بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن بىراق خاتالىشىپتىمەن رەخمەت سىزگە سىز بۇ پارچىنى يېزىش ئارقىلىق مىنى ئويغاتتىڭىز رەخمەت سىزگە بۇ پارچە بەك تەسىرلىككەن

abdukorax 2010-09-27 18:21
كەينى تەرەپلىرىنى يوللىغان بولىشىڭىز مومكىن، لىكىن يوللاش خاتالىقى تۈپەيلىدىنمۇ بىلمدىم ،مۇشۇ قىسمىلا چىقتى،بىر قاتار تەھرىرلەپ قويدۇم،مومكىن بولسا ئاخرىنىمۇ تىزراق يوللىسىڭىز،داۋامىنى تىزراق ئوقوشقا تەشنامەن.

salkin11 2010-09-27 19:52
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان يازما ئىكەن ...

KAMIRANJAN 2010-09-28 10:57
نادىر يازمىلار مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەن ..... ياخشى يازمائىكەن ......

yavrupa 2010-09-28 12:00
M3K fd  
      _مۇشۇ قاراشلىرىڭنىڭ ئۆزى قىممەتلىك،_دىدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ_ئەگەردە بىزنىڭ كۆپىنىچى قۇرۇق خىياللار ئىچىدە چۆرگىلەپ يۈرگەندىن كۆرە،سەندەك ئۆزىنى سىناپ بېقىشقا تىرشسا ،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بالدۇراق بايقىيالىسا باشقىچە بولغان بولاتتى. :hA#m[  
_توغرا ئېيتىسىز _دىدى ئۇ سۆزۇمگە ئۇلاپلا _  مەن بايقى ھكايەمنىڭ كەينىنى چۈشۈرۈۋىتەي.قۇرلۇشتا 6ئاي ئىشلىگەندىن كىيىن خىلى پۇل  تاپتىم.تۈركلەر رايوندىكى مەسچىتتىن يىنىپ چىقىپ بىر بىنادىن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆي ئىجارىگە ئالدىم. ئوقۇشقممۇ جايىغا چۇشتى.كېيىنچە تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىدا تازلىقچە خادىم،تۈركلەر رىستۇرانىدا كۇتكۈچى ،گېزىت ۋە ئىلان ۋاراقلىرىنى تارقاتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم.ھازىر بۇ ئىشلار مەن ئۇچۈن ھىچنەرسە ھېسابلانمايدۇ. ياۋرۇپانى ،يەنى گېرمانىيەنى خىلى چۇشۇنۇپ قالدىم.بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئافرىقىدىن كەلگەن نېگېرلار بىلەنمۇ،بەزىدە شەرىقى ياۋرۇپا ئەللەردىن  كەلگەن كۆچمەنلەر بىلەنمۇ، يەنە بەزىدە ئوتتۇرا شەرىقتىن كەلگەن ئەرەب مۇساپىرلىرى بىلەنمۇ بىر ئۆينى تەڭ ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرۇپمۇ كۆردۇم. ھازىر گېرمانىيگە تامامەن كۆنۇپ كەتتىم.قايسى شەھەردە بولسىمۇ ياشاپ كىتەلەيمەن.يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئۇنۋىرسىتتىكى ئوقوشۇم پۈتىدۇ.مەن ئۇنۋىرسىتنىۇ تولۇق كۇرسىنى قايتا ئوقۇپ چىققان بولدۇم.ھازىر بىر بولسا ئاسپىرانتلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيمىكىن دەيمەن،ياكى بولمىسا كىلەر يىلى ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن ئەنگىلىيەگە كىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.ئىنگىلس تىلى ئىشلتىدىغان بىر دۆلەتتە ئوققۇسام كەلگۈسىدە تىخىمۇ كەڭىرەك ئىمكانىيەتكە ئىرىشكىلى بولامدىكىن دەيمەن.   +/\6=). \  
    _ ئارلىقتا ۋەتەنگە قايتىپ باقتىڭىزمۇ؟ o"SMbj  
  _ئۈچ يىل بولدى، قايتمىدىم. لىكىن ۋەتەننى شۇ دەرىجىدە سېغىنىپ كەتتىم. خۇدايىم بۇيرىسا كېلەر يىلى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ بېرىپ كىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ئوقۇغان ئوسمەنجان ساۋۇتنىڭ ۋەتەننى سېغىنىش ھەققىدىكى <توزان قەسىدىسى>ناملىق شېئرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرىدۇ.سىزگە ئوقۇپ بېرەي؛                   :Q q#Z  
^C% 
                                                    قاقماي تۇرغىن قىرىندىشىم ئۈستۈڭنى، oXS}IL og'  
                                                   توزۇمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار. O'~+_ykTl  
                                                  ئۇنى سۈرەي كۆزلىرىمگە،سۆيەي مەن، *$*ce|V5  
                                                  مەن تىنىگەن ،يولدىن ئازغان قوزاڭلار! CH/rp4NeSy  
)CyS#j#=  
     سىزنى كۆرۈپ شۇ قەدەر خۇش بولدۇم. ئانا يۇرتنىڭ توپىسى ۋە ئۇنىڭ يىقىملىق ھىدى بىزگە قارغاندا سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدا تىخى ئۇنچىلىك تارقاپ كەتمىگەندۇ دەپ ئويلايمەن. مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىنى باشقا ھەر قانداق مىللەت بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن.   @lt#Nz  
    _مەنمۇ  شۇنداق ئويلايمەن_دىدىم  ئۇنىڭ سۆزگە ئۇلاپلا_ئىككى يىل ئىلگىرى ياپۇنىيىگە بارغىنىمدا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلدىغان بىر پروفېسسور بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ قالدۇق.ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى سېغىنىشتىكى ئاجايىپ مۇھابىتى ھەمدە چەت ئەللەردە ئۆز ئارا تونۇشمايدىغان  ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر -بىرى بىلەن  ئۇچۇرشۇپ قالغان چاغدىكى پەۋقۇلادە ھاياجان ۋە قىزغىنلىقى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دىدى< <مەن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدىنىيتىنى تەتقىق قىلغىلى ئۇزۇن بولدى .لىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى شىغىنش ھىسياتىدىكى پەۋقۇلئادە قىزغىنلىقىدىن ھازىرغىچە ھەيرانمەن .نىمشقا  دىسىڭىز  ياپۇنىيەلىكلەردە  بۇنداق قىزغىنىق يوق.ئۇلارمۇ ئوخشاش ۋەتىننى سىغىنىدۇ ،ئۆز ۋەتىنى سۆيدۇ.لىكىن ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.ئەگەر بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان ئىككى ئۇيغۇر توكيودا ياكى باشقا شەھەرلەردە ئۇچۇرشىپ قالسا ئۇلار ھاياجاندىن ۋاقىرشىۋىتىشى ،بىر -بىرىنى قۇچاغلاپ ئۆز يۇرتىشىغا بولغان مۇھابىتىنى ئىپادە قىلشى ،ھەر قانداق مۇھىم ئىشىنى تاشلاپ بىر ھازا بىرپبىرى بىلەن مۇڭدىششى مۇمكىن.لىكىن ياپۇنيىلىكلەر ئوخشىمايدۇ،مەسلەن مەن لوندۇندىكى ۋاقتىمدا ،باغىچىدا ئايلىنىپ كىتىپ بىرىپ تۇيۇقسىز بىر ياپۇنىيلىكنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.مەن ئۇيغۇرلاردىكى يۇرتتاشلىق مىھرىگە بەك ئۇچراپ كەتتىممۇ ياكى ۋەتىنىمنى بەك سىغىنىپ كەتتىممۇ ،ئەيتەۋۇر ئۆزۇممۇ سەزمىگەن ھالدا ،ھىلقى كىشىنىڭ كەينىدىن يۇگۈرۈپ بېرىپ ياپونچە گەپ قىلدىم<ئەپەندىم ،كەچۇرۇڭ مەن ياپونىيلىك سىزمۇ ياپونىيلىكقۇ دەيمەن ؟!>ھلقى كىشى چۆچۇپ كەينىگە قاردى_دە ماڭا بىر ھازا قارۋەتكەندىن كىيىن ،سوغۇققىنە قىلىپ <شۇنداق .مەن ياپونىيلىك ،ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟>دىدى-دە ئۆز يولغا كىتىپ قالدى. مەن بىر ھازا بۇتتەك قىتىپ تۇرغاندىن كىيىن ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس ،بەلكى ياپونىيلىك ئىكەنلىكىمنى ،مەن ھياجان بىلەن گەپ قىلغان ئۇ ئادەمنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەمەس ،بەلكى مىنىڭ ياپونىيلىك ۋەتەندىشىم ئىكەنكىكى ئىسمگە كەلدى>>   h.fq,em+H  
            _بۇ تۇلمۇ تەسىرلىك سىلشتۇرما بوپتۇ-دىدى دىلمىرات گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ_مەنمۇ  ئۆز ھاياجىنىمنى باسالمغان بىر ئۇيغۇرمەن.جاپالىق ئشلەۋاتقان كۇنلىرىمنىڭ بىرىدە.ئىشتىن قايتىپ مىترودا كىتىپ بىرىپ ھېرىپ كەتكەن بولسام كىرەك ،ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىر چاغدا بوينۇم بەك تىلىپ ئاغرىپ كەتتى ،كۆزۇمنى ئاچمايلا  بىشىمنى مىدىرتىپ باشقا ياققا قويۇپ ئۇخلىماقچى بولدۇم،تۇيۈقسىز بىر تونۇش ئاۋازنىڭ<بالام بىشىڭىزنى بۇ يەرگە قويۇڭ>دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى .دەرھال كۆزۇمنى  ئىچپ قاردىم،ئاپامغا ئوخشاش بىر ئايال ماڭا قاراپ تۇراتتى ،<<ئاپا>>دىگىنىمنى بۈلمەن ،ئۇنۇڭغا ئىسلىپ يىغلاپ كەتتىم.يىغامنى شۇنچە توختىتاي دىگەن بولساممۇ ،پەقەت توختىتالمىدىم.ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئىچ -ئىچىمدىن يىغلاپ  باقمىغىلى-دىدى ئۇ كۆزلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ كۇلۇپ. cGD(.=  
k+4#!.HX^  
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ھەم مۇڭ تۆكۇلۇپ تۇرسىمۇ ،زورىغا كۇلۇپ تۇراتتى. 0?M:6zf_iv  
%%wNZ{  
داۋامى بار   s9d_GhT%-  
IIqUZJ  
ئەسئەت  سۇلايمانىڭ<ئۆزلۈك  ۋە كىملىك >ناملىق كىتابدىن ئارىيە.

shahrukh 2010-09-28 12:36
ئەشۇ دوستلىرىمىزمۇ خۇشال ياشىغاي . رەھمەت .

qarliguqi 2010-09-28 12:56
ئاشۇلار بىز قىلالمىغان ئىشلارنى قىلغاي-ئىلاھىم!

dosyar 2010-09-28 13:51
«ئۆزلۈك ۋە كىملىك »تۇ   خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ نېمە ؟

pusat0903 2010-09-28 13:51
رەخمەت            

jantikkuqi 2010-10-01 13:49
ئامىركىغا چىقىپ پۇتپۇلچىلىقنى تېخىمۇ پىشىغدىسام دەيمەن


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us