ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
d8.ajeN]o
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ھەر ساھە،ھەر كەسىپتە كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىپ، جاپا چېكىۋاتقان ئەزىز قىرىنداشلار روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! شۇنداقلا قوش بايرام ئۆتكۈزۈۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلەرگە ھېيىتلىق سالام يوللايمىز!بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! بۈگۈن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمى-روزا ھېيىت. بۇ قۇتلۇق،مۇبارەك كۈن يېتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئەنئەنىمىز بويىچەپۈتۈن ئۆيلەر، پۈتۈن ئەتراپ ھەممىسى پاكىزلىنىدىغان بولسايەنە بۇ كۈندە ھەممە تەن،بارچە روھ پاكلىنىدىغان كۈندۇر.شۇنداقلا يېتىم-يىسىز، ئاجىزلاردىن تارتىپ ھەممەيلەننىڭ شادلىققا تولىدىغان ئۇلۇغ كۈن.جۈملىدىن ئىز تورىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى، مۇنبەر ئەزالىرى ئايەم خوشللىقىغا چۆمۈدىغان كۇندۇر.ئىز تورى قۇرۇلۇپ ھالا مۇشۇ كۇنگىچەكۆپچىلىكنىڭ ھارماي،تالماي تېرىشچانلىق كۆرسۈتۈشى بىلەن تورىمىز تور دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۇنگەن تورلارنىڭ قاتارىدا نامايەن بولدى.مۇشۇ جەرياندا ھەر قايسىڭلار جاپا چەكتىڭلار،ئېسىل يازمىلىرىڭلار، ئەسەرلىرىڭلار بىلەن ئىز مۇنبىرىنى بېزەپ،جەلىپكارلىقىنى ئاشۇردۇڭلار.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز تورى باشقۇرغۇچىلىرى سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ،سىلەرگە ھېيتلىق سالام يوللايدۇ! ھەمىمىزگە مەلۈم بۇقۇتلۇق كۈنلەردە ئەنئەنىمىز بويىچەپۈتۈن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانا،بالا-چاقا،كىلىن-كىتەك، نەۋرە چەۋرە،ئۇرۇق-تۇققان جەم بولۇپ،خۇلۇم-خوشنىلار، ئەل-ئاغىينە، دوسلارئۆز-ئارا پەتە قىلىشىپ، يوقلۇشۇپ بىر-بىرىگە بەخىت، خاتىرجەمىلىك،خوشاللىق تىلەيدۇ. ئازارلىشىپ قالغانلار بىر –بىرىنى كەچۈرۈپ بارلىق ئاداۋەتلەر يوقايدۇ. قازا قىلىپ كەتكەنكەرنىڭ تۇپۇراق بېشىغا چىقىدۇ،يىتىم-يىسىر، تۇل خوتۇن-ئاجىزلارنى،پەرزەنتلەرئاتا-ئانىسىنى يوقلايدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئىجىل، ئىناق ئېسىل ئادىتى يەنىمۇ نامايەن قىلىنىدۇ......شۇڭا بىز مۇشۇ ئەنئەنىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا داۋام قىلىشىمىز،ئۆرپى-ئادەتلىرىمىزنى ئۈگىتىشىمىز،ئۆز-ئارا ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان،كۈيۈنىدىغان،ئۆز مىللىتى، ۋەتىنى ئۈچۈن تۆھپە يارىتىدىغان ئادەم بولۇشقا يىتەكلىشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلار ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،تەربىيىۋى ئەھميەتكە ئىگە ئەسەرلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنى، ئەۋلاتلىرىمىزنى يىتەكلىشىمىز،ئىناق جەميەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى،ئىشىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق،ئائىلەڭلارنىڭ خاتىرجەم ،پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى تىلەيمىز!روزا ھېيتىڭلار خوشال-خۇراملىققا چۆمسۇن!
X RRJ)}P
' PL_~
ئايەم
i;HH !
TaN
2B'^`>+8S
KW:r;BFx
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ <<مۇئەللىم>>
auA.6DQ
ھۆرمەت بىلەن؛ئىز تورى باشقۇرغۇچىلار ئەتىرىتى |