مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى) ئاخىرى e)):U
m)oGeD( !
3. سېنى تاپماي قويمايمەن *-lw2M9V
Kq4b`
cn{_
مەن ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كەلدىم. ئىلگىرى چېچىمنى تۈگۈپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن بولسام ئەمدى رەسمىي چېچىمنى كېسىۋەتتىم. ھەقىقى ئوغۇل بالىلارچە ياساندىم. ھەر كۈنى كەچتە ئىكىدىن قاۋاقخانىغا كىرىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ 2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ 2001 - يىلى 4 - ئايغىچە يەكەن تەۋەسىدىكى پۈتۈن قاۋاقخانىلارنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقتىم. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 30.9 قاغىلىققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى بىر يۈرۈش قاۋاقخانىنىڭ بىر خانىسىدىن ئاينۇرنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى مېھمان كۈتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. مەن بىر كۈتكۈچى قىزدىن سورىسام ئاينۇر ھەمراھ بولۇۋاتقانلار ناھىيىمىزنىڭ ئارسلانباغ يېزىلىق ئورگاننىڭ كادىرلىرى ئىكەن. ئاينۇرنىڭ تۇرقىدىن ماڭا قاراشقا ۋاقتى يوقتەك قىلاتتى. مەن ئۇ يەردىن ئايرىلدىم. ئەتىسى سەھەردە ئىش ئورنۇمغا بېرىپ قولۇمدىكى ئىشنى بىر دوستۇمغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ ئاخشامقى تۇرقۇمدىن قىلچە ئەسەر يوق ئەسلى ھالىتىم بىلەن ھېلىقى قاۋاقخانىغا ئوچۇق - ئاشكارە كىرمەكچى بولدۇم. ئەتىگەن سائەت 9 دىن ھالقىغان مەزگىل ئىدى. ئاخشام كىرگەن ئۆينىڭ ئالدىغا ئىت باغلانغان بولغاچقا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇشۇمغا 35 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر كىشى توساتتىن، بۇيەردە تۇرۇپ قاپسىزغۇ سىڭلىم؟ دەپ سورىدى ھەم مېنىڭ چۆچۈپ قارىغىنىمنى كۆرۈپ: T/Fj0'
- مەن مۇشۇ تەۋەلىكتىكى دېھقان، بىرەرسىنى ئىزدەمسىز؟ دەپ قوشۇپ قويدى. 0.kQqy~5
- شۇنداق بىرسىنى ئىزلەيتتىم ئاكا. HCOE'24I
مۇشۇ بىر يۈرۈش دۇكاننىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئىگخدارچىلىقىدا لوبەن (خوجايىن)نىڭ تۇرالغۇسى ئاۋۇ. بېرىپ ئىشىكنى چىكىڭ ئېھتىيات قىلىڭ جۇمۇ سىڭلىم. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ ھەم ئۇلار بىلەن قارشلاشماڭ، ھەر بالا كېلىدۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن. [_w;=l0 ;
دېھقان ئاكاش كەتتى. مەن بىر بىسىپ، ئىككى بېسىپ ھېلىقى قورۇنىڭ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم غال - غال تىترەيتتى. يەنە قانداقتۇر بىر خىل كۈچ مېنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى. مەن نەھايىتى جۈرئەتلىك ھالدا ھېلىقى ئىشىكنى چەكتىم. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يوغان قورساق، يۈزلىرى ئاق، چاچلىرى قارا ۋە قىنىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر خەنزۇ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاجايىپ قوپال ئىدى. Udl8?EVSz
نىم بولدى؟ ئىشىك چىكىشنى بىلەمسە يا؟ خۇددى ئوغرىدەك مارىلاپ يۈرىسىنا بۇ يەردە. Hy|
X>Z
ئۇ ئارىلاش تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. ئاينۇرنىڭ ئكزگەرتىلگەن ئىسمى بىلەن ئاتاپ «ئارزىگۈلنى ئىزدەيتتىم. مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى بولىمەن» دېدىم مەن.
- سەل ساقلا جۇما. ئايالىم چىقىپ قىچقارسۇن ئۇ كىرىپ كەتتى. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ناھايىتى نىپىز كىينىۋالغان، غەلىتە ياسانغان بىر ئايال بىر توقام ئاچقۇچنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى ۋە مېنى باشلاپ ماڭدى. مەن بۇ ئايالنىڭ خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىدىم. ئۇ بوسۇغىغا باغلانغان ئىتنى ئۇياققا ئاپىرىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ بوسۇغىسىغىمۇ ئىت باغلاقلىق ئىدى. ئىشىك تېشىدىن ئات كاللىسىدەك يوغان قۇلپا سىلىنغان بولۇپ بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆرلىمەي قالمايتتى. چۈنكى ئىت باغلىنىپ، ئىشىك قۇلۇپلانغان ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىكىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئىدى. ئادەمگە ھايۋاننى قاراۋۇللۇقتا قويۇش قانداق ئەھۋال زادى؟ مەن ئىچ - ئىچىمدىن غەزەپلەندىم. «ھەي، تۇرە بىرسى سېنى ئىزدەپ كەپتۇ» ئۇ ئايال چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا ئىچكىرىگە قەدەم ئالدىم. ئاينۇرنىڭ كارىۋاتتىكى ھالىتىنى ئېيتىشقا تىلىم سەسكىنىدۇ. ئاينۇرمۇ كۆزىنى ئىشىك تەرەپكە ئۇزىتىپ مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن بوسۇغا تۈۋىدە سىرتقا قاراپ تۇردۇم. بۇ يەردىمۇ تۇرالماي سىرتقا چىقىپ كەتتىم. 15 مىنۇتلاردىن كېيىن كىرسەم ئۇ خالىي قاپتۇ. ;rjd?r
- ھەرھالدا باركەنسىزھە، ئاينۇر. بۇ قانداق جاي؟ wD|I^y;
- ھاراق دۇكىنى، دېدى ئۇ چاققانلىق بىلەن. y>jP]LR4
- ھاراق دۇكىنى بولسا سىز نېمىش قىلىسىز؟ ie9,ye"
- ئەرلەرنى كۈتىمەن. ئۇنىڭ ھالىتىدە قىلچە تارتىنىش، خىجىل بولۇشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. JVawWw0q
- ئەرلەرنى مۇشۇنداق سولاقتا ياتقان جىنايەتچىدەك تۇرۇپ كۈتىدىكەنسىز - دە. G
;fc8a[X
- ھەئە، بولماپتۇما. بۇنىڭدىن باشقا قولۇم، ئېغىزىم بىلەن يەنە باشقا نازۇك ئەزالىرىمىز بىلەن كۈتىمەن. قانداق ئەمدىغۇ قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئېرىشكەنسىز. نۇرئىمانگۈل ئەمدى مېنى ئىلەشتۈرمەڭ. سوئاللىرىڭىزنى توختۇتۇڭ، بولامدۇ؟ ئۇ چېچىلىپلا كەتتى. مەنمۇ ئۇ نىڭدىن بەكرەك چېچىلدىم. "o6a{
KY(
ـ ئاينۇر، بەكمۇ چوڭ سۆزلەيسىزغۇ، قىلغانلىرىڭىزدىن بەكلا پەخىرلىنىدىغان ئوخشىمامسىز، سىز كىمنىڭ پەرزەتى، مەرھۇم ھاجىم بوۋىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيسىز. ئاتا - ئانىڭىزغىچۇ. سىز ئەسلىدە ھاجىم جەمەتىنىڭ پۇشتى بولغاندىكىن مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالغانلارنى ياندۇرىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىىشتا يوق تېخى ئۆزىڭىزمۇ...؟ زادى نېمىشقا بۇ يولنى تاللايسىز؟ F!pgec%]'
- ھەي ئۇكام، نادان ئۇكام. پۇل تەڭلىگى تارتىپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپچۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى، - ئۇ سەل يۇمشىغاندەك قىلاتتى. لەۋلىرىنى چىشلىگەنچە خىيالغا پاتقاندەكمۇ قىلاتتى. 8P[aX3T7G
- نېمە؟ سىز پۇلنى دەپ شۇنداق قىلدىڭىزما؟ مانا پۇل، مەن بوينۇمدىكى 18 گراملىق ئالتۇن زەنجىرىمنى ئۈزۈپلا ئېلىپ ئاينۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. j$mCU?
ـ بۇنى ئالالمايمەن ئۇكام. ھېلىمۇ دادىڭىز بەرگەن پۇللارنى قايتۇرالماي يۈرىۋاتسام. h.WvPZ2U
- ئاينۇر، جىنىم ئاچا. بولدى قىلىڭ. داداممۇ سىزنىڭ تاغىڭىزغۇ. يۈرۈڭ كېتىمىز. بارلىق چىقىملىرىڭىزغا مەن ئىگە بولاي. مەن ئاينۇرنى سۆرەپ ماڭدىم. بىز ئوتتۇرا ئۆيگە چىقساق ئالدىمىز توسۇلدى. ئايال خوجايىن كېلىپ ئاينۇرنىڭ قەرز ھۆججىتىنى دەستەك قىلىپ بىزنى سىرتقا چىقارمىدى. ObIL w
- ئاچا، قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟ سورىدىم مەن. y L|'K}
- 5 مىڭ يۈەن. ئاينۇر ئۆزىنى قوينۇمغا تاشلاپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى. hCFgZiH2
- قانداقلارچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىڭىز؟ M#a1ev
ـ ئوغلۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن.
##_Jz 5P
بۇ گەپتىن كېيىن، مەن پەقەت ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم. || 0n%"h>i
- ئاچا، ئوغلۇڭ قازا قىلدى... بىز بىر - بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق. Kg>ehn4S@
- مېنىڭ خەۋىرىم بار ئۇكام. ئوغلۇمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا مەن يول بويىدىكى ئاق تاكسىنىڭ ئىچىدە بار ئىدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ئوغلۇمغا ماتەم تۇتتۇم. يۇرت - جامائەتنىڭ نەپرىتىدىن قورقۇپ ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. ئاينۇر بوغجۇمىسىدىن كىچىك رامكىغا ئورالغان ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ باغرىغا باستى ۋە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى. _dk/SWb)
ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم. ھەجەپ مېنى تاشلاپ... &w
7Ev21
ئۇ كۈچەپ يىغلايتتى. «مەن ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، مەنمۇ ئانىمۇ، جېنىم بالام، ئوغلۇم، سېنى داۋالىتالمىدىم...» ئۇ ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەپ، بالىسىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى دورىدى. ئاينۇرنىڭ شۇ ئازاپلىق ھالىتىگە چىداپ تۇرالمىدىم. r>Rm=eKJ
- ئاچا، بۇ قانداق ئىش زادى؟
roNRbA]
- ئۇكام سىز تېخى كىچىك، چوڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى چۈشەنمەيسىز. f9FEH7S68
بۇ بىر تەرەپتىن كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى. ^P p2T
- مەن يولدۇشۇم بىلەن ئالتە ئاي ئارىلىشىپ توي قىلغان. ئاتا - ئانام «بالام قۇدىلارنىڭ ئائىلىسى بەكلا ھاللىق كىشىلەركەن. بىزگە چوڭچىلىق قىلارمۇ؟ دېيىشىپراق سەل ئارقا پېيى تارتىپ مېنى تويلاپ بەردى. دەرۋاقە ئاتا - ئانامنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇلار مېنى شۇنچىلىك پەس كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلىدى. بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممە ئەزالىرى چېغىدا مېنى باشقۇراتتى. ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەنگە قەدەر شۇ ئائىلىدە تۇردۇم. بۇ جەرياندا تويلۇق ئالغان كىيىمدىن باشقا بىرەر ياغلىق چاغلىق كىيىم كىيىپ باقماپتىمەن. ئۇمۇ مەيلى، ئۇچام يالىڭاچ قالمىغاندىكىن، بىراق يىمەك - ئىچمەك جەھەتتىمۇ ئۇلار بىلەن ئورتاق بولۇش ماڭا نىسىپ بولمىدى. تۇغۇتلۇق ياتقان مەزگىلىمدە گۆش - تۇخۇم دېگەننى قويۇپ تۇرايلى، زاغرا نان يەپ ياتقان ئىدىم. كېيىن ئانام ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرەر تال تۇخۇمنىمۇ ككرەي ساقايدىم. كېيىن بىز ئۆي ئايرىدۇق. يولدۇشۇم چوڭ ئۆيدە قورساق باقىدىغان، مەن بولسام قۇرۇق لەغمەن دېگەننى ھەپتىدە بىرەر قېتىم يايدىغان، باشقا چاغلاردا بولسا قاتتىق - قۇرۇق، غورىگۈل يۈرۈيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ۋايسىسام، دادلىسام «خوش بولسىڭىز ئولتۇرۇڭ، بولمىسا خېتىڭىزنى ئېلىڭ» دەيدۇ. مەن ھەرقانچە خورلۇق تارتساممۇ چىداپ ئولتۇردۇم. چۈنكى مەن يولدۇشۇمنى ياخشى كۆرگەندىن سىرت ئوغلۇمنىڭ يىتىم بولۇپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم. ۋاقىت ئۆتىۋەردى. ئوغلۇممۇ تۆت ياشقا كىردى. ئۇلار ماڭا ھېچقانداق ئىللەت تاپالماي ئاقىۋەت يولدۇشۇم مېنى ئالداپ «مەن باشقا ناھىيىگە بېرىپ ئىش تۇتىدىغان بولدۇم. ئاز بولسا بىر يىلدا قايتىپ كېلىمەن، سىزنى بۇنداقلا تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ. بىز ئاجىشايلى، بالىنى ئېلىپ بىر مەزگىل ئاتا - ئانىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىڭىز» دەپ مېنى ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستىدى. ئامالسىز ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەن ئاجرىشىش قەغىزىنى كۆرۈپ تەقدىرگە تەن بەردىم. مەن ئاتا - ئانام ئۆيىمىزنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى قوينى ئېلىپ، بالامنى ئېلىپ ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا بالامنىڭ كىسىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. يېنىمدىكى بارى - يوق پۇللارنىڭ ھەممىسىگە دورا ئالدىم. ياخشىلىنىش كۆرۈنمەيدۇ. بالام كېسەل، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ئەمەس، تەسەللىگە، ھېسداشلىققا شۇقەدەر مۇھتاج ئىدىم. بىراق شۇ كۈنلەردە ئاتا - ئانام ماڭا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشنىڭ ئورنىغا كۈندە دېگۈدەك «ئۆزۈڭ تاپقان ئەرغۇ» دەپ تاپا - تەنە قىلاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى بىر تىۋىپ (سىزمۇ تونۇيسىز) بالامنى تەكشۈرۈپ 40 يۈەنلىك دورا يېزىپ بەردى. مەندە پۇل بولمىغاندىكىن ئانامنىڭ بىر تونۇشىدىن قەرز ئېلىپ دورىنى ئالدىم. ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ئانام بۇ ئەھۋالنى بىلىپ مېنى تىللاپلا كەتتى. |'ML
)`c[
- ئىرى بىلەن تېخى كېلىشمەيدۇ، ئۆيگە كەلسە تېخى قېسىپ ئولتۇرالمىغان. بارغان يېرىدە بىزنى قەرزگە بوغۇپ... U?.cbB
,
ئانامنىڭ سۆزلىرى ئوغا، زەھەردىنمۇ ئۆتكۈر ئىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ يېزا تەۋەسىدىكى جايلاردىن ئىش ئىزلىدىم. ئۈرۈك بۇسلاپ، قاق قۇرۇتىدىغان خۇمداندا ئىشلىدىم. ئەرلەر بىلەن تەڭ يەڭ تۈرۈپ ئىشلەپمۇ تاپقان پۇللىرىم بالامنىڭ بىر قېتىملىق دورىسىغىمۇ ئاران يېتەتتى. بىر ساۋاقدىشىمدىن 200 يۈەن قەرز ئالدىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساۋاقدىشىمنىڭ ئايالى خاتا كۆزقاراش بىلەن قەرزنى سۈيلەشنى باھانە قىلىپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك تېخى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى بەس - بەس بىلەن ئەرلىرىنى مەندىن كۈنلەپ ئېغىزىدىن پوق - سۈدۈكتىن باشقىسىنى ئېقىتىپ مېنى تىللىشىپ كېتىشتى. بالامنىڭ كېسىلى شۇقەدەر ئېغىر تۇرسا مەن ھېسسىياتقا ئالدىنىپ يۈرەرمەنمۇ؟ ماڭا ئويۇن - تاماشا يارىشارمۇ...؟ مەن ھېچكىشىگىمۇ تىنماي يولدۇشۇمنىڭ يۇرتىغا باردىم. مەقسىتىم قىيىنئاتامدىن ئازراق پۇل سوراپ كېلىش ئىدى. مەن بارسام يولدۇشۇمنىڭ تويىغا توقام تىكىلىپ بوپتۇ. ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. قولۇمدىكى كۆك كىنىشكە مېنىڭ يولدۇشۇم بىلەن قارشىلىشىش سالاھىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. يۇلدۇشۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى قارشىمۇ ئالمىدى. ئامالسىز شۇ يەردىكى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى قۇرۇق قولۇمنى كۆتۈرۈپ مەھەللىگە كەلسەم «ئاينۇر، ئاجرىشىپ كەتكەن ئىرىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن سۆز مەھەللىگە يېيىلىپلا كېتىپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا دادام ئېغىزغا ئالغۇسىز لاۋزا گەپلەر بىلەن مېنى تىللاپلا كەتتى. ھەتتا چۈشەندۈرۈشۈمگىمۇ قۇلاق سالمىدى. قاتمۇ - قات قورساق كۆپۈكى، مۇھتاجلىق ۋە ئېغىر دەرت ئىچىدە ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتتى. بالامنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىماقتا ئىدى. دوختۇر «مىڭ يۈەن ئېلىپ كېلىڭ، ياتاقتا ياتقۇزايلى» دېۋىدى مەن ھەرقانچە تىرىشىپمۇ مىڭ يۈەنگە ئامال قىلالمىدىم. ئاخىرى ئابلىزكامغا (دادىڭىز) ھال ئېيتىۋېدىم، يېنىدا بار 500 يۈەننى بەردى. شۇ پۇل بىلەن بالامنى ئىككى ھەپتە بالنېتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتتىم، پۇل تۈگىدى. ئەمدى مېنىڭ پۇل ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى. سورىمىغان ئادىمىم قالمىدى. لېكىن ئاتا - ئانامنىڭ ئامال قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەر يىلى ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى دېھقانلارغا ئۆسۈمسىز قەرز تارقىتاتتى ئەمەسمۇ، شۇ قاتاردا بولسىمۇ قەرز ئېلىشقا كۈچىشىپ بېرىڭلار دېسەم قەتئىي ئۇناشمىدى. مەن ئۇلارغا پۇقۇسلىغاندەك قىلىپ شەھەرگە كىرىپ بىرەر جايدا ئىشلەپ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىپ چىقاي دېسەم ئۇلار كۆڭلۈمگە يارىشا «ئامال قىلىپ باقايلى» دەپمۇ قويۇشمىدى. كېسەل ئوغلۇمنى قويۇپ، يىغلىغان پېتىم شەھەرگە كىردىم. مەن بۇ يولدا مېڭىپ قالارمەن دەپ قەتئىي ئويلىمىغان ئىدىم. بىرەر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى دېگەندەك جايلاردا ئىشلەرمەن دېۋىدىم. ئەپسۇس ئۇنداق جايلارنى تاپالمىدىم. كۆز ئالدىمدا بالامنىڭ ۋايجانلاپ ياتقان كېسەل ھالىتى، ئاقىۋەت ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا بۇ يولغا كىردىم. دەسلىپىدە ئايلىقىم 350 يۈەن توختۇتۇلدى. يىمەي - كىيمەي ئۈچ ئاي ئىشلەپ مىڭ يۈەن نەقلەپ بالامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرسەم بۆرەك قاتتىق زەئىپلەشكەنلىكتىن بالام قان سىيىدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ. ھېلىقى مىڭ يۈەن پۇل تەكشۈرۈش بىلەن بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققىگە ئارانلا يېتىپتۇ. بالامنىڭ ھالىنى كۆرگەن خوجايىن ئالدىن قەرز بېرىپ، ۋاقىت چىقىرىپ بەردى. بىر ئاي بالنېتسىدا ياتقۇزدۇم. نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدۇم. نەتىجىدە كېچىكىپ داۋالاتقان بولغاچقا بالامنىڭ تېنى كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى. دوختۇر ماڭا ئىدىيەمدە تەييارلىق بولۇشىنى ئەسكەرتتى. «ھازىرقى ئەھۋالدا بۆرەكنى يۆتكىسەك بولىدۇ. بىمار كىچىك، ئۇنىڭغا چۈشكىدەك بۆرەك يوق، بولغان ھالەتتىمۇ 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە كېتىدۇ» مەن ئامالسىز قان - زار يىغلاپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتىم. كېسەل ئوغلۇمنى باغرىمغا بېسىپ ياتقان چېغىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق نەپەسلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلسىلا شۇنچىلىك ئازاپقا چۈمەتتىم. بالىنى دادىسىنىڭ قىشىغا ئاپىرىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. چۈنكى مېنىڭ بالامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزاتقىدەك شارائىتىم يوق. يۇرت - مەھەللىدە چىقىرالىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئانا دېگەن تۇپراق بېشىغا چىقالمايدۇ. دادىسىنىڭ يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلسا ئەپلىكرەك بولارمىكىن دېگەنلەرنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم - دە دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان كۈنىنىڭ ئەتىسى بالامنى دادىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇ چاغدا يولدۇشۇم ئاللىقاچان خوتۇنلۇق بولۇپ قالغانىكەن. كېيىن بىلسەم ئۇ نائەھلى بالىنى ئىككىنچى كۈنىلا ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا ئەكېلىپ قويۇپتۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى. مەنغۇ ئاجىز بىر ئايال كىشى ئىكەنمەن. تېپبەرگۈچۈم، يۆلۈگۈچۈم يوقكەن، بىراق ئۇچۇ؟ راۋۇرۇس بىر ئەركىشى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدىن تامغان پۇشتىغىمۇ خۇمسىلىق قىلغان تۇرسا. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا نېمە دېگۈلۈك؟ 7>,(QHl
ئوغلۇم قازا قىلدى، مەن ئوغلۇمنىڭ مېيىتى سىلىنغان جىنازىنىڭمۇ ئۇرۇزغان چاغدىكى غېرىپلىقىنى كۆرۈپ مىڭ ئۆلۈپ مىڭ بىر تىرىلدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ياقا يىرتىپ، لەۋ چىشلىرىم. چاچلىرىمنى يۇلدۇم، بىراق ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. «ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە» دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، ئۆز باغرىمنى يىرىپ چىققان يۈرەك پارەمدىن ئايرىلدىم. ئەمدى جاھاندا ياشاشنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن. ھايات بېغىمنى يۆلەپ تۇرغان بىردىنبىر تىرىگىم شۇ ئوغلۇم ئىدىغۇ. شۇ ئوغلۇمنى دەپ قارا يۈز بولغان ئىدىم. شۇ ئوغلۇمنىڭ بولسىمۇ ئاخىرەتلىكىدە يۈزىنى يورۇق قىلالمىدىم. مېنىڭ دەردىمگە ھېچنېمە ياماق بولالمايدۇ. ھازىر ھەممىنى ئوخشاتقان پۇلكەن، مەن بۇرۇن ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدا تۇرغان چېغىمدا ئۇلارغا كېچە - كۈندۈز ئىشلەيتتىم، ئۆزۈممۇ پاك ئىدىم. لېكىن ئۇلار كۈندە دېگۈدەك كۆزۈمدىن ياش ئالاتتى. مەندىن نارازى بولاتتى. بىراق ھازىرچۇ؟ ھازىر ئۆزۈممۇ ناپاك ھەم ئۇلارغا ئىشلەپمۇ بېرەلمەيمەن. 15 - 20 كۈندە كېچىسى چىقىمەن. چىقىپلا يانىمەن. گاھىدا 5 - 6 ئايدا بىرەر قېتىم قونۇپ قالىمەن. ئۇلار «ھارماڭ، بالام» دەپ ئاستىمغا كۆرپە سالىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن ھازىر ئۇلارغا پۇل بېرەلەيمەن، چىقسام قۇرۇق چىقمايمەن. «بالام، بۇ پۇل نەدىن كەلدى؟ يىگەن - كەيگەنلىرىڭنى نەدىن تاپتىڭ؟ دەپ بىرەر قېتىم سوراپ قويۇشسىچۇ كاشكى. ئاينۇر تاماكىسىنى قاتتىق شورايتتى. s.]
- ئۇكام، ھەممىنى بىلدىڭىز، قەرزنى قايتۇرمىغىچە بۇ يەردىن چىقىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. سىز قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرسىڭىز نامىڭىزغا داغ تىگىدۇ. MIF`|3$,
ئاينۇر سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن ئۆزۈمدىكى بەزىبىر سەۋەنلىكلەرنى ئوبدان تونۇپ يەتتىم - دە، ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا لام - جىم دەپ زۇۋانمۇ سۈرەلمەي قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ مېنى ئۇزۇتۇپ تاشقىرىغا چىقماقچى بولۇپ مېڭىۋىدى، ئايال خوجايىن ئىشىك تۈۋىدە بىزگە دوقۇرۇشۇپ قالدى. .0]\a~x
- بۇ سېنىڭ سىڭلىڭما؟ خالىسا بۇ يەردە ئىشلەپ قالسا بوپتىكەن، چىرايلىق قىز بالىكەن بۇ، دەپ سەت ھىجايدى ئايال خوجايىن. ئاينۇر ئايال خوجايىنغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەن ئاينۇرنىڭ يېنىدىن چىققان كۈندىن باشلاپ ھەرقاچان ۋە ھەرزامان ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ يۈردۈم. ^T&@(|o
«نېمىشقا ئۇنى چۈشەنمىدىم. بىر مىللەت، بىر دىن، بىر يۇرت، بىر مەھەللە يەنە كېلىپ بىر بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بەردىم. شۇ كۈنلەردە بىرەر قېتىم بولسىمۇ (ھالىڭىز نېچۈن) دەپ ئەھۋال سورىيالمىدىم. ھەي كىچىكلىك، نادانلىق، ئەمدى ئەقلى - ھۇشۇمنى بىلگىدەك بولغىنىمدا بولسا بۇ ئىش چىقتى. ئاينۇرنى بۇ پاتقاقچىلىقتىن قانداق قىلىپ چىقىرىش كېرەك» دېگەنلەرنى دائىم خىيال قىلاتتىم. ئاينۇرنىڭ سەۋەبىدىن دادام بىلەن تاغام ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن ئاداۋەت كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ھالدا مەن قانداقلارچە ئاينۇرنىڭ دېپىنى چېلىشقا جۈرئەت قىلاي؟ بېشىمنىڭ ئىچى - تېشى تازا قاتتى. ئاخىرى ئاينۇرنىڭ ئانا تەرەپ تاغا - ھاممىلىرىنى ئىزلەپ تاپتىم. ئالتۇن زەنجىرىمنى ساتتىم، ھەر تەرەپتىن يىغىش قىلىپ ئاينۇرنىڭ قەرزىگە يەتكۈدەك پۇل يىغىپ بارساق، ئاينۇر كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. d.Im{-S
مەن قەرزدارچىلىقتىن بەكلا قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. كىشىلىك ھاياتتا بىر پۇڭمۇ قەرز، بىر مىليونمۇ قەرز. سىلەرنىڭ بۇ ياردىمىڭلار ماڭا تىگىل بولدى. مەن ياخشى كۆڭلۈڭلەرنى چۈشەندىم، لېكىن پۇلۇڭلارنى ئالالمايمەن. چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا پاتىڭىمغا يۈكلەنگەن قەرز دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ بولار يېرىم شۇ. ھەقىقەتكە قايتقان تەقدىردىمۇ يۇرتقا چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس. يۇرت - جامائەت مېنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. مەن ئۆزۈم تېنىمنى ساتساممۇ ئىشلەپ ئاۋال ئوغلۇمنى داۋالاتقان قەرزنى قايتۇرۇۋالاي، ئاندىن بىرەر تىجارەتكە دەسمى بولغۇدەك پۇل تېپىۋېلىپ ئاندىن ھەقىقەتكە قايتىمەن. ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار. مەن چوقۇم ھەق يولغا قايتىمەن. بۇ پۇلۇڭلارنى مەندەك كۈنگە قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە بالىلارغا، كىچىك قىزلارغا سەرپ قىلىڭلار. مېنىڭ تارىخىم باشقا قىزلاردا تەكرارلىنىپ قالمىسۇن. 7G]v(ay
ئاينۇر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى. مەندىمۇ ئۇنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ئۇنداق ئىپلاس جايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكۈدەك جۈرئەت قالمىدى. چۈنكى مەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتەلىگىنىم بىلەن ئۇنىڭغا چىقىش يولى تېپىپ بېرەلمەيتتىم. بىرەلىدىم دېگەن تەقدىردىمۇ خەقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغىلى بولمايدۇ - دە. قىز بالىلىقىم، ئاجىزلىقىم يەنىلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئامالسىز ئۇنىڭ قايتىپ چىقىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قايتتۇق. qr<RMs
734f&2
مەن ئاينۇرنى ئىزلەش جەريانىدا قاۋاقخانىلارنى ئارىلاپ چىقىپ شۇنداق ھەيران قالدىمكى 680 مىڭ نوپۇسى بار ناھىيىمىزدە ئاشخانىلارنىڭ جىقلىقىدىن خىلى كۆپ ئاشخانىلارنىڭ سودىسى ئاقماي، سۇسلىشىپ قالغان بولسا، ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى قاۋاقخانىلارمۇ جىقلىقى قەھەتتە ئاشخانىلار بىلەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەنيۇ بىراق سودىسى ھەرگىزمۇ كاسات ئەمەس ئىكەن. (مەن تېخى بۇ يەردە «باش يۇيۇشخانا»، « پۇت ئۇۋۇلاشخانا»، «ساڭنا»... دېگەندەك بەزىبىر شەكلى ئۆزگەرگەن «مەدەنى بۇزۇقخانىلارنى» ھېسابقا ئالمىدىم). قاچانلا قارىسا لىققىدە ئادەم ئىچىشىپ ئولتۇرغان. پۇل ئۈچۈن ئەنە شۇنداق دۇكان، سارايلارنى ئاچقان تىجارەتچىلەرگە مىڭلارچە لەنەت ئوقۇغۇم كېلىدۇ. ئۇنداق يەرلەرگە ئۆگىنىپ كەتكەن ئەرلەرچۇ تېخى. ئۇ يەرگە كىرىدىغانلار يالغۇز ياش - ئوتتۇرا ياش ئەرلەر بولۇپلا قالماستىن تېخى خىلى - خىلى قىز - يىگىتلەرگە ئاتا بولۇشقان، نەۋرىسى ئىڭەككە تاقاشقۇدەك بولغان «بوۋاي» ئاتىلىشقا لايىق ساقاللىق ئەرلەرمۇ بار. ئۇلار تېخى ئەينەككىمۇ قاراپ بېقىشماستىن «ساقىلىم قانچىلىك» دەپ غىرىپلاپمۇ باقماستىن جاۋغايلىرىدىن ساقىپ قالغان ھاراقتا، ساقاللىرىنى يۇيۇشۇپ يالىشىپ ئېچىشىۋاتقان. تېخى ئۆزلىرىنى بەزلىشىپ «ئايال كىشى ئۈلپەت بولمىغان سورۇندا غىزالانغاندەك بولماسمىش» شەھۋانىلىق بىلەن قوشۇلۇپ يەپ - ئېچىلگەن تاماق ئۇلارغا شۇنچە لەززەتلىكمىدۇ؟ ئۇلارنى ئىللىق ئائىلە تامىغىدىن، بالا مېھرىدىن كەچتۈرۈپ مۇشۇنداق جايلاردا، قاراڭغۇ، زەي ئۆيلەردە، شەرىئەتتە چەكلەنگەن سورۇنلاردا «زىنا» پاتقىقىغا سۆرىگىنى زادى نېمىدۇ؟ ھېسابلاپ كۆرسەم ناھىيىمىز تەۋەسىدە 200 ئەتراپىدا قاۋاقخانا بار ئىكەن. مىسال: بۇ 200 قاۋاقىانا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرىگە بەش ئادەم كىرسە جەمئى 1000 ئادەم كىرىدىكەن. ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېەندە بەش يۈەندىن (ئەمەلىيەتتە بەش يۈەن پۇل بىلەن بۇنداق جايلارغا كىرىپ چىقىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ تۆۋەننىڭ تۆۋىنى دەپ قارىغىنىمىزدا دەيلى) پۇل سەرپ قىلسا 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلىدىكەن. 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ بالىجانلىق نورمال دېھقان ئائىلىسىدىن 10 دېھقاننىڭ بىر يىللىق كىرىمى بىر كۈندىلا بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ. ئۇلار ئاشۇنداق پۇللىرىنى يىتىم - يىسىرلارغا، ئاجىز - مىيىپلارغا، ئىگە - چاقىسىز بىچارە تۇل خوتۇن، يىتىم قىزلارغا سەرپ قىلسىچۇ؟ پاھىشخانىنىڭ قىزلىرىغا يات غەرەزگە سۇنغان قوللىرىنى يۇرتىدىكى، مەھەللىسىدىكى تونۇغان - بىلگەن ئاجىزلارغا سۇنسىچۇ كاشكى. uw>O|&!
قىز دېمەك ئايال دېمەك ئاخىرقى ھېسابتا ئانا دېمەكتۇر. ئانا بولسا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ يورۇتقۇچى چىرىغى. كەلگۈسى ئەۋلادلاتنىڭ بىۋاسىتە ھامىيسىز، بىر دۆلەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يىقىلماس تۈۋرۈكى. بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت ساپاسى ئانىلارنىڭ ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. قايسى بىر ئالىم «ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت ۋە مىللەت تۈزىلىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىر مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. گەۋدىلىك بولغىنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىرزىس. گېزىت - ژۇرنال، تەشۋىقاتلاردا بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى. ئاياللارنى ئەيىپلەشلەر سۆكۈشلەر بولدى. بىراق كىم ئاياللارنىڭ «بۇزۇلۇشى»نىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى، سەۋەپچىسىنى تېپىپ چىقالىدى؟ ئابىستراكىت ئۇقۇم، چۈشەنچىلەر بىلەن بىرمۇنچە تەھلىل مۇنازىرىلەر بولدىيۇ، ئاياللارنى، قىزلارنى خورلىغان، دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەقىل تېپىشىغا يول قويمىغان، ۋىجدانىنى بوغۇزلىۋەتكەن... يۈرىگىنى، ھېس - تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرگەن يوشۇرۇن «قاتىل»لار سوراق سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدىمۇ؟ ئۇلارغا ئىبرەتلەر بىرىلدىمۇ؟... ياق! ھەتتا سۆزلەنمىدى. بۇ ھەقتە يەنىلا «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇپ قىلىۋەردى خالاس. قىلغۇلۇقىنى قىلغانلار ئىش تۈگىگەندە ساقال - بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپلا تۆتتال پۇلىنى تاشلاپ بىرىپ قوپۇپ كېتىدىغان، بار بالاغا بىچارە قىز - ئاياللار قالىدىغان گەپكەن. تېخى ئەڭ بۇرۇن ئۇششاق گەپ تېپىپ، پۇلسىز بىچارە نامراتلارنى يەكلەپ تۆي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىملاردا چاندۇرۇپ، غەيۋەت قىلىشىپ، مازاق قىلىشىپ «يىگانە» قالدۇرىدىغانلار ئەڭ ئاۋال ئاشۇنداق «ئىشتىنى شالتاق»لار ئىكەن. ئاياللارنى «كوت - كوت»، «غەيۋەتخور» دېيىشىدۇ. ھازىر زامانىمىز ئەرلىرى ئاياللاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ كېچىسى ئەر - خوتۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاندىكىن، بولسىمۇ ئاياللىرىغا، پۇلىغا دۆڭگخەپ قويۇپ بىكار يۈرگەندىكىن ئىشتاننى قىرلاپ كىيىپ، گەپ تېپىش، غەيۋەت قىلىش، «بۇزۇقچىلىق»قىلىش بىلەن ياشاشقا ئاش - نان يىگەندەك «كۆنۈپ» كېتىشىپتۇ. مۇشۇ ناھىيىمىز تەۋەسىدىلا نەچچە مىڭ قىز - ئايال ئاشۇنداق ئۇسۇل بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. يەنە نەچچە تىجارەتچى ھالال كەسىپ بىلەن باي بولۇشقا تاقەت قىلالماي ئاشۇنداق دۇكان - سارايلارنى ئېچىشقا تەمشىلىۋېتىپتۇ. قاۋاقخانىلاردىن قالسا قىسمەن ساندىكى ئايرىم خانىلىق 大盘鸡 خانىلار، ئالىي دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك مېھمانخانىلار ئاشۇنداق ئىشرەتۋازلىقنىڭ ئۇۋۇسى ئىكەن. T
j(MIFi|5
ياچىۋەك كەبى ھايۋان نەپسى شەھۋانىيلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر خانى ۋەيران، ئوماق بالىلار يېتىم - يىسىر بولماقتا. يەنە نۇرغۇن پاك ئاياللار داۋاسىز ئاياللار كېسىلى تۈپەيلىدىن ئېغىر ئازاپ تارتىۋاتىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق نىجىس كېسەل نەدىن كەلدى؟ يەنە شۇ بىزنىڭ «تۈۋرىكىمىز» بولغان تۇغۇلغىنىدا كۈللى - كائىنات «مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇدەك تەبىئەتنى كۆكەرتىپ، جەمئىيەتنى تۈزەلىگىدەك ياخشى جەمئىيەت ياراتقۇدەك بىر ئەركەك تۆرىلىپتۇ» دەپ قاقاھلاپ كۈلگەن، بۆرىگە تەققاسلاپ ئانىلار بېشىدا كۆتۈرگەن قەدىرلىك ئەرلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىپلاسلىقلار ئىچىدە يۈندە ئازگىلىغا تىيىلىپ كېتىپ، چىكىدىن ئاشقان شەھۋانىيلىقى بەدىلىگە يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن بولمامدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جەمئىيىتىمىز نېمە بولماقچى؟ كەلگۈسىمىز، ئەۋلادلىرىمىز نېمە بولماقچى؟... بۇ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئويلىنىشقا، جاۋاب تېپىشقا تىگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن. qEJ#c
e]G
xm$-:N0q
ئاخىرى بار