تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- بالام مەن لاياقەتسىز دادا،،بوران114 --]

ئىز كۇلۇبى -> كۆڭلۈمدىكى سۆز -> بالام مەن لاياقەتسىز دادا،،بوران114 [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

boran114 2010-09-22 16:07
بالام مىنى ئەپۇ قىلغىن،مەن تۇغۇلغان كۈن دىگەننى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ ئەمما19-چىسلا سەن ماڭا- دادا بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن،ماڭا نىمە ئەپبىرىسىز؟دىگىنڭدە  مەن ئاندىن بىلدىم،سەن باشلانغۇچنىڭ 2-يىللقىدا ئوقۇييتتڭ،مەن ماقۇلدىن باشقا ھىچنىمە دىمىدىم،ئەمما ئويلىنىپ قالدىم،توغىرا بالام،سىنى ۋە مىنى ئاپاڭ تاشلىۋىتىپ كەتكەندىن بىرى توپتوغىرا ئىككى يىل ئۆتۈپتۈ،بۇ ئىككى يىلدا ساڭا شۇ كىتاپ-دەپتەر ھەم بايراملىق -ھىتلىق كىيىم-كىچەك ئەپبەرگەندىن باشقا ساڭا قىتىرقىنىپ بىر دادىنىڭ مەسئۇليىتى قانچىلك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمايلا قىشمدا  دادا  دىسەڭ ھە دەپ قويۇپلا ئۆتۈپتىمەن،ساڭا شۇ 67ياشقا كىرگەن بىچارە ئانام قاراپتۇ،داداممۇ ساڭا بەك ئامراق ئىدى،ئەپسۇس!!ئۇ سەن 5ياشقا كىرگەندە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى،دادامنىڭ مىيىت نامىزىغا ئاناڭنىڭ ئانىسى ،ئاكىسى،ئىنىسى ھەم باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى چىقتى،لىكىن ئاناڭ چىقىپمۇ باقمىدى،بىز ئاجىراشمىغان بولساقمۇ ئەمما ئاناڭ ئاللا بۇرۇن بىزنى تاشلاپ يامانلاپ كەتكەن ئىدى،ھىچ بولمىسا گۇناھ مەندە بولسىمۇ ئاۋۇ مەرھۇم دادامغا ئاناڭ6يىل كىلىن بولغان ئىدىغۇ؟بولدىلا بالام ،سەن كىچكڭدىن ئانامنىڭ قوينىدا يتىپ چوڭ بولدۇڭ،ھەم ئۇنى ئانا دەپ چوڭ بولدۇڭ،ئانام بۇ سىنىڭ ئانا دىگەن گىپڭنى ھەربىر ئاڭلىسا شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن خۇساللنىپ كۆزىدىن ياشلار ئاقاتتى،ھەم سىنى سەن ۋاي ئاغىرتىۋەتتىڭ دىگىچە سۆيەتتى،ھازىرمۇ ھەم سۆيىدۇ،مانا شۇنچىلك ۋاقىت ئۆتۈپتۈ،بۈگۈن ساڭا جەزمەن تورت ئەپبىرىپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبىرىكلەش نىيتىگە كەلدىم،ھەم يەكەن ناھىيە مەركىزىگە قاراپ ماڭدىم،مانا شۇ نىجىس تىلفۇننىڭ كاساپتىدىن بۈگۈن يەنە ساڭا تورت ئەپبىرىشنى ئۇنۇتتۇم،نىمىشقا دەمسەن بالام،چۈنكى داداڭنڭ ئاغىنىسى تولا ئىدى،شۇ بىر تىلفۇن بىلەنلا يىغلدۇق-دە يەنە جەم بولۇپ سورۇنغا تەشكللىنىپ قالدۇق،سەي-پەيلەر بۇيرۇلۇپ بوتۇلكىلار ئىچلدى،يەنە شۇ نىجىس ئىچشۋازلىق باشلىنپ كەتتى،سورۇننىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى كەيىپنىڭ ئەۋجگە چىقىشى سىنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى،مەس بوپتىمەن،ئۆگىمۇ چىقماپتىمەن،شۇ بىچارە ئانام بىلەن سەن بۈگۈنلا ئەمەس نەچچە-كىچە يالغۇز ئاشۇ غىرىپ كۆلبىدە ياتتىڭ،ئتلار قاۋىسا ياكى دەرۋازا بوران چىقىپ تاراقشىسا ئانام بىچارە ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ مىنى كەلدىمىكن دەپ تالاغا چىقىدىكەن،چىراق بۇزۇلۇپ قالغاندا قاراڭغۇدا نەچچە دوقۇشۇپ -يىقلىپ ينىپ كىرىدىكەن،بەزىدە مەن ھايۋانمۇ مەس چىقىپ ئىشكىنى تاراڭلىتىپ يىرىم كىچىدە جىق ئاۋارە قىلدىم،بالام سەن تخى كىچىك،مىنىڭ بۇ يازغانلىرىمنى ھازرچە مەنىسىنى چۈشەنمەيسەن،چۈنكى سىنىڭ تورخانىغا كىرىشىڭ مۇنبەر كۆرۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس،ئەمما مەندە ك بىر دادىلق بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان بىر ئادەم بۇ يازمامنى بىر خاتىرىگە پۈتۈپ قويدۇم ،سەن چوڭ بولغاندا ئۆمرۈم بولسا ساڭا كۆرسىتمەن،بالام مەن ئويلاپ باقسام ساڭا دادىلق بۇرچۇمنى ئانام-دادامغا باللق بۇرچۇمنى ئاداقىلماپتىمەن، ?qjdmB|w  
^z *0  
ئەسكى خوتۇن ئالساڭ، - nb U5o  
DsdM:u*s  
بولا بىشڭغا ساساڭ، b<u\THy#  
7Jb&~{DVk  
ئىنەك ئەمەس ساغساڭ، <-`bWz=+  
^%\a,~  
ئىشەك ئەمەس ساتساڭ، RZz?_1'  
&GH [$(  
دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم،رەھمەتلىك بوۋاڭ ئاپاڭغا ئامراق ئىدى،بىراق ئاناڭ شەھەرلىك بولغاچقا بىز يىزىلقلارنى ياراتمايتتى،ئىتىز ئىشنغۇ مۇكىن ئەمەس،تاماقنىمۇ ئانام بولمىسا ئەتمەيتتى،ئانام خىمىر يۇغۇرۇپ سەينى ئادالاپ ،ئوچاققا ئوتنى يىقىپ ،قازانغا ياغنى قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن سەينى ئۆزى قورۇييتتى،ئاشنى ئانام تارتىپ سۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن سەينى قاچىلارغا ئۆزى قۇياتتى،مەن بىر نەرسە دەي دىسەم ئاناڭنىڭ ئاغزى يامان بولغاچقا ھەممىمىز قورقاتتۇق،بىز نۇمۇس قىلاتتۇق،ئۇراي دىسەم دادام بىلەن ئانام قويمايتتى،باشقىلار بالىسىنى سىنى ئۇرسۇن دەپ چوڭ قىلمىغان،يىزىغا كۆنەلمەيدۇ،ئىغىرىنى كۆتەرمىسەك بولمايدۇ-دەيتتى،بالام مەن سىنىڭ ئانامغا بولغان ئامىراقلىقىڭنى ،ھەم ئوماق ئەركىلەشلىرىڭنى كۆرۈپ ساڭا بولغان مىھرىم تىخمۇ ئاشاتتىيۇ-ئەمما بىردەملكلا ئىدى،شۇ تۈگىمەس ئىشلار،سورۇن،ھەم باشقا مۇناسىۋەت،ئالاقىدار نى ئىزلەش قايسىبىرىگە ھاجىتمىز ئۈچۈن يالۋۇرۇش،ۇەنە....جىق ئىشلار ساڭا بولغان دادىلق بۇرچۇمنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى،مەن بىر لاياقەتسىز دادا،ئايقىڭنى يامىتىپ بىرەلمىدىم،سومكاڭنى يىڭلاپ بىرەلمىدىم،ئاتا-ئانىلار يىغىنىغمۇ بارالمىدىم،چىچڭنى ياسىتىپ قويالمىدىم،چاپىنىڭنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ قويالمىدىم،مەكتەپكە ۋاقچى قالساڭ ئاپىرىپ قويالمىدىم،باشقا بالىلار سىنى ئۇرسا ئۇلارغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويالمىدىم،تاپشۇرۇق دەپتىرىڭگە قاراپ باقمىدىم،ئىمتىھان قەزىڭگە ئىمزا قىلىپ بىرەلمىدىم،يەنە.......بالام مىنى كەچۈرگىن،مەن بىر لاياقەتسىز دادا،،سەن ئاغىرىپ قالغاندىمۇ ئانام سىنى كىچىدە ئىشەك ھارۋىسىغا بىسىپ شەخسى دوختۇرغا ئاپىرىپتۇ،يىرىم كىچىدە دوختۇر بىرمۇنچە ۋاقىرىاپ بىچارە ئانامنى دۆشكىلەپ دەرۋازىسىنى ئاران ئىچىپتۇ،ئىسىت..مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟دادا بولدۇممۇ؟بالام،ئانا،مىنى كەچۈرۈڭلار،كىچىكىپ ئەقلىمنى تاپقان بولساممۇ ئەمدى باللق ھەم دادىلق بۇرچۇمنى قەتئى ئاداقىلمەن،بالام كىيىن مەندىن نەپىرەتلىنەرسەنمۇ؟بولدى بالام مەن بىر لاياقەتسىز دادا...بەك جىق سۆزلىگۈم بارئىدى،ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويماي،، WA n@8!9  
3U6QYD55]]  
?wtKi#k'v#  
مەنبە؛دىلى سۇنۇق بوران114 u$w.'lK  

shahrukh 2010-09-22 16:46
ھەقىقىەتەن ئېسىل بوپتۇ . ZRhk2DA#FF  
سۆزلىگۈم بارئىدى،ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويماي،، _bQL[eXd   O!Ue0\1Kj0  
زىرىكىپ قالىدىغان جۈملە يوقكەن . رەھمەت سىزگە .

tpa 2010-09-22 16:46
تولىمۇ تەسىرلىككەن،يۈرىكىم مىجىلىپ كەتتى.بۇ ئىشلار راسمۇ بورانكا؟ئەگەردە،راست بولسا كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ،دادىلىق بۇرچىىڭىزنى قۇربىتىڭىز يەتكۈچە ئادا قىلىڭ.تىرىشىڭ.،سىزگە تىلەكداشمەن....

aygul123 2010-09-22 16:59
سىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى دادائىكەنسىز  چۈنكى سىز بالڭىزغا قىلىپ بىرەلمىگەن ئىشىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكنى ھېس قىلىپ يىتەلىگەندىلكىن  سىز  چۇقۇم ياخشى لاياقەتلىك دادا دىگەن گەپ ...........رەخمەت سىزگە جاپا تارتىڭىز .

alim 2010-09-22 18:10
جەمئىيتىمىزدىكى لاياقەتىسز دادا لارنى ياخشى تەسىۋىرلەپسىز....

hanjar731 2010-09-22 19:15
تەسىرلىك نادىر تىمىللىرىڭ ئۈزلۈپ قالمىسۇن بورانكا،بايا تېلفۇندا بىر تىما يوللىدىم دەۋاتقانتىڭ مۇشۇ شۇكەندە،ئەتىگەچە يەنە بىرەرنى يېزىۋەت،قەلىمىڭ توختاپ قالمىغاي،ئەمما بۇ بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىش ئەمەس،مەن بىلۋالدىم،

dosyar 2010-09-22 19:15
راسلا ياخشى يېزىپسىز ،  جەمىئيىتىمىزدە مۇنداقلامۇ با ئەلۋەتتە. رەخمەت.

banu 2010-09-22 21:43
تەسۋىرلەنگىنى  مىنىڭ  ئانام  ئەمەستۇ  ..... IiKU =^~w  
دادام  سەھرادىن  لىكىن  شەھەردە  خىزمەت  قىلىدۇ ..دادامنىڭ  تۇققانلىرىنى  ئاپام  پەقەتلا  ياقتۇرمايدۇ  ....

yikimat 2010-09-22 21:49
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن جگمىيىتىمىزدىكى لاياقەتسىز دادىلارنى ياخشى تەسۋىرلەپسىز  ھارمىغايسىز

KAMLAXKANYIGIT 2010-09-23 03:25
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن    ھارمىغايسىز

mamatjan005 2010-09-23 10:12
بەك ياخشى يىزىپسىز  مەنمۇ سىز يازغان تىمىلارنى بەك ياقتۇرۇپ؛ ئوقۇيمەن   ئاللا ئىگەم قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن  تىخمۇ نادىر تىمىلارنى يوللىغايسىز؟


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- بالام مەن لاياقەتسىز دادا،،بوران114 --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us