ئاق ئەتىر گۈل (2)
/f oI.S
(پوۋسىت)
Q3bU"f
XMP4YWuVc
k5Q1.;fW76
روخسار ئورنىدىن تۇرغاندا سائەت ئون ئىككى بولغاندى . ئۇ ئانىسنى ئىزدەپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ قويۇپ ئاندىن يۇزىنى يۇيۇپلا ناشتا قىلماستىن ئالدىراپلا ئشىكنى قۇلۇپلاپ چوڭ يولدىن تاكسى توسىدى . ئۇ يۇك توشوش بىكىتىگە بارغاندا يەھيا ئەمدى ماشىننى قوزغاپ يولغا چىقاي دەپ تۇرغاندى . روخسار ئۇدۇل كەلگەنچە ماشىننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . يەھيانىڭ يىنىدا يەنە بىر شوپور تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى . يەھيا دوستىدىن نۇمۇس قىلغاندەك بۇلۇپ روخسارنى كۇرۇپ ئىتتكلا ماشنىدىن چۇشتى . نەگە ماڭدىڭىز دىدى روخسار ئۇنىڭدىن قىرغىزىستانغا دىدى يەھيا قولىدىكى لۇڭگىنى ئويناپ تۇرۇپ مەن قانداق قىلىمەن دىدى روخسار ئۆزىڭىز بىر ئىش قىلغاچ تۇرۇڭ دىدى يەھيا يانچۇغىدىن تاماكسنى ئىلىپ ئوت يىقىۋىتىپ دادىسى كىم دىسە نىمە دەيمەن ؟ ئۇزۇملا بارامدىم دىدى روخسار سىز دەڭە ئەمسە مەن قانداق قىلاي دىدى يەھيا روخسارنى مەسخىرە قىلغاندەك ھىجىيىپ بارماڭ . مەن بىلەن دوختۇرغا بىرىپ بالىنى چۇشۇرۋەتكەندىن مىڭىڭ دىدى روخسار ۋاي ئاللا دىدى يەھيا ئۇنلۇك ئاۋازدا . مەن سەپەرگە ماڭماي سىز بىلەن ئوينسام خوتۇن باللىرىمنى كىم باقىدۇ ؟ دىدى يەھيا گىپنىڭ ئاخىرىنى كۆلكىگە ئارلاشتۇرۇپ مىنمۇ باقىدىغان ئادەم يوق ئۇزۇمنى ئۇزۇم بىقىۋاتمەنغۇ دىدى روخسار ئەلەم بىلەن يىرىلغىدەك بۇلۇپ بىراق مىنىڭ ئايالىم سىزگە ئوخشمايدۇ . ھە راس ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئۇ يىقىندا بوشانماقچى . ماڭا پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرمەكچى دىدى يەھيا روخسارنىڭ قۇلقىغا ئىغىزنى يىقىن ئەكىلىپ روخسار ئۇنىڭ مەسخىرە قىلىشغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي ئۇنىڭ يۇزىگە تۇكۇرىۋەتتى . ئىپلاس خۇدايىم جاجاڭنى بىر كۇنى بىرىدۇ . ئالدىرىماي تۇر . دىگەنچە ئارقىغا ئۆرۇلۇپ ماڭدى ئۇ شۇ تاپتا ئۇنىڭ دىمى سىقىلىپ بىر تەرەپتىن يول ماڭغاچ بىر تەرەپتىن قوسىغىنى تۇتۇپ ئەمدىلا بىكەتنىڭ دەرۋازىسدىن چىقاي دىگەندە يەھيا ئارقىدىن تاپ باستۇرۇپ كەلگەنچە مانا بۇ ئوپىراتسيە پۇلى . مەن كىلىپ يوقلايمەن دىگەنچە ئارقىغا ئۆرۇلۇپ يۇگۇرگەنچە كىتىپ قالدى . روخسار پۇلنى ئۇنىڭ يۇزىگە ئىتىپ يەنە بىر قىتىم تۇكۇرمەكچى ئىدى . بىراق ئارقىسغا بۇرۇلۇپ قاراپ يەھيانىڭ يەرگە كىرىپ كەتكەندەك سايىسنى كۆرەلمىدى ھەم ئۆزىدىمۇ ئۇنچىلىك ماغدۇر قالمغانلىغىنى ھىس قىلىپ ئىزىدىلا تۇرۇپ قالدى . ئۇ يەھيا تاشلاپ كەتكەن ئىپلاس پۇلنى غەزەپ ۋە ئۆرتىنىش ئىچىدە مىجىغانچە دەرۋازىدىن چىقىپ ھالسز قەدەملىرىنى ئاران – ئاران يۆتكەپ يولنىڭ بىر چىتىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇردى . ئىسېسىق ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئىقىپ ئايىقىغا تامچىلاۋاتاتتى . كۆزلىرىدىن ئىتىلىپ چىقىۋاتقان ياش كەلگۇندەك ئىتىلىپ كەلگەنچە ئۇنىڭ قەلبىدىكى بارلىق ھەسرەت تۇمانلىرىنى ئىقىتىپ كىتىۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئۇ مۇشۇ قىتىملىق ئىش ئۇچۇنلا ئەمەس ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى ۋاي دەيدىغان لىكىن ئەستايدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان قەدىرسىز ياشلىغى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ھەسرەت بىلەن تولغان نۇمۇسلۇق ئۆتمۇشى ئۇچۇن يىغلاۋاتاتتى بۇرۇن قىز چىغىدا باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئەرگە تىگىشنى بىر تۇرلۇك يۇك . ياش تۇرۇپ ياتلىق بۇلۇش ئۆلمەي تۇرۇپ دوزاققا كىرىش بىلەن باراۋەر دەپ ئويلىغاندى . شۇڭلاشقا كۆڭلى قاياققا باشلسا شۇ تەرەپكە مىڭىپ ئۆزىنىڭ گۇزەللىگىنىڭ بىرلا ئادەمگە نىسپ بۇلۇپ قالسا بەكلا ئىسراپچىلىققا يول قويغاندەك ھسياتتا بىلەن ئالدىراپ توي قىلىپ قويۇپ كىين پۇشايمان قىلماسلىق ئۇچۇن ئويلىناتتى . بەزى دوستلىرى توي قىلىپ بۇلۇپ بۇ كوچىدىن تىخى ئۇزۇل كېسل قول ئۆزمىگەندى . ئۇلارنىڭ ئەرلىرى بىر تەرەپتە . ئاياللىرى بىر تەرەپتە ئوينايتتى . ئۆزى بىلەن بىللە بولغان ئاشۇ ئەرلەرنىڭ نەچچسنىڭ ئايالى يوق؟ ھەممسنىڭ بار . شۇڭا ئۇ ئەنسرەيتتى . ھاياتتىكى قانچىلىك ئىغىر جاپا مۇشاقەت بولسا چىدايتتىكى ئىرىنىڭ ئاشنىسى بۇلۇشنى مەڭگۇ قۇبۇل قىلالمايتتى . ئۇ تۇرۇپ ئويلاپ كىچىك چاغلىرىدا دادىسنىڭ ئانىسغا قىلغان مۇئامىلسنى كۆرسىلا يىغلىغۇسى كىلەتتى . چۇنكى دادىسى چىكىدىن ئاشقان كۇنلەمچى . ھاراقكەش ۋە قىمارۋاز بىر ئادەم ئىدى . تىخى بىر نەچچە قىتىم بۇزۇق ئاياللار بىلەن تۇتۇلۇپ قىلىپ ساقچخانىغا كىرىپ قالغاندا ئانسى ئۇنى جەرىمانە تۆلەپ قۇتقۇزۋالغاندى . ئۇ دادىسدەك بىر ئادەمگە يولۇقۇپ قىلىشنى . ئۇ خۇددى دادىسدەك ئەر كىشنىڭ بارلىق ناچار خاھىش ۋە بۇزۇقچىلىقلىرىنى ۋۇجۇدىغا جەملىگەن بىر ئادەمگە خوتۇن بۇلۇپ قىلىشنى خالمايتتى . شۇڭا ئۇ ھەممىلا ئەردىن ئاساسەن ئەيىپ تىپىپ كەلگەچكە بارلىق ئەرلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە ھەممسنىڭ بىر تاغاردىن ئەيىپى بىلەن ئالدىدا پەيدا بولغاچقا ئۇ تۇتقان يولۇم توغرا . چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە دەپ بىر مەزگىل ياشاپ تۇراي دەپ ئويلىغاندى . لىكىن بۇنداق «ياشاپ» تۇرۇش ئۇنىڭغا ئاسانغا چۇشمىدى . ياشلىقنڭ ئاخىرىقى چىكى ئۇستىدە ئويلىنىپ بولغىچە تەڭتۇشلىرى ئىككىدىن بالىلىق بۇلۇپ ئۇلارنى ئايلاپ يىللاپ كۆرگىلى بولماس بۇلۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئائىلسى . باللىرى . خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئۇ خۇددى ئۆزىنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى دەملىرىنى ئۆتكۇزۋاتقان سەكراتتىكى ئادەمدەك ھىس قىلىدىغان . تەڭتۇشلىرىنىڭ ھەممسى ئۇلۇپ تۇگەپ ئۆزى دۇنيادا يەككە يىگانە قالغان بىر مومايدەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالغاندى . شۇڭا ئۇ ئۇزى ئىچىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھاراققا ئۇگىنىۋىلىپ ئىچ پۇشىغىنى ھاراقتىن ئالىدىغان بۇلىۋالغاندى . لىكىن بۇ ئىشمۇ ئۇنىڭغا نەپ بەرمىدى . ئۇ ئۆلگىدەك ئىچىپ كىملەرنىڭ قۇچىغىدا يىتىپ قالغانلىغىنمۇ ئىلغا قىلالمايدىغان ھالەتلەردە يۇردى. ئۇ تۇيۇقسز بىئارام بۇلۇپ قالسا دەرھال دوختۇرغا باراتتى . دوختۇر ئۇنىڭ بويىدا قالغانلىغىنى ئىيتاتتى . ئۇ دەرھال بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ ئوپىراتسيە قىلدۇراتتى . ھەر قىتىم ئوپىراتسينىڭ ئازابىدا ئىككىنچلەپ ئىچىدىغان بولسام . ئىككىنچىلەپ ئەر كىشى بىلەن بىللە بۇلىدىغان بولسام دەپ قەسەم ئىچسمۇ كۇڭلىنىڭ سۇنۇقلىغى . بىر كىملەرنىڭ زورلاشلىرى ۋە ئۆزىنىڭ سالاغا بوشلىغى بىلەن يەنە بىر سورۇنلاردا مەس بۇلۇپ كىملەر بىلەندۇ ياتقانلىغىنى ئىلغا قىلىپ بولغىچە يەنە بويىدا قالاتتى . ئۇنىڭ ھەممىلا ئادەم قارشى ئالىدىغان تىنى ئەمەليەتتە كىرەكسز ۋە بىر دەملىك ھۇزۇر سۇرۇشكە بۇلىدىغان ، لىكىن ئۇزۇن مەزگىللىك قولىدا تۇتۇشقا يارىمايدىغان ئەرزان مالدەك قولدىن قولغا ئۇتۇپ ئاخىرى مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغاندى . ئۇ مۇشۇ سەۋەپتىن خىزمەتتىن ھەيدەلدى . تاللا بازىرىدا ئىشلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بىر جىننى بىقىپ كىتەلىسمۇ لىكىن ھاياتتا ئۇنىڭ قايغۇلىرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئورتاق بۇلىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىغى ئۇنى چەكسز دەرىتكە مۇپتىلا قىلاتتى لىكىن بىر يەردە ئادەم ئۆلىۋاتسا بىر يەردە توي ناغىرىسى ياڭىرايدىغان بۇ شەھەردە ھالىڭ نىچۇك دەپ سورايدىغان ئادىمى بولمىغاننىڭ ئۆستگە ھەممىلا ئەر كىشى ئۇنىڭغا يىپىشدىغان . قىز دوستلىرى ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بۇلىۋالغانلىغى ئۇنىڭ ئۇچۇن تىخىمۇ ئەلەم بولىۋاتاتتى. چەكسز چۆلگە كىرىپ قالغاندەك باش ئاخىرى يوق خىياللارنى قىلىشتىن ساقلىنالماي يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچەتتى ۋە مەس بۇلۇپ كاللىسى توكى ئۆچكەن ئۆيدەك بىر پارچە بوشلۇققا ئايلىنىپ قالغاندىن كىين ئاندىن ئۇخلاش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغاندى . كۇڭلى مۇشۇنداق بىئارام ۋاختىدا دادىسى كېسەل بۇلۇپ قالغاچقا ئەمدى دادىسنىڭ كىسلىنى كۇتۇش بىلەن بولمسا بولمايتتى . لىكىن دادىسى ئۇنىڭغا ئانىسغا مۇئامىلە قىلغاندەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ دادىسنى كۇرمەسلىك ئۇچۇن . ئۇنىڭ سۇغۇق ۋە داۋاملىق تۈرۇلۇپ تۇردىغان قاپىغىنى كۆرمەسلىك ئۇچۇن كىچىكلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندى . بىراق ئۇنىڭ بارلىغىنى مۇشۇ جەميەت ۋە ئادەملەر يۇتۇپ كەتتى. ئۇنىڭدا كىرەككە كىلىدىغان نەرسلام بولسا ئادەملەر تارتىۋالدى . پايدىلاندى . ۋە يەنە تارتىۋالاتتى ۋە يەنە پايدىلىناتتى . مانا ئەمدى مۇشۇنداق بىئەپ ۋاختىدا ئۆزىنى . ئۆگەي قىزچىلىكمۇ كۆرمەيدىغان دادىسى كىلىپ قالدى . ئۇنىڭ بويىدا قالغانلىغىنى دادىسى . ئانىسى بىلىپ قالسا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ ئاۋال ئۆزىنىڭ ئشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ ئاندىن دادىسىنىڭ غىمىنى قىلىشى كىرەك ئىدى شۇڭا ئۇ يەھيانىڭ قىشىغا بارغاندى . يەھيانىڭ تولا سەپەرگە چىقىدىغانلىغىنى بىلگەچكە بۇگۇن ئىزدەپ بىرىپ كۆڭلى ئازار يىدى . مۇشۇنداق ھاقارەتلىك تۇرمۇشتا قاچانغىچە ياشايدىغانلىغىنى بىلمەي گاڭگىراش ئىچ ئىچىدىن نالە قىلىپ قاتتىق يىغلىدى . ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇشۇپ تۇرغان ئادەملەر ئۇنىڭ قىقىلىپ يىغلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتىقانچە يەنە ئۆز يولىغا راۋان بۇلۇشماقتا ئىدى . ئۇ بىر تونۇش بىر كىملەر كۆرۇپ قالمىسۇن دىگەن خىيالدىنمۇ پەرۋايى پەلەك ھالدا قىقىلىپ يىغلاپ بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندىن كىين ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرخانىغا ماڭدى . ئۇ دوختۇرخاننىڭ ئالدىغا كىلىپ بۇلۇپ تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسگە ئالغاندەك بۇلۇپ يەنە ئارقىغا ياندى . ئىمكان بار تونۇشلىرى يوق دوختۇر سىېستىرالىرى ناتونۇش بىر دوختۇرخانىغا بىرىشى كىرەك ئىدى . شۇڭا ئۇ كوچىدا گىزىت سىتىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ يىنىغا كىلىپ گىزىتلەرنى بىر دەم ئاختۇرغاندىن كىين ئاغىرىتماي بالا چۇشۇرمىز . دىگەن چوڭ قىزىل خەتلىك ئىلان بار بىر گىزىتنى قولغا ئىلىپ پۇلنى بەرگەندىن كىين بىر نەچچە پارچە گىزىتنىڭ ئىچىدىن ئىلان بار بىر تالنى ئايرىۋىلىپ قالغىننى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ قولىدا قالغان گىزىتنىڭ ئادىرىسغا قارىدى . چاڭجىياڭ يولى 33- قورۇ دىگەن خىتىنى كۆرگەندىن كىين تاكسىدىن بىرىگە چىقىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى دوختۇرخانا يىڭى ئىچىلغاندەك تۇراتتى . ئادەملەر بۇ يەرگە ئۇزۇلمەي كىلىپ تۇراتتى . ھەممسى قىز يىگىت بۇلۇپ بەزى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ باردەك قىلاتتى . ئۇ يەنە تونۇشلارغا ئۇچىراپ قالماسلىق ئۇچۇن بىشىنى تۆۋەن قىلىپ ئىمكان بار باشقىلارغا قارىماسلىققا تىرىشتى . بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە يىغلامسرىغان بىر ئاۋاز پەيدا بولدى . ھەدە ماڭا ياردەم قىلامسز دىدى ئىنچىكە بىر ئاۋاز نىمە ئىش دىدى روخسار غىرىپلىق بىسىپ ئىتىلىپ چىقاي دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى قىزدىن يوشۇرۇپ . ئوپىراتسيە قىلسا بەك ئاغرىمدۇ سىزمۇ ئوپىراتىسيە قىلدۇرامسز ياكى دوختۇرمۇ دىدى قىزچاق تارتىنغان لىكىن ئىلاجسز قالغان كەيپىيات بىلەن ئۇ نىمە دىيشنى دەرھال بىلەلمەي نىمە ئوپىراتىسيە قىلدۇراتتڭىز دىدى قىزغا قاراپ قىزچاق ئەمدى ئون يەنە ئون سەككىزنىڭ قارىسنى ئالغان بۇلۇپ تۇرقىدىن سەبىلىك تۆكۇلۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭغا يىقىنراق بىر يەردە قىز بىلەن تەڭتۇش بىر يىگىت سارغايغانچە ئۇنى نىمە دەيدىكىن دىگەندەك قىلىپ ئىغىزىغا قاراپ تۇراتتى . قىز روخسارنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرىپ بۇلالماي تىلىقىپ يىغلىغانچە ئۆزىنى روخسارنىڭ قوينىغا تاشلىدى . يۇمران بىر تەن . ئۆزىگە ئوخشاشلا گۇناھسىز بىر بىر قىزنىڭ ئېسسىق تىنى ئۇنىڭغا يىپىشىپ روخسارنى تىخىمۇ بىئارام قىلىۋەتسىمۇ ئۇ ئامال بار ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ قىزغا تەسەللى بىرىش ئۇچۇن يىغلىماڭ . بولدى يىغلىماڭ بىر دەمدىلا ئىش پۇتىدۇ دىيەلىدى ئارانلا . ئۇ قىزنىڭ ناتىۋان تۇرقىدىن ئۆزىنىڭ تۇنجى قىتىم بويىدا قالغاندا ئازاپ تارتقان مەزگىللىرىنى ئەسلەپ ئازاپ چەكسە بۇنداق ئازاپ چەككەن ئادەمنىڭ تۇنجسى ياكى ئەڭ ئاخىرىقسى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىپ يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىگە تەسەللى بەردى .كۇڭلىدە توي قىلماي دۇنيادا مەنلا ئەمەسكەنمەن . دىگەن غالىپلىق تۇيغۇسى ھۆكۇم سۇرۇپ قىزىنى بەزلگەن بۇلۇپ ئۆزىنى بەزلەشكە باشلىدى . ئارىدىكى زىرىكىشلىك كەيپىياتنى بۇراش ئۇچۇن ئۇ قىزدىن ئوقۇمسز دەپ سورىدى . شۇنداق دىدى قىز شەلپەردەك قىزارغانچە قايسى مەكتەپتە دىدى روخسار ئۇنىڭدىن باشقا بىر سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىنى بىر دەم بولسمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش ئۇچۇن سەنئەت مەكتەپتە دىدى قىز يىغىدىن سەل پەس بۇلۇپ ئاتا ئانىڭىز بۇ يەردە ئەمەسمۇ دەپ سورىدى روخسار ... ئاتا ئانام يەكەندە دىدى قىز كۆز ياشلىرىنى سۇرتۇپ ... بۇ يىل نەچچىگە كىردىڭىز دەپ سورىدى روخسار قىزنىڭ يىشنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كىچكلىگىنى ھىس قىلىپ بۇ يىل ئون ئالتىگە كىردىم دىدى قىز روخسار ئەمدى ئۇنىڭدىن سورايدىغان گەپ قالمىغاندەك ھىس قىلىپ يەنە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى . سىزمۇ مۇشۇ ئىشقا كەلدىڭىزمۇ دىدى قىز ئۇنىڭغا تەبئىلا بىر خىل قاراپ . شۇنداق دىدى روخسار ئەمدى نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىگىنى ھىس قىلىپ ئۇ نۇمۇر ئىلىپ ساقلاپ تۇردىغانلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ۋەھىمە ۋە ئەنسزلىك ئىچىدە تونۇشلار كىلىپ قالمسا بۇلاتتىغۇ دەپ ئويلىغاچ قىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىۋاتاتتى ، ئۇ قىزغا يالغاندىن تەسەللى بەرگەن بىلەن ئەمەليەتتە ئۆ قىزدىنمۇ بەك قورقىۋاتاتتى . شۇڭا دوختۇر ھەر قىتىم نۇمۇر بىلەن ئادەم چاقىرىغاندا ئەنسىزلىك بىلەن قولىدىكى نۇمۇرغا قاراپ قوياتتى . ئۇ بىر كەچكىچە ئولتۇرسىمۇ نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلمەسلىگىنى ئۆمىت قىلاتتى . بىر تۇرۇپ مۇشتەك بۇ قىزغا ئىچ ئاغىرىتسا ئۇنىڭ يىنىدا قاراپ تۇرغان لۇكچەك چىراي بالىغا قاراپ يىرگىنەتتى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە ئىچ ئاغىرتاتتى . بۇ باللار كىچىك بولسىمۇ قىلغان ئىشىغا ئىگە بۇلۇپ قىزلارغا ئەرگىشىپ كەپتۇ . لىكىن ئۇنىڭ بىلەن تىخى بىرەر ئەر بۇ يەرگە بىللە كىلىپ باقمىغاندى . بىر چاغدا نۆۋەت قىزغا كىلىپ قىز ئوپىراتسيە ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن روخسارغا قاراپ قويۇپ چىرايىدا قان دىدارى يوق ھالدا خۇددى ئۇلۇمگە ھۆكۇم قىلىنغاندەك تۇيغۇ بىلەن تەسلىكتە قەدىمىنى يۆتكەپ كىرىپ كەتتى . قىزىنىڭ ئورنىدىن تۇرىشى ئۇنىڭ روھىدىكى بىر ئىغىر يۇكنى ئىلىپ تاشلىغاندەك بۇلۇپ بىر ئاز راھەتلىنىپ قالدى . ئۇ ئەمدى خەقلەر كۆرۇپ قالمسۇن دىگەن خىيالدىن نىرى بۇلۇپ يۇرەكلىك ھالدا ئەتراپقا قارىدى . قارىدىيۇ تۇيۇقسىز تونۇش بىر كۆز بىلەن كۆزى ئۇچۇرشۇپ قالدى . ئۇ سادىق بۇلۇپ بىر چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەندى . ئۇمۇ يەھياغا ئوخشاش ئۇنى بىر قىتىملىق سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ ئىككىسى خۇدىنى ئۇقمىغىدەك مەس بۇلۇپ بىللە يىتىپ قالغاندى . بىر چاغلاردا سادىقمۇ يەھياغا ئوخشاشلا ئوپىراتسيە پۇلىنى ئۇنىڭ يۇزىگە ئىتىپ ئىشكىدىنلا ئۇنى يولغا سىلىپ قويغاندى . ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ ئەمدى سادىققا قارىماسلققا تىرىشسمۇ لىكىن يەنە بىر شەيتىنى يىنىدىكى ئايالنى كۆرۇپ باق دىگەندەك قىلىپ يەنە قاراشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇ ئىككىنچى رەت بىشنى كۆتۇرۇپ قارىغاندا باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۆزىنىڭ دوستى بولغان پەرىدەنى كۆرۇپ گىلىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بۇلۇپ نەپەس ئالالماي قالدى . پەرىدە بۇرۇن ئۇنىڭ يىقىن دوستى بۇلۇپ ئۇ تىخى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلغان . يولدىشى جەنۇپنىڭ بىر ناھىيسگە بىر يىللىق خىزمەت بىلەن كەتكەندى . روخسار ھىچكىمگە دىمىگەن سىرىنى پەرىدەگە دەپ بەرگەن ھەم سادىق بىلەن بولغان ئىشىنى . ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسدىن تارتىپ ناھايىتى تەپسىلى ئىيتىپ بەرگەندى . ئۇ ئەمدى يەرگە قاراي دەپ تۇرىشىغا پەرىدە ئۇنى كۆرۇپ قىلىپ يالىت قىلىپ غەزەپ بىلەن روخسارغا بىر قارىۋەتكەندىن كىين ئىتتكلا سادىققا قارىۋىتىپ ئاندىن يەرگە قارىۋالدى . شۇ تاپتا ھەر ئىككى تەرەپ ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتاتتى . ئۇلار بىر بىرگە قارىشىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلغان بىلەن ئەمەليەتتە سۆزلىشىۋاتتى . روھىدا كۆرەش بۇلىۋاتاتتى . بىراق سادىق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۇچراشقانلىغىنى كۆرمىگەنگە سىلىپ روخسارغا ئۇدۇل كىلىدىغان كارىدۇرغا چىقىپ سىرىتقا قارىغانچە تاماكا چىكىۋاتاتتى . روخسار پەرىدەنىڭ يولدىشى ئامان بىلەن بۇرۇندىن تونۇش بۇلۇپ سادىق ئۇنىڭ ئاغىنسى ئىدى . مەن پەرىدەگە ھەممە ئىشنى دەپ بەرگەن تۇرسام ئۇ نىمە دەپ يەنە سادىق بۇ ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ دىگەن سۇئال ئۇنىڭ كاللىسدا پەيدا بۇلىشى بىلە تەڭ كاللىسىدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ جەميەتنىڭ ئشلىرىنى ئاددى كاللىسى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ يىتەلمەيدىغانلىغىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلغاندەك بۇلۇپ بىشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى . مۇشۇ كۇنلەردە بۇ شەھەردە مودا بۇلىۋاتقان ئەڭ يىقىن دوستڭىز خوتۇنىڭىزنىڭ ئاشنىسى دىگەن گەپلەرنى روخسار ئاڭلمىغان بولسمۇ لىكىن بىر تۇرۇپ ئۇلارغا ھەيران قالمايتتى . چۇنكى ئۆزىنىڭ ئىخلاس ئەقىدىسىنى ئىخلاس يىپىغا باغلاپ پاكىزە ھالەتتە تۇتالايدىغان ياش شەھەر ئاھالسىدىن نەچچىلىك بار ؟ تەكشۇرسە ئاساسەن چاتاق چىقىدىغانلىغى ئىنىق . چۇنكى غورا مەڭگۇ غورا پىتى تۇرىۋەرمەيدۇ . ھالال ئائىلىسىگە سادىغلىق بىلەن ئىگە بۇلۇشنى ۋە خاتىرجەملىكنى خالايدىغان نادان ئاياللارمۇ ئاخىرى بىر كۇنى بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يىتىپ ھامان بىر كۇنى ئەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىغىنى ھىس قىلىدىغان پەيلاسۇپقا ئايلىنىپ كىتىدۇ . شۇ تاپتا پەرىدەنىڭ يولدىشى ئوتتەك ھسيات بىلەن ئۇنى سىغىنىش ئىچىدە كۆنلىرىنى ئۆتكۇزەتتى . مەنغۇ ئىرىم يوق ئادەم بىراق ئۇنىڭ ئىرى بارغۇ؟ مەن ئەينى چاغدا سادىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم توغۇرسىدا ئۇنىڭغا ئىيتقاندىمغۇ ؟ سادىق ئاماننىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭىغا خىيانەت قىلالاپتۇ . دىگەن بىر پىكىر تەڭلا باش كۆتۇرۇپ يەنە ئۆزى ھەققىدە ئويلىنشقا باشلىدى. سادىق چەتئەلگە ئائىلە سايمانلىرى ساتىدىغان بىر شىركەت ئاچقان بۇلۇپ يىقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچدىلا تىزلا بىيىپ كەتكەندى . روخسار سادىقنىڭ كورىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنسدىن بىرنى ھەيدەپ يۇرگىننى ھەپتە بۇرۇن كۆرگەندى . بۇ شەھەردە ماشىنا دىگەن ئۆزىنىڭ پۇل مىلىنى خەققە كۆستىدىغان بىر بەلگە ئىدى . بانكىدىكى پۇلىنى بىر مۇنچە ئادەم بار يەرگە سورىۋىتپ يەنە تىرىۋالغىلى بولمىغاندىن كىين يىڭى پۇل تاپقانلار مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە نەرسلىرى ئارقىلىق جەميەتتە كۆزگە چىلىقىش ئارقىلىق جەميەتتە پۇل نامغا ھەۋەس قىلىدىغان بايقۇشلارنى ئاسانلا قىلتىقىغا چۇشۇرۋالالايتتى . پەرىدە ھەممىنى كۆرگەن . ھەممە ئويۇننى ئوينىغان . بىراق بەز يىگەك مۇشۇكنىڭ مىجەزى ئۆلگەندە ئۆزگىرىدۇ دىگەن گەپنى قايسى ئاقىل دىگەن بولغىتتىكىن تاڭ ؟ ئۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇشنى مەڭگۇ ئۆزىگە نۆۋەت كەلمەسلىكنى ئۆمىت قىلغان بولسمۇ لىكىن دوختۇر ئۇنىڭ ئۇنىڭ نۇمۇرىنى چاقىرىدى . ئۇ ئېسمىنى تىزىملاتقان چىغىدا باشقا بىر ئېسم دەپ بەرگەندى . خەنزۇ دوختۇر سانىيە دەپ بىر نەچچە قىتىم چاقىرغاندا ئۇ خىيال بىلەن ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتى . بىراق دوختۇرنىڭ كەسكىن ئاۋازى ئۇنىڭ خىيال يىپىنى ئۇزۇپ تاشلاپ نۇمۇرىنى يەنە بىر قىتىم توۋلىغاندا ئاندىن يەلكىسگە مىڭ پاتمان تاشنى ئارتىپ قويغاندەك ئىغىرلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوپىراتسيە ئۆيىگە ماڭدى . شۇ تاپتا ئۇ قاتىللىق قىلماقچى ئىدى . ئاشۇ مۇدېھىش ئۆيگە كىرسىلا بىر جاننىڭ بىشىغا چىقاتتى . توغرا بۇ بىرىنچى قىتملىق قاتىللىق قىلىشى ئەمەس . لىكىن ئۆزىنى غىرىپلىق بىسىپ تۇرغان مۇشۇنداق پەيىتلەردە ئۇمۇ باشقا ئاياللاردەك ئۆزىنىڭ ئوماق باللرىنى باغرىغا بىسپ كوچىلارنى ئايلىنىش . ئۇنىڭغا چىرايلىق كىيملەرنى ئىلىپ بىرىپ قوچاقتەك ياساپ قويۇپ ئۆنىڭغا تالىق كۇلكلىرىدىن ھۇزۇر سۇرۇش بىلەن بىرگە ئانىلق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ياشاش ھوقۇق بار ئىدىغۇ ؟ لىكىن ئۇ تەقدىر ئۇنىڭغا تەڭسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدى . ئادەملەر ئۇنىڭ ماڭغان ھەر بىر قەدىمگە توزاق قۇرۇپ ئۇنى جەميەتنىڭ يەمچۇكىگە پەقەت ئەرلەر كۇڭۇل ئاچىدىغان بىر ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويدى ئۇنىڭ تىنى كارۋاتقا چىقىرىلغاندا روھى ئۇنىڭدىن نارازى بولغاندەك نالە قىلىۋاتاتتى . ئۇ تۇيۇقسزلا ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى . لىكىن پۇت قوللىرى مەھكەم چىگىۋىتلىگەچكە ئورنىدىن تۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى . دوختۇرلارنىڭ ھەركىتى ناھايىتى تىز بۇلۇپ ئۇنى خۇددى قۇشخانىدا ئۆلتۇرۇشكە تەييار قىلىنغان كالىدەك مەھكەم چىرماپ باغلاپ ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىپ بولغىچە ھەممە ئىشنى تىزلا پۇتتۇرۇش ئۇچۇن ئالدىراۋاتتى . ئەگەر ئۇ ئوپىراتسينى قىلدۇرمايمەن دىسە دوختۇرلار چوقۇم قوشۇلمايتتى . چۇنكى ئۇ تىزىملاتقان ئىكەن ئۇنىڭ بىر قارارغا كىلىپ بولغانلىغىنى ئسپاتلايتتى . ئۇ تۇيۇقسىز بالىنى ئوپىراتسيە قىلدۇرمايمەن دىگەن خىيالغا كىلىپ ماڭا تەگمەڭلار دىگەنچە دوختۇرلارنىڭ قولىنى سىلكىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى . بولدى ئوپىراتسيە قىلدۇرمايمەن دىدى ئۇ كىيملىرىنى ئوڭشاۋىتىپ . دوختۇر سېسترالار ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىغىنى بىلمەيتتى لىكىن ئۇنىڭ پۇلىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولدۇق دىگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . ئوپىراتسىيە پۇلىنى ئىلۋىرىڭلار بولدى دىدى ئۇ ئوپىراتسيە ئۆيىدىن چىقىۋىتىپ ئۇ سىرىتقا چىقىشى بىلەنلا كۆزىدىن يەنە كەلكۇندەك ياش تۆكۇلۇشكە باشلىغاندى . بىر جان ئىگىسى . گۇناھسز بىر نارسدىنى نىمە دەپ قۇربان قىلىمەن ؟ ئۇ مىنىڭ يۇرەك پارەم خەق نىمە دىسە مەيلى . مەن ئۇنى تۇغىمەن . قانچىلىك جاپا تارتسام مەيلى ئۇنى چوقۇم بىقىپ چوڭ قىلىمەن دىگەن تۇيغۇ بىلەن دوختۇرخانا كارىدۇرغا چىققاندىن كىين بىنادىن چۇشۇپ كوچىغا چىقتى بىنانىڭ ئالدىغا چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇدۇل ئۆيگىلا كەتتى . ئۆيگە بارغاندىن كىين كارۋاتتا سۇنايلىنىپ يىتىپ ئانىسى ياتقان كارۋاتنى كۇرۇپ ئاندىن ئاتا – ئانسنى ئىسگە ئىلىپ بىردىنلا يەنە بىئارام بۇلۇشقا باشلىدى . ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ بىر دەم ئۇخلىماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۆستىدىكى قەۋەتكە چىققان ئادەملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشىلىرى خۇددى ئانسنىڭ قەدىمدەك تۇيۇلۇپ ئۇخلىيالمىدى . ئۇ بۇ بالىنى تۇغۇش قارارىغا كەلگەنلگىنى ئانىسغا ئىيتسا ئانا نىمە دەر ؟ دادىسى بىلسچۇ ؟ ياق ياق . بولمايدۇ . ئاتا ئانىسى دادىسى ئىنىق ئەمەس بىر بالىنى تۇغۇشقا يول قويمىغاندىن سىرىت بۇنداق نۇمۇسسز . ئىپلاس بىر قىزنى باققانلىغى ئۇچۇن ئۇنىڭدىن چوقۇم كىچىدۇ . ئۇ بۇ خىياللارنى قىلىپ ئاخىرىغچە ئويلاشقا پىتىنالماي ئۆيدە تۇرماسلىق قارارىغا كەلدى . ھىچ بولمسا ئانام مىنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىغىمنى بىلدى . شۇڭا ئۇنىڭغا دەردىمنى بىلىندۇرمەسلىك ئۇچۇن بولسىمۇ چىقىپ كىتەي دىگەن بىر خىيال كەلدى . ئۇ سائەتكە قاراپ ئانسنىڭ كىلىدىغان ۋاختىنىڭ بولمىغانلىغىنى ھىس قىلىپ يەنە كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى . قوسىغىدىكى جاننى قۇربان قىلىشقا نىمىشقا كۆڭلى ئۇنىمىغانلىغى ھەققىدىمۇ بىر ئىشلارنى ئويلاشنى خالىمايتتى. |