تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت --]

ئىز كۇلۇبى -> ئىز تورىغا تەكلىپ -> مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

abudula 2010-08-23 12:34
                                                       مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت 3uLG$`N   
o,6t: ?Z  
(مىنىڭ بۇ خىتىم ھىچقانداق بىر مۇنبەرگە قارىتىلمىغان،<<ئىز>>نى ھازىرقى مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ داڭلىقى دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن بۇ يازمىنى يوللۇغۇم كىلىپ قالدى،بەلكىم بۇ يازمىنى خەت ئەمەس تەكلىپ دەپ ئاتىسام مۇۋاپىق بولاتتى،ئەمما جەلىپكارلىقىنى  ئاشۇرۇش ئۈچۈن  مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت دەپ ئاتىدىم) F]a o Ty  
K*/oWYM]  
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۆھتىرەم مۇنبەر قۇرغۇچى ۋە ئۇنى باشقۇرغۇچى ئەزىزلەر!سالامەتمۇ سىلەر؟ vO}r(kNJ  
   كەمىنە مۇنبەرلەرنى ئارلاشقا ئامراق زىيارەتچى بولغاچقا تور دۇنياسىدىكى ئانا تىلىمدىكى بارلىق مۇنبەرلەرنى لاماكان سىياقتا توختىماي زىيارەت قىلىمەن،دەسلەپتە ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن زىيارەت قىلاتتىم،كىيىن مۇنبەردىكى خىلى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىزىلغان قىسمەن يازمىلار مىنى بىرئاز ئويلاندۇردى،<< ھوي،مۇنبەردە مۇشۇنداق ماقالىلەرمۇ بولىدىكەن ھە>>مانا بۇ سۆيۈنىش ئىچ پۇشۇقىنى قىززىقىشقا ئايلاندۇردى،شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرنى تەپسىلى ئارلايدىغان ،ياقتۇرغانلىرىمنى زىيارەتچى سۈپىتىدە ئەمەس رەسمى ئەزا سۈپىتىدە كۆرىدىغان بولدۇم.ئانچە مۇنچە ئىنكاسلارنىمۇ يازدىم تىخى،تېماچىلىق قىلالمىساممۇ ئىنكاسچىلىق قىلدىم،لىكىن بۇمۇ بارا بارا مۇنبەرگە بولغان تەلەپلىرىمنى قاندۇرالمىدى،ياقتۇرغان نەرسىسىگە ئاشۇنداق تەلەپچان مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن ئادەم، )1s5vNVa  
   دىمەكچىمەنكى مۇنبەردىن قۇسۇر ئىزدەشكە باشلىدىم،باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆزۈم ياقتۇرغان تىمىلارنى نادىرلاپ قويسىكەن دەپ تەمە قىلدىم،ھەتتا ئىكاس شەكلىدە بۇ ئارزۇيۇمنى بىلدۈرۈپمۇ باقتىم،لىكىن شۇنى ھىس قىلدىمكى باشقۇرغۇچىلار مەندەك نامى چىقمىغان ،دەرىجىسى تۆۋەن،ئادەتتىكى ئەزاسىنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرمەيدىكەن ،كۆرسىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. Rx-\B$G  
قانداق قىلىش كىرەك؟ G4* LO  
ئاخىرى مانا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بۇ ئەرزىمەس خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ingG  
خوش،مەخسەتنى ئۇدۇللا دەۋىرەي ھە! \ruQx)5M  
1-    داڭلىق ،لاياقەتلىك بىر مۇنبەر قانداق بولىدۇ؟ cOVj @z  
مىنىڭ قارىشىم مۇنداق: لاياقەتلىك ،داڭلىق بىر مۇنبەر چوقۇم مەخسۇسلاشقان بولىدۇ.مەخسۇسلىشىش دىگەن ئىسىللىقتىن ،سالاپەتتىن دىرەك بىرىدۇ. ئونۋېرساللىق مۇنبەرنى ئادەتتىكى تەرتىپسىز بىر كىچىك بازارغا ئوخشۇتۇپ قويىدۇ.بۇ بازاردا ھەممە نەرسە بار ،ھەم شۇنچىلىك ئەرزان،لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر كىرگىڭىز كەلمەيدۇ،كىرىپ قالسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز ئانچە ئېچىلىپ كەتمەيدۇ، Bqf(6\)F  
        دوستۇم سىز بىر مۇنبەر قۇرغۇچى ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟مۇنبىرىڭىزنى داڭلىق بىر مۇنبەر قىلىپ چىقىش ئۈچۈن قانداق پىلانىڭىز بار؟ pY31qhoZ.  
2-    تىما ۋە ئۇنى نادىرلاش مەسىلىسى 6G8No-#y  
نىمە ئۈچۈن مۇنبەرنى ئادەتتىكى تايىنى يوق،مەزمۇنى پۈچەك ئۇششاق تېمىلار قاپلاپ كىتىدۇ؟ھەم ئاسان نادىرلىنىپ قالىدۇ؟خىلى ۋەزنى بار تىمىلار ئاسانلىقچە سەھىپە ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ؟ HpnF,4A>  
بۇنىڭغا مىنىڭ قارىشىم مۇنداق: -xn-A f!v  
چۈنكى مۇنبەردىكى خىلى كۆپ ئەزالار پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسەر ئىلان قىلىش ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تېزىملاتقان،شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ يازمىلىرىغا ئىنكاس يازغانلارنىڭ يازمىلىرىنى تىپىپ كۆرۈپ <<ئادىمىگەرچىلىك>> قىلىشىدۇ.ئۆز ئارا دوست تارتىشىدۇ،بىر قىسىم ھالال نىيەتلىك،جاپادىن قاچمايدىغان ئەزالارنىڭ خىلى جاپا ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يوللىغان داڭلىق شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە سوغۇقلا نەزەر تاشلاپ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئاشۇ ئەسەرلەر ھەققىدە بىرەر جۈملە بولسىمۇ ئىلمىي قارىشىنى ئىنكاس تەرىقىسىدە يىزىپ قويۇشتىن ئىرىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىلار بىرەر كۈن بويان قىسقاندىن كىيىن ئاستا سەھىپە ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ،نادىرلىنىش شەرىپىگە ھەرگىز ئېرىشەلمەيدۇ. +A}t_u3<  
   دوستۇم سىزدىن سوراپ باقسام سىز بىر مۇنبەر قۇرغۇچى ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟نەزىرىڭىزدىكى نادىر تىما قانداق بولىدۇ؟سىز ئۆزىڭىز باشقۇرىۋاتقان مۇنبەردىكى نادىلانغان تىمىلاردىن ھەقىقەتەن رازىمۇ؟مۇنبىرىڭىزدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشكە بەرداشلىق بەرگەن نادىر تېما بارمۇ؟بولسا بۇ نىمە سەۋەپتىن؟چىكىلىش قىتىم سانىنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ ياكى چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ جىقلىقىدىنمۇ؟بۇلارنى تىما نادىرلاشنىڭ ئاساسلىق شەرتى قىلىشقا بولامدۇ؟.ئۆز ئالدىڭىزغا بىرەر نادىر تىما تەييارلىدىڭىزمۇ(يازدىڭىزمۇ،ئۇيۇشتۇردىڭىزمۇ؟) TRhMxH  
3-    ئىنكاس يىزىش مەسىلىسى 5YY5t^T  
مەن ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن،بىر قىسىم تايىنى يوق،چاكىنا يىزىلغان ياكى خوشياقماي چىراي ئىپادىسى بىرىلگەن ئىنكاسلارنى مۇنبەرنىڭ ئەخلىتى دەپ قارايمەن.ئەخلەت بولغانكەن تازىلاش لازىم بولىدۇ ئەلۋەتتە. nWd!ovd  
دوستۇم سىزدىن سوراپ باقسام سىز بىر مۇنبەر قۇرغۇچى ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟سىز ھازىرغىچە ھەم باشقۇرغۇچى ھەم تازلىقچى بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟ئەزالارنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجابى ئىنكاس يېزىشقا يىتەكلىيەلىدىڭىزمۇ؟باشلامچىلىق بىلەن بىرەر تېمىنى تاللاپ قىززىتالىدىڭىزمۇ؟ y;b#qUd5a  
4-مۇنبەرگە داڭلىقلارنىڭ كىرىش مەسىلىسى IiPX`V>RC  
بۇ بىر نازۇك مەسىلە،مىنىڭ قارىشىمچە داڭلىقلار كىرگەن مۇنبەر چوقۇم داڭلىق بولىدۇ،ئۇلارنىڭ داڭقى ،نوپوزى بىلەن مۇنبەرنىڭ شۆھرىتىگە شۆھرەت قېتىلىدۇ،لىكىن داڭلىقلارنى مۇنبەرگە قانداق جەلىپ قىلىمىز؟ئەلۋەتتە ئۇلارنى قولىنى تارتىپ ئەكىرىشنىڭ ئورنى يوق.ئۇنداقتا ئۇلار كىرمىسىمۇ مەيلىمۇ؟داڭلىق بولساڭ ئۆزەڭگە، كىرسەڭ مانا مۇنبەر بولمىسا مەيلى،سەن قانچىلىك نىمىتىڭ دەپ يۈرىيمىزمۇ؟ناۋادا داڭلىقلار مۇنبەرگە كىرىپ قالسا ئۇلارنىڭ ئابرويىغا كاپالەتلىك قىلىش قولىمىزدىن كىلەمدۇ؟ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان،ھاقارەتلەيدىغان ئىنكاسلارنى قانداق توسىمىز؟ & NYaKu,}  
   مەنچە مۇنبەرگە داڭلىقلارنى تامامەن ئەكىرىش مومكىن،بۇنىڭ ئاددى ئۇسۇلى شۇكى ؛ئاۋال ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى،ئىجادىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە مۇنبەردە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىش،ئۇلارغا ئاتالغان مەخسۇس سەھىپە(قەرەللىك)،مەخسۇس كۆڭۈل ئىزھارى،دىل بايانلىرى سەھىپىسى ئاجرىتىپ بىرىش كىرەك ،ناۋادا ئۇلار بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىپ ئوقۇرمەنلىرى(چوقۇنغۇچىلىرى،مەستانىلىرى)نى ئۇزاقراق جەلىپ قىلالىسا ۋاقىتنى چەكسىز ئۇزارتىش كىرەك،داڭلىقلار بىلەن ھەقلىق سۆھبەتلەرنى ئىلىپ بىرىش كىرەك(ناۋادا ئۇلار ھەق ئىلىشنى رەت قىلسا تېخى ياخشى) OSBR2Z;=  
   دوستۇم سىزدىن سوراپ باقسام سىز بىر مۇنبەر قۇرغۇچى ياكى مۇنبەر باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟،بىلىشىڭىز كىرەككى يۇقاردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ساددا ئوي خىياللىرىم؛ مەسىلەن مەن شۇنداق خىياللارنى سۈرگەن: &jDN6n3z  
ناۋادا مەن باشقۇرغۇچى بولۇپ قالسام <<ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر>> دەپ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتاتتىم،رومانچىلىقىمىز،پوۋېستچىلىقىمىز ھېكايەچىلىقىمىز،،نەسىرچىلىكىمىز،شىئېرىيتىمىز ھەققىدە  مەخسۇس كىچىك سەھىپە ئىچىپ ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى ئۇيۇشتۇراتتىم،مۇنبەرداشلارنى چامىنىڭ يىتىشىچە بىرەر ئېغىزدىن تەسىرات يېزىشقا يىتەكلەيتتىم،چۈنكى ھازىر توردا مەخسۇس ئەسەر يازىدىغانلار تور ئەدەبىياتى دىگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ مەدبۇئاتلاردا ئەسەر ئىلان قىلىپ شۆھرەت قازانغان يازغۇچى –شائىرلىرىمىزنى ھە دىسە مۇنبەردە چەتكە قىقىشقا ،ئەسەرلىرىنىڭ شۆھرىتىنى چۆكۈرۈشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ يىلتىزى ھەسەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس،تور ئەدەبىياتى تېخى بىخ ئۇ ئاسراشقا ،كۆيىنىشكە ،يىتەكلەشكە مۇھتاج  ،مەتبۇئاتتا شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقى پەخرىمىز،ئۇلارنى ئۇستاز ئورنىدا كۆرىشىمىز ،ھۆرمەتلىشىمىز،قەدىرلىشىمىز كىرەك. #C9f?fnM  
مۆھتىرەم باشقۇرغۇچىلار مىنىڭ بۇ ساددا ئوي-خىيالىمغا قانداق قارايسىلەر؟ "w caJ;Os  
  ماڭا ھىچقانداق جاۋاپنىڭ كىرىكى يوق.بۇ يازمىنى يىزىشتىكى مۇددىئا شۇكى،مۇنبەرلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى 'uu*DgEr  
كۆتىرىش خالاس 5rsz2;#p  
ئاتكارچىلىق قىلىپ تاققا –تۇققا سۆزلەپ قالغان بولسام ئەپۇ سورايمەن

sql 2010-08-23 13:07
ئىسىل تەكلىپلەركەن. پات ئارىدا ئىشقا ئاشىدۇ.

520Studios 2010-08-23 13:25
مەنمۇ مۇشۇ تىمىدا ئازراق يىزىپ ئەۋەتەي دەپ يۇرغانتىم ! J!C \R5\  
مەن يەنە كىچىككىنە تەكلىپ قىستۇرۇپ قوياي.  2E*=EjGV  
ئىنكاس يوللۇغۇچىلارنىڭ  مۇستەقىل پىكىر قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! fG \" p  
بىرىنجى بوپ ئىنكاس يوللىغان ئادەم ياخشى دىسە كىيىنكى ئىنكاسچىلارمۇ ياخشى zyPb\/  
بىرىنجى بوپ ئىنكاس يوللىغان ئادەم ناچاركەن دىسە قالغان ئىنكاسچىلارمۇ تەڭمۇ تەڭ دىيىشىپ بەرمىسەك! f I1CT)0 
كۆڭلىمىزدە نىمە ئويلىساق شۇنى دادىل ئوتتۇرغا قويساق دىگەن ئۈمۈدتە! ^G!cv  
يەنە دوسلارنىڭ  باشقا سەھىپىلەرگىمۇ كۈچىمىزنىڭ يىتىشچە تىما يوللاپ قويساق! ^Mq/Cf_T  
مۇھەببەت تېمىلىرى بولسا ئانداقكەن ،بۇنداقكەن،ئانداق تىمىنى يوللىماڭ، بۇنداق تىمىنى يوللىماڭ دەپ باشقىلارنىڭ ھىسياتىغا قىززىق سۇ سەپمىسەك.كۆرگۈڭىز كەلمىسە باشقا مەزمۇنلارنى كۆرسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. چۈنكى بۇ مۇنبەرلەردە ياشلار كۆپرەككەن!

RAYANGUL8654 2010-08-23 13:27
يائاللا بۇ توردا ئامۇتجاندەك ياخشى بىر باشقۇرغۇچى تۇرسا ئىشقا ئاشمامتى.

LOVE8 2010-08-23 13:58
ئەگەشكۈچى ئىنكاسچىلار كۆپ ........................يەنى بەزىلەر ئۈزى قىلالمايدۇ ئادەم قىلسا ئۇنداق قىلماڭ مۇنداق بولسا ئۇنداق قىلىڭ ...............ئۇنداق قىلاتتىڭىز مۇنداق ئەمەسمىكەن دىگەن شۇنداقلار ئۈزۈڭنى بىل مەن بىلەن ئېيتىشما زىيان تارتىسە .........................يەنى بىر گەپ تىمىنى كۆرمەي ئىنكاس يوللىماڭلار ئەگەشكۈچى ئىنكاسچىلار ........

salkin11 2010-08-23 14:03
ناھايىتى ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ... مۇنبەر باشقۇرغۇچىنىڭ دىگىنىگە قارىغاندا سىزنىڭ دىگىنىىزدەك بولىدىغان ئوخشايدۇ ... ئەگەر شۇنداقلا بولسا ... تولىمۇ ....

hijranim 2010-08-23 14:07
تەكلىپ: c/ Pql!h+  
كۇلۇبنى مۇنبەرگە ئۆزگەرتسەك بوپتىكەن lf"w/pb'  
             مىسرانىم،باس-باس مۇنبەرلىرىگە ئوخشاش ،  مۇنبەر بەتلىرنىڭمۇ يېڭى نەشىرلىرىمۇ چىقىپتۇ....ئەزالارمۇ16000يېقىنلىشاي قاپتۇ ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ خېلىلا بەك ياخشى مۇنتىزىم بىر مۇنبەر شارائىتى ھازىرلىمساق بولايدىغان يەرگە يېتىپ قالدى... ULK] ' Rn  
ئىز تورىمۇ بۇگۇنكى دەۋىر ئۇيغۇر تورلىرىنىڭمۇ سەركىسى بولۇپ قالدى بولسا باشقۇرغۇچى ،كۇلۇب باشلىقلىرى ئىز مۇنبېرگە كۆپرەك كۆڭۇل بۆلگەن بولسا.....ئىز تورىنىڭ تەرققىياتى تېخمۇ ياخشى بولغان بولاتتى... R+!U.:-yz  
كۇلۇب باشلىقلىرى،باشقۇرغۇلارنىڭ ئەستايىدللىق بىلەن  بىر مۇزاكىرلىشىپ باقساڭلار.....

yanbulak 2010-08-23 14:09
ھەقىقى گەپنى دەپسىز.شۇنداق، مۇنبەردە ھىچقانداق قىممىتى يوق ئەخلەت چاپلانمىلار كۆپ، بەزىلىرى تەكرارلانغان،تورداشلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئاز. مۇنداق بولۇشى يۇقۇرىدا سىز دىگەندەك بۇ جاپا چىكىپ يازغان ئەسەرلەرنى كۆرۇدىغانلار بەك ئاز.ھەم ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ساناقلىق.ئەسەر يوللىغۇچى شۇ ئەسىرىدىن كۆپىرەك ئادەم كۆرۇپ، ئازىراق بولسىمۇ تەسىر ئالسا دەپ يازىدۇ، ھەمدە ئۆز ئەسىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى،قانداق تەسىر بەرگىنىنى ئىنكاسلاردىن ھىس قىلىدۇ.بەزى يازمىلار ئىز كۈلۈبى باش بېتىدەبىرەر كۈنمۇ تۇرماي ،كۆپىرەك كىشىلەر كۆرگىچە سۈرۈپ چىقىرۋىتىلىدۇ.نادىر تېمىلارمۇ ئوخشاش، ئەخلەتلەرمۇ ئوخشاش.گەرچە باش بەتتە مۇناسىپ سەھىپىلەر بولسىمۇ،مىنىڭچە ئۇ سەھىپىنى ئىزدەپ كۆرىدىغانلار ئازىراق بولۇشى مۇمكىن .شۇڭا ئىجادىي ئەسەرلەرگە مەخسۇس ئىستۇندىن ئورۇن بېرىلسەياخشىراق بولامتىكىن دەپ قارايمەن.قايسى نادىر تېما بۇنى پەرىقلەندۇرۇش بەلگىلىرى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىز يوللانمىلارنى كۆرۇدىغان، ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپكەن.شۇنىڭ بىلەن «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »بوپ قالىدىكەن.ئەمما ئىجادىي ئەسەرلەردىن بۇنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىرى بەكمۇ ئاز.ئىجادىي ئەسەرلەردىكى  «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »بىلەن بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىز  «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »ئوتتۇرسىدا پەرىق يوقمىدۇ؟ توردىكى قانداق تېمىنى كۆرۇش زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىگى ،شۇنداقتىمۇ ئىز تورى ئەزالىرى تورداشلار ئىچىدىكى ئىزدىنىۋاتقان تورداشلىرىمىزنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلساق، ئۇلارنى قوللىساق، رىغبەتلەندۈرسەك ئىز تورى تېخىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولاتتى .بەلكىم مىنىڭ بۇ قارىشىم توغۇرا ئەمەستۇر .ئويلىغىنىمنى دىدىم.

abudula 2010-08-23 14:14
ئەسالامۇ -ئەلەيكۇم تۇرداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ G@P;#l`(D  
ھەمىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. 8Yc-3ozH  
نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك مۇنبەرگە يۇللانغان تىملارغا ئىنكاس يۇللىساڭلار، تىما خىجىل بۇلۇپ قالمىسۇن . ^: /c<(DQD  
تىما، كۆچۈرۈلگە تىما بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىڭلاردىكى سۆزلىرىڭلارنى ئايىماييازساڭلار بۇنىڭ مۇنبەرگە كۆپ پايدىسى بۇلاتتى. h] ho? K  
مۇنبەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىدىغانلار خىلى كۆپ لىكىن ئىنكاس يازىدىغانلار بەك ئاز، خاتالىق كىمدە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر كۆرسۈتۈپ بەرسەڭلار. @PM 
خاتالىغىنى تۇنىغان كىشى ياخشى توردىشىمىز بۇلالايدۇ . & en2t=a  
كۆپ گەپ قىلىپ قۇيدۇم، يۇقارقى گەپنى قىلسام مىنىڭ تىمامغائىنكاس يازمىدىڭلار دىگىنىم ئەمەس. '=nmdqP  
مەقسىتىم پەقەت مۇنبەر ئۈچۈن. EY]H*WJJ  
YC;@^  
ۋاقتىڭلارنى ئالىدىغان بۇلدۇم . xDeM7L'  
}Rz,}^B  
مىنى ئەپۇ قىلىڭلار.

aks0997 2010-08-23 14:29
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ؟ 9+ Mj$  
        abudula-ئابدۇللا  نامىدىكى قېرىندىشىمىزنىڭ مەزكۇر تېمىسى مۇنبىرىمىزگە يوللانغاندىن كېيىن ، مېنىڭچە مۇنبىرىمىزدىكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىدىن تارتىپ باشقۇرغۇچى ئەزالارغىچە  بۇ تېمىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىدى دەپ قارايمەن .تېما ئېلان قىلىنىپ ئەتتىگىنىلا بۇ تېمىنىڭ مۇنبەر باشلىقى تەرىپىدىن تەۋسىيە تېما قاتارىغا چىقىرىلغانلىقىنى كۆرۈپ مەن شۇنداق ئويلىدىم uPl7u 1c  
        ھەمدە يەنە بۇ تېمىدا مۇنبىرىمىزگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىگە ناھايىتى پايدىلىق بولغان دادىل پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى . ئۇنىڭدىن يەنە بۇ قېرىندىشىمىز بىر مۇنبەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئاۋام - ئەلگە تېخىمۇ كۆپ پايدا تەرتكۈزەلەيدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرۈشتىكى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈلگەن . بىزدە << دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ >> دېگەن ھىكمەت بار . p p0356  
        مەن  قىممەتلىك تەنقىدىي - پىكىرلەردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، بىزنىڭ ئەزىز قېراندىشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچى ۋە ئۈمىدۋارلىقى بىزنى تولىمۇ قايىل قىلىدىكەن ۋە بىزگە تېخىمۇ رىغبەت بىرىدىكەن.ئاللا ئۆز خەلقىنىڭ نەرسىلىرىنى قەدىرلەپ ياخشى كۆرگەنلەرنى ھاياتىنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلغاي! 1q;R+65  
        مەنمۇ بىر ئىز تورىنىڭ ئەزاسى ھەم ئادەتتىكى بولغاچقا  ئۆز پىكىرلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم : Q1Qw45$  
بىر مۇنبەرنىڭ داڭلىق ياكى داڭلىق ئەمەسلىكى مۇنبەردىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ، بىلىم ، سىياسى ساپاسىغا باغلىق بولۇپ ، بۇ خىل ساپا ئەزالارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . ئادەمنىڭ سەۋىيىسى ئۆزىنىڭ قىلغان - ئەتكەن ئىشلىرىدا ۋە تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا شۇ كىشىنىڭ تەبىئىي ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا ، بىز بۇ خىل ساپانى تېمىدىنلا ئەمەس ، بەلكى باشقىلارنىڭ تېمىلىرىغا بەرگەن ئىنكاسدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز . ^5MM<73  
        ئۇنىڭدىن باشقا ئىملا مەسىلىسى بولۇپ ، بۇ بىر مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلىرىمىز  << ئىملاسى خاتا يېزىلغان خەت يۈزىنى يۇمىغان بالىغا ئوخشايدۇ >> دېگەن ئىكەن . بىز باشتىن ئاخىر مۇنبىرىمىزدە ئىملاغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا كۈچەپ كەلدۇق . ئەلۋەتتە بۇ باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىرنەچچە ئادەملا كۈچىسە ئوڭشىلىپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس ، ھازىر نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ ، ئەمما يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ مەسىلە يەنە ساقلىنىۋاتىدۇ . بىز يەنە بۇ شارائىتنىڭ چەكلىمىسى بولسا كېرەك ، دەپ ئۆزىمىز ئەسەرلەرنى بىرمۇبىر تەھرىرلەپ ، كەم -كۈت جايلىرىنى ئوڭشاپ قويۇۋاتىمىز . ئىملا خاتالىق مەسىلىسى تېمىنىڭ ئىچىدە ساقلانغاندىن سىرت يەنە ئىنكاستا خېلى ئېغىر دەرىجىدە ساقلىنىۋاتىدۇ . نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تېمىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ ئىنكاسقا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ . بەزى قېرىنداشلىرىمىز خۇددى تېمىغا گۆدەكلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىپ ، ئىملاسى خاتا ھالىدىكى سۆزلەرنى يوللاۋاتىدۇ . ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزگە تەلەپنى قاتتىق قويمىساق بولمايدۇ . ئىملا خاتالىقىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك . مەنمۇ بەزىدە ئىملاسى خاتا يېزىلغان ( مۇنبىرىمىز خېلى كونا ئەزالىرىدىمۇ ) ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدۇ . مەن مۇنبەر نامىدىن يەنە بىر قېتىم ئىملا مەسىلىنى تەكىتلەيمەن . ئەزىز قېرىنداشلار ! ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىماي ، خەقتىن ئاغرىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ، بىز ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا كۈچىگەندەك ئۇنىڭ ئىملاسىغا كۈچىسەك ، بىز يوللىغان تېما خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ناھايىتى جازىبىدار كۆرۈنىدۇ . بۇنداق تېمىنى ھەرقانداق ئادەم كۆرسە كۆڭلى بىر يورۇيدۇ- دە، ئىنكاس يازغۇسى ۋە شۇ تېما توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قەلب سۆزلىرىنى بايان قىلغۇسى كېلىدۇ . !.%*Tp#k#  
        ئەمدى يەنە بىر مەسىلە پەقەت ئۆزىمىزگىلا باغلىق . ھەممىمىز ئىز مۇنبىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرساق دېگەن ئويدا . بىز بۇ خىلدىكى قەلب سۆزلىرىمىز بەزىدە ئارىلاپ - ئارىلاپ تېمىلارنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويىمىز ياكى ئۇچۇر توغرىسىدا ئۆز - ئارا يوللىشىمىز ۋە ياكى باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن بايان قىلىشىشىمىز . ئىشقىلىپ يەنە شۇ بىر نۇقتىدا ئۇچراشقان قەلب تۇيغۇلىرىمىز بىزنى مۇشۇ مۇنبەرگە جەم قىلىدۇ . مۇنبەر ئۆزىلا تەرەققىي قىلىپ كېتەلمەيدۇ ، بۇنداق پۇرسەت پەقەت بىزگىلا مەنسۇپ ، يەنە بىز ئۆزىمىز تەرەققىي قىلساق ، مۇنبەرنىڭ يەنىمۇ گۈللىشىنىگە گەپ كەتمەيدۇ . شۇڭا كەڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ پاراسىتى بىلەن مۇنبەردىكى تېمىلارنى سامىنى  سامانغا ، دېنىنى دانغا ئايرىساق ، بىزدىكى ساپا بارا - بارا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، مۇنبىرىمىزدىكى يەنىمۇ گۈللىنىش ئالامەتلىرى خۇددى باھاردىكى شاپتۇل چېچىكىدەك ئادەمنى تولىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان سىياقتا نامايان بولىدۇ . بىر قېرىندىشىمىز مىڭ بىر جاپادا ئەسەر يازغان ئىكەن ، ئۇنىڭغا لايىقىدا ئىنكاس يېزىش ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ . بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئەسەرگە  بېرىلگەن تەنقىدىي پىكىرلەردىن رەنجىپ كېتىدۇ . بىز ئەمدى كىچىك بالىدەك باتناپ يۈرسەك توغرا بولمايدۇ ، ئەگەر ئەسىرىمىزدە راستتىنلا نۇقسان بولسا ، ئۇنى تۈزەتمەك زۆرۈردۇر . شۇڭا ئەسەرگە ھەققانىي باھا بېرىشىمىز كېرەك ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق ، ھەققانىي پىكىرلەرگە يانداشسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما قىلغان پىكرىمىز تېمىدىن چەتنەپ ، مۇنبەردىن سەكرەپ ، كىشىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە بېرىپ تاقالسا ، بۇ ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا تېمىنىڭ ئۆزىگە ئىنكاس بەرسەك ، تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۆزگە نەرسىگە كۆڭۈل ئاغدۇرمىساق ، مېنىڭچە بىزدىكى بۇ گۈللىنىش پەقەت قىسقىغىنا ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ . (]sm9PO  
        يەنە بىر ئوي - ئارزۇيۇم ، ھازىر ھەممىمىز ئىز مۇنبىرىگە جەم بولۇپ تۇرۇپتىمىز ، ئىز مۇنبىرى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەرلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ مۇنبەردە ئىكەنمىز ، بۇ مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل ئاغدۇرساق ، ئالدىمىزغا قاراپ پىكىر قىلىپ ، ئارقىمىزغا قاراپ شۈكۈر قىلساق دەپ قارايمەن، بۇ تېما مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا قارىتىلغان مەن ئوقۇمىساممۇ بولىدىكەن دەپ قارىماي ئوي - خىياللىرىمىزنى تەكلىپ - پىكىرلىرىمىزنى ئايىمىساق مۇنبەر باشلىقى ، بېكەت مەسئۇلى ھەم تور بېكەت خادىملىرى شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلار قوبۇل قىلىدىغان يەرلەرنى قوبۇل قىلىپ تورىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن ھەممە ئەزا ئورتاق كۈچ چىقارساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. c611&  
        مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ، بۇ توغرىسىدا يەنە كەم - كۈت  جاي بولسا ، كەڭ قېرىنداشلىرىمىز تولۇقلىغاي !

sangun 2010-08-23 14:34
نەق گەپنى دەپسىز .مەنمۇ دەسلەپتە بۇ مۇنبەردىكى نادىر مەزمۇنلارنى كۆرۇپ ئەزا بولغان ،كىيىن قارىسام بارا_بارا تىمىلارمۇ ،ئىنكاسلارمۇ پۇچەكلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.مۇنبەر دىگەندە ،دۇنيادىكىى يىڭىلىقلار ،تارىخى ۋەقەلەر،ئىقتىسادى.ئىجدىمائى......دىگەندەك،ھەرخىل تىمىلار بولغاندىلا مۇنبەر ئاۋاتلىشىدۇ ھەم روناق تاپىدۇ دەپ ئويلايمەن. /T qbl^[  
OLF6["0Rn  
سەل كايىپ قويدۇممۇ قانداق؟مىنىڭغۇ مەدىنىيەت سەۋىيەم چاغلىق .

aks0997 2010-08-23 14:42
ئابدۇللانىڭ  تەكلىپ پىكىرلىرى، ئىز مۇنبىرى ئۈچۈن پايدىلىق. ھەممە دوستلار مۇشۇنداق ئىزدەنگەندە، كۆڭۈل بۆلگەندە ، ئاندىن ئىز  تېخىمۇ ئالغا بېسىپ ، ئەلنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئەلنىڭ كۈيىنى تېخىمۇ جاراڭلىتالايدۇ. ئابدۇللانىڭ ئويلىغىنىمۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. T-n>+G{  
بىز ئۇ ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپ ، پىكىرلەرنىڭ مۇنبەردە ئەسلىدىن بار دەپ قارىغىنىمىزنى قويۇپ قويۇپ ، يوق دەپ قارىغانلىرىمىزنى قوبۇل قىلماي، پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارىغانلىرىمىزدىن پايدىلانساق  بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى بىزنىڭ مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىمىز، باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئەلۋەتتە چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ. بىرەر تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ بولغۇچە ، ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپ، قىزغىنلىغىغا سوغۇق سۇ سېپىلسە ، شۇ يولداشنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىغىمۇ تۈگەيدۇ. D]d! lMK/  
yanbulak-يانبۇلاق ئوبدان ئېنكاسلىرى ئارقىلىق ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ. U(+QrC:  
بىز بېرىلگەن تەكلىپ -پىكىرلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرىدىنلا پايدىلانساق بولمىدىمۇ؟  يەنە بىرمۇنچە ئارتۇقچە گەپ قىلىشنىڭ نىمە زورۇرىيىتى.... -mO<(wfV>  
بىز مۇنبەردە ئۆزئارا ئىناق ، ئىتپاق، دوستانە ئۆتكىنىمىز ياخشى. بۇ مۇنبەر تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. T__@hfT  
بىر مۇنبەرنىڭ داڭلىق ياكى ئەمەسلىگىگە ، كەڭ تورداشلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مۇنبەرلەرگە كىرىۋاتقان يولداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشى ھەقىقى جاۋاپ بولالايدۇ. ھازىر ئىز مېنىڭ قارىشىمچىمۇ، تور بەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىدا كېتىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرسى . ھازىرچە ئالدىدا كېتىۋاتىدۇ دەپ تۇرغۇنىمىز تۈزۈك. داڭلىق بولۇشقا ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ئىزدىنىشى ، تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن،  بوشاشماي تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ........... y+wy<[u  
بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، تورداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئېنكاسلارنى قالدۇرىشى (بىز شۇنداق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، ئەلۋەتتە.)مۇمكىن ئەمەس ئىش. چۈنكى ، ئەزا بولۇپ كىرگەنلەرنىڭ ھەممەيلەننىڭ سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. rx]Q,;"  
مەن ئالدىنقى كۈنى ئەزا بولۇپ كىرىشتىن ئىلگىرىمۇ ، ئىز دائىم كىرىپ ، ئېسىل، قىممەتلىك يازمىلاردىن قانغۇچە ئىستىتىك زوق ئېلىپ تۇراتتىم. لېكىن، ئەزا بولۇپ كىرمىگىچە ، ئادەمنىڭ يۈرىگىنى لەرزىگە سالغۇدەك يازمىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، ئىككى ئېغىز ئېنكاس بىلدۈرمەي  تۇرۇپ بولمىغاچقا ، ئەزا بولۇپ كىرىشنى قارار تاپتىم. ئەلۋەتتە، مېنىڭ ئويلايدىغىنىم ياخشى يازمىنى كۆرگەندە ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوبدانراق ئېنكاس يېزىش، پۇچەك ئېنكاسلاردىن ساقلىنىش. مانا بۇ مېنىڭ تۇتقان پىرىنسىپىم، نىزانىم. _eQ-'")  
ئەلۋەتتە، مېنىڭمۇ ئىز تەرەققىياتى ئۈچۈن ، ئازراق بولسىمۇ تەكلىپ - پىكىرلەر كاللامغا كەلگەن. تېخىمۇ ياخشى ئويلىنىپراق، ئايرىم تېمىدا كېيىنچە يازارمەن. L kafB2y  
ئاخىرىداabudula-ئابدۇللا قېرىندىشىمنىڭ مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، بوشىشىپ قالماي ، كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.....

ABUDULA 2010-08-23 14:59
مۇنبەرگە كۆڭۈل بولىدىغانلا ئاز ئەمەسكەن ، ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى ...تورداشلار.

ayguzalTURSUN 2010-08-23 15:05
مۇنبەرگە داڭلىق تور يازغۇچىلىرىنى جەلپ قىلىش،تېما نادىرلاش،پاخال  ئىنكاسلارنى تازىلاش..... قاتارلىق  تەكلىپ -پىكىرلەرنى ئويلۇشۇپ باقسا بولغۇدەك ئورۇنلۇق تەكلىپلەر بوپتۇ........مۇنبەر دېگەنگە مۇشۇنداق پىكىرلەر بېرىلگەندە كەمتۈك تەرەپلىرى تولۇقلىنىپ، مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ....

sahraKIZ 2010-08-23 15:09
ABUDULA-ئابدۇللانىڭ پىكرى بەكمۇ ئورۇنلۇق  بۇلۇپتۇ .  ئىز  سەركەردە مۇنبەرلەردىن بۇلىشى ئۈچۈن ھەممىمىز  كۈچ چىقىرايلى .  يەنە بىر مەسىلە ، داڭلىقلارنىڭ  ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە  ئۇيۇشتۇرۇش ،بۇ ياخشى تەكلىپ بۇلۇپتۇ .  بىز نىمىشكە  شۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرمايمىز ، قۇلىمىزدىن كېلىشكە ئامال يوققۇغۇ قاراپ ئولتۇرماي ئامال يوق ، بۇ بىز قىلالادىغان ئىشقۇ؟   ئىز ئامانلىق ۋە  نۇسرەت تىلەيمەن.

LOVE8 2010-08-23 15:14
باشقۇرغۇچىلار يەنە بىر مەسىلىگە ئەڭ ئەھمىيەت بەرمىسەڭلار بولمايدۇ .. ئۇ بولسىمۇ  ھەر قانداق تىىمىنىڭ چۇقۇم مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كىرەك ................ئەگەر مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن تىمىلار بولسا قەتتى تەستىقلىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ................ مەنبە ئەسكەرتىلمەي چىققان جىدەللەرمۇ  بار تۈنۈگۈنمۇ  شۇنداق بولدى ...........................

asma 2010-08-23 15:19
نىمە دىگەن  ياخشى  ،اللە  خالىسا  كەڭ  ئىز  تورى تىخىمۇ  روناق  تاپقۇسى  

dosyar 2010-08-23 15:29
بەرھەق ، تېما يولىغۇچىنىڭمۇ خىلى كۆپ ئاساسى باركەن،  ئەمما شۇ تور بىكەت قۇرغان ئادەمنىڭ پۇل ئۈچۈن تور بىكەت قۇرغانمۇ دەيلى، بىراق شۇ يەنىلا پۇل ، نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ھازىر مەلۇم بىر سەپيىنى سىز باشقۇرۇڭ ، پالانى يەردە تۇرۇپ دىيىشكە بولمايدۇ، بۇ ھەمىمىزگە مەلۇم،ھەم شۇنداق دىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تورچىلىقى تارتقان زىيان ئاز ئەمەس. شۇنداق بولماسلىقى ئۈچۈن بىر قانچە سەيپىنى باشقۇرۇشقا  بىر  ئادەم كەتتى دىگەن ھىسابتا بىر نەچچە ئادەم كەتتى دىگەن گەپ، مۇشۇ ئادەمگە نان كىتە، كىيىم كىتە، يىغىپ كەلسەك شۇ يەنە پۇل كىتە ، مىنىڭچە بولغاندا باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۇنى ئويلىمىغان ئەمەس ئويلىغان، گەپ شۇ يەنە پۇلدا. L 3C'q  
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تور ئەھلىگە ياخشى تور، تور بەت قورغۇچىغا ياخشى ئىقتىساد يارتىپ سەيپە، باشقۇرغۇچىلارنى رازى قىلىپ داڭلىق تور قىلىپ چىقالايمىز ؟ eOd'i{f@F  
مەن تېمىدىن چەتنەپ كەتمىدىم دەپ قارايمەن، 2MKB (;k  
مەنچە بولسا ئالدى بىلەن تېما يازغۇچى ۋە ئىنكاس يازغۇچىدا مەسئۇليەت تۇيغۇسى بولۇشتىن باشقا تور بىكەت قۇرغۇچىلارغا مۇشۇ ئېلاننى بىر چىكىپ قويسام ئاز تۇلا ئىقتىساد يارتالايمەنغۇ دىگەننى ئويلىغان  مەخسەتتە ئېلاننى بىر چىكىشكە ئىرىنمىسەك. i"y @Aj!7  
شىركەت، كارخانلىرى بارلىرى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلسەك ،ھەم ئىز توردەك مۇكەممەللىشىكە يۈزلىنىۋاتقان تور بىكەتلەرنى، ئېلان قۇيدىغان شىركەت، كارخانلار بىلەن تۇنۇشلىقىمىز بارلار تۇنۇشتۇرۇپ ئېلانلىرىنى قۇيۇپ تەڭ تەرەققى قىلىشقا يۈزلەنسەك . ^pvnUODW[  
ئەڭ مۇھىمى بىزدە تورچىلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەن بۆلمىگەنلىكىمىزدە. ھەم بورنىمىزنىڭ ئۈچىنى كۆرمەي يېراققا قارىغان ياكى قارىمىغانلىقىمىزدا، Cy\! H&0wg  
جىق گەپ قىلىپ كەتتىمۇ نىمە ، باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ باقايلى ،

polatbora 2010-08-23 16:30
man basi askartilmigan timini tastiklimisaglar  bir ketim yollinip bolgan takrar timidin saklansak

sql 2010-08-23 18:18
بىز بۇ تىمىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز. تورداشلار تەكلىپ پىكىرلەر بولسا داۋاملىق ئايرىمىغايسىزلەر.

520Studios 2010-08-23 19:02
يەنە تورداشلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا تىما يوللاشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلار  مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى ئالاھىدە ئىزدەش دىگەن يىرىگە تىمىنى بىر قىتىم ئىزدىتىپ باقساڭلار بولىدۇ! DqBiBH[%h  
باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇرۇن يوللىغان تىمىلارنى ئىسىدە تۇتۇپ بولالمايدۇ ئەمەسمۇ ؟ fU S1`  
بىر مۇنبەرنى باشقۇرماق ئۈچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس Wc{/K6]f  
بۇرۇن مەنمۇ 3 ئەدەم بىلەن ئاران باشقۇرغان A>J,Bi  
باشقۇرغۇچىلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى !

turditohti 2010-08-23 20:09
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى yanbulakدە2010-08-23 14:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : ZP5 !O[Ut  
ھەقىقى گەپنى دەپسىز.شۇنداق، مۇنبەردە ھىچقانداق قىممىتى يوق ئەخلەت چاپلانمىلار كۆپ، بەزىلىرى تەكرارلانغان،تورداشلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئاز. مۇنداق بولۇشى يۇقۇرىدا سىز دىگەندەك بۇ جاپا چىكىپ يازغان ئەسەرلەرنى كۆرۇدىغانلار بەك ئاز.ھەم ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ساناقلىق.ئەسەر يوللىغۇچى شۇ ئەسىرىدىن كۆپىرەك ئادەم كۆرۇپ، ئازىراق بولسىمۇ تەسىر ئالسا دەپ يازىدۇ، ھەمدە ئۆز ئەسىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى،قانداق تەسىر بەرگىنىنى ئىنكاسلاردىن ھىس قىلىدۇ.بەزى يازمىلار ئىز كۈلۈبى باش بېتىدەبىرەر كۈنمۇ تۇرماي ،كۆپىرەك كىشىلەر كۆرگىچە سۈرۈپ چىقىرۋىتىلىدۇ.نادىر تېمىلارمۇ ئوخشاش، ئەخلەتلەرمۇ ئوخشاش.گەرچە باش بەتتە مۇناسىپ سەھىپىلەر بولسىمۇ،مىنىڭچە ئۇ سەھىپىنى ئىزدەپ كۆرىدىغانلار ئازىراق بولۇشى مۇمكىن .شۇڭا ئىجادىي ئەسەرلەرگە مەخسۇس ئىستۇندىن ئورۇن بېرىلسەياخشىراق بولامتىكىن دەپ قارايمەن.قايسى نادىر تېما بۇنى پەرىقلەندۇرۇش بەلگىلىرى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىز يوللانمىلارنى كۆرۇدىغان، ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپكەن.شۇنىڭ بىلەن «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »بوپ قالىدىكەن.ئەمما ئىجادىي ئەسەرلەردىن بۇنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدىغانلىرى بەكمۇ ئاز.ئىجادىي ئەسەرلەردىكى  «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »بىلەن بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىز  «ھەپتىلىك كۆپ ئىنكاسلىق تېىما »ئوتتۇرسىدا پەرىق يوقمىدۇ؟ توردىكى قانداق تېمىنى كۆرۇش زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئەركىنلىگى ،شۇنداقتىمۇ ئىز تورى ئەزالىرى تورداشلار ئىچىدىكى ئىزدىنىۋاتقان تورداشلىرىمىزنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلساق، ئۇلارنى قوللىساق، رىغبەتلەندۈرسەك ئىز تورى تېخىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولاتتى .بەلكىم مىنىڭ بۇ قارىشىم توغۇرا ئەمەستۇر .ئويلىغىنىمنى دىدىم. #-@u Lc  
QeG9CS)E}j  
nahayti orunluk inkas svpitidiki taklipni kaldurupsiz,akikatan isil kimmiti bar timilarni kordihanha adam yok,inkas yazhanlarmu bir soz yaki jumla yezip koyhan,mingqimu munbardiki kerindaxlar qukum yana bir oylinip bekixi kerak,man karixingizni kollayman(koqurunglar kona yezikqa hat qikiralmidim)

LOVE8 2010-08-23 21:58
ئەزا تىزىملاتقاندا چۇقۇم 18 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ تىزىملىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ..........مەن بۇ مەسىلىنى باشقۇرغۇچىلارغا بەك جىق دەپ ئۇلارنىڭ كۈزىگە سەتمۇ كۈرنۈپ كەتكەندىمەن بەلكىم ......................لېكىن بۇنىڭغا سەل قارىساق بولمايدۇ .............بۇيەرگە بەزى ئەمدى تۇلۇقسىزغا چىققان كىچىك بالىلارمۇ كىردىكەن بۇيەردىكى بەزىبىر كۆيدۈم-پىشتىم دەيدىغان تىمىلار ئۇلارغا تەسىر قىلىپ قېلىشى مۇمكىن   شۇنىڭ بىلەن تور خۇمارى كۈچىيىپ ئۈگۈنۈش جەھەتتە چىكىنپ كىتىشى مۇمكىن شۇڭا بۇنى يەنىمۇ ئويلىشىپ باقساڭلار ...............بۇ ھەقتە باشقىلارمۇ پىكىر قىلىپ باقساڭلار بەزىلىرىڭلار توردىن ئازتۇلا بىرنەرسە ئۈگىنىدۇ كىرسە نىمە بۇپتۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن لېكىن بۇمۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس .........

520Studios 2010-08-23 22:27
توغرا مەنمۇ قوللايمەن!

mamatjan005 2010-08-23 22:31
مۇشۇنداق دەپ؛ ئۇنداقلار كىرمىسۇن بۇنداقلار كىرمىسۇن ؟ئىملا خاتالىقى بار دەپ؛ تۇرغىچە  ئۇلارنىمۇ قوللاپ؛ قويايلى بىزمۇ كىچىك ئىدۇق ھازىر چوڭ بولدۇق بەلكىم ئۇلارمۇ تۇرمۇشرتا ئۇچرىغان ھەرخىل ئىشلارغا مۇشۇ يەردىن جاۋاپ؛ ئىزدەي دىگەندۇ؟ "J`&"_CyZ  
ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپمەيلى دوسلار؟

LOVE8 2010-08-23 22:41
ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيالماي يۈرگۈچە دادىل پىكىر يۈرگۈزگەن ياخشى .............شۇڭا مەن ئاستىغا يېزىپ قويغان شۇنداق قاراشتىكىلەرمۇ بار دەپ شۇڭا ماڭا قارتىپ ئىنكاس يوللىماي تىمىغا قارتا پىكىر بىرىڭ .......................

LOVE8 2010-08-23 22:43
شۇنداق ئىملاغا دىققەت قىلىڭ دىمىسە سىزدەك چالا خەت يېزىپ يۈردۇ شۇ ............شۇڭا شۇنداق دەپ تۈزىتىشكە ياردەم بەرگەنمۇ ياخشى ........................

hanjar731 2010-08-23 23:46
مىنىڭ ئارتۇق پىكرىممۇ يوق،شۇ سۆيگۈ خىتى يەنە مىللەتنى قىز -ئوغۇللىرىمىزنى سۆكىدىغان تىمىلار يوللانمىسا دەپ ئويلايمەن،يەنە قويغا ئوخشاش باشتىكى بىرسى ھاڭغا سەكرىسە ھەممىسى ئەگىشىپ سەكرەيدىغان  دىمەكچىمەنكى بىرسى ما تىما ياخشىكەن دىسە ھەممىسى ياخشى دەپ،بولمايدىكەن دىسە ھەممىسى بولمايدىكەن دەيدىغان خاھىشلار يوقالسا دەيمەن،جاننى خۇدا بەرگەندىكىن قورقماي ئۆز كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويمامدۇ دەيمەن، > 'hM"4f  
ئەمدى تىما نادىرلەشكە كەلسەك ھىچ بولمىغاندا ئۈچ باشقۇرغۇچىنىڭ مەسلىھەتىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن نادىرلىسەڭلار،ئۆزەڭلار خالىغانچە نادىرلىۋالمىساڭلار.ئاخىرقى گىپىم مەنبەسىز تىمىلارغا چەك قۇيۇلسۇن،مۇنبەردە جىدەل ئاۋۇيدۇ،مۇنبەرنىڭ تەرەقىي قىلىشىغىمۇ تەسىرى بار،مەنبەسى بولمىسا تىما ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇر قىلىپ مەنبەنى ئەسكەرتىڭ دەڭ،ئەگەر مەلۇم ۋاقىتقىچە مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتمىسە ئۈچۈرۈڭ،چۈنكى ئەشۇ تىمىنى باشقا مۇنبەردىن خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قويغان بولسا تىما مۇنبەرگە چىققان ھامان ئەسلى ئىگىسىمۇ كىرىپ بولۇدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان جەڭ باشلىنىدۇ، PmRvjSIG  
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەممە مۇنبەردە كۆز قۇلاق بار.قالغان گەپلەرنى ئالدىرماي دىيىشەرمىز،مىنىڭ كۆز قارشىم مەشەگىچە..

rana211 2010-08-24 09:54
مەنمۇ ‹‹LOVE8››نىڭ  پىكرىگە  قوشۇلىمەن ..... بەك ياخشى پىكىر بوپتۇ ...... ئۇلار  تېخى كىچىك بولغاچقا  بۇ توردىن ئېرىشكەن نەرسىسىدىن  يوقاتقان ، ئىسراپ قىلغان نەرسىلىرى كۆپ بولۇپ ئۇلارغا  سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسىگە  ئېغىر  دەرىجىدە  تەسىرى بولىدۇ ھەم بولىدىكەن ...... ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قاراپ باقايلى ...............

rana211 2010-08-24 10:28
ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلىڭ دەيدىغانغىمۇ  ئادەم لازىم .....  ئىملا  خاتالىقى بارمۇ يوق ئۇنى تەكشۇرۇشمۇ  ئاسان ئەمەس .... مېنىڭچە  ئۇنداق كىچىكلەرنى بۇ تور سورۇنىدا  توغرا  يىتەكلەپ بولغىلى بولمايدۇ ،  ئۇلارنىڭ كىرمىگىنىلا  ياخشى ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى بۇ توردا  قوللىماي باشقا  يەردە قوللىساقمۇ بولىدۇ ..... بىز  چوڭ تۇرۇپ  تور مەستانىسى بولۇپ كېتىپ بارىمىز يۇ ئۇلا ر  قانچىلىك بولماقچى ؟....   بىزنىڭ بۇ توردىن ئېرىشكەن نەرسىمىز چاغلىق تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىسى قانچىلك بولماقچى ؟...ئۇلارنىڭ ھازىر تازا ئۇل سالىدىغان ۋاقتىنى  تور ئىگەللىۋالسا  قانداق بولماقچى ؟.... ئىشقلىپ ئويلىنىپراق گەپ قىلايلى !!!!

alim1325 2010-08-24 14:17
ھەجەپ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك گەپلەر يېزىلىپتۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇشۇنچىلىك بىرەر تەكلىپنى يازاي دەپمۇ تازا ئىپادىلەپ بولالمىغان ئىدىم بەك ياخشى تېما بوپتۇ.

yalpuz9911 2010-08-24 14:46
توۋا قارىم خىلە كاللىرى ئىشلەيدىكىن جۇمۇ............................................................................................................... Ve3z5d:^  
بولدى مۇشۇ تىمىنىڭ يۇزىنى قىلىپ سىلىنى كەچۇرۋەتتىم. i(^U 
قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

nurul 2010-08-24 18:16
مۇھىم گەپلەرنى ئالدىدىكىلەر خېلى دەپتۇ، مېنىڭمۇ دىيىشىمنىڭ ھاجىتى يوقكەن.

520Studios 2010-08-24 18:19
بۈگۈنكىدەك مەھەللىلەردە قالايمىقان نەرسىلەر يوللىنىپ پالسا ۋاقتىدا پاش قىلىش ئۈچۈن تىز بىر تەرپ قىلىدىغان پاش قىلىش ئورنىدىن بىرنى تەستىقلىساڭلار! DPTk5o[  
بۈگۈن سىللەرنى تەستە تاپتۇق!

alim 2010-08-24 19:00
تورداشلارنىڭ ئىز تورنى يىقىندىن قوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر، ئالاقىلىشش تىلىغۇن نۇمۇرى باش بىكەتتە بار ئىدى، تىلىغۇن قىلغۇدەك ئىمكانىيەت بولمىسا قىسقا ئۇچۇر قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى QQ   ئالاقە 913095050            تەكىلىپ پىكىرلار بولسا ئايمىغايسىلەر .................!

mamatjan005 2010-08-24 20:19
كەچۈرۈڭ بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن؟

mamatjan005 2010-08-24 20:20
بەلكىم سىزنىڭ ئىيىتقىنىڭىزمۇ توغرىدۇ؟

LOVE8 2010-08-24 20:35
مەن دىدىمغۇ شىنفىنجىڭ بىلەن تىزىملاتمىسا چاتاق چىققىنى چىققان يەنە ئۈچۈر ۋەتسە يەنە كىردۇ بىردەمدە كىرىپ بۇپتۇ يەنە ......................قالدىسى بىكەت سىلەرنىڭ قانداق قىلىش ئۈزۈڭلارنىڭ  ئىشى ..........................

dosyar 2010-08-24 20:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى LOVE8دە2010-08-24 20:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : h0GoF A<  
مەن دىدىمغۇ شىنفىنجىڭ بىلەن تىزىملاتمىسا چاتاق چىققىنى چىققان يەنە ئۈچۈر ۋەتسە يەنە كىردۇ بىردەمدە كىرىپ بۇپتۇ يەنە ......................قالدىسى بىكەت سىلەرنىڭ قانداق قىلىش ئۈزۈڭلارنىڭ  ئىشى .......................... ^X=Q{nB  
ej ROJXB  
 +\/Q  
نىمە ئۇ شىنفىنجىڭ دىگەن ، بىر قېتىم يۈزۈڭنى قىلىپ قۇياي جۇمۇ،بۇ جاي ئەڭ ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان جاي، باشقىلارمۇ دىققەت قىلايلى .(شىنفىنجىڭ ئەمەس ، كىملىك ، ياكى زاغرا تىل بۇيىچە سالاھيەت گۇۋاھنامىسى )

LOVE8 2010-08-24 21:30
siz putak qikamag .................amisa hanzu qa yaz sam  bulam ti  ....................gap tapal misak jim mida kisili .................

banu 2010-08-24 22:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى yalpuz9911دە2010-08-24 14:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ZmA}i`  
توۋا قارىم خىلە كاللىرى ئىشلەيدىكىن جۇمۇ............................................................................................................... 1d^~KBfv  
بولدى مۇشۇ تىمىنىڭ يۇزىنى قىلىپ سىلىنى كەچۇرۋەتتىم. 0~|0D#klB  
قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن. ]OAU&t{  
 H.5 6  
r!r08y f  
lhUGo =  
U/>I! 7oe  
92TuuN#{  
N,`@Q7  
ئاخىر    ئۇنى  كەچۇرۇپسىزدە.................گۇلنار  دوستۇم  بولغان  بولسا   ئۆ  كۆزى  بىلەن  كۆرىۋالاتتى  بۇ  خېتىڭىزنى. 5'!fi]Z  

sql 2010-08-25 00:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى LOVE8دە2010-08-24 20:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 5Q"yn2b4  
مەن دىدىمغۇ شىنفىنجىڭ بىلەن تىزىملاتمىسا چاتاق چىققىنى چىققان يەنە ئۈچۈر ۋەتسە يەنە كىردۇ بىردەمدە كىرىپ بۇپتۇ يەنە ......................قالدىسى بىكەت سىلەرنىڭ قانداق قىلىش ئۈزۈڭلارنىڭ  ئىشى .......................... ]ty$/{hx'  
5,xPB5pK  
%=z>kU1|  
كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىش مېنىڭچە كىشىلىك ئەركىنلىك، شەخىسنىڭ شەخسىيىتىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك.

jahankazdi007 2010-08-25 09:28
ياخشى پىكىر تەكلىپ لەركەن.. مەنمۇشۇنداق بىر مۇنتىزىم مۇنبەربولسا دەپ ئۈمۈت قىلاتتىم ... رەخمەت سىزگە

LOVE8 2010-08-25 10:47
كەچۈرۈڭ ئارتۇق سۆزلەپ قۇيۇپتىمەن .................................

520Studios 2010-08-25 11:55
ھەي يۇ،مۇلاق تاۋۇز!!!!

520Studios 2010-08-25 11:57
بۇ تىمىنى قەنچە مۇنبەرەە يوللاپ مىدال ئالدىڭىز!!

xahrizad 2010-08-25 18:13
مەنمۇ   ھازىر   كۈرۈپيىمەن   ،    بەلكىم    ياخشى  نىيەت  بېلەن  يوللىغانتىڭىز  بولا  لىكىن   ھەممىلا  مۇنبەرنى                    داڭلىق                     دەۋەرگىنىڭىز   ھەي   بولدىلا    دوسلۇرۇم  ھەممىمىز  دىققەت   قىلايلى   ،

yalpuz9911 2010-08-25 18:15
خەپ...................................................................................................................................................................

mamatjan005 2010-08-26 10:22
خو!!! ئوغۇل بالىدەكلا گەپ؛ قىلىپسىز   ؟ كىملىك ياكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دىيشىمىز كىرەكئ

mamatjan005 2010-08-26 10:27
كىم ؟يەنە كىرىپ؛ بوپتۇ دوستۇم؟ خالىسىڭىز ئىيتىپ؛ بىرەمسىز؟ مەھەللەمگە قالدۇرسىڭىزمۇ مەيلى.... A}! A*z<9  
مەنمۇ بىلىپ؛ قالاي دىگەن.....


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us