كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلغاندا يۈزىڭىزنى يۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ
N=FU>qbz جەمىئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېر تېزلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەمرايىمىز بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساغلامقىمىزغىمۇ ئاز بولمىغان تەھدىدلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇڭا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلغۇچى كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىباھا ساغلامقىنى ئاسراشقا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالار دېگەن ئۈمۈدتە مەزكۇر تېمىنى يوللاپ قويدۇم.
AoB~ZWq
كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىئاتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن تەدىرىجى تېرىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ داغ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشۇشۇپ كىتىشى، قورۇق، كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارداپ قېلىشقا ئوخشاش نورمالسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا رادىئاتسىيەسى تۆۋەن، پارقىرمايدىغان، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپيۇتېر ئېكراننى سەپلەش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران بولسا تېخمۇ ياخشى. كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا مۈمكىن بولسا يۈزنى ئاسىراش مېيى سۈركىۋېلىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى لازىم. ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى كېرەك. چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىئاتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرى يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.