yanbulak |
2010-09-16 10:19 |
ئىسمىڭىز نىمە بولغىيتى؟ FS%Xq-c
~CQYF,[Th ياخشىمۇسىز؟ eeuTf HNA/LJl[VU مەن سىزنى ماشىنىنىڭ ئەينىگىدىن <كۆپۇنكى لېنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىشى>تەجىربىسىدە ئېكراندىن جىسىمنىڭ ھەقىقى تەسۋىرىنى كۆرگەندەك سىزنى كۆرگىنىمدە يۇرۇگۇم< ئاددى ماياتنىك >دەك تەۋرەپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن بېرى كۆڭلۇم< ماگىنىت>< تۆمۇر>نى تارتقاندەك مىنى سىزنىڭ مەھەللىڭىزگە بېرىشقا تارتاتتى.ئاخىرى مەن غەيرەتكە كېلىپ مەھەللىڭىزگە باردىم.سىز بىر يەرگە ماڭغان ئوخشايسىز، يىنىمدىن يەرگە قاراپ ئۆتۇپ كەتتىڭىز.شۇ كۇنى مەن سىز بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچىراشقىنىم ئۇچۇنمۇ يۇرۇگۇم <بېنىزىن دىۋگاتىلى >دەك ھەركەتكە كېلىپ،<چاستۇتىسى> ئېشىپ كەتكەن <ماياتنىك>تەك تەۋرەپ كەتتى.تومۇرلىرىمدىكى قان< تۇيۇق زەنجىردىكى توك>تەك ئېقىپ،كۆزلىرىم <لامپۇچكا>دەك يۇرۇپ كەتتى.سىزگە گەپ قىلاي دەپ ئىنتىلساممۇ، پۇتلۇرۇم ماڭا بويسۇنماي،<يەر شارىنىڭ تارتىش كۇچى>مىنىڭ پۇتۇمغىلا چۇشكەندەك زادىلا ئورنىدىن قوزغالمىدى.مەن پەقەت<زىننەت چىرىقى> بىر ئۆچۇپ بىر يانغاندەك كۆزۇمنى چىمچىقلىتىپ ئارقىڭىزدىن قاراپ قالدىم ... كېيىن سىزنى ماگىزىندا ئۇچۇراتقىنىمدا،كۇلكىڭىز< كامىرتون >دىن چىققان يېقىملىق ئاۋازدەك ئاڭلىنىپ،مىنى <ئسپىرت>ھىدىدە مەستخۇش بولغاندەك مەست قىلىپ قويدى. خۇدۇمنى بىلمەي تۇرغۇنۇمدابىرسىنىڭ نوقىشى،<ئېلېكتېر زەنجىرى>نى خاتا ئۇلاپ توك سوقۇۋەتكەندەك،چۇچۇپ قارىسام ئۇ دەل سىزكەنسىز،<خاپا بولماي بۇياققا ئۆتۇپ تۇرسىڭىز، مەن بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى كۆرەي دىگەنتىم> دىدىڭىز. ئېسىڭىزدىمۇ؟ مەن شۇ چاغدا<شىكاللىق گەز> بىلەن ئۆلچىسە سىزدىن 20 سانتىمېتىرلا يىراقتا ئىدىم.سىزنىڭ ھارارىتىڭىز <ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىش ھادىسىسى>دەك جىسمىمغا تاراپ ۋۇجۇدۇمنى ئىگىلىۋالغان ئىدى.مەن سىزگە<ھە،ماناكۆرۇڭ>دىيىشنىڭ ئورنىغائوقۇغۇچىدىن سۇئال سوراپ قويۇپ خىيالغا چۆكۇپ كەتكەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىغا <ياخشى>دىگەن سۆزنى تەكىتلەۋەگىنىدەك ئويلىمايلا<ياخشى..ياخشى..>دەۋىرىپتىمەن.سىز ماڭا ئەجەپلىنىپ تىكىلىپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئېسىمنى يىغدىم.<ھەر خىل زەرەتلەر>تارتىشقاندەك سىز مىنى تارتىپ تۇرسىڭىزمۇئاستا كەينىمگەچىكىندىم.چۇنكى ،مەن سىزنىڭ< ئېلېكتىر مەيدان>ىڭىزدا زەرەتلەنگەن زەرەتتەك زەرەتلەنگەن ئىدىم.سىز <مەنفى زەرەت> ، <مەن مۇسفەت زەرەت> ئىدىم.شۇڭاسىزنىڭ زىلۋا،غۇنچىدەك بويىڭىزغا قارىسام قارىغىم كېلەتتى.سىز نىمىنىدۇر ئىلىپ ماگىزىندىن چىقىپ كەتتىڭىز.مەنمۇ<ئېلېكتىر پوتىنسىئالى تۆۋەن ئورۇندىن، پوتىنسىئالى يۇقۇرى ئورۇنغا يۆتكەلگەن زەرەت>تەك <تەكشى ھەركەت> قىلىپ ئارقىڭىزدىن چىقتىم.مەن سىزگە بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمىغىنىمغا ئۆكۇندۇم.توۋا <جىسىملار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۇچى> نىڭ مۇنداق خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى زادى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.مەن سىز بىلەن تونۇشۇش ۋە بىللە بولۇش ئۇچۇن <ئاتوم يادىرۇ ئېنىرگىيىسى>دەك زور ئېنىرگىيە سەرىپ قىلشىم لازىملىقىنى ھىس قىلدىم.سىز< يانتۇ تەكشىلىكتىن ھەركەت قىلىپ چۇشكەن كىچىك ھارۋا> ھىچقانداق <قارشىلىق كۇچى >نىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىماي ھەركەت قىلغىنىدەك مەندىن ئۇزاپ كەتتىڭىز..... 29?{QJb =<.8 مەن <سېكوندۇمېتىر>نىڭ ئىستىرلكىسىدەك سىزنىڭ مەھەللىڭىزنى ئايلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ھىس قىلغان ئاغىيىنىلىرىم:<سەن تونۇمايدىغان، چۇشەنمەيدىغان بىرسىنى دەپ شۇنداق ھالغا چۇشۇپ قىلىشڭغا ئەرزىمدۇ؟> دەپ<ئېلېكتىر قارشىلىغى>دەك ئېرادەمنى سۇسلاشتۇرماقچى بولۇشتى.مەن قىلچىمۇ بۇشاشماي مەھەللىڭىزنى ئايلىنىشنى داۋام قىلدىم، مەھەللىدىكى ئۆيلەر<ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان ئېلېكتىر زەنجىرى>دەك بولۇپ،سىز ئەشۇ ئۆيلەرنىڭ بىرسىدە ئىدىڭىز. لېكىن مەن سىزنى زادىلا ئۇچۇرىتالمىدىم...ئاخىرى مۇجىزە يۇز بەرگەندەك ئىش بولدى.ئىدارىدن چاقىرىپ قولۇمغا بىر ئادىرسنى بەردى :< بۇ ئائىلىنىڭ سىملىق تىلۋۇزۇر سىگىنالى ياخشى ئەمەسكەن ، سەن بېرىپ تەڭشەپ بەر> دىدى.ئادىرس دەل ئەشۇ مەھەللىنىڭ ئىدى.مەن<ئېلېكتىر زەنجىر ئىسخىمىسى> بويىچە زەنجىردىكى دىتاللارنىڭ ئورنىنى ئىزدىگەندەك، ئادىرىس بويىچە ئۇ ئۆينى ئىزدەپ تېپىپ ،دەرۋازىسىنى قاقتىم.< ھە مانا> دىگەن ئاۋازچىقتى، دەرۋازائىچىلدى. مەن<توك> تېپىۋەتكەندەك ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىنى تاسلا قالدىم، چىققان ئادەم دەل سىز ئىدىڭىز.خوشاللىقىمدىن<ئاھ.خۇدا مىنىڭ دەردىمنى بىلىپسەن> دەپ خۇداغا شۇكۇر،سانا ئېيتتىم....ئەشۇ ئىشلارنى ئەسلەلىدىڭىزمۇ؟ R}Ih~zw r^?Q o
سىز مىنىڭ تېڭىرقاپ تۇرغۇنۇمنى كۇرۇپ:،< نىمە ئىشىڭىز بارئىدى؟>دەپ سورىدىڭىز،مەن دەرستە ناچار ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۇئالىغا تاقا-تۇقى جاۋاپ بەرگەندەك، كىكەچلەپ كىلىش مەخسىدىمنى ئېيتتىم.<ھە. قىنى ئۆيگە كىرىڭ> ،-دەپ مىنى ئۆيگە باشلىدىڭىز. Qa nE]
a;Q6S مەن<ئوقۇغۇچىلار تەجىرىبىسى>دىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىدەك، تارتىنىپ ئۆيگە كىردىم.< قارىمامسىز، دادام تېلىۋوزۇرنىڭ سىم يولىنى تەكشۈرتۈپ ،تەڭشەتمىسەك كۆرگىنى بولمايدىغانلا بولۇپ قالدىغۇ، دەۋەگەچكە مەن ئىدارەڭلەرگە تېلىفۇن قىلغانتىم>،-دەپ مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىڭىز. D>u1ngu DiyviH مەن:< رەخمەت >،-دەپ ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە قاراپ چىقتىم،ئۆيىڭىز شۇنداق رەتلىك،پاكىز .kSx>3 d v@B-l; ئىكەن،تام ئىشكاپقا تىزىلغان چىنە-قاچا،خىرۇستال بۇيۇملار لابرانت< تەجىرىبە سايمانلىرى> /jQW4eW0 dnVl;L8L3 نى رېتى، تىپى بويىچە تىزغاندەك تىزىلىپتۇ.ئۆزىڭىز ئاق خالات كەيگەن<لابرانت>تەك پەرتۇق تارتىپ قولىڭىزدا سۇپۇرگە تۇتۇپ تۇراتتىڭىز.مەن ئۆي ئىچىنى قىزىقىش بىلەن كۆرۇپ چىقىپ،< XV+s 5C gaaW:* *y مەن ئىشىمنى قىلاي>،- دىدىمدە كاشىلىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.سىز قىزىقىش بىلەن مىنىڭ ئىشىمغا قاراپ تۇراتتىڭىز، مەنمۇ پات-پات ئوغورلۇقچە<دەرس ۋاقتىدا ئويناپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچى>دەك سىزگە قاراپ قوياتتىم.<ئادەم بالىسى شۇنداقمۇ چىرايلىق بولىدىكەنا؟،مەن بۇ يەردىن نۇرغۇن قېتىم ئۆتكەن، ھەتتا مۇشۇ مەھەلىلەردە سىملىق تېلىۋۇزۇر سىملىرىنىمۇ تارتقان ھەجەپ كۆرمەپتىكەنمانا؟> دەيتىم ئىچىمدە.مەن ئادەتتە خېلى چاققان ئىدىم ئەمما شۇ چاغدا نىمىشكىدۇ قوللۇرۇم قولاشماي ، قولۇمدىكى ئەسۋاپلار يەرگە چۇشۇپ كېتەتتى،سىز مىيغىڭىزدا كۇلۇپ قويۇپ ئېلىپ بەرگەن ئىدىڭىز.چۇنكى <ماگىنت تۆمۆرنى ئۆزىگە تارتقان>دەك سىزنىڭ گۇزەل چىھرىڭىز، مۇلايىم مىجەزىڭىز مىنى تارتىپ تۇراتتى.مەن پۇتۇنلەي سىزنىڭ <ماگىنت مەيدان>ىڭىزغا كىرىپ قالغان ئىدىم.يامان بولغىنى شۇ چاغدا ئانىڭىز كېلىپ قىلىپ،سىز بىلەن ئۇزۇنراقمۇ سۇزلىشەلمىدىم،<ئىسمىڭىز نىمە؟>،< نىمە خىزمەت قىلىسىز؟>....دىگەندەك سۇئاللارنى سوراي دىدىمۇ،<باتارىيە>سى تۇگەپ قالغان رادىئودەك ئۇنۇم يوقاپ،ئۇسۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم.....ئاخىرى كاشىلىنى تېپىپ ئوڭشىۋىدىم،تېلىۋوزۇرنىڭ سۆرىتى سۇزۇك چىقتى.مەن سايمانلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ قايتىشقا تەرەددۇت قىلدىم، ئۆز مەيلىمچە بولسا<ئۇلىغۇچ ئۇلانغان ئېلېكتىر زەنجىرىدىكى لامپۇچكا داۋاملىق يورۇپ تۇرغان>دەك سىزنىڭ يىنىڭىزدا تۇرغۇم بار، زادى كەتكۇم يوق ئىدى،ئامال قانچە <يانتۇ تەكشىلىكتە جىسىمنى يۇقۇرىغا تارتقان>دەك ،ئۆزەمنى زورلاپ دىگۇدەك ئۆيڭىزدىن چىقتىم.<رەخمەت بالام، سىزنى ئاۋارە قىلدۇق>،-دىدى ئانىڭىز مىنى ئۇزۇتۇپ چىقىۋىتىپ.سىزمۇ ئانىڭىز بىلەن بىللە مىنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئىدىڭىز.مەن:< ھىچقىسى يوق، ئەگەر يەنە بىرەر ئەھۋال بولسا چاقىرساڭلار كېلىپ ئوڭشاپ بېرىمەن> دىدىم. <ماقۇل بالام ،ماقۇل> دىدى ئانىڭىز.سىز:< خوش،قۇرۇقلا چىقتىڭىز> دىدىڭىز.مەن:<خوش> دىدىمدە مىڭىپ كەتتىم.مەن< ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى>دەك روھىم چۇشۇپ يول بويى ئۆز-ئۆزەمنى ئەيىپلەپ كەلدىم:<ھەي،سىنىڭ مۇشۇ تارتىنچاق مىجەزىڭنىزە،شۇنداق ياخشى پۇرسەت كەلسە ئۇقىزنىڭ ئىسمىنىمۇ سورالمىدىڭا؟،تېلىفۇن نومۇرىنى بولسىمۇ سورىمىدىڭ؟كىكەچتەك قايتىپ چىقتىڭ.>....... +(iM]L$Fw% P
agzp%m مەن مۇھەببەتلىشىشنىڭ <فىزىكىدىكى فورمۇلا>لاردەك مۇنداق قېيىنلىقىنى،كۆڭۇلنىڭ<توك ئۆلچەش ئەسۋابى>دەك مۇنداق نازۇكلىغىنى ،ياخشى كۆرۇشنىڭ <چاقماق> چاققاندەك ئادەمنىڭ يۇرىگىنى بىردەمدىلا تىتىرتىۋىتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن!.چۇنكى بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىم ئىدى.مەن سىزنى ياخشى كۇرۇپ قالغان ئىدىم.ئىسمىڭىز نىمە بولغىيتى؟ ~ y%8uHL: W$7
db%qFx مانا شۇندىن بېرى كېچە-كۇندۇز سىزنى ئەسلەيمەن،چۇنكى مەن ناھىيەنىڭ سىرتىدىكى يېزىلارغا سىم تارتىش ئۇچۇن چىقىپ كەتتىم قاچان قايتىشىمنىمۇ بىلمەيمەن. )A9K9pZj |;o#-YosP مەن قايتىپ يەنە سىز بىلەن ئۇچۇرۇشۇشقا ،كۆڭلۇمدىكى سۆزلەرنى ئېيتىشقا شۇنچىلىك تەشنا ئىدىم.ئەگەر سىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى بىلگەن بولسام، يۇرەك سۆزلىرىمنى <ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنلىرى> ئارقىلىق يوللار ئىدىم.سىزئىش قىلىۋاتقان چاغدىمۇ خىيالىمدىن چىقمىغاچقا بىر قېتىم سىتولبىدىن يىقىلىپ چۈشكىلىى تاس قالدىم ، مەن دەرھال چەينەك جازىسىنى تۇتۇۋىلىپ <پۇرژۇنلۇق تارازى>غا ئېسىلغان <گېر تىشى>دەك ساڭگىلاپ قالدىم...... E%\j R LuQ4TT مەن بۇ خەتنى خىزمەتداشلىرىم ئۇخلاپ قالغاندا يېزىپ چىقتىم، ھەر كۇنى ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسام ئەشۇ ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆڭلۈم ئەمىن تاپاتتى. كىلەر قېتىم مەن سىز بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ كۇڭلۇمنى چوقۇم ئىزھار قىلىمەن،.. بەلكىم بۇ خەتنى ئۆز قولۇم بىلەن سىزگە بىرمەن. 7u]0dHj +!IIt {u
مانا بۇگۇنمۇ ئادىتىم بويىچە ئۇقۇپ چىقتىم. \xi
wp. ((
wG
K|d مەنبە؛يازمام |
|