تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- سىڭلىمغا نەسىھەت --]

ئىز كۇلۇبى -> ساغلاملىق -> سىڭلىمغا نەسىھەت [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

yanbulak 2010-08-14 22:43
*UmI]E{g3(  
سەن مۇھەببەتلەشكىنىڭدە ھەرگىزمۇ تەۋەككۇلچىلىك قىلما،ئېغىر-بىسىق بول.ھەممە چىمەننىڭ گۇللىرى يىراقتىن ئوخشاش كۆرىنىدۇ.ئالدىراپ پۇراقسىز گۇلگە ئۇچۇراپ قالما.ھەقىقى ئاشۇق-مەشۇق بولاي دىسەڭ،سۆيگۇنىڭنىڭ كۆڭلىنى ھەر تەرەپتىن ئىزلە.ئويناشتىم دەپ سۇ چاچما، ئاق كۆڭلەك داغ بولىدۇ.ئويناشتىم دەپ گەپ قىلما،مۇھەببەتلىك كۆڭۇلگە داغ چۇشىدۇ.مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ھەممىدىن قېيىن ئىش شۇكى-يېقىن ۋە سەن ئىشىنىپ يۇرگەن، ئۇگىنىپ قالغان كىشىلەر ئىچىدىن دۇشمەننى ئايرىۋىلىشتۇر. بۇنىڭغا ياخشى دىققەت قىل. ئەگەر مۇھەببەت شەيتانلىرى ساڭا گۇل تەڭلىسە، قەلبىڭنى تامغا قىلىپ باسقان ئەقىدەڭگە سادىق بول. ئەگەر سەن مۇھەببەت باغلىغان يىگىت ساڭا كۆيىمەن، سىنى مەڭگۈھۆرمەتلەيمەن…. دىسىمۇ يەنىلا سىناپ كۆر. تىلى شىكەر، دىلى زەھەرلەردىن بولۇپ قالمىسۇن.ئۇ سىنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بولسا،بارلىقىنى ساڭا ئاتالايدۇ. ئۇنىڭ مۇھەبىتى پاك ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، ئاندىن كۆڭلۇڭنى بەر،چۈنكى سىنىڭ بەختىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىچىلىشى كېرەك ئەگەرسەنمۇ ئۇنى سۆيسەڭ بىر ئۆمۇر ئۇنىڭغا سادىق ھەمرا بول،شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھەببىتىڭنى خار قىلما!،مىللىتىڭنىڭ ئەنئەنىسى ئىسىڭدە بولسۇن،شەرمىي ھايالىق، ئىپپەت-نومۇسلۇق ،ۋىژدانلىق ئايال بول..شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي،ئۆز بەختىڭ ئۇچۇن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىش ئەڭ ۋىژدانسىزلىقتۇر. HO}Hh[{V9  
dOoKLry  
مەنبە: يازمامدىن (چوغلوق )

oygak 2010-08-15 01:09
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز     سىزگە ئامەت تىلەيمەن

xahrizad 2010-08-15 02:28
ياخشى   يېزىپسىز  چۇقۇم  ئەستە  ساقلايمەن  ...........رەخىمەت

LOVE8 2010-08-15 10:29
ياخشى يېزىپسىز .....................ئالدىراپ بەرگەن كۈڭۈلنىڭ ئەتىۋارى بولمايدىكەن ...................شۇڭا بەك دىققەت قىلمىسا ئادەم نۇرغۇن ئازاپلارغا دۇچار بۇلدىكەن ..........................ھەر ئىشنى ياخشى ئويلىنىپ ئىھتىيات بىلەن قىلغان ياخشى...............

epar 2010-08-15 13:49
بەك ياخشى يىزىپسىز  قىزلار بۇ ئىشلارغا بەك دىققەت قىلمىسا  ئاخىرقى پۇشايمانغا قاچا تاپالماي قالىدۇ

hijranim 2010-08-15 23:46
سىڭلىم ماڭا سىنىڭ  پۇل مال دۇنيارىڭ،مەنسەپ،نام شۆھرەتىڭ،گۇزەللىكىڭ كىرەك ئەمەس  ماڭا پەقەت، پاكلىقىڭ،سەبىيلكىڭ كىرەك....

banu 2010-08-16 11:36
ئەستە   ساقلىغۇدەك   سۆزلەر ئىكەن ..

polatbora 2010-08-16 15:30
بۇلدىكەن ..........................ھەر ئىشنى ياخشى ئويلىنىپ ئىھتىيات بىلەن قىلغان ياخشى...............


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- سىڭلىمغا نەسىھەت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us