o2hZ=+w>
يىگىتىڭىز سىزنى نېمىشقا تاشلاپ كەتتى
}aI>dHL
ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش
eOkiB!G.
(ئاپتور: ئاتۇش شەھەرلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
suW|hh1/Ya
مۇھەببەت ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى مەڭگۈلۈك تېما. كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق، «پەرھاد–شېرىن»، «تاھىر–زۆھرە»، «لەيلى–مەجنۇن»قاتارلىق سۆيگۈ، مۇھەببەت نەمۇنىلىرى ھەققىدە خېلى سالماقلىق ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. بىز مۇشۇ ئەسەرلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۆيگۈ–مۇھەببەتنى مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى، چىن سۆيگۈ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئېسىل روھىنى ھېس قىلالايمىز.ئاشۇ مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاشىق–مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتى كۆپىنچە پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇنى ئوقۇغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلمەي، ئازابلانماي قالمايدۇ.بۈگۈنكى كۈندىمۇ سۆيگۈ–مۇھەببەت تېمىسىدا توختىماي ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ.گەرچە ئۆتمۈشكە ئوخشاش ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئىشقى–مۇھەببەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، قەلەمكەشلەر يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يازغان يازمىلار بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدۇر. بۇرۇن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلارنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئۇچراتساق، ئەمدىلىكتە ئەتراپىمىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ قېلىۋاتىمىز.
ST~YO
يېقىندا بىر قىز مۇھەببەتلەشكەن يىگىتىنىڭ: «مەن سەن بىلەن توي قىلمايمەن، باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشىۋاتىمەن، ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى مۇشۇنىڭ بىلەن توختاپ قالسۇن، سەنمۇ ئۆزۈڭگە لايىق بىرىنى تېپىۋال»دەپ تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر:«بۇ قىز مۇھەببەتلەشتىم دەپ ئامانىتىنى بالدۇرلا يىگىتىگە تاپشۇرۇۋېتىپ، يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن نومۇسقا چىدىماي ئۆلۈۋاپتۇ–دە،» دېيىشسە، يەنە بەزىلەر: «جاھاندا يالغۇز شۇ يىگىتلا باردەك ئۆلۈۋالغىنى نېمىسى؟ ھازىر ئۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى پەرۋايىغىمۇ ئېلىپ قويماي باشقا بىرىنى قولتۇقلاپ يۈرۈيدىغاندۇ ھەقىچان. بۇ قىز كەم ئەقىللىق قىلىپ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ» دېيىشكەن. «تارىختىكى ئاشىق–مەشۇقلاردەك مۇھەببەت ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىپتۇ–دە، بۇ قىز.بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەتنى دەپ ئۆلۈم يولىنى تاللايدىغان بۇنداق مۇھەببەت ئاشىنالىرى ئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ قىز مۇھەببەتكە بەك سادىق بولسا كېرەك» دېگەنلەرمۇ بولغان. يۇقىرىقى قاراشلارنى ھەر كىم ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەشۇ قاراشلاردىن بەزىلەرنىڭ قىزغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ قىزنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.بۇ قاراشلارنىڭ بەزىلىرىنى توغرا دېيىشكە بولسىمۇ، بەزىلىرى تۈپتىن خاتا بولغان.بولۇپمۇ قىزنى تارىختىكى مۇھەببەت ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاشىق–مەشۇقلارغا ئوخشىتىش بەكمۇ بىمەنىلىك.
NXDkGO/*
«پەرھاد–شېرىن»داستانىدىكى شېرىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئەرزىمەس ئۆلۈمىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:شېرىن سۆيگەن يىگىتى پەرھادنىڭ بوستۇن تېغىنى بويسۇندۇرۇپ سۇ باشلاش جەريانىدا جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، پەرھاد بىلەن تەڭ ئۆلۈپ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ۋىسالغا يېتىش يولىنى تۇتىدۇ. ئەمدى ھېلىقى قىز بولسا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان يىگىتىنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي ئۆلۈۋالىدۇ. قارىماققا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇھەببەت سەۋەب بولغاندەك قىلغان بىلەن بۇ ئىككى خىل ئۆلۈم تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. شېرىننىڭ ئۆلۈمى ھەقىقىي مۇھەببەت، سۆيگۈ ئۆلۈمىدۇر. چۈنكى شېرىننىڭ دادىسى پەرھادقا بوستۇن تېغىدىن سۇ باشلاپ كېلىشنى شېرىننى ئەمرىگە ئېلىشنىڭ شەرتى قىلىپ قويىدۇ. پەرھاد بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، شېرىننىڭ ۋەسلىگە يېتىش يولىدا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.شېرىن ئۆزى ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلغان پەرھادنىڭ مۇھەببىتىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن پەرھادنىڭ يېنىغا كېتىشنى تاللايدۇ. بۇنى بىز مۇھەببەت داستانى، مۇھەببەت ئۈچۈن جاندىن كېچىش دەيمىز. ھېلىقى قىز سۆيگەن يىگىتىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا چىدىماي ئۆلۈم يولىنى تۇتتى، خالاس.
6gO(
8
ئۇ قىزدا مۇھەببەتنى ئۇلۇغ بىلىش ئېڭى بار دېگەندىمۇ، مۇھەببەت ئوبيېكتىنى خاتا تاللاپ قالغان. ئۇ نوقۇل شېرىن–شېكەر سۆز ۋە قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى مۇھەببەتلىشىش دەپ قاراپ، مۇھەببەتنى بەكلا يۈزەكى چۈشىنىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاشقا ياتىدىغان–ياتمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن. ئۇنى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئەمەس، پۈچەك، ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۈچۈن ئەقلىدىن ئادىشىش دېسەك توغرا بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق ئۇ قىزنى يىگىتى ۋاپاسىزلىق قىلسا ھېچقانداق ئازابلانماي، قېتىغىمۇ ئالماي يېڭىدىن بىرنى تېپىپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېرىشى كېرەك ئىدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۆلۈم يولىنى تاللاشتىن بۇرۇن: «مېنىڭ ئۆلۈم يولىنى تاللىشىم توغرىمۇ؟ يىگىتىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا ئۆلۈم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرسام ئەرزىمدۇ–يوق؟» دېگەننى ئويلىشى كېرەك ئىدى. بۇ قىزنىڭ ئۆلۈمىدىن كىملەر شەرەپ ھېس قىلدى؟ بىچارە ئاتا–ئانا ئۇنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئەمدى ھاياتتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم بولدى دېگەندە، ئاشۇنداق مەيدانى يوق بىر يىگىتنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى دەپ ئۆلۈپ كەتسە ئازابلانمامدۇ؟ قىزىغا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى، قىيىنچىلىققا، ئازاب–ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنمەمدۇ؟ قىزنىڭ ئۆلۈمى قانچىلىك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە زېدە پەيدا قىلىدۇ؟
8 4reyA
ئەشۇ قىزنىڭ پاجىئەسىدىن بىزنىڭ بەزى قىزلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدە چۈشەنچىسىنىڭ تازا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
Nh/i'q/
بىر قىزنىڭ بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن يىگىتى بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشىپ قېلىپ ئۇ قىزنى تاشلىۋەتكەن. بۇ ئىش دەسلەپتە قىزغا بەك ھار كېلىپ: «ئەمدى يىگىت دېگەنگە يېقىنلىشىدىغان بولسام ئادەم بولماي كېتەي» دەپ قەسەم قىلىپ، بىر مەزگىل خىزمەت بىلەنلا بولۇپ كېتىپ مۇھەببەتلىشش، توي قىلىش دېگەنلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپلاۋەتكەن. كېيىن باشقىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى، بىر يىگىتنىڭ زېرىكمەي قوغلىشىشى بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ توي قىلغان.ئۇ قىز تويدىن كېيىن:«مەن بۇرۇن ئۆزۈمنى مۇھەببەتلەشتىم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلىدە مۇھەببەت دېگەن مۇنداق بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟ مانا ئەمدى ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتىم» دېگەن.
Qp)?wny4
ئادەم بۇ دۇنيادا مۇھەببەت بىلەن ھاياتىنى خۇشاللىققا، مەناغا ئىگە قىلالايدۇ. مۇھەببەتسىز ھايات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئازاب–ئوقۇبەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتتۇر.ياشلار قۇرامىغا يەتكەندە چوقۇم مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.بەزىلەر بىرلا ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ۋىسالغا يەتسە، بەزىلەر بىر قانچە ئادەم بىلەن «مۇھەببەتلىشىپ»قالىدۇ.بىز ئادەتتە بىر قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلەرنى«شاللاق، سۇيۇق، مۇھەببەتنى ئۇيۇن قاتارىدا كۆرىدىغان ئادەم» دەپ قارايمىز. ئەمما شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇھەببەتلىشىش ئوبيېكتىنى خاتا تاللاپ قويۇش سەۋەبلىك بىر قانچە ئادەم بىلەن ئارىلىشىپ قالىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن، ئۆزىگە ھەممە جەھەتتىن ماس كەلگەن ئادىمى پەقەت بىرلا بولۇشى مۇمكىن.بەزىدە مۇھەببەتلەشكەنلەردىن بىرىنىڭ مەلۇم كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.لايىقى قازا قىلغان تەرەپ بۇنىڭلىق بىلەنلا لايىقىنىڭ كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىش يولىنى تاللىسا، بۇ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىغانلىق ئەمەس، ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، ھاياتقا، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىندۇ.
!Fxn1Z,
قىزلار يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلسە ئازابلىنىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن بۇنداق چاغدا ئۈمىدسىزلىنىپ ھاياتتىن بىراقلا ۋاز كەچمەي مەسىلىنىڭ نېگىزى ھەققىدە ئويلىنىش ئەقىل بىلەن ئىش قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق چاغدا قىزلار ئەڭ ئاۋۋال:«يىگىتىم مېنى نېمىشقا تاشلىۋېتىدۇ؟ مېنىڭ قايسى تەرەپلىرىم ئۇنىڭغا يارىمىدى؟ يېڭىدىن تېپىۋالغان قىزنىڭ قايسى تەرىپى مەندىن ئۈستۈن؟ ئۇنى مۇھەببىتىمىزدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقىنى زادى نېمە؟ مەندىكى سەۋەنلىكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈكىمۇ؟» دېگەنلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈشى؛ ئۆزىنىڭ يىگىتىنى ئۇمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان تەرەپلىرى بولسا:«مەن ئۆزۈمدە قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بەزىبىر زۆرۈر شەرتلەرنى تولۇق يېتىلدۈرەلمەپتىمەن، ئۇنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشى ھەقلىقكەن» دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە، مۇكەممەل قىز بولۇشقا تىرىشىشى؛ ئەگەر يىگىتىنىڭ ھۆسن–جامال، ھوقۇق–مەرتىۋە، بايلىق قوغلىشىپ كەتكەن تەرەپلىرىنى بايقىسا: «ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئۆزىنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرىنى بالدۇر ئاشكارىلىدى، ئەگەر بۇ ئىش توي قىلغاندىن كېيىن ياكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن يۈز بەرسە ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كېلەتتى، ئۇ مېنىڭ بۇنچە ئەقىدە قىلىشىمغا ئەرزىمەيدىكەن»دەپ مۇھەببەت، بەخت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.
N#)Klq87z
ئەگەر سىز يىگىتىڭىز تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن قىز بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىماڭ.بۇ بىر خىل پسىخىك ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى.نېمە ئۈچۈن تاشلىۋېتىلگەنلىكىڭىز ھەققىدە تەنقىدىي يوسۇندا ئويلانسىڭىزلا، ئۆزىڭىزگە تەسەللى بولىدىغان، روھىڭىزنى كۆتۈرىدىغان، سىزگە ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىدىغان جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. قىزچاق، بىلسىڭىز مۇھەببەت قىممەتلىك، ئەمما ھايات تېخىمۇ قىممەتلىك.سىز باشقىلارنى سۆيۈپلا قالماي، ئۆزىڭىزدە باشقىلارنى مەڭگۈ سۆيدۈرگۈدەك پەزىلەتنى، خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرەلىسىڭىز تاشلىۋېتىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالالايسىز.ئەگەر سىز سۆيگەن ئادەم ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئەمەس، ماددىي نەرسىگە ھېرىسمەن بولسا، ئۇنداق ئادەمنى سۆيۈشتىن قەتئىي ۋاز كېچىڭ. ئۇنداق ئادەمدىن سىزگە مەڭگۈ ۋاپا كەلمەيدۇ. سىز تاشلىۋېتىلىش تەقدىرىگە دۇچار بولسىڭىز، ھاياتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرۈپ ئۆلۈم يولىنى تاللىماڭ. سىزگە يەنە پۇرسەت بار. سىز كېيىن چىن مۇھەببەتكە چوقۇم ئېرىشەلەيسىز.ئۆزىڭىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزنى، ئىش–ھەرىكىتىڭىزنى، پەزىلىتىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ. ئەيىب سىزدىمۇ ياكى يىگىتىڭىزدىمۇ؟ ئەگەر سىزدە سەۋەنلىك بولسا ھەرگىز يىگىتىڭىزدىن ئاغرىنماڭ. بىلىپ قېلىڭكى، روھى پۈچەك، قىزلىق نازاكىتى كەمچىل، ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدىغان، ھايانى بىلمەيدىغان قىزلارنى ھېچ كىشى سۆيمەيدۇ. |