مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى) ئاخىرى !).dc.P
*}=W wG
2. ئانا مېھرىگە قانمىغان بوۋاق BZsxf'eN'
xNU}uW>>T
1998 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (چارشەنبە) جەمەتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى ئۇستازىم، يولباشچىم، جەمەتىمىز مۆتىۋىرى بوۋام ئەخەت ئوسمان ھاجىم بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قۇشنا جامائەت بىلەن بىرگە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۇزاتتۇق. جەمەتىمىزگە كەلگەن كۈلپەت بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. ئەخەت ئوسمان ھاجىم جەمەتىنىڭ چوڭ كىچىك ئەزالىرى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان، ھاشاردا، ئېتىز ئەمگەك باشلىرىدا يۈرگەن بولسىمۇ يۈزى يەرگە قادىلىپ بېشىنى ئۈستۈن قىلالمىغىدەك ھالدا ئابرويىمىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر ئېغىر ھاقارەت، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ساماننىڭ تىگىگە سۇ قويۇپ قىلغان غۇت - غۇت سۆزلىرى جەمەتىمىزنىڭ يۈرەك - يۈرەكلىرىنى يارا قىلاتتى. Rlu;l
ئىلگىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇددەرىسى بولغان، ئىلىم - مەرىپەت نۇرىنى تارقاتقان، مەھەللە كويدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمغا باشچىلىق قىلىپ ئەلنى شەرىئەت بىلىملىرى بىلەن تونۇتۇپ يۈرگەن خەلپىتىم، ھاجىم جەمەتىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى مېنى يېنىش - يېنىش ئويغا سالاتتى. بوۋام قازا قىلغاندىن كېيىن جەمەت باشچىلىق ۋەزىپىسى دادامغا قالدى. داداممۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇرسىناتتى. چوڭ - چوڭ نەپەس ئالاتتى. بوغۇلۇق بوپ بولغان تۇرسا خۇرسىنماي ئەمدى نېمىمۇ قىلالىسۇن. چۈنكى خەلپىتىم ھاجىم ئائىلىسىنىڭ 5 - نەۋرىسى ئاينۇر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا بىز باشقىلارغا بوزەك قىلىنىپ ياشىدۇق. نېنىمىزنى جايلاپ يەيمىز دېگەن ھامان نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ قىلمىشى پىشانىمىزگە دوققىدە ئۇرۇلاتتى. ھەتتا جەمەتىمىز ئىچىدىن مەزىنلىك، ئىماملىق قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ سۆزلىرى بۇرمىلىنىدىغان، چەتكە قىقىلىدىغان بولدى. دادام بىرقانچە قېتىم تاغامغا «ئاينۇرنى ياندرۇپ چىقىڭ» دېسە، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەر «بار يېرىنى بىلمەيمىز» دېگەننى بانا قىلىپ، سەل قاراپ تۇرىۋەردى. ئاخىرى دەرغەزەپ بولغان دادام بىزنى تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقىشتىن چەكلىدى. مەقسىدى: تاغام ئائىلىسىنى مەخپى يوسۇندا خىجىل قىلىپ، قىزىنى تېپىشقا قىستاش ئىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە بولدى. تاغام ئائىلىسى بىلەن ئائىلىمىز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئاداۋەت كۈنسىرى كۈچىيىۋەردى. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاياغ بېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن يول بويلىرىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ تەتۈر قارىشىدىغان ھالغا يەتتۇق. جەمەتىمىز پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغاننەۋرە ئاچامغا ئىچ - ئىچىمدىن ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ جۇغۇلداپ كېتەتتى. ئۇخلىساممۇ ئۇنى تىللاپ چۈش كۆرەتتىم. كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. مەن گەرچە ئۇنىڭغا ئۆلگۈدەك ئۆچ بولساممۇ ئۇنىڭ نەۋرە ئاچام ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوقىتىۋېتەلمەيتتىم. گەرچە ئۇ جەمەتىمىزنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، يۈزىمىزنى تۆككەن بولسىمۇ يەنىلا بىر دەرەخنىڭ غولى ئىدۇق. ئۇنىڭغا قادالغان مىخ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى سىقىرىتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولساممۇ، كەينىدىن تىللاپ يۈرسەم، ئەمەلىيەتتە ئۆز جەمەتىمنى، ئاتا - ئانا، تاغا - ھاممىلىرىمنى تىللىغان بولمامدىمەن دەپ ئويلىدىمدە ئۇنى خۇپىيانە ئىزدەش نىيىتىگە كەلدىم. كۈندە ھۈنەر قىلغىلى بارغاچ - كەلگەچ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «بارمىش كېتىپ بارىمىش» دېگەندەك ئىنىقسىز يىپ ئۇچىغا ئىرىشتىم. مىش - مىش خەۋەرلەردە ئاڭلىغان ئاينۇرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مېنىڭ ئۆتەر يولۇمنىڭ ئارقا كوچىسىدا ئىكەن. شۇ خەۋەردىن كېيىن مەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن چوڭ يولدىن ماڭىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ پىيادە ئارقا كوچا بىلەن مىڭىپ، قەستەن كەچرەك ياكى بەكلا سەھەر مىڭىشنى ئادەت قىلدىم. مەقسىدىم ھەممىگە ئايان نەۋرە ئاچامنىڭ دېرىكىنى ئېلىش، جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش. O,PHAwVG%L
مېنىڭ ئۆتەر يولۇمدا كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىۋاتقان بىر ئەھۋال ماڭا تولىمۇ غەيرى ھەم بىمەنە بىلىندى. مەن ئۆمرۈمگە كېلىپ تۇنجى يولۇقتۇرغان بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ ئەجەبلەندىم. يەنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەجدادى ۋە بۈيۈك نەسەبى ماڭغان يولدىن يىراقلاپ گويا ناسارالاردەك كىيىنىپ ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ تىل سەسكىنىدىغان لاۋزا سۆزلەر بىلەن قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپ ئىچكىرىسىگە مېھمان چاقىراتتى. j\