تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ھاراقكەشنىڭ خوتۇنى[ ھېكايە] --]

ئىز كۇلۇبى -> ھىكايە،رومان،پوۋىستلار -> ھاراقكەشنىڭ خوتۇنى[ ھېكايە] [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

101 2010-09-02 00:00

ھاراقكەشىنىڭ خوتۇنى

$ cj>2.   

ئاپتۇرى؛ ئەخمەتجان ئوسمان   كۆلچى

r,_?F7  

 شەھەرنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە جايلاشقان ‹‹ ھىلال ئاي رېستۇرانى ›› قورۇمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى ، ئۆزگىچە تەمى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشلىقى ، پاكىز ھەم ئازادىلىكى بىلەن شەھەر ئاھالىسنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان رېستۇرانلارنىڭ بىرى. رېستۇران ئىچى ساپ ئۇيغۇر نەققاشلىق سەنئىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا بېزەلگەن، تورۇسقا ھەرخىل رەڭلىك چىراغلار بېكىتىلگەن ، كەڭرى دېرىزىلىرىگە ھاۋارەڭ پەردە تارتىلغانىدى. رېستۇراننىڭ مېھمانلار كىرىپ چىقىدىغان ئىشكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياسالغان ئايرىم خانىلارنىڭ تاملىرىغا  ئورۇنلاشتۇرۇلغان چەت ئەلنىڭ داڭلىق ماي بوياق رەسىملىرى كىشگە ئۆزىنى يېڭى توي قىلغان قىز – يىگىتنىڭ ھۇجىرىسىغا كىرىپ قالغاندەك ئەركىن – ئازادە ھېس قىلاتتى. بۈگۈن رېستۇران ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. يىگىتنىڭ تونۇش – بىلىش ، يارۇ – بۇرادەرلىرى چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھاراق – تاماكا چېكىشپ ئولتۇرۇشتىن قورۇنۇپ ئايرىم خانىغا جايلاشقانىدى. بىردىن ، ئىككىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ياش يىگىتلەر بىربىرسى بىلەن چاقچاقلاشقاچ ساقى سۇنغان رومكىنى گېلىغا ئۇرۋاتاتتى. 

y\{%\$  

مېھمانلارغا ساقى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ‹‹ ساتتاردەك ھاراق كۆتۈرەلەيدىغان ئادەم يوق ، ساتتار ئىچكەن ھاراقتا نەچچە ئون ئادەم يۇيۇنسىمۇ يەنە ئېشىپ قالىدۇ. ھاراق دېگەننى ساتتاردەك ئەركەكلەر، مەيدىسىدە كۈچى بارلار ئىچسە بولىدۇ›› دېگەندەك مەسخىرە ، كىنايە گەپلىرىگە راست شۇنداق دەپ ئىشنىپ يۈرگەچكىمۇ ، يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ ھاراق قۇيۇپ بېرىۋاتقان ساتتار بىرقانچە شىشە ھاراقنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئۈگدەپ قېلىۋىدى، يىگىتلەرنىڭ چاقچاقلىرى مىلتىقنىڭ ئوقىدەك ئېتىلىشقا باشلىدى. ــ ئاۋۇ ھاراقكەشنى نوقۇۋېتىڭلار، ئۇسساپ كەتتۇق. ـــ ساتتار، رومكا توختاپ قالدى. ـــ ھازىر ئۇخلىۋېلىپ كەچتە دېرىزە مارىماقچىمۇ نېمە؟ ـــ كېچىدىن ئايالى ئۇخلاتمىغان چېغى. ـــ ئاسىم ، ھاراقنى سەن قۇيە ئاداش. ـــ ئىچەلمىگەندىكىن ئازراق ئىچكۈلۈك ئەمەسمۇ؟ ـــ قەغەز چىقىرىڭلار، بۇرنىغا ئىس قويۇپ بېرەيلى. ـــ قۇتلۇقلايمىز توينى دەپ ، كەلسەك يىراق ، يىراقتىن ، ئۈگىدەك باستى سورۇننى ، كېسەل تارقاپ ساقىدىن . ــ ساقى بولساڭ تۈزۈك بول ، ئۇيقۇچانغا ئورۇن يوق. ئۈگدەيدىغان باش بولسا، بىزگە شەربەت – شاراپ يوق. ـــ بۇرادەر ، توينى خەق قىلسا سېنىڭ ئۇيقۇڭ كېلىۋاتامدۇ؟ ــ ھاراقنى ئاز ئىچ دېسە ئۇنىمايدۇ ، مانا مۇشۇنداق ئۆرە ئولتۇرۇپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالىدۇ ئاخىر ... ئاخىرقى بىر ئېغىز گەپ ساتتارنىڭ تېتاڭ تومۇرىغا تەگدى بولغاي ، چاپاق يىغقان كۆزىنى چۆچەكتەك ئېچىپ: ــــ ھەرقانچە بولسىمۇ ساڭا ئوخشاش ئۇخلاپ قېلىپ خوتۇنىنى ئوغىرىغا بەرمەيمىز بىز، - دېدى ئۇ بىگىز بارمىقى بىلەن خالىقنى چىنەپ تۇرۇپ، سورۇن ئەھلى ساتتارنىڭ كۆپ ئىچىپ قويغانلىقىغا، خالىقنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ، ئىككىسىنى ئايرىۋەتكەن بولدى – دە، ئىچىملىككە بېشىچىلا چۆكۈپ كەتتى. ساتتار يەنە بىر قېتىم خەقنىڭ كىنايە كۈلكىسىگە قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، ئۆزنى ئازراق بولسىمۇ ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئاۋارە بولماقتا ئىدى. ئۇ سورۇنغا كىرگەن چاغدىكىدەك گېدىيىپ ، كېرىلىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ مىڭ بىر جاپادا كۆتۈرگەن بېشى لالما ئىتنىڭ قۇلىقىدەك ساڭگىلاپ كېتىۋاتقان بولسا، غۇۋا ئېچىلغان كۆزلىرى سەت بىر ئالىيىپ يەنە يۇمۇلۇپ قالاتتى. ¬¬ــ سەن كاساپەت ئۆيدە ئولتۇرغان بولساڭ، كوچىغا چىقىۋېلىپ ئۇچرىغانلا ئەرنىڭ كەينىدىن لاغايلاپ يۈرمىگەن بولساڭ خەق مېنى ‹‹ ئۇخلايدىغان ›› دېمىگەن ، مېنىڭمۇ خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشمىگەن بولاتتى، - دېدى ئۇ چۈشىدە ئايالىنىڭ تۇمشۇقىغا مۇشتۇمىنى دېۋەيلەپ تۇرۇپ. ـــ سەنمۇ ئازراق ئىچسەڭ بولمامدۇ . دائىم خەقنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قالغۇچە ، خەق يىتىلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويمىغان بولسا ئاللىقاچان توڭلاپ ياكى ماشىنىنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلگەن بولاتتىڭ. ـــ سېنىڭ نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەنلىكىلىرىڭنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ ئاشۇ دەيۈزلەرنىڭ سەن بىلەن ئىشى بولغاچقىلا مېنى ئەكەپ قويۇشنى باھانە قىلىپ ئۆيۈمگە كېلىدۇ.

eW|^tH  

 بۇنى مېنى بىلمەيدۇ دېمە. ــ ئىشىڭنى قىلە لاتا . چۈشىدە ئايالنىڭ كۈچەپ ئىتتىرىشى بىلەن كارىۋاتتىن دومىلاپ چۈشكەن ساتتار تاماق ئۈستىلىگە دوخخىدە كاللا قويۇپ قاتتىق بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە چۈش كۆرۈشكە باشلىدى. ئەنە، ئۇنىڭ كۆزىگە غۇۋا بىر نەرسە كۆرۈنگەندەك بولدى. كۆز ئالدىدىكى كۆلەڭگە ئۇنىڭغا غەلىتە بىر خىل ئىشارە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىختىيارسىز ھېلىقى كۆلەڭگە باشلاپ ماڭغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ھېرىپ ماجالى قالمىغان چاغدا قۇلىقىغا ئۆز ئايالىنىڭ ھېلىلا تۇخۇم تۇغۇپ چىققان مېكىياندەك قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى كىردى. ئۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ خېلى ئۇزاق دېققەت قىلغان بولسىمۇ، ھېچىنىمنى كۆرەلمىدى. ئەتراپ ئاغىزى ئېتىۋېتىلگەن مورىدەك قارىداپ كېتىۋاتاتتى. ــ ۋاي بۇقا، سېنىڭ مۇشۇ يەرلىرىڭنى دېمىسەم... ئاۋاز تولىمۇ يېقىن يەردىن ئاڭلانماقتا ئىدى. ئۇ گەپ قىلىۋاتقان ئايالنىڭ شەكسىز ئۆزىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسلىككە ئامال تاپالماي پۇچۇلىنىشقا ، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىشقا باشلىدى. ــ ئېرىڭ ماڭا ئوخشىمامدىكەن؟ ــ قويە ، ئۇ سۇ كالسنىڭ گېپىنى . ئىچۋېلىپ كىرىپ ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. بىر تاغار گۆشنىڭ ئۆزى... ــ ھېلىقى كۈنى بەك قورقۇپ كەتتىم. ئويغىنىپ كەتكەن بولسا... ــ نېمىدىن قورقاتتىڭ. يامىنى كەلسە خېتىمنى ئالىمەن شۇ... ــ شۇنداق بولدى دېگەندىمۇ بىز دېگەن ئاغىينە ، خەلق – ئالەم ئاڭلىسا نېمە دەيدۇ؟ ئۇچاغدا ... ــ ۋاي توخۇ يۈرەك ، مەن قورقماي قوينۇڭغا كىرىۋاتسام، كارۋىتىمدىن ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ سەن بىلەن يېتىۋاتسام سەن نېمىدىن قورقاتتىڭ . ناۋادا بەك قورقىدىغان يېرىڭ بولسا بۇنىڭىدىن كېيىن مېنى ئىزلىمە. ــ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن ئامرىقىم، مېنىڭ ھەرگىزمۇ سەندىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق. قارىمامسەن، سەن بىلەن كۆرۈشۈش ، سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتىش ئۈچۈن، ھەر قېتىم بىرمۇنچە پۇلنى خەجلەپ ئېرىڭگە ھاراق قۇيۇپ بېرىۋاتمامدىمەن. ئايالىم بىلەن ئاجرشىپ سەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلاۋاتسام نېمىلەرنى دەيدىغانسەن ئەمدى؟. ـــ ئۆزۈڭ ئازراق ئىچ، سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ قالما يەنە ، ئۇ چاغدا... قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلىنىۋاتقان گەپلەردىن ئۆزىچە ئەڭ يېقىن ئاغىنەم ، ھايات يولۇمدا مەن ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان بىردىنبىر دوستۇم دەپ بىلگەن ئاغىينىسى ئايۇپ بىلەن ئايالى شەكىلەنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىپ ئۆزىگە خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلغان ساتتارنىڭ چېكە ، گۈرەن تومۇرلىرى پارتىلاپ كېتىدىغاندەك كۆپۈپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىگە خىيانەت قىلىپ بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقان ئىككى جاننى ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرشچانلىق قىلغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پاچاقلىرى يەرگە كىرىپ يىلتىز تارتىپ كەتكەندەك ، بىرىنچى ئاينىڭ سوغۇقىدا توڭلاپ قالغان تېزەككە ئوخشاش مىدىراپمۇ قوياي دېمەيتتى. غەلىتە ئاۋازلار ئۇنىڭ قۇلاق ، مېڭىسنى مەي باغلاپ پىشقان ئۈزۈمگە ئولاشقان سېرىق ھەرىلەردەك يوناپ يەپ تۈگىتەي دېگەندە، ئاغرىق ھەم خورلۇققا چىدىمىغان ساتتار ئاۋازىنىڭ بارىچە ‹‹ ئۆلگۈر زىناخورلار ، ئەمدى نېمە دېيىشسەن ، مانا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، ئۆز قولۇم بىلەن تۇتۇۋالدىم›› دەپ توۋلىغان بولسىمۇ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك ، بىردەمنىڭ ئىچىدە تىلىدىن قالغاندەك ئېغىزىدىن زۇۋان چىقمايۋاتاتتى... ساتتار ئايالى بىلەن توي قىلغان دەسلەپ مەزگىلدە ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ بىلەتتى. ئايالى ئۇنى سۆيۈپ قانمايتتى. ئۇنىڭ پاچاقلىرىنى ، بىلەكلىرىنى ، تۆگە تاپىنىدەك كەڭ ئالقانلىرىنى سىيلاپ ھارمايتتى. ساتتار سىرتقا چىقىپ كەتكۈدەك بولسا قايتىپ كەلگۈچە ئۇنى سېغىنپ تىپىرلاپ تۇرالمايلا قالاتتى. ئېرىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئەتىدىن – كەچكىچە پايپېتەك بولسىمۇ زېرىكمەيتتى. ئاغرىنىش ئورنىغا خۇشاللىق ھېس قىلاتتى. قوشنىلىرىنىڭ لاۋزا گەپلىرى ، دوستلىرىنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىشقا دەۋەت قىلىشلىرى، قىلغان تەكلىپ، كىنايىلىرى ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ غەزىپىنى قوزغايتتى – دە، ئىچ – ئىچىدىن قايناپ زاماننىڭ جاھالەت ئاسارىتىگە مەھكۈم بولۇپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئاياللارغا نەپرەت بىلەن  ‹‹ سىلەر نېمىشقا شۇنداق يولدا ماڭدىغانسىلەر، سىلەر ئۆزۈڭلار خالاپ ، ياخشى كۆرۈپ تەگكەن ئېرىڭلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەشنىڭ ئۆزۈڭلارغا قىلغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى نېمىشقا بىلمەيسىلەر؟ قىلغان بۈزۇقچىلىقلىرىڭلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا سىلەرنىڭ ھاماقەتىلىكىڭلار ئەمەسمۇ؟  سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئالداپ ، ئېرىڭلارنى خورلاپ ئېرىشكەن بىردەملىك خۇشلۇقىڭىلارنىڭ كەلگۈسىڭلار، ئەتەڭلار ئۈچۈن ئىچىلگەن ئوغا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنىڭ ئانىلىق بۇرچۇڭلارنى ساپ غورۇرىڭلار بىلەن ئادا قىلمىغانلىقىڭلارغا ھامان پۇشايمان قىلىسىلەر، بىراق ئۇ چاغدا پۇرسەت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ›› دېگۈسى كېلەتتى. جاھاننىڭ رەپتارىغا قارىغاندا بىر ئادەم بىرەر ئىشقا قىزىقىپ شۇ نىشانغا يەتمەكچى بولسا تامامەن باشقىچە ئەكسچە بولغان خۇلاسسىگە ئېرىشسە كېرەك. ساتتار بىلەن ئايالىنىڭ خۇشال كۈنلىرى، خاتىرجەم ، ئىناق، ئىجىل تۇرمۇشى ئۇزاققا بارمايلا ئوقى سۇنۇپ كەتكەن ھارىۋىدەك ماكچىيىپ قالدى. ساتتارنىڭ چېكىتتەك قارچۇقىدىن شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان گازىر كۆز قوشنسى، ساتتارنى چاقىرىپ پىۋا قۇيۇپ بېرىدىغان ، بەزى كۈنلىرى ئاۋۋال نېشە سېلىپ بېرىپ، ئارقىدىن پىۋا ئىچىشكە زورلايدىغان بولۇۋالدى. ساتتارمۇ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزلگەن تۆگىدەك ھېلىقى قوشنىسى نېمە دېسە ئالدى – كەينىنى ئويلىمايلا ماقۇل دەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ نېشە چېكىشنى ئۆگىنىپ بىرقانچە ئايغىچە ئايالى ئۇنىڭ نېمە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەلمەي ساتتاردىن سۆيۈنۈپ يۈرگەن بولسىمۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشغا ئەگىشىپ ھېلىقى تاتلىق تۇيغۇلار ئەسلىمىگە ئايلاندى. ساتتارنىڭ كۈچ – قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جىسمى قاسساپنىڭ ئالدىدىكى كانارغا ئېسىپ قويغان گۆشتەك سوغوق سېزىلىشكە باشلىدى. ساتتار بولسا ئايالىدىكى ئىنكاس بىلەن ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنى ئويلاش ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئەس – يادى بىلەن ھېلىقى گازىر كۆز قوشنىسىنىڭ ئۆزىگە قۇيۇپ بەرگەن پىۋىسنىڭ كەيپىنى ئويلايتتى، پىۋا بىلەن تاپالمىغان كەيىپنى نېشە ئارقىلىق تاپماق بولۇپ گازىركۆزگە بىچارىلەرچە كۈچۈكلىنەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ  تاتلىق خىياللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ گازىر كۆز قوشنىسنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاپ قالىدىغان غەلىتە قىلىقنى چىقىرىشقا باشلىدى.

dM4Mkr  

بەزى كۈنلىرى ئۇ ئايالى بىلەن كىملەرنىڭدۇر سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، ئايالىنىڭ چىڭقىلىپ بىرنەرسىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى غۇۋا ئاڭلاپ قالاتتىيۇ ، كۆزىنى ئېچىشقا ئېرىنىپ قېتىقتەك ئۇيۇپ كېتەتتى.    شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئايالى ، ئۇ مەست بولۇپ بىرەرسى ئۆيگە يۆلەشتۈرۈپ ئەكەپ قويسا خاپا بولۇش ئورنىغا خۇش بولىدىغان ، تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان چىرايى باشقىچىلا ئېچىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بەزى كۈنلىرى سەھەردە تۇرۇپ ئېرىگە ئوخشىتىپ ئاچچىق – چۈچۈك ، سۇيۇق – سەلەڭ قىلىپ بېرىپ، ئېرىنىڭ كۆزىگە قارىغىنىچە مىيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى. ساتتار ئايالىنىڭ چىرايلىقلىقى ، ئۆزىگە بولغان كۆيۈنۈش ھەم مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنى ئالەمدىكى بىردىن بىر بەخىتلىك ئادەم دەپ بىلەتتى. كوچا – كويلاردىكى كىشلەرنىڭ ئۆزىگە نەپرەت ھەم كەمسىتىش نەزىرىدە قاراشلىرىغا قاراپ ‹‹ ئۇلارنىڭ نىيىتى نېمىدىگەن يامان ــ ھە ، ئۇلارنىڭ مەقستى ئىناق ئائىلەمنى بۇزۇش، ‹ قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق › دېگەندەك ئۇلار مېنىڭ ئايالىم بىلەن بولغان تۇرمۇشىمغا چىدىمايۋاتىدۇ. مېنى كۆرەلمىگەچكە ، مېنىڭ چىرايلىق بىر قىز بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقانلىقىمغا ھەسەت قىلغاچقىلا ماڭا ئاشۇنداق نەزەر بىلەن قارايدۇ. ‹ سەتنىڭ ھالى ، چىرايلىقنىڭ دەردى› دەپتىكەن. ئايالىم ئۈچۈن دەرد تارتسام نېمە بوپتۇ؟ ناۋادا ئايالىم چىرايلىق بولمىغان بولسا ئۇلارمۇ ماڭا ھېلىقىدەك قاراپ يۈرمىگەن بولاتتى. قايسىبىر ئەرنىڭ ئايالىمغا ئوخشاش چىرايلىق ، كۆيۈمچان ، جىسمىدىن روھىغىچە گۈزەللىككە تولغان قىزغا ئېرىشكۈسى كەلمىسۇن؟ ...›› دېگەندەك خىياللار بىلەن ئۆز – ئۆزىنى بەزلەپ كەلگەندى. مانا ئەمدى كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، قۇلىقى بىلەن ئايالىنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى. چاتاق يېرى ، ئۇلارنى تۇتۇۋالالمىدى. ناۋادا ئۇ ھېلىقى تۇزكور ئاغىينىسى بىلەن ئايالى مۇناپىقنى ھارغۇدەك كالتەكلەپ ئۇرالىغان بولسا، ئۇرۇپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن قانۇننىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا ، ھەي....  شۇنداق قىلالىغان بولسا ئۇ ئۆز – ئۆزىگە بولسىمۇ يۈز كېلەلەيتتى ئەمەسمۇ . ئەپسۇس، ساتتارنىڭ تېخى كۆرىدىغان كۆرگۈلۈكى ، تارتىدىغان دەردى، چېكىدىغان ھەسرەت – ئازاپلىرى بار ئوخشايدۇ. ئۇ ھەرقانچە يۇلقۇنۇشلىرى، يامغۇردا قالغان ئېيىقتەك كۈچەپ سىلكىنىشلىرى كار قىلىدىغاندەك ئەمەس. بەئەينى تاش ھەيكەلدەك يەرگە چاپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. نېرۋىىسىدىن باشقا ئەزاسى كېرەكتىن چىققاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ جىسمى مىدىرلىيالمىغىنى بىلەن كاللىسى، نېرۋا توقۇلمىلىرى، سەزگۈلىرى ساقتەك قىلىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ ئويلىغىنى توغرا بولۇپلا قالسا ، چاتاقنىڭ چوڭى چىققان بولىدۇ. ئۇ بىرقانچە يىللار ئىلىگىرى ئاڭلىغان مۇنداق بىر ھېكايىنى ئويلاپ تىشۋىشلىنىشكە باشلىدى. ـــ ئايال كىشىدىن قورقمىسا بولمايدۇ ئۇكام، - دېگەنىدى چاچلىرىغا ئاق چۈشۈپ چارباش بولۇپ كەتكەن بىر ئادەم، ــ بىزنىڭ مەھەللىدە ئاجايىپ چىرايلىق بىر چوكان بولىدىغان ، مەھەللىدىكى چوڭ – كىچىك، ئەركەك تۈكىلا بار كىشنىڭ ئۇنىڭغا كۆز تاشلىمايدىغىنى ، لەۋلىرىنى يالاپ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلمايدىغىنى يوق دېگۈدەك ئىدى. ئۇنىڭ ئېرى ئايالىنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ داڭلىق بىر موللامنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەردىنى تۆككەن ئىكەن. ھېلىقى موللام ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ بىر قۇلۇپقا ئەپسۇن ئوقۇغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەمگە تاپىلاپ ‹‹ سەن بۇ قۇلۇپنى ئايالىڭنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى سالىدىغان ساندۇققا سېلىپ تاقاپ قوي. ئۆزۈڭ ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولىدىغان چاغدا ئايالىڭغا چاندۇرماي قولۇپنى ئېچىۋەتسەك بولىدۇ. ئىش تۈگىگەندە يەنە جايىغا تاقاپ قويىسەن. سەن دېگەندەك قىلىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلىساڭلا ئون بېشى بار ئادەم بولسمۇ ئايالىڭ بىلەن زىنا قىلالمايدۇ›› دېگەنىكەن. ئەر ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ خېلى كۈنلەرنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، تۇيۇقسىز بىركۈنى ئايالىنى بىر دارازا بىلەن ياتقان جايدىنلا تۇتۇۋاپتۇ. ئۇ ئايالىنى قاتتىق قىيناپ سوراق قىلغانىكەن، ئايال‹‹ مەن خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىلەن ئىش – پەش تارتىشپ يۈرگەن. تۇيۇقسىزلا ئۇ كېرەككە كەلمەس بولۇپ قالدى ھەم ماڭا:‹ئېرىڭ موللامغا ئوقۇتۇپ ئالدىڭنى باغلاپ قويۇپتۇ. شۇنى بىكار قىلىدىغان ئىشنى قىلمىساڭ بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگەيدۇ› دېگەنىدى. سىزنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىڭىزغا ھەم مەن بىلەن بىرگە بولغان چاغدا نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىزغا دېققەت قىلدىم. قارىسام سىز مېنىڭ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن ساندۇقنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئىچىنى مالتىلاپ قويدىڭىز ھەم ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ساندۇقنى يەنە قۇلۇپلاپ قويدىڭىز . مەن شۇ قۇلۇپتىن گۇمان قىلىپ سىز ئۇخلاپ قالغان چاغدا قۇلۇپنى ئوخشاش يەنە بىر قۇلۇپقا ئالماشتۇرۇۋەتكەنىدىم . سىز سودا قىلىمەن دەپ سىرتلاردا يۈرىسىز، مەن يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ پەقەتلا چىدىمايدىكەنمەن›› دەپتۇ. مانا قارىمامسەن، بەندە دېگەن ئۇنى بۇنى دەپ باقىدىكەنمىز. ئۇلۇغ ئىگىمىز ھەركىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرمىسە بىكار ئىكەن. ئۇ ئەنە شۇ گەپلەرنى خىيالىدىن ئۆتكەزگەچ  ئايالىنىڭ بىرەر موللامنى تېپىپ ئۆزىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان بولۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. كۆز ئالدىدا ئايالى بىلەن ھېلىقى ئاغىينىسى قىپ يالىڭاچ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى. ئۇ غەزەپ – نەپرەت ئوتىدا پۇچلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنى ئويلىغانسېرى كۆزلىرى چۆچەكتەك ئېچىلغان ھالەتتە ياتاتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا ھاسسىنى دېۋەيلەپ كەلدى. بوۋاينىڭ كۆزلىرى بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر ، چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ــ سەن ئەسلىڭنى يوقاتتىڭ،ــ دېدى بوۋاي ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ، بۇ چاغدا بوۋاينىڭ ئاپئاق ساقىلى تىترەپ كەتكەندى. ــ ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق خائىنلىقنىڭ ئىپادىسى . ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، نېمىلەرنى قىلىش ، نېمىلەرنى قىلماسلىقىنى بىلمەسلىك ھاماقەتلىك. ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇغان، روھىيىتى بۇلغانغان  ئادەمنىڭ كۆرگۈلۈكى مانا مۇشۇ ئوغلۇم. ئەتراپىڭغا قارا، قېرىنداشلىرىڭغا يار – يۆلەك بولۇشنى ئۆگەن . پۇلۇڭ بولسا پۇلۇڭنى ، ئىلىمىڭ بولسا ئىلىمىڭنى ، ئەگەر ھىچنىمەڭ بولمىسا قارا كۈچۈڭنى بولسىمۇ بەر، قىلمىشلىرىڭغا توۋال قىل ، خۇدا توۋا قىلغۇچىلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ھاراق ئىچمە، چىكىملىككە يېقىن يولىما. ئەگەر سەن مەن دېگەندەك قىلىپ ، مېنىڭ يولۇمدا ماڭساڭ ساڭا بەخىت – ئامەت يار بولغۇسى. ئۇ بوۋىسنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان چېھرىگە قاراشقا پىتىنالماي كۆزىنى يۇمۇۋالغانىدى. ئۇ بوۋام ھاسا بىلەن بېشىمغا ئۇرسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان بولسىمۇ ، بوۋاي ئۇنى ئۇرمىدى. ئۇ بوۋاينىڭ ئاۋازى توختىغاندىن كېيىن بوۋايدىن كەچۈرۈم سورىماقچى ، ھاراق ئىچمەي، نېشە چەكمەي ھەقىقى دۇرۇس ئادەم بولۇپ ، خورلۇق ، ئازابتىن قۇتۇلۇپ ئادەمدەك ياشاش ھەققىدە ۋەدەبەرمەكچى بولۇپ كۆزىنى ئاچقان چاغدا بوۋاي ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىدى. ئۇ بوۋاينىڭ قاچانلاردا ئۆزىدىن ئايرىلغانلىقىنى قانداق قىلىپ ئۆزى قىيىن ئەھۋالدا قالغان چاغدا كۆز ئالدىدا خىزىردەكلا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ ئۈلگۈرگۈچە نېرۋىسى تورمۇزلىنىپ قالغاندەك بولدى ــ دە، ئۆزىنىڭ بېشغا كەلگەن قىسمەتنىڭ ، كۈلپەتلەرنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئويلاپ قالدى. ئۇ ئەتراپىغا شۇنداق قارىۋىدى ئايالىنىڭ ئالدىراش كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.    ئۇ نەگە ماڭغاندۇ؟ بايىلا ئۆيدە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم، ئەمدى سىرتتا كۆرۈنۋاتقىنى قىزىق. مېنى تونۇمىدىمۇ ياكى كۆرمىدىمۇ؟ ماڭا گەپ قىلمىغىنىغا قارىغاندا... قېنى، نېمىلا كۆرسەم كۆرۈپ ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتەي... ئۇ  ئايالىنىڭ كەينىگە چۈشتى. ئايالى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىنى سەزمىدىمۇ ياكى سەزگەن ، بىلگەن بولسىمۇ ئەمدى بولغۇلۇق بولدى، يوشۇرغۇدەك يېرى قالمىدى دەپ ئويلاپ ھەممە ئىشلىرىنى ئېرىگە بىلدۈرگىسى ، شۇ ئارقىلىق ئېرىنىڭ ئاللىقاچان يوقاتقان ۋىجدان ، غورۇرىنى ئويغاتماقچى بولدىمۇ قانداق ئۇدۇل ماڭغىنىچە قويۇق ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. كىنولاردا ئۇچقاپ قالىدىغان، مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاياللاردەك  ئورمانلىققا كىرىپ يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پايدا بولغان ئەرنىڭ قۇچىغا تاشلاندى. ئەجىبا ئۇ راستىنلا مېنىڭ ئايالىممڭدۇ؟ ئەگەر ئۇ راستىنلا مېنىڭ ئايالىم بولسا ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغانمۇ؟ ئۇ زادى كىم ئۈچۈن ياشاۋاتىدۇ؟ كۆڭلىدە مەن، ئائىلە ۋە بالا بارمىدۇ؟ ياق. ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك! پەقەت بوغۇزلىۋېتىشلا ھەممىنى ھەل قىلىدۇ.... ئۇنىڭ يېنىدا ئادەم ئۆلتۈرگۈدەك خەنجەر تۈگۈل ئالما سويۇپ يىيىشكە يارىغۇدەك قەلەمتۇراچمۇ يوق ئىدى. تاش بىلەن ئۇرسا قايسى بىرسىنى ئۆلتۈرگىلى بولاتتى؟ ئاۋۇ گۇي بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا ئىش چاتاق. تاياق يىيىشقۇ بىرگەپ، تېخىمۇ يامىنى خەق ئاڭلايدۇ. بىلمىگەنلەرمۇ بىلىپ كېتىدۇ. ساقچى چاقىرسىمۇ ئوخشاش، خەقنى بىرنەچچە يىل تۈرمىگە سولىغان بىلەن يۈرەكتىكى ئاچچىقنى چىقارغىلى بولامتتى؟ ئۇلار ئۆلمەيدىكەن ئاچچىق مەڭگۈ چىقمايدۇ. ئەكسىچە كۈچىيىدۇ، بىرسى ئىككى، ئىككىسى تۆت بولىدۇ. ئۆلتۈرۈش كېرەك. چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك! بىراق پىچاق بىلەن ئەمەس، تاش بىلەنمۇ ئەمەس، ئۇنى مۇشۇ يولغا ماڭغۇزغان تەرەپتىن قىيناش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ خېلى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن ‹‹ ئايالىمنىڭ شەھۋانىي نەپسى قۇتراتمىغان بولسا ، ھەرگىزمۇ ئۇنداق پەسكەشلىكلەرنى قىلمىغان بولاتتى›› دەپ ئويلاپ ئايالىنى پەقەت ئاشۇ ئىش ئارقىلىقلا جازالاشنى لايىق كۆردى. ئۇ ئاۋال ئاۋۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈش، ئاندىن ئايالىنى جازالاشنى ئويلاپ قولىغا يوغان تاشتىن بىرنى ئالدى-دە ئايالى ياتقان يەرگە قاراپ ئېتىلدى. قىزىق، ئۇنىڭ ئالدىدا ئايالى قىپ يالىڭاچ سونايلىنىپ ياتاتتى. ھېلىنىڭ ياقى ئايالى بىلەن پومداقلاشقان ئەر بىلەن قولىدىكى تاش نەگىدۇر غايىپ بولغان، ئۆزى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئايالىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى. ئۇ كۆپ كۈچىگەن، نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ، قىلماقچى بولغان ئىشى پەقەتلا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئايالىنىڭ ئالدىدا كېرەككە كەلمەي شەرمەندە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى زىيادە كۈچەپ كەتكەچكىمۇ سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك پۈتۈن ئەزايىدىن سۇ ئېقىپ ، شۈمشىيىپلا قالغانىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى كىنولاردىكى ئايال ئالۋاستىدەك كارىۋاتتىن چۈشكىنىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. توۋا، بۇ قانداق ئىشتۇ؟ مەن نېمىشقا بىردەم ئۆيدە، بىردەم يولدا، بىردەم ئورماندا، يەنە بىردەمدە كارۋاتتا بولۇپ قالىمەن؟ ئەجىبا ئايالىم مېنى راستىنلا سېھىرلىۋەتكەنمىدۇ؟ توغرا، ئۇ ئەپسۇن ئوقۇتۇپ مېنى كاردىن چىقارغان ئوخشايدۇ. بىراق ئۇ نمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟  ئۇ تولىمۇ بچارە قىياپەتتە ئايالىغا قارىدى. بۇ قېتىم ئايالى ئۇنى قۇچاقلىغىنچە يۇم – يۇم يىغلاپ كەتتى. چۈش كۆرۈپتىمەندە؟ مېنى يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ. ناۋادا ئويغىنىپ كەتمىگەن بولسام يەنە نېمە سەتچىلىكلەرنى كۆرۈپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ يۈرەر بولغىيدىم.... ئۇ چۈش ئىچىدە چۈش كۆرەۋاتاتتى. ـــ قىزىلمۇچ چاناپ شورپا قىلىپ قويدۇم، ئىچىۋېلىپ ئاندىن ئۇخلاڭ، - دېدى ئايالى ئۇنىڭغا بىرچىنە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان شورپىنى سۇنۇپ. ئۇ ئايالىنىڭ چىرايىغا بىرەر ئىشتىن گۇمان قىلىپ قالغاندەك قارىغان بولسىمۇ ، ئايالىنىڭ تۇرقىدىن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك، ھەممىلا ئىش نورمالدەك بىرخىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغاچقا ، گەپ – سۆز قىلماي شورپىنى ئىچىشكە باشلىدى. شورپىنى ئىچىپ بولۇپ ئىشقا ماڭاي دەپ تۇراتتى. ئايالى ئۇنىڭغا قاراپ ناھايتى بوش ئاۋازدا . ــ بىز ئاجىرىشپ كېتەيلى ، ــ دېدى. ــ نېمىشقا ؟ ئۇنىڭ سوئالى بىلەن تەڭلا ئايالىنىڭ كۆزىدىن چاقماق چاققانغا ئوخشاش ‹‹ لاپ ›› لا قىلىپ بىرخىل سوغۇق نۇر ياغدى. ئۇ شۇھامان ئۆزنىڭ خاتا سۇئال سوراپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئايالىغا قاراپ: ــ مېنىڭ ئاجراشقىم يوق . مەن سەن بىلەن ئاجرشىپ كېتىش ئۈچۈن توي قىلمىغان، - دېيىشىگە ، ئايالىمۇ: ــ مەنمۇ ئاجرىشپ كېتىش ئۈچۈن توي قىلىمىغان . بىراق مېنىڭ بۇنداق ئازاپ ئىچدە ياشغۇم يوق، ــ دېدى. بۇ دورەم ئايالىنىڭ كۆزىدە لىققىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى. قارىغاندا بۇ ئايال چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ، ئۆزى خالىمىغان بىر ئىشقا تەۋەككۈل قىلۋاتقان بولسا كېرەك. ئايال ساتتار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر يىگىتكە ئېرىشكەنلىكىدىن ، ساتتارنىڭمۇ ئۆزىنى چىن دىلىدىن سۆيگەنلىكىدىن خۇشال بولغاندى. توي قىلىپ نىكاھ ئوقۇلۇۋاتقان چاغدا ‹‹ مەڭگۇ ئېرىمگە سادىق بولىمەن. ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا بولۇشقا تىرىشمەن، بىر ئۆمۈر ئېرىمىدىن  ئايرىلماي بىرگە ياشاپ ، بىرگە قېرىيمەن›› دەپ ئۆز – ئۆزىگە ۋەدە بەرگەنىدى. بىراق توي قىلىپ ئۇزاق بولمايلا ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلاندى. ئېرىنىڭ ھاراق بىلەن نېشىگە بېرىلىشى ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتنى ئاستا – ئاستا نەپرەتكە ئايلاندۇرۇپ، بىرچاغلاردا ئەركىلەپ سۆيۈپ ھەم سۆيۈنۈپ يۈرگەن ئېرىدىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بىركۈنى غەرق مەست بولۇپ كەتكەن ساتتارنى يۆلەشتۈرۈپ كىرگەن گازىر كۆز قوشنىسى ساتتارنى ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز كېسلى تۇتۇپ قالغان ساراڭدەك ئۇنى بار كۈچى بىلەن كارۋاتقا بېسىۋالدى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلىپ ۋارقىراپ باققان ، ساتتارنى توۋلاپ ئويغاتماقچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۆلۈكتەك يېتىپ خورەك تارتىۋاتقان ساتتارغا قاراپ ئۈمىدى ئۈزۈلدى – دە ، ئاستا – ئاستا بوشىشپ پۇت – قوللىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك بولۇپ قالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ساتتاردىن يىرگىنىشكە باشلىغانىدى. بىرقانچە كۈن ھەتتا نەچچە ئاي ئازابلىنىپ يۈردى. ساتتارنىڭ ھاراقكەشلىكى سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىغا، شۇنچە ۋارقىراپ – جارقىراپ كەتسىمۇ ئېرىنىڭ ئۆلۈكتەك ئۇخلاپ ياتقانلىقىغا ، قىسقىسى ئېرىنىڭ ھاماقەتلىكىگە ، ھېچىنىمنى ئۇقماي يۈرۈشگە غەزەپلەندى. بەزى كۈنلىرى ئۇ ‹‹ ئېرىم قەستەن شۇنداق قىلىۋاتامدىغاندۇ ، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان ئادەم راستتىنلا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان ، خەقنىڭ دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۆز نېسىۋىسىگە قول سوزۇپ ئىززەت – ھۆرمىتىگە ، ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىگە تېگىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتەمدىغاندۇ؟ ›› دېگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتى. ئەمما ئېرىگە بىرەر ئېغىز بولسىمۇ ‹‹ سەن ئۆلۈك ئېشەكتەك لالىيىپ ياتماي مېنىمۇ ئويلاپ قوي ›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمىگەن ھەتتا ئەگەر ئېرىم كېرەكتىن چىققان بولسا ئۇنىڭ يارىسىنى تاتىلاپ نېمە قىلىمەن ، ئېھتىمال تەڭرىنىڭ بۇيرۇغىنى شۇ بولسا كېرەك ، دەپ ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ يۈرگەن چاغلاردا ئېرىگە داۋالىنىپ بېقىش ھەققىدە بىر نېمە دېمەكچى بولاتتىيۇ، يەنە بىر يەرلىرىدىن ئۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى تەسىر بەرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۈن – تۈنسىز ياشاپ كەلگەنىدى. ساتتار بولسا ئايالىنىڭ ئۆزىدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇغاندەك، ئۆيدە بىر ئايالنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ياغاچ قونچاق ئەمەس ، تومۇرىدا قېنى كۆۋەرەپ ئېقىپ تۇرغان ھېسياتلىق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىدىن مۇھەببەت ، سۆيگۈ كۈتۈپ ، ئوتلۇق سۆيۈشلىرىگە ، شېرىن تاتلىق ھارارەت ئارقىلىق سۆيۈندۈرۈشكە مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى. بەزى دوستلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىچۈرۈپ ، چەكتۈرۈپ قويۇپ ياخشى ئادەم قىياپىتىدە ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئەكىرگەنلەرنىڭ ، جەننەتنىڭ ھۆرلىرىدەك كېلىشكەن ، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك تولغان ئايالىغا قاراپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈرگەنلىكىنى ، ئايالىنىڭ ئۇ يەر – بۇيەرلىرىنى چىمداپ ، سىيلاپ يېقىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقنى ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ‹‹ ئىست ، ياشلىقىڭىز ، مۇشۇنداق چىرايلىق قاملاشقان ئايالنى تۇتسا تەۋرىمەس، تەپسە مۆرىمەس لەقۋاغا بەرگەن تەڭرىنىڭ كۆزى كوركەن، سىز ئەسلى ماڭا ئوخشاشلار بىلەن... ›› دەپ كارىۋاتقا سۆرەشلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى. ئايال بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىرەر قۇر ئەسلەپ قەتئى نىيەتكە كەلدى ــ دە، ساتتارغا تىكىلىپ تۇرۇپ: ـــ ئەسلىدە مەن خېلى بۇرۇنلا سەن بىلەن ئاجرىشپ كېتىشنى ئويلىغان، سېنى ئوڭشلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ تولا كۈتتۈم ، خورلاندىم. ئازابلاندىم ، بىراق سەن مەڭگۈ ئۆزگەرمىگۈدەكسەن. ئىش بۇ يەرگە كەلگەندەك مەن يەنە سەن بىلەن بىرگە تۇرالمايمەن... – دېدى. ئايالىنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياش ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ تازلىۋەتمەكچى بولغاندەك تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى. ــ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتقان ئوخشىمامسەن؟ بىلىمەن، مەن ھاراق خۇمارى بولۇپ قالدىم. ئەمما ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغىنىم يوققۇ؟ مەست بولۇپ قالغان كۈنلىرىم ئاغىنىلىرىم سېنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ، مېنى خېلى يىراق يەرلەردىن يۆلەشتۈرۈپ ئەكەپ قويۇۋاتىدۇ. مەن ھېچقاچان ساڭا خىيانەت قىلىدىغان ئىش قىلىپ باقمىدىم. ئۇنداق ئىشلارنى قىلغۇممۇ يوق . خەق نېمە دىسە پەرۋايىم پەلەك، مەن ساڭا ئىشنىمەن. ئۇ ‹‹ ئىشىنمەن›› دېگەن سۆزنى دەپ بولۇپ سەل ئويلىنىپ قالدى. ئۇ ئايالىنى تۇتۇۋالغان ئىشنىڭ ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالغانىدى. مېنى قارا بېسىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق غەلىتە چۈش كۆرۈشۈم تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسقۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان تۇرسا ، خەقنىڭ ، ئاغىينىلىرىمنىڭ خوتۇنلىرى ئەرلىرى مەست بولۇپ قالسا ئاچچىق – چۈچۈك بىر چىنە ئاش تۈگۈل ، بىرەر پىيالە سۇمۇ ئەكىرىپ بەرمەيدىكەنغۇ؟ ئايالىم ھەقىقەتەن ياخشى ئايال. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئاجرىشپ كەتسە ئۇنىڭدەك كۆيۈمچان خوتۇننى نەدىن تاپىمەن؟ ــ سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش چۈشۈڭ بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ ساراڭ خوتۇن. مەن ساڭا ئىشنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ ئاجرىشمەن›› دېگەن گەپنى ئېغىزىڭغا ئالغۇچى بولما. زىرىكىپ قالغان بولساڭ قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاراڭلىشپ چىق. بولدى، بۇنداق گەپلەرنى قىلىشمايلى. مېنىڭ سەندىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق. شۇ چاغدا ئۇ ئايالىنى راستتىنلا ئاجرىشپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ بەكلا ئەنسىرگەنىدى. ناۋادا راستتىنلا ئاجرىشپ كەتسە ئۇنڭغا كىم تېگىدۇ؟ ناۋادا ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى چۈش بولماي رېئاللىق بولۇپ قالسا تېخمۇ چاتاق . خەقلەر ئۇنى كۆرسىلا ‹‹ قاراڭلا ، ئاۋۇ مەستنىڭ ئىسمى ساتتار ، ئۇنىڭ خوتۇنى خەق بىلەن تېپىشپ قېلىپ ئۇنى تاشلاپ كەتكەن›› دەپ يۈرسە نە ئات ، نە نومۇس. يالۋۇرۇش ، يېلىنىش كېرەك . ‹‹ ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ›› دەيدىغان گەپ بارغۇ . ئۇ يېلىنىپ يالۋۇرسا ئايالى ئاچچىقىدىن يېنىپ قېلىشى مۇمكىن. ــ بولدى، ئاۋارە بولما، ــ دېدى ئايالى ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە غەزىپى قايناپ. - ئەمدى نېمىلا دىگىنىڭ بىلەن بىكار، مەن ئاجرىشپ كېتىمەن. ئايال سوتقا ئەرز قىلىپ قەتئىي ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقنى دېگەن چاغدا ئۇ ھەيران قالدى. ئۆزىنىڭ چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا تەمتىرەپ يۇرگەن كۈنلىرىنى ئەسلىدى. تاكى بۈگۈنگە قەدەر رىئاللىقنى چۈشۈم دەپ ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ كەلگىنىگە غەزەپلەندى. ــ ئەسلىدە چۈشۈم ئەمەس ئىكەن دە، - دېدى ئۇ سوتچىنىڭ ئالدىدا بېشنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ چۈش كۆرگەن ئادەمدەك جۆيلۈپ. ــ مەن ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈم بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغانىكەنمەن. بىراق مېنىڭ ئاجراشقۇم يوق. نېمىدەپ ئاجرىشدىكەنمەن . ئاجراشمايمەن، چوقۇم ئاجراشمايمەن. سىلەر نېمە سەۋەپتن بىزنى ئاجراشتۇرۋېتىسىلە؟ ئۇ ياقتۇرمىغان بىلەن مەن ياقتۇرمەن، ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسە ئۇنىڭ ئىشى، بىراق مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. باراۋەرلىك دېگەن نېمە زادى؟ ئۇ ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئاجراشسا بولىدىكەن، ئۇنداقتا مەن ئۇنى داۋاملىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈچۈن نېمە دەپ بىرگە تۇرالمايمەن؟ سوتچى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاجرىشش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەن بولسىمۇ ، ئايالىنىڭ قايتا – قايتا تەلەپ قىلىپ ‹‹ ئۇنىڭ نېرۋا كېسىلى بار، مېنى خەق بىلەن ياتقان يېرىمىدىن تۇتۇۋالغان ، ناۋادا يەنە شۇنداق ئىش يۈز بېرىپ ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرسە چوقۇم سىلەر مەسئۇل بولۇشۇڭلار كېرەك›› دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ، سوتچىلار ئاجرىشش قەغىزى بېجىرىپ بەرگەنىدى. ساتتار ئاجرىشش قەغىزىنى سوتچىنىڭ ئالدىدىلا يىرتىپ تېرىقنىڭ قاسرىقىدەك پارچە – پارچە قىلىۋەتتى  ــ دە، ئايالىنىڭ يۈزىگە ‹‹ تۈفى ›› دەپ بىرنى تۈكۈردى. يۈزىگە‹‹ شالاق›› قىلىپ چۈشكەن تۈكۈرۈكتىن چۆچۈپ ئويغانغان ساتتار ئۆزىنىڭ يەنە چۈش كۆرگەنلىكىنى ھېس قىلدى – دە ، بېشنى قايتىدىن ياستۇققا قويۇپ ئۆزنىڭ قاچانلاردا ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاشقا باشلىدى. توي چېيىغا بارغانلىقى ، سورۇندا كىم بىلەندۇر گەپ تالىشپ قالغانلىقىنى غىل – پال ئېسىگە ئالالىغان بولسىمۇ ، سورۇندىكىلەر ئاجرىتىپ قويغاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئازراقمۇ ئەسلىيەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئايالىدىن سوراپ باقماقچى بولۇپ ئايالىغا قارىۋىدى. ئايالىنىڭ يەڭگىل نەپەس ئېلىپ ئۇخلاۋاتقانلىقنى كۆردى. ئۇ ‹‹ شۇ تاپتا ئايالىممۇ ماڭا ئوخشاش غەلىتە چۈش كۆرۈۋاتقانمىدۇ، ئەگەر راستتىنلا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش چۈش كۆرۈۋاتقان بولسا شۇ تاپتا ئۇ قورقۇپ كېتىۋاتقاندۇ. مەن ئۇنى ئويغىتىۋېتەي، قورقۇپ كەتمىسۇن›› دەپ ئويلاپ ئايالىنى ئويغاتماقچى بولۇپ تۈرتكۈشلىگەن بولسىمۇ ، ئايالى ئويغىنىش تۈگۈل مىدىراپمۇ قويماي ئۇخلاۋەردى. ئۇ قىزىقچىلىق قىلماقچى ، ئايالىنىڭ يۈزىگە مۇزدەك سوغۇق سۇ سەپمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ بىر چىنە سۇ ئېلىپ چىقىپ ئايالىنىڭ يۈزىگە پۈركۈش ئۈچۈن قوۋۇزىغا لىققىدە تولدۇرۇۋالغان سۇنى زەھەر يۇتقاندەك ‹‹ غۇرت›› تىدە يۇتۇۋەتتى. ئايالنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، چېھرىدە سۇس ، بىلىنەر – بىلىنمەس ھاياجان ئارىلاش كۈلكە قېتىپ قالغان ھالەتتە ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇ چاپاق باغلاپ كەتكەن كۆزىنى ئۇۋۋلاپ تۇرۇپ ئايالنىڭ چېھرىگە دېققەت قىلىشقا باشلىدى. ئايالنىڭ چېچىدىن قويۇق موخوركا ئىسى گۈپۈلدەپ پۇراۋاتاتتى. ئايالنىڭ بوينىدىكى چىش ئىزىنى كۆرۈپ يۈرىكى چىممىدە قىلىپ ئاغرىپ ئېچىشىشقا باشلىدى. ئۇ پۈرلىشپ كەتكەن كىرلىكتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى. مېمانخانا ئۆينىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان جايىغا ئېسىپ قويۇلغان توي خاتىرە سۈرىتىگە قارىدى. ئۇ رەسىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشنى، ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە تەۋە بولۇپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويلىدى. ئۇنىڭ خىياللىرى ئۇنىڭغا ‹‹ ئۆزۈڭگە ھەم ئايالىڭغا ئىشەن، قالايمىقان خىياللاردا بولما›› دېسە، شىرە ئۈستىدىكى موخوركا قالدۇقى بىلەن ئۇنىڭغا تونۇش چاقماق كۆرگەنلىرىنىڭ چۈش ئەمەس ، بەلىكى مۇشۇ ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىكەنلىكىگە مانا بىز گۇۋاھ دەۋاتقاندەك كۆز ئالدىدا پارقىراپ تۇراتتى.


hanjar731 2010-09-02 00:15
ئەتە ئۇقۇيمەن،،بەك جىقكەن،،ياخشىدەك قىلىدۇ بولمىسا.گىپىم گەپ..

LOVE8 2010-09-02 00:45
ئوھ  نىمانداق كۆپ ھىكايە بۇ  ....................يەنىلا بۇ جاھاندا بۇلىۋاتقان ئىشلارغا توۋا ................................ئىملاغا دىققەت قىلىڭ مەنبەنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ ...........................

223355 2010-09-02 01:38
سىز   يازدىڭزمۇ

hanjar731 2010-09-02 01:40
ئەڭ باشتا باركەن بالا مەنبەسى،كۆرمەپسىلەر،،مانا..(ئاپتۇرى؛ ئەخمەتجان ئوسمان   كۆلچى)

sorayy 2010-09-02 01:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:         ئەزىز دوستلار! Y3O#Q)-j$  
بۇ ھىكايە جەمئىيەتتە بولىۋاتقان ئىشلارنى  ئەينەن سۆرەتلەپ بېرىپتۇ. بىراق سىز بۇ ھىكايىنى بىرخىل رەڭدە يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.بۇندىن كىيىن بىر خىل رەڭنى قوللىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ~H!S,"n^,P  
love_8مەنبەنىمۇ ئەسكەرتىپتۇ.‹‹ئاپتۇرى_ئەخمەتچان ئوسمان كۆلچى  ››قارىغاندا سىز دېققەت قىلمىغان ئوخشايسىز؟!!!!!!!!!!

nurlan0018 2010-09-02 02:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بەك ياخشى ئەسەركەن . ھاراقكەشلەر توۋا قىلسا بولغۇدەك بۇنى كۆرۈپ ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ مەنەتىگە تاقىشىدىغان ئىش بولغاندىكىن بىر ئويلىنىپ باقسۇن . ئاخىردا ساتتاردەك كۈنگە قالسا .......ھەي . ئاللاھ ساقلىسۇن بۇنداق ئىشلاردىن . يەنىلا شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تەۋپىق ، ھىدايەت تىلەيلى .

hanjar731 2010-09-02 13:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى polatboraدە2010-09-02 13:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : pz\ +U7  
مەنبەسىچۇ c1k/UcEcg~  
m.# VYN`+A  
ۋاي بېشىم،،تىمىنى ئۇقۇپ يېزىڭ ،ئىككىتال ئىنكاسنى ئۇقۇپلا ئىنكاس يېزىپ..مەنبەسى تۇردۇ قالغانلارنىڭ مەنبە جىدىلى قىلغىنىمۇ يىتىپ ئاشار،چۈشەنچە بەردۇققۇ.پەستىكى ئىنكاسلارنىمۇ ئوقۇپ قۇيۇڭ.ھەممە تىمىغا تۇتامغا چىقمايدىغان ئىنكاس يېزىپ قۇيۇپسىز تىمىنى قەتتىي ئوقىمايدىكەن جۇمۇ بەزى باللا..ئەستا،،

shahrukh 2010-09-02 14:48
ئەسسالام ئەلەيكۇم.؟ Wz49i9e+d  
رىستۇراننى ئەستايىدىل تونۇشتۇرۇپ كىتىپسىزغۇ. بۇمۇ بوپتۇ.

mamatjan005 2010-09-02 17:15
كۆز بارمۇ مەنبەسى ئۈستىدە تۇرمامدۇ؟

hanjar731 2010-09-02 17:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى mamatjan005دە2010-09-02 17:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 1-قەۋەت(hanjar731) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش : T6O::o6  
كۆز بارمۇ مەنبەسى ئۈستىدە تۇرمامدۇ؟ ~("5y G  
yzbx .  
كۆز سىلىدە يوقكەن،،مەن مەنبە يوقكەن دەپتىمەنما؟مەنبە باركەن دەپ شۇئار توۋلاۋاتقان مەن ئا ياردە،،

polatbora 2010-09-02 19:52
ھاراق ئىچسە بولمايدۇ ھاراق دىگەن نىجاسەت

sansiz 2010-09-03 01:34
ھەي ھاراق سەن قانچىلغان ئائىلىنى خانىي ۋەيران قىلىدىڭ ھە. دوستلار بۇ ئەسەردىن ئىبرەت ئىلڭلار.  ئاپتۇرغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت.

LOVE8 2010-09-04 10:12
ئەپسۇس ئۇنى مەنبە دىمەيمىز ئاپتۇرى دەيمىز ................مەنبە دىگەن قايسى مۇنبەر ؟قايسى كىتاپ دىگەندەك بولسا ئاندىن مەنبە دەيمىز  ؟

dartman119 2010-09-06 09:33
راسىتلا جاپا تارتىپسىز جىمۇ...رەھمەت ئەجرىڭىز گە....ياخشىكەن...

jamalidin0903 2010-09-12 23:28
ياخشى يېزىلىپتۇ بىراق ھاراقكەشلەرنىڭ بىرەرسى بولسڭمۇ بۇ تىمىنى كۇرۇپ ئىبرەت ئالارمۇ.


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- ھاراقكەشنىڭ خوتۇنى[ ھېكايە] --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us