بويتاقلار مارشى
ئېلتىكىن
بويتاقمەن ئالەمچە ھەسرىتىم باردۇر. بويتاقلىق ئۈستىدىن ئىسيانىم باردۇر. شۇ سەۋەپ دەردىمنى قىلاي مەن بايان. بايانىم ھەقىقى بويتاققا ياردۇر... * * * * يىگىرمە تۆت سائەت يۈرىمەن تەنھا لەۋلىرىم قۇرۇشتىن كەتكەن گەز باغلاپ چۈشۈمدە قولۇمنى سوزۇيمەن ئالغا دۇنياغا كەلمىگەن يارنى قۇچاقلاپ * * * * ئويغانسام باغرىمدا مىجىلغان ياستۇق خىيالىم جىسمىمغا قىلىدۇ زەردە ئاھ مېنى قوينىغا ئالغان يوتقىنىم يىرىمى ئۈستۈمدە يېرىمى يەردە * * * * ئوڭۇمدا.چۈشۈمدە.ھەر جايھەر يەردە تەنھالىق ئىلكىدە يۈرگىنىم يۈرگەن كۈنلەرنىڭ كۆپىدە يەنە شۇ ئەھۋال لەۋلىرىم نائىلاج شامالنى سۆيگەن * * ئويلايمەن قاي ئۇلۇغ مىھرىبان ئانا تۇغاركىن مەن كۈتكەن گۈزەل جاناننى ئايىما ئەي خۇدا مېنىڭدىن زىنھار كۆيۈمچان بىر گۈزەل ھەم كەڭ جاھاننى...
مەنبە:پارلاق مۇنبىرى ، ئېلتىكىن قەلىمىدىن . |