تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- قىز چاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز --]

ئىز كۇلۇبى -> ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيتى -> قىز چاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز [مەزكۇر بەتنى پېرىنتېرلاش] كىرىش -> تىزىملىتىش -> ئىنكاس قايتۇرۇش -> تېما يوللاش

aykol 2010-08-13 17:31

                نەچچەكۇن ئلگىرى مەن مۇنداق بىر ئشقا يولۇقتۇم ، تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە ياقامدۇ يوق بىلمىدىم ،

m(rd\3d  

مەن نەچچەكۇن ئلگىرى دوختۇرخانىغا كىسەل كۆرسىتىش ئۇچۇن باردىم ،خىلى بۇرۇن بارغان بولساممۇ لىكىن ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى ، بۇيەردە ئاساسەن مىللىلار بەك ئاز بولغاچقا كۆپۇنچە دوختۇرلار  خەنزۇ  ئىدى ، ئىچكى بۆلۇمدە ئاز سانلىقلار ئۇچۇن  ئورۇنلاشتۇرغان  بىرلا ئۇيغۇر بار  بولغاچقا ، ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كىلەتتى ، مەنمۇ نۇمۇرنى ئىلىپ ئۆچرەت كۇتۇپ تۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىپ ئولتۇردۇم ، بۇيەردە ياشانغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيتى ، ھەممىمىزگە مەلۇم چوڭلار بىريەر گە كەلسە گىپى تۇگمەيلا كىتىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئايغى چىقمايدىغان گەپلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ ساق بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۇپتۇ ، بەكلا ئچىم سىقلىپ كەتكەن ئدى ،كىسلىممۇ ئغىرلاپ كەتكەندەك تۇيلۇشقا باشلىدى ،زىركىشلىكتە ئەتراپقا قاراپ يۇرۇپ بىردىنلا مەندىن سەل نىرى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرجۇپ ياشقا كۆزۇم چۇشتى ، مەنلا ئەمەس بۇلار خىلى كۆپ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلاتتى ، قارماققىلا بۇبىر جۇپ ياش ئاشىق -مەشۇقلار دەك كۆرنەتتى ، قىزچاقنىڭ چاچلىرى بۇدرە ، سىرىققا بويالغان بولۇپ شۇنداق قالايمىقان قىلىپ ياسىۋالغان ،گىرمىمۇ شۇنداق قىنىق بولۇپ ئەسلى چىرايىنى  كۆرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، كىيۋالغان كىيمىمۇ ،بۇدىگەن مودا دىگەندەك قىلىپ ئوغۇل ھەمرايى بىلەن ئوخشاش  قىلىپ چاقماق ئشتان كىيۋالغان ،ھىلقى ئوغۇلمۇ ،قارسىڭىز  بىر قۇلقىدا ھالقا ،بوينىدا زەنجىر ،چاچلىرى سارغۇچ سىرىقتا بويالغان  ئوتتۇر بۇي بالا ئدى ، ئورۇندۇقتىمۇ بىر -بىرىنى قولتۇقلۇشۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇلاردا قىلچىلىك تەپتارتىشتىن ئەسەرمۇ يوقتەك قىلاتتى ، ئۇلار كىسەل كۆرسەتكىنى كەلگەنمىدۇ ياكى ؟  تۇيۇقسىز 52-نۇمۇر دىگەن ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى ، دەرھال نۇمرۇمغا قاردىم ،مەن 53-نۇمۇركەنمەن ،كىم بولغىتى بۇ دەپ ئەتراپقا قارغاچ دوختۇرنىڭ قىشىغا كىردىم ، قارسام ھىلقىلار ئىكەن ،قارغاندا قىزنىڭ مىجەزى يوق ئوخشايدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇردۇم ، دوختۇر ئۇلارغا بىرقارۋەتكەندىن كىيىن ،نىمەبولدىڭىز ؟ نەرىڭىز ئاغرىيدۇ ،دەپ سوردى ،قىزچاق -بىقنىنى كۆرسەتتى ، دوختۇر قىزنىڭ بىقنىنى تۇتۇپ بىردەم تەكشۇرۇش ئلىپ بارغاندىن كىيىن ،قىزنىڭ چىرايىغا سەپسىلىشقا باشلىدى ، بىردىنلا دوختۇرنىڭ چىرايى ئۆڭدى ، قىزچاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز ،دىدى ،قىزھەيران بولىغان  ھالدا .نىمىشقا دەپ سوردى ، دوختۇر سۆزلەشكە باشلىدى .كىسەلنىچۇ چىرايىڭىز دىكى ئۇزگۇرۇشلەرگە ، قاراپ ئاندىن بىرنىمە دەيمىز ،بۇتۇرقىڭىز بىلەن نىمىنى كۆرگىنى بولىدۇ  ،كىسەل كۆرسەتكەندە گىرىم قىلماي كىلىشنى بىلمەمسىز  ،تىز بىرىپ يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرىڭ دىدى، قىزنىڭ چىرايى ئۆڭدى ، كىسەل يۇزۇمدە ئەمەس  ئچىمدە بولا شۇنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ دوختۇرمىش تىخى ، گىرمىم نەرىگە پۇتلاشتىكىنە . بىلمىگەن نىمسىگە ، كەلمىسەم بوپتىكەن ئەسلى دەپلا قىيداپ يىگتىنىڭ قولدىن تارتقانچە چىقىپ كەتتى ، توۋا مايمۇندەك بولۋىلىپ كىسەل كۆرسەتكىنى كەلدىمكىنە دەپ بىرنىملەرنى دىگىنى تۇر دى دوختۇر ، مەنمۇ ئازراق دورا يازغۇزۇپلا چىقىپ كەتتىم ، توۋا نىمە بولۇپ كەتتىكىنە بەزى ئوغۇل -قىزلار  ، پەقەت قاملاشماي قاپتۇ ،ئوغۇلمىكىن دىسە ئوغۇلغا ئوخشىمسا ،نىمە دىسەك بولار كىن ئەمدى ،دىگەندەك غۇل-غۇلا كۆترۇلۇشكە باشلىدى چوڭلار ئارسىدا ، مەنمۇ ئاستا مىڭىپ چۇشۇپ كەتتىم ، ئويلاپ باقسام راسلا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا قانداق مۇ كىسەل كۆرگىنى بولسۇن ، ئامال بار ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۇچۇن خانىم -قىزلار كىسەلخانىغا گىرىم قىلماي بارساق ،ھەممىمىز گە ياخشىكەن ،

ToE^%J4  

 


RAYANGUL8654 2010-08-13 18:19
ئۇ مايمۇنلارنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالىدىم، مەن بولساممۇ يۇزۇڭنى يۇيۋەت دەيتىم بەلكىم.

LOVE8 2010-08-13 18:28
بەزىلەرنىڭ تىنىدىن چىقىۋاتقان گىرىمنىڭ پۇرقىدىنمۇ ئادەم سەسكىنىپ قېشىغىمۇ بارغىلى بولمايدۇ ...............شۇڭا بۇ جاھاندا بولۋاتقان ئىشلارغا توۋا دىمىسەك باشقىسى باكاكەن ..........................ئىملاغا دىققەت قىلىڭ .......................

SiRLiHo997 2010-08-13 18:58
توۋا دىمىسە ئامال يوق،بەزىلەر ئىنتايىن سۇس يارىشىملىق،بىلىنەر-بىلىنمەس گىرىم قىلىدىكەن،بەزىلەر بولسا ھازىرلا ئۇن خالتىسىغا كىرىپ چىققاندەك ئاپپاق ئىشقىلىپ بىر نىمىلەرگە ئوخشاپ قالىدىكەن!~~~

xahrizad 2010-08-13 21:28
ھى  ھى   ئەسكەرىتكىنىڭىزگە   رەخمەت  ،                   دىمسىمۇ  بەزى  قىزلار يۇرۇش-تۇرقىغا  قەتئي  دىققەت  قىلمايدۇ   ........

dartman119 2010-08-13 22:00
گېرىمنىمۇ قىلدىم دەپ ئۇنداق مايمۇن بولۋىلىشنىڭمۇ ئورنى يوقتە.... %z "${ zw  
رەھمەت..ئەجرىڭىزگە جاپاچەكتىڭىز...

mamatjan005 2010-08-13 23:03
خو!!!  ئەجەپ؛ ياخشى دوختۇركەن ئۇ

hanjar731 2010-08-13 23:29
ئۇن خالتىسىغا بېشىنى تىقماي بارسا االلاھ رەھمەت قىلىدۇ تېخى،،

dnf 2010-08-13 23:39
يامان ئەمەس !!!!!!!!!!

520Studios 2010-08-14 00:41
مىنىڭ  بۇرنۇم ئەتتىرگە بەك بەك؛ا ئۆچ   ئەتتىر پۇرىقىنى كۆرسىلا ئاتلىنىپ كىتىدۇ!

epar 2010-08-14 00:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى LOVE8دە2010-08-13 18:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : xLw[ aYy4  
بەزىلەرنىڭ تىنىدىن چىقىۋاتقان گىرىمنىڭ پۇرقىدىنمۇ ئادەم سەسكىنىپ قېشىغىمۇ بارغىلى بولمايدۇ ...............شۇڭا بۇ جاھاندا بولۋاتقان ئىشلارغا توۋا دىمىسەك باشقىسى باكاكەن ..........................ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ....................... a KIS%M#Y  
Rk}=SB-  
گىرىمنىڭ پۇرقى  بولسىمۇ سىزنى قىزلارنىڭ قىشىغا تولا بىرۋىلىشتىن توسيالاپتۇدە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!       چاقچاق

nurul 2010-08-14 03:10
قىزلار! كۆردۈڭلارمۇ؟ ھە، دىققەت قىلارسىلەر

zulayya 2010-08-14 04:00
مىنىڭچە ھەر ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى.ئادەمنى كېسەل باسقاندا  بىز ئاياللار كۇپۇنچە ئۇزىمىزنى تاشلىۋىتىمىز خۇددى ئەتىلام ئۇلۇپ كىتىدىغاندەك،گىرىم قىلىشنىڭمۇ ئۇزىگە چۇشلۇق پايدىسى بار .ئادەم ئاغى رىپ قالغاندا گىرىم قىلسا رويى كەيپىياتى كوتۇرلۇپ قالدۇ  راسلام شۇندق.ئەگەر سىز ئاغىرغاندا ئۇيىڭىزدە پۇرلۇشۇپ يېتىپ بېقىڭە  ئۇزىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ئىس قىلىسز  ئۇيىڭىز دىكىلەرگىمۇ سوغاق مۇئامىلە قىلىسىز .گىرىم قىلىپ روخى ھالىتىڭىز كوتىرلىپ قالغاندا سىرىتلارغا چىقىپ لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالغىڭىز كىلىپ ئايلىنىپ كىرسىز ناتىجىدە ساقىيىپ قالغانداكلام بوپ قالسىز .

aykol 2010-08-14 11:20
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاغرىغاندا ئۆزىنى تاشلىۋەتسۇن دىمىدىم ،پەقەت شۇ شارائتقا بىقىپ ئش تۇتساق ھەممىمىزگە ياخشى،

polatbora 2010-08-14 15:44
يامان ئەمەس

alizafar 2010-08-14 15:59
قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى تەبى ئەھۋال لىكىن ،  گىرىمنى جايىدا لايىقىدا قىلىشى كېرەكتە.

banu 2010-08-14 18:25
گىرىمنى   قېنىق   قىلغانلار   چىرايدىن  بالدۇر  قېرىيدۇ...............

zulayya 2010-08-20 11:46
گەپنى ماڭا قارتىپسىزدە،


تولۇق نۇسخىسىنى كۆرۈش: [-- قىز چاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip enabled

You can contact us