تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- بورانلىق كېچە --]

ئىز كۇلۇبى -> ئەدەبىي يازمىلار -> بورانلىق كېچە [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

ghenizat 2010-09-07 00:57
                                                                     بورانلىق كېچە 1qZG`Vz  
بورانلىق كېچە.... Y{+3}drJE  
  ئاسمان سەتھى قارا بۇلۇتلار بىلەن نىقاپلانغان.يول ئازابىدا قەددى يادەك ئىگىلگەن موماي نەۋرىسىنى يۈدۈپ كىشىلەر ئىشىكىدىن يانماقتا...ئاي بۇلۇت كەينىگە مۆككەن.ئوڭغۇل-دوڭغۇل چىغىر يول، بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان بوران ئۇنىڭ بىر تېرە -بىر  ئۇستىخان ئورۇق تېنىنى تېخىمۇ  قىينىماقتا.موماينىڭ  نۇرسىز كۆزلىرى ،قورۇق باسقان چىرايى ،مۈدۈرۈپ -قوپۇپ مېڭىشلىرى تولىمۇ مىسكىىن  ۋە تولىمۇ غېرىبانە. موماينىڭ نەۋرىسىدىن باشقا ئىچ كۆيەر ئادىمنىڭ بولماسلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ... ئەمدىلا ئىككى ياشقا توشاي دەپ قالغان ،ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يىتىم قېلىپ مومىسىنىڭ بېقىشىغىلا قاراشلىق قالغان مەسۈم قىزچاق دۇنيا غەملىرىدىن بىخەۋەر.ئۇ پەقەت مومىسى مۈدۈرۈپ يىقىلغاندا  قېقىراپ  يىغلاشنىلا بىلىدۇ.... RB;BQoGX  
بورانلىق كېچە.. Sc_5FX\Yx  
 ھۇشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان  شىۋىرغانلىق بوران  ئون بەش ياشلىق ئورۇق قىزنىڭ ئۈستىنى ئاپئاق قار بىلەن كۆممەكتە.بىچارە قىزچاق  قەدىردان مومىسىنىڭ قەبرە بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ياش تۆكمەكتە.سوغۇق دەستىدىن جۇغۇلداۋاتقان تەن ھېلىلا ئاپئاق قار ئۈستىگە گۈپپىدە يىقىلىدىغاندەك تىترىمەكتە. خۇپتەندىن يانغان ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي قىزنى يېتىلەپ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان غېرىبانە كەپىسىگە باشلاپ كىرىپ مورا ئوچاق ئالدىدىكى كۇلۇڭغا ئوچاقتىكى چوغ ئارىلاش قوقاسنى تارتىپ دۆۋىلەپ، قىزنىڭ يەلكىسىگە كونىراپ ئەبجىقى  چىقىپ كەتكەن جۇۋىسىنى سېلىپ قىزنى ئورىماقتا... U=QA  e  
بورانلىق كېچە.... t^U^Tr  
دەھشەتلىك گۈركىرەۋاتقان بوران دەرەخ شاخلىرىنى قاراسلىتىپ،ئىشىك-دېرىزىلەرنى جالاقلاتماقتا...بوۋاي مەسجىدكە خۇپتەن ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن .قىزچاق كونىراپ تىتىلىپ كەتكەن كونا كىگىز ئۈستىدە قۇراق تەكىيگە يۆلىنىپ بوۋىسىنى ساقلاپ مۈگىدەپ ئولتۇرىدۇ.ئۇزاقتىن بىرى شۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بىر قارا كۆلەڭگە تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا گۈپپىدە سەكرەپ چۈشۈپ ، نارەسىدە قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلىندۇ.بورانلىق كېچىدە قىزنىڭ ئېچىنىشلىق نالىسى،تىپىرلاشلىرى كېچە قوينىغا سىڭىپ كېتىدۇ... niz'b]] +  
بورانلىق كېچە.... V|: qow:F  
ھۇشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان بوراننىڭ ۋەھىمىسى كىشى قەلبىنى ئىختىيارسىز قورقۇنىچقا سالىدۇ.ئاسمان سەتھى قارا بۇلۇتلار بىلەن نىقابلانغان،شىددەتلىك شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا دولقۇنى قاراڭغۇ كېچىنى ئېقىتىپ كېلىۋاتقان سۈرلۈك بورانلىق كېچىدە بىر تەنھا قىز دەريا بويىدىكى ئىگىز دۆڭلۈك ئۈستىدە تارام-تارام ياش تۆكۈپ دەريا دولقۇنلىرىغا قاراپ يىغلايدۇ !... +`}o,z/^  
___ ئاپا ،مېنى ئېلىپ كەت ئاپا!...مۇتىھەملىكلەر بىلەن تولغان دۇنيادىن خويمۇ زىرىكتىم!!...مېنى باغرىڭغا باس ئاپا!!!... !8/gL  
يالىت -يۇلىت چېقىلغان چاقماقنىڭ نۇرىدا  ۋەھشىي  كېلەڭسىز ئەجدىھانى ئەسلىتىدىغان دەريا سۈيى  كۆمۈش خەنجەردەك پارقىراپ قاراڭغۇلۇق قوينىدا يوقايدۇ.ئارقىدىنلا دەھشەتلىك گۈلدۈرلىگەن گۈلدۈرماما ئاۋازى دەريا سۈيىنىڭ شارقىراشلىرىنى، قىزنىڭ پىغانلىق يىغىسىنى بېسىپ كېتىدۇ.قاراڭغۇلۇق قوينىدا چۆرگىلەپ ئېقىۋاتقان قاينامغا تاشلانغان قىزنىڭ تېنى قايناملار ئارىسىدا غايىپ بولىدۇ...  0T9. M(  
بورانلىق كېچە.... |,sM ST%  
ھۇشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان بوراندا ئاغرىپ قالغان ئاپىسىنى يوقلاپ دەريادىن  ئۆتۈۋاتقان  بىر جۇپ ئەر-ئايال دەريا لايلاتمىسىغا چىقىپ قالغان قىزنىڭ  جەسىدىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىدۇ.ئەر يىتىم قىزنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ دەريا بويىغا يېقىن قۇم دۆۋىسىگە  ئېلىپ بېرىپ ،ئايالنىڭ بوخچىسىدىكى ئىككى كۆينەكنى يىرتىپ ، قىزنىڭ جەسىدىنى ئوراپ، قۇم دۆۋىىسگە دەپىنە قىلىدۇ... -Qb0:]sV#  
مەنبە ؛  ئۆز يازمام (خاتىرەمدىكى " بىتەلەي قىز "نامىلىق نەسىرلەر توپلىمىم)

LOVE8 2010-09-07 01:13
ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ..................

sorayy 2010-09-07 01:35
يازغان ئەسىرىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ.بۇندىن كىيىن نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.

bograhan 2010-09-07 03:38
رەھمەت

101 2010-09-07 04:11
ئەسەرلىڭىز بەك ياخشى ئىكەن .خاتىرىڭىزدىكى   نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز

hanjar731 2010-09-07 08:41
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق دىگەن ئەسەر ئىسىمگە كىلىپ قالدى~~

yanbulak 2010-09-07 12:09
ناھايتى تەسىرلىك يېزىپسىز.بۇ رەزىل دۇنيانىڭ قىسمەتلىرى كىملەرنى خار قىلىپ، كىملەرنىڭ ھايات نۇرىنى بىمەھەل ئۆچۇرمىگەن.......

dartman119 2010-09-07 14:07
ياخشى يېزىپسىز...جىمۇ خۇددى‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر››دەك....


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- بورانلىق كېچە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us