1. مەھمۇت قەشقەرى ( 1008- 1105 ) بۈيۈك ئالىم ، تىلشۇناس . شاھانە ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ مۇئەللىپى . ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم .
2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( 1018-1085 ) قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ( 880-1212 ) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » ( « بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر . ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان .
3.فارابى ( 870-950 ) « شەرق ئارستوتېلى » نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى ، بارلىق زېھىن - قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر ، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتورا ئەسىر جاھان ئىلىم - پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن .
4. ئەلىشىر نەۋائى ( 1441-1510) شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۈغۇلغان ۋەيەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .
5. سۇلتان سەئىدخان ( 1490 - 1533 ) يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق ، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن ، يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن . سۇلتان سەئىدخانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن .سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان .
6.ئۆمەر ھەييام( 1040- 1123) نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا « مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى » نى ئىشلەپ ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن . ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى » « ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .
7.سەئىدى ( 1203 ~ 1292 ) ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر پارس شائىرى . ئۇ « بوستان » ۋە « گۈلىستان » ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونوشلۇق . سەئىدى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە دەرۋىش بولۇپ ، يىگىرمە يىللىق سەرگەندانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن . سەئىدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر كەپىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان .
8. برۇنى ( 973 ~ 1044) ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنى خارازەمدە تۇغۇلغان ، كېيىن غەزىنىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان . « ھىندىستان تەزكىرىسى » « قەدىمىكى يادىكارلىقلار » « مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمىشۇناسلىقى قائىدىلىرى » ... قاتارلىقق ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇ ئوتتورا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان .
9. زەلىلى ( 1672~ 1745 ) تىلىنىڭ گۈزەللىكى ، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى . شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17 ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ ، ئەمما شائىرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق « سەپەرنامە » داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدۇر .
10 . خاراباتى ( 1638~1730) شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاجسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال - مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان « كوللىيات مەسنەۋىخاراباتى » ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان . شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك « ھاجى خاراباتى خانىقاسى » نى بىنا قىلىپ ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن.
11.نىزامى ( 1141~ 1209 ) كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوتتورا ئاسىيا ئېپىك داستانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىزامى گەنجىۋى ئوتتورا ئاسىيانىڭ گەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئىسلام مەدرىسسىدە بىر نەچچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن سىرت ، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان . ئۇ يېزىپ چىققان « خەمسە » شەرقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان .
12.فىردەۋسى ( 934~ 1020) « شاھنامە » ناملىق شاھەنە ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ، مەشۇھر ئىران شائىرى ، تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم فىردۋسى . ئۇ بۈگۈنكى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى خۇراسان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن . فىردەۋسىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆز يېرىدە پاتقۇزمىغان بولسىمۇ ، ئۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن . « شەھنامە » نى ھەرخىل نۇسخىلىرى ۋە پارچىلىرى ھەر قايسى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ تىلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان .
13.تەجەللى (1850 ~ 1930) ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان . ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان .
14.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923~ 1995 ) « ئىز» ، « ئويغانغان زېمىن » قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم ، يازغۇچى ، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۈشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
15. ئابدۇقادىر داموللام مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، تەرەققىيپەرۋەر زات ، تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ،شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشىقىرى ( تەخەللۇسى غازى ) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ يېڭى ئىلىم - پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق ، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان . شۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن . نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى ، ساتقىنلارنىڭ ققول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن .
16.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933~1995) « غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ،« قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا » قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .
17.مەمتىلى ئەپەندى ( 1901~1937 ) ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى ، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى ( تەخەللۇسى تەۋپىق ) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتى ئۈۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن .
18.لۇتبۇللا مۇتەللىپ ( 1922~ 1945) ئوت يۈرەك شائىر ، ئىنقىلابىي جەڭچى ، « يىللارغا جاۋاپ » ، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى ) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ۋەتىنى ، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .
19. موللا زەيدىن ( 1815~ 1881) مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۇكچۈندە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ ، غوجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا ، ئوردىن سەككىز قېتىم قوغلانغان . ئەپسۇسكى ، ئۇ ھەجۋىي قوشاق ، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ - غوجىلارغىچە ، ئالدامچى سوپىلاردىن چالا موللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن . موللازەيدىن چاقچاقلىرى ھېلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە .
20. زوردۇن سابىر ( 1937~ 1998 ) « ئانا يۈرت » . « ئىزدىنىش » ، « ئۇنتالمايمەن گۈلسارە » « ئاۋرال شاماللىرى » « ئاتا » « خىرە دېرىزە » « دولان ياشلىرى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا ، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . 21. ئابلىز نازىرى ( 1925~ 1994) تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1945 - يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان « سىڭلمغا » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن « كۆڭلۈم سەندىدۇر » « ئالتاي پارتىزانلىرى خاتىرىسى » « مۇجۇلغان يۈرەكلەر » « مۇڭلۇق ئالچۇق » ، « چېچەك پەسلى » قاتارلىق كۆپىلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئۇ ئەدەبىيات - سەنئەت قۇشۇلنىنى تەشكىللەش ، تەربىيىلەش ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .
22. ئابلىز ھاجى ( 1911~ 1987 ) يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئارتىس ۋە رېژىسسور ئابلىز ھاجى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 1942- يىلى « سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ » ، « قانلىق داغ » « غېرىپ -سەنەم » قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ زور شۆھرت قازانغان . ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قازانغان نەتىجىلىرى سەنئەتخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .
23. رائىلە خانىم ( 1860~ 1917) ئۇيغۇر يېڭىچە مائرىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەللىمە - ئاتۇش « ھۈسەينىيە » مەكتىپىنىڭ مەئەللىمەسى رائىلە خانىم - موللا ئاچا « ھۈسەينىيە مەكتىپى » دە 2 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيلەش بىلەن يېڭى مەكتەپ مائارىپىدا بىردىنبىر تۇنجى ئايال مائارىپىنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلغان . مائارىپنى كەڭ ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى قىلىپ ، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن .
24.ئەبراباي ( 1860~ 1938) 1930- يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى ، پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي « يوقسۇلارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى .
25.ئەخمەتجان قاسىمى ( 1914~ 1949) «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى » نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى . زۇلۇمغا ، ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخماتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر . ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بولۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ .
26.ئەلقەم ئەختەم (1922~ 1995) شائىر ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى . ئۇنىڭ « ئۈمىد دولقۇنلىرى » « كۈرەش دولقۇنلىرى » قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تىلىنىڭ يېنىكلىكى ، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلۇقى بىلەن قەلبلەرەە ئىشەنچ بېغىشلاپ بىزنى يۈرەكلىك ئلاغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ .
27.ئەلائىددىن خوتەنى ( 1150~ 1222 ) قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تەېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇ موڭغۇل خانى كۈچلۈك تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە .
28.ئەمەت ھاجى ( 1882~ 1944) كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى ، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان . « ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى » نىڭ 1 - تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان . ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى ، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .
29.ئارسىلان ( 1950~ 1996) «ئاھ ، مېنىڭ خەلقىم » ، « يۇلتۇزلار يۇرتى » ، « كىندىك قېنىم تامغان ماكان » ... قاتارلىق داستان ، شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق شائىر ئارسىلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن - ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولوپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان .
30.ئېلىخان ھەززىتىم ( 1887~ 1989 ) « ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى » ، « ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى » ، « تېبابەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئېلىخان ھەززىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ ، ئوردو ، پارس ، ئەرەب ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ ، يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان . 102 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بۇ پېشۋانى كېيىنكى ئەۋلادلار ھۆرمەت ب |