تېما: كومپىيوتېردىكى جاھىل ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 7
يازما: 1
جۇغلانمىسى: 955
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 2 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2010-07-15
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

0 كومپىيوتېردىكى جاھىل ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش

  بىز ئىشلەتمەيدىغان بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ۋاقتىمىزدا، بەزىدە دائىم دېگىنىمىزدەك قىلالماي قالىمىز. ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشكە مۇمكىن بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپچىلىككە دائىم قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم ھەل قىلىش چارىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1. ھۆججەت ئىشلىتىۋاتقانلىقتىن ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

.lVC>UT  
ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرەلمەسلىكتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر. ئەگەر ھۆججەت ئېچىلغان ياكى ئىجرا بولۇۋاتقان بولسا، ئۇنى تاقىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ھۆججەت ئالدىنقى سۇپىدا ئىجرا بولمىغان، بىراق باشقا، پروگراممىلار تەرىپىدىن ئارقا سۇپىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، بۇ چاغدا بىز
Who Lock Me نىڭ ياردىمىگە تايانساق بولىدۇ، بۇ دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ، Who Lock Me نى تاللىساق، بۇ ھۆججەتنى ئىشلىتىۋاتقان ئاساسىي پروگراممىنى تەكشۈرۈپ چىقالايمىز، ئاساسىي پروگراممىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.

2. كۆپ ۋاسىتە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

p\]Mf#B  
Windows XP دا بىز بىر قىسىم AVI ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولغىنىمىزدا، دائىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ. بۇنى سىستېمىدىكى بىر ئالدىن ئوقۇپ  ئاستىلىتىش مېخانىزمىنىڭ ئىقتىدارى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭغا قارىتا بىز بۇ ئىقتىدارنى بىۋاسىتە ئېتىۋەتسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىجرا قىلىش (运行) كۆزنىكىگە «Regsvr32 /U Shmedia.dll  » دېگەن بۇيرۇقىنى بېرىپ ئىجرا قىلىۋەتسەكلا بولىدۇ ياكى « Regedit » نى ئىجرا قىلىپ، تىزىملىك جەدۋەل تەھرىرلىگۈچتىن تۆۋەندىكى كۇنۇپكا قىممىتىنى ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ.

4,CQJ  
HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Classes\CLSID\{87D62D94_71B3_4b9a_9489_5FE6850DC73E}\InProcServer32  

 

3. WinRAR دىن پايدىلىنىش

 LAG*H  
ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى بولمىغاندا بىز
WinRAR دىن پايدىلىنىشنى سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ. مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسىنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ، ئوڭ كۇنۇپكىنى چەككەندىن كېيىن، « پرېس ھۆججىتىگە قوشۇش(添加到压缩文件) » نى تاللاپ، چىققان پرېسلاش پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش كۆزنىكىدىن « پرېسلانغاندىن كېيىن ئەسلى ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (压缩后删除原文件) » نى تاللىۋېتىپ ئاندىن پرىسلايمىز، ئاخىرىدا پرېسلانغان ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتسەكلا بولىدۇ.

4. باشقا دېتاللارنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش

E/mp.f2!  
ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرى ۋە سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇش دېتاللىرىدىن
   瑞星杀毒软件,360安全卫士,瑞星卡卡上网安全助手,Windows优化大师 ,金山毒霸,金山清理专家  قاتارلىقلارنىڭ ھۆججەت پارچىلاش (文件粉碎 ) ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ھۆججەتنى كومپيۇتېردىن مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشتە سىستېما ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدا ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىنى تاللاپ، ھۆججەت پارچىلاش ( 文件粉碎 ) تۈرىنى تاللىساق، ھۆججەت پارچىلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئاندىن مۇقىملاشتۇرساقلا بولىدۇ ياكى يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ قوشۇمچە قوراللىرى ئىچىدىن ھۆججەت پارچىلاشنى ئېچىپ، ھۆججەت قوشۇش بۇيرۇقى ئارقىلىق ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىنى قوشقاندىن كېيىن، مۇقىملاشتۇرساقمۇ بولىدۇ.

5. ئۇنىۋېرسال چارە

tu}AJ  
يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغىنى پەقەت بىر قىسىم كونكرېت چارىلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆچۈرگىلى بولمىغان ھۆججەتلەرگە يولۇققاندا تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال چارىلەرنى سىناپ باقساق بولىدۇ. GxWA=Xp^~G  
(1) كومپيۇتېرنى قايتىدىن تىزىملىتىپ ياكى قايتىدىن قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن،ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ ھۆججەتنى ئۆچۈرۈڭ. 07WZ w1(;  
(2) كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا
F8 نى بېسىپ تۇرۇپ، بىخەتەر ھالەتتە ئۆچۈرۈڭ. va \ 5  
(3)
DOSھالەتتە Delبۇيرۇقى بىلەن ئۆچۈرۈڭ. ]O'dwC  
(4) ۋەزىپە باشقۇرغۇچتا تۇرۇپ
Explorer.exe جەرياننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، « cmd » نى ئىجرا قىلىپ، بۇيرۇق قۇرى شەكلىدە تۇرۇپ Del  
بۇيرۇقى بىلەن ئۆچۈرۈڭ. /fCj;8T3o  
ئۆچۈرگىلى بولمىغان ھۆججەتلەرگە يولۇققاندا يۇقىرىقى چارىلەرنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 3
جۇغلانمىسى: 120
شۆھرەت: 2 كىشىلىك
تىللا: 3 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2010-07-18
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

رەھمەت سىزگە !
anka
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 473
جۇغلانمىسى: 5364
شۆھرەت: 26 كىشىلىك
تىللا: 477 دانە
توردا: 253(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-16
ئاخىرقى: 2010-07-19
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

رەھمەت ھە~
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 601
جۇغلانمىسى: 918
شۆھرەت: 18 كىشىلىك
تىللا: 602 دانە
توردا: 301(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-07-18
پول  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

بۇلىدىغان تىمىكەن ،رەخمەت.
bahadir
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 270
جۇغلانمىسى: 713
شۆھرەت: 11 كىشىلىك
تىللا: 274 دانە
توردا: 139(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2010-07-19
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

رەخمەت سىزگە
anka