ghenizat |
2010-09-06 21:24 |
ئاخىرقى ھېجران <~'\~Z d+ سەن كەتتىڭ...ماڭا ئالەمچە ھەسرەت،ئازابلىق خىيالللارنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ!...سېنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەزىزلەپ سۆيگەن ،ساڭا بارلىقىنى بېغىشلىغان مەندەك ئاشىقىڭنى تاشلاپ كەتتىڭ...مەن سېنى ئەسلا ئۆزۈمدىن تۆۋەن كۆرمىگەن ئىدىم.ھەممىلا ئىشتا ساڭا يول قويىدىغانلىقىمنى سەن قەۋەتلا ماختايىتتىڭ.ئۆزى ياقتۇرمىغان ئادەمگە يول قويغىلى بولاتتىمۇ؟!...مەن ساڭا يول قويغانسىرى سەن بەكلا ئېشىۋالغان بولساڭمۇ،ماڭا نۇرغۇن زىيان كەلتۈرگەن بولساڭمۇ مەن بۇ توغرىلىق زىنھار ئېغىز ئاچمىغان ئىدىم.مېنىڭ شۇ چاغدىكى خىزمىتىم مائارىپ ساھەسىىنىڭ كادىرلىرىنى تولۇقلاش خىزمىتى بولغاچقا سېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ھۆكۈمەت شىتاتىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەك قىينالغان ئىدىم،لېكىن سەن بۇلارنى چوقۇم مېنى" قىلىشقا تېگىشلىك ئىش "دەپ قاردىڭ.مەن سەن ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكتىم،قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ، مىڭبىر جاپادا تۆلەپ تۈگەتتىم.بىراق سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ موكاپاتىڭ _ ماڭا بولغان چەكسىز سادىقلىق ۋە سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ ، ماڭا ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي بېغىشلىۋەتكەن ئىدىڭ.شۇڭلاشقىمىكىن مەن سېنى ھېچقانداق ئىشتا ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ئىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام "مېنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈشۈڭ يالغان بولغىيمىتى "دەپ قالىمەن . 4~D?F'o سېنىڭ ساۋاقداشلىرىڭ ئىشسىز يۈرۈۋاتقاندا سەن خىزمەتكە ئىرىشكەن ئىدىڭ.سەن ئانچە چىرايلىق بولمىساڭمۇ لېكىن مەن سېنىڭ ئاجايىپ ئەخلاقلىق،يۈزى تۆۋەن قىز ئىكەنلىكىڭنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،بەلكىم سەن بۇنى مەڭگۈ بىلمەي يۈرۈشۈڭ مۈمكىن.مەن مائارىپ ساھەسىگە ئالمىشىپ ئەۋلاد تەربىيلەش يۈكىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن باشلاپ سېنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلەڭ بىراقلا ئۆزگىرىپ مەندىن يىراقلاشتىڭ.گەرچە سېنىڭ خىزمىتىڭ يەنىلا مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا مەندىن يىراقلاشتىڭ.تۈنجى ئوغلىمىزغا نېمىدەپ ئىسىم قويۇشنى ئويلاپ كەتكەنلىرىمىزچۇ -توۋا!...مەن ساڭا ئالەمدىكى ئەڭ چىرايلىق گەپلەرنى قىلدىم.بىراق ساڭا يېلىنمىدىم.چۈنكى ھەرقانداق ئادەمگە يالۋۇرۇش مېنىڭ غۇرۇرۇمغا يات.كېيىن بىلسەم سەن مېنىڭ ساڭا يېلىنىپ-يالۋۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىپتىكەنسەن...مېنىڭ بۇنداق قىلالمايدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانمىدىڭ؟!!!.. IG
6yt ئىككىمىز يۈرۈۋاتقان چاغدىن باشلاپلا سېنىڭ بىر نەۋرە ھەدەڭ ماڭا بەكمۇ كۆيەتتى،بەك ھەۋەس قىلاتتى.ھەدەڭ شەھەر بويىچە تەڭدىشى يوق گۈزەل ھەم ئەخلاقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتى مەن بىلەن تەڭ دەرىجىلىك قىز ئىدى.ئۇنىڭ مېنى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم .سەن مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم.بىراق سەن ھەدەڭ ئىككىمىزنىڭ تويىغا كەلمىدىڭ.ھەتتا ھەدەڭ مەندىن بۇدرۇققىنە ئوغۇل تۇغقاندىن كىيىن بولسىمۇ كىلىپ يوقلاپ قويمىدىڭ!... ئوغلۇمغا سەن بىلەن دىيشكەن ئىسىمنى يەنى - ئارمان دېگەن چىرايلىق ئىسىمنى قويدۇق.ئاڭلىسام ھەدەڭگە ئۆچلۈك قىلىدىكەنسەن.ئوغلۇمنى كۆرسەڭلا قاپاقلىرىڭ تۈرۈلۈپ كېتىدىكەن.توۋا ،بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟!... LEG
y1L ئايالىم بەكلا كەڭ قورساق،ھازىرمۇ سېنىڭ سۈرىتىڭنى ساقلاۋاتقانلىقىمنى ئۇ بىلىدۇ،بىراق بىلمەسكە سالىدۇ.مېنىڭ سېنىڭ زادى نەرىڭنى شۇنچە ياقتۇرۇپ قالغانلىقىمنى ئۇ قانچە قېتىملاپ سوراپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ ،ئۇنى قايىل قىلغۇدەك بىر نەرسە دىيەلمىدىم... K^EW*6vB8O ئاڭلىسام يېقىندا توي قىلىپ ئاجرىشىپسەن.توي قىلغاندىمۇ خىزمىتى يوق بىرى بىلەن توي قىلىپ،ئېرىڭ تالاغا قارىغاندىن كىيىن ئاجرىشىپ كېتىپسەن.بوپتۇ ،بۇمۇ سېنىڭ تاللىشىڭنىڭ نەتىجىسىغۇ ئاخىر!... >A#]60w. يازغان خىېتىڭنى تېخى تۈنۈگۈنلا تاپشۇرۇۋېلىپ ھەدەڭگە بەردىم.خېتىڭدە سېنى سۆيىدىغان ،سۆيمەيدىغانلىقىمنى ھەدەڭدىن ئاجرىشالايدىغان -ئاجرىشالمايدىغانلىقىمنى سوراپسەن. كەچۈر،سېنى مەن قانچىلىك ياخشى كۆرگەن بولسام ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،شۇنداق سۆيىدۇ،شۇنداق ئەزىزلەيدۇ.شۇڭا مەن ئۇنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن.چۈنكى ئۇ قەدىرلەشكە ئەڭ لايىق. tv5G']vO\ سەن بىلەن ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىمىز بىرگە بولۇشقا پۈتۈلمىگەن.شۇڭا سېنىڭ كېچىكىپ كەلگەن ئەقلىڭگە مەن پەقەت " ياق " دېگەندىن ئىبارەت بىرلا جاۋاپنى بىرەلەيمەن.ساڭا جاۋاب خەت يازغۇم يوق .بەلكىم ئىككىمىز ئامراق ئىز تورى ساڭا مېنىڭ بۇ جاۋابىمنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يەتكۈزۈشى مۇمكىن ! مېنى كەچۈر!....چۈنكى بۇ ئاخىرقى ھېجران!!!............. Tmqtj مەنبە ئۆز يازمام. |
|