ئۆتكەن زاماندا بىر بوۋاينىڭ بىلەن مۇماينىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن . باللار چوڭ بۇلۇپ بالاغەتكە يەتكەندە ، ئاتا باللارنى يېنىغا چاقىرىپ (باللىرىم بىز سىللەرنى تەربىيلەپ چوڭ قىلىدۇق . بىلىم ھۈنەر ئۈگەتتۇق . ئەمدى ئاتلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ ، سىللەرنى ئۆيلۈك -ئوچاقلىق قىلىپ قۇيۇش نىيىتىگە كەلىدۇق . سىللەر نىمە دەيسىلەر ؟) دەپتۇ .
<+pwGKtD
بالىلار بىلىمىلىك ، ئەقىللىق چوڭ بولغىنى ئۈچۈن ، خىجىلىقىتىن بىر ئازا گەپ قىلالماي ، يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ، چوڭ ئۇغۇل دادىسىغا قاراپ ( ھۆرمەتلىك دادا،سىنىڭ ئويلىغانلىرىڭىمۇ توغرا ، سىللەر بىزنى مىڭ بىر جاپادا چوڭ قىلىدىڭىلار. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىر شەھەر كۆرسەك ، يۇرىت ئارلىساق ،ئۆزىمىزدە مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسنى تىكىلىسەك ، ئاندىن ...) دەپ توختاپ قاپتۇ . بوۋاي بالىلارنىڭ ئارزۇسنى چۈشىنىپتۇ ۋە ئۇلارغا رۇخسەت قىپتۇ . بالىلار سەپەر تەييارلىقىنى كۆرۈپ يولغا چىقىپتۇ .
Al6)$8]e
بىرىمىچى كۈنى بىر قونالغۇغا كىلىپ ئارام ئېلشىپتۇ . چوڭ ئوغۇل ئۇكلىرىغا ؛( سىللەر ئۇخلاپ ئارام ئېلىڭىلار . مەن بۈگۈن كۈزەتچىلىك قىلاي،كۈندە نۆۋەت بىلەن بىرىمىز كۆزەتچىلىك قىلايلى ) دەپتۇ . ئۇكلىرى ماقۇل بۇلۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ . يىرىم كىچە بولغاندا بىر يولۋاس بۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ئىكەن ، چوڭ ئۇغۇل يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ ،تىرسىدىن بىر تاسىما كېسىۋاېلىپ بېلىگە باغلىۋاپتۇ . ئەتسى قۇنالغۇغا نۆۋەتچىلىك قىلىش ئىككىنىچى ئۇغۇلىغا كەپتۇ . يىرىم كىچە بولغاندا ئەجدىھا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلىگەن ئىكەن ، ئىككىنىچى ئوغۇل بۇ ئەجىدىھانى ئۆلتۈرۈپ تىرسىدىن بىر تاسىما كېسۋېلىپ بىلىگە باغلىۋاپتۇ .
b
=`h
""u
ئۈچۈنىچى كىچىسى نۆۋەتچىلىك كەنجى ئۇغۇلغا كەپتۇ . يىرىم كىچە بولغاندا ، يېقىلغان گۈلخان ئۈچۈپ قاپتۇ . كەنجى ئۇغۇل ئوت ئىزدەپ بىر غارغا بىرىپ قاپتۇ . غاردا 40 نەپەر ئوغىرى پادشاھنىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا پىلان تۈزىۋاتقىدەك . ئۇچاندۇرماي پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ ئارقىسىغا كەلگەندە چەبدەسلىك بىر تامىغا چىقىپ ، قالغان ئوغرىلارنى تامىغا چىقىشىقا شەرەتلەپتۇ . ئوغرىلار بىر - بىرلەپ تامىغا چىقىشىغا كەنجى ئۇغۇل خەنجەر بىلەن ئوغرىلارنى ئۆلتۈرۈرپ ، ئۆزى ئامان ئىسەن پادىشاھ ئوردىسغا قاراپ يول ئاپتۇ . ئۇنىڭىغا كۈندۈزدەك يۇرتىلىغا ئۈچ ساراي ئۇچىراپتۇ . كەنجى ئۇغۇل ئىشىك ئالدىدا ئۇخلاپ قالغان قاراۋۇلىنىڭ بىلىدىن ئااچقۇچنى يىشۋېلىپ بىرنىچى سارايىغا كىرگەن ئىكەن ،ئاپئاق پەردە ئىچىدە لىباسقا ئورۇنىغان بىر قىز ياتقۇدەك . ئۇ ( بۇ قىز چوڭ ئاكامىغا مۇناسىپ ئىكەن ) دەپ ،قىزنىڭ بىر تال بىلەزۈكىنى سۈغۇرۋېلىپ يانچۇقىغا ساپتۇ . ئىككىنچى سارايىغا كىرسە قىزىل پەردە ئىچىدە لىباسىقا ئورۇنىپ بىر قىز ياتقۇدەك ئۇ ( بۇ قىز ئوتتۇرانىجى ئاكامىغا مۇناسىپ ئىكەن ) دەپ قىزنىڭ قۇلقىدىكى بىر تال ھالقىنى چىقىۋېلىپ يانچۇقىغا ساپتۇ . ئۈچۈنىچى سارايغا كىرسە يېشىل پەردە ئىچىدە لىباسىقا ئۇرۇلۇپ بىر قىز ياتقۇدەك . ئۇ ( بىر قىز ماڭا مۇناسىپ ئىكەن ) دەپ ، قىزنىڭ بىر تال ئۈزىكىنى چىقىرۋېلىپ يانچۇقىغا ساپتۇ ۋە ئاچقۇچىنى قاراۋۇرنىڭ بېلىگە دەسلەپكىدەك ئېسىپ قۇيۇپ ، ئوتىنى قۇنالغۇغا يېنىپ كەپتۇ . ئەتىسى شۇلار بىر كارۋانىغا يىتىشۋاپتۇ كارۋان بېشى بۇ يېگىتىلەرگە مەستلىكى كىلىپ بىردىن قېچىرغا مىندۈرۋاپتۇ . بىر مەھەل يول يۈرگەندىن كىيىن چوڭ ئوغۇل ؛( ئالدىمىزدا ماڭىغان تۆگە كارۋىنى ئىكەن ، ئاخىرىقى تۆگىنىڭ ئۈستىگە ھەسەل تۇڭى ئارتىلىغان ئىكەن . تۇڭىدىن ساقىغان ھەسەلىگە چىۋىنىلەر ئولشىۋاپتۇ ) دەپتۇ ئىككىنىچى ئوغۇل سۆز ئىلىپ ؛ (بۇ تۆگىنىڭ بېشى چوڭ ، قىرى ئىكەن ، تولا يول ماڭىغاچ تاپنى سىداملىشىپ كەتكەچ ئىزى تەكشى چۈپتۇ . )دەپتۇ كەنجى ئوغۇل ئارقىدىنىلا سۆز ئىلىپ ؛(بۇ تۆگىنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ ھەم ئۇتتۇر چىشى يوق ئىكەن ،شۇڭا يول بويلىرىنى دەرەخ ياپراقلىرىنى چالا سىيرىپ يەپ مېڭىپتۇ ) دەپتۇ كارۋان بېشى سەپسېىلىپ قارسا ئالامەتلەر شۇنداق . شۇنىڭ بىلەن بۇ باللارنىڭ ئەقلىگە كارۋان بېشى قايلىقىنى ئارتىپىتۇ ، شەھەرگە كىرگەندە ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىر سارايىغا جايلاشتۇرۇپتۇ . ئەتىسى كارۋان بېشى كاراۋان بېشى پادشاھ ھۇزۇرىغا بارغان ئىكەن . پادشاھ ئوردىدا يۈز بەرگەن شەپىسىز ئوغۇرلۇق ھەققىدە كارۋان بېشىغا سۆز ئېچىپىتۇ . كارۋەن بېشىمۇ يولدا ئۇچىراتقان ئۈچ ئەقىلىق ئاكا- ئۇكىلار ھەققىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىن قىلىغان ھۆرمىتىگە قايىل بولغانلىقىنى ئېيىتىپ ئۇلاردىن مەخپى گەپ تېڭىشاپ بېقىشنى مەسلھەت بىرىپتۇ . كارۋانلارنى تەكشۈرگەن ئىكەن ، ئەھۋال باللارنىڭ دىگىنىدەكلا چىقىپتۇ پادشاھ تېخمۇ ھەيران بۇلۇپ ، بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكىلارنى زىياپەتكە چاقىرىپ ياخشىلاپ مىھىمان قىپتۇ ۋە ئۆزى ياندىكى ئۆيدە مەخپى گەپ تىڭىشاپتۇ . دەسلەپتە چوڭ ئوغۇل سۆز ئىلىپ ؛ ( ئەھۋالغا قارغاندا پادىشاھ بېقىۋالىدى بالا ئىكەن ئەسلى دادىسى ناۋاي ) دەپتۇ . ئىككىنىچى ئوغۇل سۆز ئىلىپ ؛( بىز يىگەن گۆش ئىت ئىمىپ قالغان قوزنىڭ گۆشى ئىكەن ) دەپتۇ . كەنجى ئوغۇل سۆز ئىلىپ ؛( بىز يىگەن ئۈزۈمنىڭ تۈۋىگە ئادەم جەسىتى كۆمۈلىگەن ئىكەن ) دەپتۇ . پادشاھ دەرھال ھەريرانۇ ھەۋەس بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە تېخمۇ قۇلاق ساپتۇ .
-+ -@Yq$
بىر مەھەلىدىن چوڭ ئوغۇل سۆز ئىلىپ ؛( مەن كۆزەتچىلىك قىلىغاندا بىر يولۋاس ھۇجۇم قىلىپ كىلىۋىدى ،مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تىرسىدىن بىر تاسىما كېسىۋالىدىم . ) دەپ تاسمىنى داستىخانىغا قۇيۇپتۇ . ئىككىنىچى ئوغۇل سۆزئىلىپ ( مەن كۆزەتچىلىك قىلغاندا بىر ئەجدىھا ھۇجۇم قىلىپ كىلىۋىدى مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تىرسىدىن بىر تاسىما كېسىۋالىدىم ) دەپ تاسمىنى داستىخانىغا قۇيۇپتۇ . كەنجى ئوغۇل سۆز ئىلىپ؛( مەن كۆزەتچىلىك قىلغاندا ، شامال چىقىپ ئوت ئۆچۈپ قالدى ، ئوت ئىزدەپ بارسام بىر غاردا 40نەپەر ئوغىرى دەل مۇشۇ پادىشاھنىڭ خەزنىسىگە تىگىش قىلىش پىلاننى قۇرۇپ يولىغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتىكەن مەن پادىشاھىنىڭ خەزنىسنى ئائىلىسنى ئامان ساقلاش ئۈچۈن ئوغىرىلارغا قېتىلىپ بىر باغ تېمىغاچىقىپ ئوغىرلارنى بىر- بىرلەپ تامغا ياماشتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، پادشاھنىڭ قىزلىرنىڭ ياتاق ھۇجۇرىغا كىردىم ، قىزىلارنى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن ، چوڭ قىزنى چوڭ ئاكامىغا لايىق كۆرۈپ ئۇنىڭ بىر بىلەزۈكىنى ، ئوتتۇرانجى قىزنى ئوتتۇرانىچى ئاكامىغا لايىق كۆرۈپ ئۇنىڭ بىر تال ھالقىسنى ، كىچىك قىزنى ئۆزۈمىگە لايىق كۆرۈپ ئۇنىڭ بىر ئۈزۈىكىنى خاتىرە ئۈچۈن ئالغان ئىدىم ) دەپ بىلەزۈكىنى ، ھالقا ، ئۈزۈلنى داستىخانىغا قۇيۇپتۇ . پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ،كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ يىشىلگىنىگە بەكمۇ خۇرسەن بوپتۇ ۋە يىگىتىلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ تازىم بەجە كەلتۈرگەندىن كىيىن ، ئۆز قىزلىرىن ئۇلارغا نىكاھلاپ بىرىپ ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئوغۇل قىلىۋېلىش ، يۇرتىنى ئادالەت بىلەن تەڭ سوراش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتىپتۇ يىگىتىلەر ماقۇل كەپتۇ . پادشاھ 40كىچە كۈندۈز توي قىلىپ ، يۇرتىقا ئاش بىرىپ ، قىزلىرنىڭ بېشنى ئوغۇللارغا قۇشۇپ قۇيۇپتۇ .
DNC2]kS<
بىر مەزگىلىدىن كىيىن ، ئوغۇللا شاھ ئاتىسدىن رۇخسەت ئىلىپ ، خۇتۇنلىرى بىلەن ئۆز يۇرتىغا بىرىپ ئاتا - ئانىسنى يوقلاپتۇ .ئاتا - ئانسى ئالەمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن شاھ ئاتىسنىڭ قېشىغا كىلىپ ، نۆۋەتلىشىپ ئادالەت بىلەن يۇرىت سوراپتۇ .
U,~\}$<I
مەنبە ؛ چۆچەكلەر
|