تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- [Internet] ئىنتېرنېت قاچان پەيد بولغان؟ --]

ئىز كۇلۇبى -> كومپىيۇتىر بىلىملىرى -> [Internet] ئىنتېرنېت قاچان پەيد بولغان؟ [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

sansiz 2010-09-23 05:00

S\ ) ~9?  

ئىنتېرنېتنىڭ ئاساسى ARPANET بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1969 - يىلى تەسىس قىلغان.20- ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر قىسىم ئالىملاردىكى كومپيۇتېرنىڭ تور ئالاقە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئالىملار ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆت كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسىنى ئۇلاپ، ھەربىي ئىشلار كومپيۇتېر تورى ARPANET نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ARPANET تا، ھەر قانداق بىر كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالسا، باشقا كومپيۇتېرلار ئۇنىڭ خىزمىتىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، پۈتكۈل كومپيۇتېر تورى يەنىلا رولىنى جارى قىلدۇرالايتتى.20- ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم - پەن فوندى جەمئىيىتى ARPANET نى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ مەبلەغ چىقىرىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تورنى ھاسىل قىلىپ، ARPANET نىڭ رولىنى كېڭەيتتى. كېيىن، ARPANET قا قاتناشقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. كىشىلەر توردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە تور بىلەن ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشكە باشلىدى. 1989 - يىلى كېڭەيتىلگەن ARPANET رەسمىي ھالداINTERNET )ئىنتېرنېت( دەپ ئاتالدى.   بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر تورىغا تەرەققىي قىلدى. 2000 - يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 700 مىليون ئادەم ئىنتېرنېتقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان بولدى. تورغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى ھېلىمۇ يىلىدىن يلىغا ئۇچقاندەك كۆپىيىۋاتىدۇ.

>=d%t6 %(  

مەنبە؛ كومپيوتۇر ۋە تۇرمۇش


yikimat 2010-09-23 08:30
ياخشى رەخمەت

dosyar 2010-09-23 09:56
بىلىۋالدىم ، رەخمەت، بىزنىڭ قانچىلىك ئادەملىرىمىز تورغا چىقىدىغاندۇ، شۇنى بىلسەك بۇلاتتى.

shahrukh 2010-09-23 10:55
رەھمەت .


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- [Internet] ئىنتېرنېت قاچان پەيد بولغان؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us