تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئەخمەق ئادەم --]

ئىز كۇلۇبى -> ھىكايە،رومان،پوۋىستلار -> ئەخمەق ئادەم [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

iziz 2010-09-16 13:30
بۇرۇن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن . ئۇ ھەرقاچان تۇيۇقسىز باي بۇلۇپ كىتىشنى تەمە قىلىدىكەن.كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئېتىزغا ئىشلىگىلى چىقىپ ، سۆگەت سايسىدا ئۇخلاپ ياتقان بىر توشقاننى كۆرۈپ قاپتۇ -دە ، شىرىن خىيالغا غەرىق بوپتۇ ...توشقاننى تۇتىۋالسام بازارغا ئاپىرىپ ساتسام ، پۇلىغا بىر مېكىيان  سېتىۋالسام ، مېكىيان تۇخۇم تۇغۇپ بەرسە تۇخۇملارنى باسۇرۇپ چۈجە چىقارسام چۈجىلەر چوڭ بولسا بازارغا ئاپىرىپ ساتسام ، پۇلىغا قوي ئالسام ، قويلىرىم قوزىلىسا كۆپەيسە قويلارنى بازارغا ئاپىرىپ ساتسام پۇلىغا يەر-زىمىن سېتىۋالسام يەرگە بۇغداي - قۇناق تىرىسام زىرائەتلىرىم راسا ئوخشاپ كەتسە باشقىلارنىڭ ئۇلاقلىرى ئېتىزلىققا كىرىپ زىرائەتلىرىمىنى يىسە ( ھوي خالايىق ئۇلاقلىرىڭىلارنى توس) دېسەم دەپ ئاۋازنى چىقىرىپ ۋارقىرغان ئىكەن توشقان ئويغىنىپ كىتىپ بىر سەكىرەپلا كۆزىدىن غايىپ بوپتۇ . ئەخمەق ئادەم  ( ئاپلا) دەپلا بېشنى تاشلاپ تۇرۇپ قاپتۇ . jG{} b6  
مەنبە :چۆچەكىلەر

LOVE8 2010-09-16 13:46
بۇنداق ئۈژمە چۈش ئاغىزىمغا چۈش دەپ شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ...........پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس ،تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ...........................

pusat0903 2010-09-16 14:30
ئاسماندىكى     غازنىڭ   شورپىشسغا     نان   چىلاپ  باققان  ئوخشايدۇ .ئۇ   ئەخمەق ئادەم

tpa 2010-09-16 15:02
ھورۇنلۇق،ئەخمەقلىق چىرمىۋالغان نادان ئادەملەرنىڭ سموۋلىدەبۇ....

mrmuhtar 2010-09-16 18:22
ئەمما تەپەككۈرى قالتىس ئىكەن!

yikimat 2010-09-17 14:09
ھەقىقەتەن ئەخمەقكەن


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ئەخمەق ئادەم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us